ئالدىنقى تېمىدا چەكسىز دوك ئايكونىنى قانداق قىلىدىغانلىق توغرىسىدا توختالغان ئېدۇق. Cydia قۇرغۇچىسى Saurik نىڭ ئايفونىنى كۆرگەنمىدىڭلار؟ ئۇنىڭ ئايفونىدا يەنە بىر خىل ئۈنۈم بار. بەت ئۆرۈگەندە قىستۇرما رەسىمگە ئوخشاش تولىمۇ چىرايلىق ئۈنۈم پەيدا بولىدۇ. بۇ ئۈنۈممۇ ئوخشاشلا تۈرمىدىن قاچۇرغان iDevice لار ئۈچۈندۇر. ئەگەر سىزمۇ تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز بۇ ئۈنۈمنى قوشمىسىڭىز ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغان بولىسىز!
بۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا Cydia غا 威锋网 نىڭ مەنبەسى http://apt.weiphone.com نى قوشقان بولىشىڭىز كېرەك. قوشۇپ بولغان بولسىڭىز ئىزدەيدىغان جايغا بىۋاستە Barrel دەپ يېزىڭ. 2 دانە نەتىجىنى تاپتىمۇ؟ 中文包 دېگەننى تاللىماڭ. تۈنۈگۈن تاللاپ قاچىلىسام ھەقلىق نەشىرنى ئوغرىلاپ ئىشلەتكەنلىكىمنى، سېتىۋالمىسام بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئىشلىمەس بولدى. شۇڭا ئۆزىنىلا قاچىلاڭ. خەنزۇچە تەرجىمە بولىقىنى چۈشۈرۈپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئىزدەپ تېپىپ بولغاندىن كىيىن Install – Confirm – Restart SpringBoard . ئەگەر Cydia خەنزۇچە بولسا 安装 – 确认 – 重启 SpringBoard دېگەن تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلىپ قاچىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
قاچىلاپ بولۇپ SpringBoard نى قايتا قوزغىتىدۇ. ئاندىن 设置 نىڭ ئىچىگە قارىسىڭىز Barrel دېگەن نامدا بىر تىزىملىكنىڭ قوشۇلغانلىقىنى كۆرىسىز. ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ 10 نەچچە خىل بەت ئۆرۈش ئۈنىمى بار. شۇلاردىن ئۆزىڭىزنى ياقتۇرغىنىنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
بۇ ئەسلى Cydia Store دا 3.99 دوللاردىن سېتىلىدىغان ھەقلىق ئەپ بولۇپ، خەنلەر بۇنى يېشىۋېتىپ 威锋网 نىڭ مەنبەسىگە ھەمبەھرلەپ چىقىرىپ قويغان ئىكەن. ئارتۇقچە ئېھتىياج بولمىسا خەنزۇچە بولىقىنى قاچىلىمىسىڭىز بولغۇدەك. ئۈلۈشكۈن بىرىگە قاچىلاپ بەرگەن ئېدىم، ھېچقانداق بولمىغان. بۈگۈن ئۆزۈمنىڭكىگە قاچىلىسام ھەقلىق نەشىرىنى سېتىۋېلىش ئۇچۇرى چىقىپ ئىشلىمەس بولدى. شۇڭا ئېنگلىزچە يېشىۋەتكەن نۇسقىسىنى ئىشلىتىش ياخشى تاللاش ئوخشايدۇ.
بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى سىن بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ.
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار :
تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ؟ ئۇنداقتا ئايفوننى ئىسراپ قىلماڭ (1)
ئايفوننى تۈرمىدىن قاچۇرامسىز؟ بۇنى Cydia قۇرغۇچىسى سىزگە ئېيتىپ بەرسۇن!









































مېنىڭ ماۋۇ قوتو جىزامغا نېمە بولغاندۇ ، ئەتىگەندىن بېرى يۇكۇ ، 56 دىگەندەك تور بىكەتلەردىكى فىلىملەر پەقەت قويۇلمايۋاتىدۇ
دەرىسلىكنى بەكمۇ كۆرگۈم بار ئىدى .
پاسىبان ئەپەندىم پاسىبانىڭ تۇغىنى مىنىڭ كىگە ئوخشاش ئوتتۇرغا چىقىرۋاپ سىززە دە
تىلفۇنىمنى تۇرمىدىن قاچۇرۇپ ئوبدان قىپتىكەنمە بولمىسا ماندا ئسىل ئەپلەرنى تاپالماي يۈرەكەنمەن
ئسىلتىمىلار ئۈزلۈپ قالمىغاي
پاسىبان ئەپەندىم بۇنىمۇ ياخشى قاچىلۋالدۇق ئەمدى بولسا تىلپفۇنىڭ قۇلپىسىنى ئاچقان ئشلىتىدىغان پەيزى سىستىما بولسا بىر تەلىم بەرسىڭز
(تولا ئاۋارەقىلدى دەپ يەنە رەنجىپ قالماي
)
ئەي …..كام بوپقاپتۇ ئەسلىدە (تىلپفۇنىڭ قۇلپىسىنى ئاچقان دا ) ئدى
بەك سەتلەشتڭمدە
پاسىبانكا….ئۇزۇندىن بېرى سىلدىن سوراي دەپ كىلۋاتقان بىر ئىش باتتى..نىمىشقا بىزنىڭ تېلفۇنىمىزدا( 中国移动,联通) دەپ چىقىدىغان يەرگە سىزنىڭكىدە (پاسىبان) دەپ چىقىدىكەنغۇ…مۇشۇ توغۇرسىدا چۈشەنچە بېرۋېتامسىز؟!
(بۇ ئەسلى Cydia Store دا 3.99 دوللاردىن سېتىلىدىغان ھەقلىق ئەپ بولۇپ، خەنلەر بۇنى يېشىۋېتىپ 威锋网 نىڭ مەنبەسىگە ھەمبەھرلەپ چىقىرىپ قويغان ئىكەن. ئارتۇقچە ئېھتىياج بولمىسا خەنزۇچە بولىقىنى قاچىلىمىسىڭىز بولغۇدەك. ئۈلۈشكۈن بىرىگە قاچىلاپ بەرگەن ئېدىم، ھېچقانداق بولمىغان. بۈگۈن ئۆزۈمنىڭكىگە قاچىلىسام ھەقلىق نەشىرىنى سېتىۋېلىش ئۇچۇرى چىقىپ ئىشلىمەس بولدى. شۇڭا ئېنگلىزچە يېشىۋەتكەن نۇسقىسىنى ئىشلىتىش ياخشى تاللاش ئوخشايدۇ.)
ئىنگىلىز تىلى ئۇقمايدىغانلار …يېشىۋېتىلگەن خەنچە نۇسخىسىنى قاچىلاۋېرىپ 设置دىن Barrel نى بېسىپ ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان بەت ئۆرۈش ئۈنىمىنى تاللىسىڭىز ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋېلىڭ دەيدىغان ئۇچۇر چىقىۋالىدۇ..ئۇنىڭ بىلەن كارىڭلابولماي Cydia دىن قايتا ئىزدەپ 更改 دىگەننى بېسىپ 重新安装 نى بېسىۋەتسەكلا كۇپايە..تېلفۇن قايتا قوزغالغاندىن كىيىن سىز بايا تاللىغان ئۈنۈم تېلفۇنىڭىزدا ھاسىل بولىدۇ…
پاسىبان سىزگە قول قويدۇم 、