مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ06-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1517 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ كىچىك بالىلارنىڭ مېڭىسىنى ئوراپ تۇرغۇچى سۆڭەكلىرىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان نېپىز پەردىنىڭ ياللۇغى بولۇپ، كېلىنكىدا يۇقىرى قىزىتما بوۇش، ھوشىدىن كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىك. كۆپىنچە قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدە يۈز بېرىدۇ. كىچىك بالىلار، بولۇپمۇ ئەمچەك يېشىدىكى بالىلار كۆپرەك ئاغرىيدۇ. 

سەۋەبى: بۇ كېسەل گەرچە يۇقۇملۇق كېسەل بولسىمۇ بۇ كېسەلنىڭ بالىلارغا يۇقۇشىدا بالىلار مىزاجىدا بۇزۇلۇش تۆت خىلىتنىڭ ھەرخىل ياللۇغلىنىشى ۋە جاراسىملار تۈپەيلىدىن بۇزۇلۇشى مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. 

ئالامىتى: دەسلەپ زۇكامدەك بەلگىلەر كۆرۈلۈپ، كېيىن قىزىتما، باش ئاغرىش، ئارقىدىن چىدىغۇسىز باش ئاغرىش، روھى كەيپىيات تۇتۇقلىشىش، ئەس-ھوشۇنى يوقىتىش، چۆچۈش، پۇرقۇپ قۇسۇش، بېشى ئارقىسىغا قاتىيىپ قېلىش، باشنىڭ ئالدىنقى لىپىلدىقى پولتىيىپ چىقىش، كۆز ئالمىسى تىترەش ۋە مىدىرلىماسلىق، ئېغىرلاشقاندا كۆكىرىش، پۇت-قوللار مۇزلاپ كېتىش قاتارلىق ئېغىر ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: ياللۇغ قايتۇرۇپ ھارارەتنى پەسەيتىپ، ھۆللۈك يەتكۈزۈش ۋە بەدەننى كۈچلەندۈرۈش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

يەككە دورا بىلەن داۋالاش: 

1-رېتسىپ: قۇندۇز قەھرىنى ئانا سۈتىدە ئېزىپ، ئازراق ئىچكۈزۈپ بىر قىسمىنى بۇرنى ئالدىدىكى ئويماندىن تارتىپ، بۇرنىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئىككى قاش ئارىسىدىن تارتىپ بېشىنىڭ چوققىسى، گەجگىسى ۋە ئومۇرتقا سۆڭىكىنى بويلاپ، توغرا سۆڭەكنىڭ ئۇچىغىچە بىر بارماق بىلەن سىرىپ چېپىپ بەرگەندە، بالىلارنىڭ تارتىشىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

2-رېتسىپ: سەبرە، قۇندۇز قەھرى ۋە زىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، ئانا سۈتىدە ئېزىپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچكۈزۈپ بەرگەندە توسالغۇلارنى ئاچىدۇ. ھوشىغا كەلتۈرىدۇ. 

3-رېتسىپ: زۇلۇك قۇرتىدىن 30 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ سۇ بىلەن ئۇماچلاپ كېسەل بالىنىڭ گەجگىسىگە، چاچ چېگرىسىدىن تارتىپ گەجگە دۆڭچە سۆڭىكىگىچە بولغان ئارىلىققا سۈركەپ تېڭىپ قويۇلسا تارتىشىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

4-رېتسىپ: مىئە سائىلە، زەپەر ۋە قەنتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ كۆيدۈرۈپ چىققان ئىسنى بۇرنىغا تۇتۇپ بەرسە چۆچۈشنى پەسەيتىدۇ. 

5-رېتسىپ: چاياندىن يېرىم گرام، پىلە قۇرتىدىن توققۇز گرام سازاڭدىن ئالتە گرام، تىيەنمادىن ئۈچ گرام ئېلىپ قاينىتىپ كۈندە بىر-ئىككى قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرگەندە تارتىشىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

6-رېتسىپ: نېلۇپەر 12 گرام، بىنەپشىدىن سەككىز گىرام، سەرپىستاندىن بەش دانە، چىلاندىن تۆت تال، قارا ئۆرۈكتىن ئۈچ تال ئېلىپ، دورىلارنىڭ ھەممىسىنى 500 لىتىر سۇدا قاينىتىپ ئاز-ئازدىن ئىچكۈزۈپ بېرىلسە ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىدۇ.

7-رېتسىپ: ھۆل سېمىز ئوتتىن 120 گرام، ئىگىردىن 12 گرام ئېلىپ 500 مىللىلىتىر سۇدا 200 مىللىلىتىر قالغۇچە  قاينىتىپ سۈزۈپ ئازراق شېكەر قوشۇپ تەييارلاپ كۈندە بىر-ئىككى قېتىم، مۇۋاپىق مىقداردا ئىچكۈزۈپ بېرىلسە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىپ قىزىتما قايتۇرىدۇ. 

مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاشتا: پاشۆيە، شەربىتى پەۋاكىھ، ئەرقى بەدىيان، ئەرقى گاۋزىبان، ئەرقى شوخلا، خېمىرى ئەۋرىشىم، داۋائى مىشكى قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ھۆل ۋە سوغۇق تاماقلارنى بېرىش، بەدىنىدە كېسەللىك ئالامىتى يوقالغاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا سۇيۇق ئاسان سىڭىدىغان غىزالارنى بېرىش كېرەك. 

تەستە سىڭىدىغان، قورۇلغان تاماقلار، گۆش، ياغ ۋە تۇخۇمدىن پەرھىز قىلىنىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.