مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 869 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بالىلاردىكى قۇلاق ئاغرىقى-بالىلارنىڭ قۇلىقىدىن سۇ ئېقىش، قۇلاق ئاغرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بەزىلەردە بىر قۇلاق، بەزىلەردە ئىككى قۇلاق ئاغرىيدۇ.


سەۋەبى:

بالىلارغا ئاشقازاننى سۇسلاشتۇرغۇچى، سوغۇق يەل پەيدا قىلغۇچى يېمەكلىكلەرنى كۆپ بېرىش، ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرىدىن بولغان ياللۇغلىنىش ۋە قۇلاققا ھەرخىل سەۋەبىدىن سۇ كىرىپ كېتىش سەۋەبىدىن مەزكۇر كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.


ئالامىتى:

بالا قۇلاق ئاغرىشتىن شىكايەت قىلىدۇ ياكى قۇلىقىنى تۇتۇپ يىغلايدۇ، ھارارەت سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بولسا قۇلاققا سۇغۇق نەرسىلەرنى ياققاندا خوش ياقىدۇ. سوغۇقلۇق سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بولسا، ئىسسىق ئۆتكۈزسە ئاغرىق پەسىيىدۇ. مېڭە پەردە ياللۇغى تەسىرىدىن بولغان بولسا باش ۋە قۇلاق قوشۇلۇپ ئاغرىيدۇ، داۋاملىق قىزىيدۇ، قۇلاق ئەتراپى قىزىرىدۇ، تۇتقاندا قىزىق بىلىنىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.