مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1315 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

كۆز – ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئەزا بولۇپ،مەيلى كۈندىلىك تۇرمۇش،ئۆگىنىش،ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى بىر جۈپ سالامەت كۆزدىن ئايرىلالمايدۇ.كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ناچار بولسا نازۇك خىزمەتلەرنى ئىشلىگىلى بولمادۇ،بالىلىق بەزگىلدە پۈتۈن بەدەن تېز ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.كۆزدەك نازۇك ئەزانى ياخشى ئاسىرىمىسا ئاسانلا چاتاق چىقىدۇ.مەسلەن،كۆزنى توغرا مۇۋاپىق ئىشلەتمىسە يېقىننلا كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ.ئوينىغندا دىققەت قىلمىسا كۆز يارىلىنىدۇ ياكى كۆز تازىلىقىغا دىققەت قىلمىسا كۆز كېسللىكلىرى يۇقىدۇ.ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاياۇ،كەلگۈسىدىكى بىر ئۆمۈر خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا تەسىر يېتىدۇ،ھەتتا دۆلەتكىمۇ زىيان كەلتۈرىدۇ.ئەگەر ئاتا – ئانىلار،بالا تەربىيلگۈچىلەر ۋە باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى كۆزنى ئاسراش ھەققىدىكى بىلىملەرگە ئىگە بولسا،دىققەت قىلسلا مۇتلەق كۆپ كۆز كېسەللىكلىرىدن ساقلىنىش مۇمكىن.


كۆزنىڭ يېقىننىلا كۆرىدىغان بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش:كۆزنىڭ يېقىننىلا كۆرىدىغان بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشنى بالا كىچىك ۋاقتىدىنلا باشلاش كېرەك.فىزىئولوگىيلىك جەھەتتىن ئېيتقاندا بالا تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆسۈپ – يېتىلگەنگە قەدەر بولغان جەريان كۆز ئالمىسى نورمال ئۆسۈپ،يېراقتىن كۆرۈشتىن تەدرىجىي نورمال كۆرۈشكە قاراپ يېتلىشتىن ئىبارەت جەرياندۇر.كۆزنىڭ يېقىندىن كۆرىدىغان بولۇپ قېلىشى بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ،ئۇنىڭ كۆپ ساندىكىسى بالىلىق مەزگلىدە كۆز گىگىنسسغا تولۇق دىققەت قىلمىغانلىقتىن شەكىللەنگەن.قاراڭغۇ – گوگۇم شارائىتتا كىتاب ئوقۇش،يېتىپ تۇرۇپ كىتاب ئوقۇش،.وقۇشلۇق كىتابلارنىڭ خېتى بەك كىچىك بولۇش،كۆزىنى ئارام ئالدۇرماي ئۇزۇن ۋاقىت كىتاب ئوقۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۆزنىڭ زىيادە چارچاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كۆزنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارى،تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلىدۇ.يىراقتىكى نەرسىلەرنى ئوچۇق كۆرەلمەس بولۇپ قالىدۇ.بۇنداق چاغدا بالىلار دوسكىدىكى خەتلەرنى،كىنوخانىدا ئارق رەتتە ئولتۇرا كىنولارنى ئوچۇق كۆرەلمىگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.بۇنى تۈزىتىشكە دىققەت قىلمىسا تەرەققىي قىلۋەرسە،يېقىندىن كۆرۈشنىڭ دەرىجىسى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.


يېقىندىن كۆرۈش قانداق پەيدا بولىدۇ؟ كۆز خۇددى بىر رەسىم تارتىش ئاپپاراتىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.بىرەر نەرسىنى ئوۇق كۆرۈش ئۈچۈن كۆرنەكچى بولغان نەرسە ئوچۇق ھالدا كۆرۈش تورسىمان پەردە ئۈستىدە سۈرەت بولۇپ شەكىللىنىشى زۆرۈر.كۆرۈش تورسىمان پەردىسى كۆزنىڭ ئەڭ ئىچىدىكى بىر قەۋىتى بولۇپ،ئۇ ئوپتىك سېزىش ئورگىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.كۆزنىڭ كۆرۈشى نورمال بولغان ئادەملەر مەيلىيېقىندىن،مەيلى يىراقتن قارىمىسۇن ھەممىسىنى ئوچۇق كۆرەلەيدۇ.چۈنكى نورمال كىشىلەرنىڭ كۆز ئالمىسىنىڭ ئالدى – كەينى دىئامېتىرى مۇۋاپىق بولۇپ،ناھايىتى ياخشى تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە.سىرتقى مۇھىتتىكى نەرسىلەر كۆز ئالمىسى ئىچىدىكى كۆرۈشورسىان پەردىسى ئۈستىدە دەل سۈرەت بولۇپ شەكىللىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ناھايىتى ئوچۇق كۆرەلەيدۇ.كۆزى يېقىندىن كۆرەلەيدىغانلارنىڭ كۆز ئالمىسى ئالدا – كەينى دىئامېتر ئۇزۇن بولۇپ،يىراق جايدىكى نەرسىلەرنىڭ كۆز ئىچىدە شەكىللەنگەن سۈرىتى كۆرۈش تورسىمان پەردىسى ئۈستىدە بولماي،بەلكى كۆرۈش تورسىمان پەردىسىنىڭ ئالدىدا بولىدۇ.نەتىجىدە پەقەت يېقىندىكى نەرسىلەنى ئوچۇق كۆرەلەيدۇ،يىرقتىكى نەرسىنى ئوچۇق كۆرەلمەيدۇ.


يېقىندىن كۆرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش لازىم.ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوقوشلۇق كىتابلىرى،رەسىملىرى ئوچۇق بولۇشى،ېسىلغان خەتلەر بەك كىچىك بولۇپ كەتمەسلىكى،بالىلار ئوقۇغاندا،رەسىملىرىنى كۆزگەندە كۈچۈنۈش ھېس قىلماسلىقى كېرەك.خەت يېزىش،كىتاب ئوقۇش،ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇش قىياپىتى توغرا بولۇشى،تاماق يەۋېتىپ ياكى ماىنىدا ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرمەسلىكلىرى لازىم.كىتاب ئوقۇغاندا كىتاب بىلەن كۆز چۇقۇم 30 سانتىمېتىردىن ئارتۇق ئارىلىق ساقلاپ قېلىشى لازىم.كىتاب ئوقۇغاندا،خەت يازغاندا دەرىسخانا،ئۆينىڭ يورۇقلۇقى ئۆلچەمگە لايىق بولۇشى،يورۇقلۇق سول تەرەپتىن چۈشۈپ تۇرۇشى لازىم.بىۋاستە كۈن نۇرىدا كىتاب كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ.چۈنكى كۈن نۇرى كۈچلۈك بولۇپ،كۆزگە تەسىرى چوڭ بولىدۇ.ئەگەر كەچتە ئۆيدە كىتاب ئوقۇسا،تاپشۇرۇق ئىشلىسە ئۆي يورۇق بولۇشى،چىراقبىلەن شىرە ئارىلىقى ئېگىز بولۇب كەتمەسلىكى كېرەك.ئەگەر ئۆي يورۇق بولمىسا كىتابنى كۆزگە يېقىن تۇتۇپ كۈچەپ ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ.ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كۆزنىڭ نورماللىقىغا تەسىر يېتىپ يېقىندىن كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ.


كۆزنىڭ چارچاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇپ،خەت يېزىپ مەلۇم ۋاقتتىن كېيىن بىر نەچچە مىنۇت دەم ئېلىش،ئەڭ ياخشىسى يېرىم سا ئەتتىن بىر سائەتكىچە ئارىلىقتا بىر قېتىم دەم ئېلىش كېرەك.كۆزنى سەل يۇمۇپ يىراقتىكى مەنزىرىلەرگە قاراش بىلەن پۈتۈن بەدىنىنى يېنىك ھەرىكەتلەندۈرۈپ بەرسە بولىدۇ.ئائىلە باشلىقلىرىمۇ بالىلارنىڭ مەشغۇلات ۋاقتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ياردەملىشىشى،تاپشۇرۇقلىرىنى كۈندۈزى ئىشلەپ بولۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ،كەچتە ۋاقتىدا ئۇخلىتىشى لازىم.ناۋادا كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلغانلىقى سېزىلسە دەرھال تەكشۈرتۈپ داۋالىتىش كېرەك.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.