Van Pershing ناملىق بۇ ئويۇن يۈرۈشلۈك بولۇپ، بۈگۈنكىسى Van Pershing – The Showdown . بۇنىڭدىن باشقا Van Pershing – Monsters Hunter دەپ ئۆتكەل ئېشىپ ئوينايدىغان يەنە بىر ئويۇنى بار. بۇ ئويۇن Universal تېخنىكىسى بىلەن ياسالغاچقا ئايفون، ئايپود تاچ (ئايتاچ) ۋە ئايپەدلەرنىڭ ھەممىسى ماس كېلىۋېرىدۇ. بىر قانچە ئالما مەھسۇلاتلىرىنى تەڭ ئىشلىتىۋاتقانلارغا ئوشۇقچە چىقىمنىڭ ھاجىتى يوق. لېكىن بۇ بۈگۈن ھەقسىز!
نىنجا توخۇلار ناملىق بۇ ئويۇننىڭ ئايفون نۇسقىسى بار ئىدى. ئىلگىرى ئايفون نۇسقىسىنى ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتىدا مەن تەۋسىيە قىلىپ ئۆتكەن ئىدىم. بۇنىڭ Mac كومپىيۇتىرىدا ئىجرا بولىدىغان نۇسقىسىنى يېڭىدىن بازارغا سالغانلىقتىن ھەقسىز چۈشۈرۈش پائالىيتى يولغا قويۇلۇپتۇ. ئايفوندا ئويناپ باققانلار بولسا بىلىدۇ. ھەر ھالدا بەلەن ئويۇن. Mac ئىشلىتىۋاتقان ئالمىچىلار بىكارلىق بولغاندىن كىيىن ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغاي …
بۇ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئايفون ۋە ئايپەد بىلەن ئوينايدىغان ئويۇن ئەمەس. Mac سېستىمىسى ئىشلىتىۋاتقانلارغا ماس كېلىدىغان ئويۇن. ئەگەر سىز Mac ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز دەرھال تۇتۇش قىلىڭ. بۈگۈن بۇ 10 خىل ئويۇننىڭ ھەممىسى ھەقسىز چۈشۈرىشىڭىزگە تەمىنلەندى. بۇنىڭ بىر مىسالى Ultimate Hangman بولۇپ، بۇ ئالما دۇكىنىدا خېلى قارشى ئېلىنىدىغان ئويۇن ئىكەن.
كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە ئىقتىسادىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ شەخسى ماشىنا بولۇش كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ماشىنا ئاسراش ۋە ھەيدەشتە قانداق نەرسىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدا چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئېھتىياج چۈشىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا سىز ماشىنا ھەيدىگەندە بۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلامسىز؟ بەلكى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەرسى سىزگە ئەسقېتىپ قېلىشى مۇمكىن.
بۇ خەق نېمە بولاۋاتىدىكىن تاڭ، iPad2 نىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ھەممىسى ياخشى ئويۇنلىرىنى ئايىماي ئوتتۇرىغا تۆككىلى تۇردى. ئايىغى ياراشتى جۇمۇ iPad2 نىڭ. Enigmo2 ئالما بازىرىدا ئىنتايىن بازارلىق ئويۇن بولۇپ، 2008-يىللىق Apple ئەڭ ياخشى ئويۇنى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. AppStore دا 2.99$ دىن ھېلىھەم ياخشى سېتىلىۋاتقان ئويۇن ئىدى. بۈگۈن بۇ كاتتا ئويۇن سوۋغا سۈپىتىدە ھەقسىز چۈشۈرۈشكە تەمىنلىنىپتۇ. فىزىكىلىق ئويۇنلارنى ئويناۋېرىپ ئالىم بوپ كېتىدىغان بولدىڭىزدە!
پۇتبۇل ماھىرلىرىنىڭ پۇتىدا توپ ھەقىقەتەن «شوخلىشىپ» كېتىدۇ ھە؟ ئايفونىڭىز بىلەن سىزمۇ قىلالىشىڭىز مۇمكىن. 3D كۆرۈنمە يۈزلۈك iSoccer Backstreet دېگەن ئويۇندا سىز بۇ ماھارەتلەرنى قىلالايسىز. چوڭ ئويۇن شىركىتى يەنە بىر چوڭ سوۋغىسى. ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ھەقسىز چۈشۈرىۋېلىڭ.
داۋامىنى ئوقۇش »
Isaac Newton’s Gravity ناملىق بۇ ئويۇن كۆرۈنۈش يۈزى ۋە لايىھەسى پەچچەت فىزىكىلىق ئەقىل سىناش، تېپىشماق تېپىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ، Namco شىركىتىنىڭ پەخرلىك مەھسۇلاتى. بۇ شىركەتنىڭ نامىنى SONY ئويۇنلىرىنى ئوينىغان بولسىڭىز چوقۇم ئاڭلاپ باققانغۇ دەيمەن. شۇنداق، بۇ ئويۇن ساھەسىدىكى خېلى چوڭ شىركەت. بۈگۈن بۇ ئويۇننىڭ ئايفون ۋە ئايپەد ھەر ئىككى نۇسقىسى ھەقسىز. ئەقىل سىناش ئويۇنىغا ئامراق فىزىكاخۇمارلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭ. ھەقلىق قىلىشىغا يەنە ئازلا قالدى!
مونو ئويۇننىڭ كۆرۈنۈش يۈزى تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ، مىڭە ئىشلىتىپ ئەقىل سىنايدىغان ئويۇنغا ئامراقلارنىڭ كەتكۈزۈپ قويسا بولمايدىغان ياخشى تاللىشى. قاۋۇل كەلگەن كۋادرات شەكىللىك ياغاچنى، رامكا ئىچىدىكى قىستا-قىستاڭلار ئارىسىدىن يۆتكەپ ئاستىدىكى تۆشۈكتىن چىقىرىۋەتسەك بولىدۇ.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار