-
ئالتۇندەك بۆلۇش ئۇسۇلى - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-05-05
2000 يىلىدن كۆپرەك بۇرۇن يۇنانىستانلىق ماتېماتىك ئېۋدوكىس : ئەگەر بىر كېسىكنى ، ئۇزۇن قىساق ئىككى بۆلەككە بۆلگەندە ، ئەگەر قىساقا كېسىكنىڭ ئۇزۇن كېسىككە بولغان نىسبىتى ، ئۇزۇن كېسىكنىڭ پۈتۈن كېسىككە بولغان نىسبىتىگە تەڭ بولسا ، ئۇھالدا بۇ نىسبەت قىممىتىنىڭ تەخمىنەن 0.618 گە تەڭ بولىدىغانلىقىنى بايقىغان . بۇنى گېئومېترىيە بويىچە مۇنداق مەسىلىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ:
بىر كېسىك ئۈستىدىن شۇنداق بىر نۇقتا تېپىڭكى ، بۇ نۇقتا كېسىكنى شۇنداق ئىككى كېسىككە بۆلسۇن ، نەتىجىدە ئۇزۇنراق كېسىك ، قىسقىراق كېسىك بىلەن پۈتۈن كېسىكنىڭ تاناسىپلىق ئوتتۇرا ئەزاسى بولسۇن . -
نۇرغۇن كىشىلەر فورمۇلا ئارقىلىق تەڭلىمە يېشىشنى ياخشى كۆرىدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ جەريانى قېلىپلاشقان بولۇپ مېڭىنى كۆپ سەرپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق . مەسلەن ، ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە
دا ، پەقەت فورمۇلا
نى قوللانساقلا ، ئىككى يىلتىزنى ناھايىتى ئاسانلا تېپىشقا بولىدۇ . شۇڭا ، ناھايىتى ئۇزۇن تارىخي دەۋرلەردە ، ھەر دەرىجىلىك تەڭلىمىنىڭ يىلتىزىنى تېپىش فورمۇلىسىنى تېپىش ، ئالگېبرادىكى بىر مەركىزىي مەسىلە بولۇپ قالغان . -
« مۇكاپاتلىق سېتىش » بىلەن « باھانى سۇندۇرۇپ سېتىش » نىڭ قانداق پەرقى بار ؟ - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-05-04
بىز ماتېماتىكىنى ئۆگەنگەندە دائىم ماتېماتىكىنى ئەتراپىمىزدىكى تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيتى بىلەن بىرلەشتۈرشكە دىققەت قىلىشىمىز ،ماتېماتىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن بەزى ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك . مەسلەن ، « مۇكاپاتلىق سېتىش » نى ئېلىپ ئېيىتساق ، بەزىلەر ، نەرسىمۇ سېتىۋالدۇق ، يەنە مۇكاپات ۋە مۇكاپات بۇيىملىرىغىمۇ ئىگە بولدۇق ، بۇ بىر ياخشى ئىش دەپ قارايدۇ . ھالبۇكى ، ئۇلار نۇرغۇنلىغان مۇكاپاتلىق سېتىشلاردا ماگزىن تەرەپ گەرچە خېرىدارلارغا پايدا ئۆتۈنۈپ بەرگەندەك قىلسىمۇ ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۆتۈنۈپ بەرگەن پايدىسى « باھانى سۇندۇرۇپ سېتىش » قا قارىغاندا ئاز بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ .
-
" ﺩﻭﺳﯘﺗﻠﯘﻗﺴﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ" ﻧﯩﯔ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯧﻜﯩﻠﯩﻖ ﯻﺴﭙﺎﺗﻰ - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-05-04
ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺩﻭﺳﯘﺗﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﺪﯗ ، ﺩﻭﺳﺴﯘﺗﻠﯘﻗﺴﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﯘﻟﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﯬﻣﻪﺱ .
ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯧﻜﯩﻠﯩﻖ ﯻﺴﭙﺎﺗﯩﻨﻰ ﯮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﯲﺗﻪﻱ: " ﺩﻭﺳﯩﺘﻠﯘﻗﺴﯩﺰ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﯬﻣﻪﺱ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﺑﯩﺰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮﻳﻪﻛﯜﻧﻨﻰﺑﯩﻠﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ.ﻳﻪﻧﻰ : " A, B ﯻﻜﻜﻰ ﯪﺩﻩﻡ ﺩﻭﺳﯩﺖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﯮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ، ﻗﯩﺰ- ﯮﻏﯘﻝ ﯮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ . ﯬﻣﻤﺎ A, B
ﯻﻜﻜﻰ ﯪﺩﻩﻡ ﯮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﺍ قىز-ئوغۇللۇق ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﯰﻻﺭ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺩﻭﺳﯩﺖ ﺑﯘﻟﺪﯗ ." ﺩﯦﻤﻪﻙ
ﯻﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺟﯩﻨﯩﺲ ﯮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﺩﻭﺳﯘﺗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﯘﻟﺸﻰ ، ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﯮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﻗﯩﺰ -ﯮﻏﯘﻝ ﯮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﯘﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺷﻪﺭﺗﻰ (ﯬﻣﻤﺎ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﯬﻣﻪﺱ ).
ﯬﻣﺪﻯ ﺑﯘﻧﻰ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯧﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﯪﻳﻼﻧﺪﯗﺭﻣﺎﻗﭽﯩﻤﻪﻥ .
ﻗﯩﺰ ﯮﻏﯘﻟﻼﺭ ﯮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﺳﯩﺘﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﺮﺟﯜﭖ ﭘﺎﺭﺍﻟﻠﯩﻞ ﺳﯩﺰﯨﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﺘﻨﻰئۆز-ئارا ﯴﺳﺘﯜﻣﯘ- ﯴﺳﯩﺖ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﯻﻜﻜﻰ ﺗﯜﺯ ﺳﯩﺰﯨﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯻﭙﺎﺩﯨﻠﺴﻪﻙ ، ﯰﻫﺎﻟﺪﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﯻﺴﭙﺎﺗﻼﺷﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ
ﺑﯘﻟﺪﯗ .ﻳﻪﻧﻰ L1 , L2 ﺩﯨﻦ ﯻﺒﺎﺭﻩﺕ ﯻﻜﻜﻰ ﺗﯜﺯ ﺳﯩﺰﯨﻖ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ، L1 , L2 ﺗﯜﺯﺳﯩﺰﯨﻘﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺍﻟﻠﯩﻞ
ﺑﯘﻟﺸﻰ ،L1, L2 ﺗﯜﺯﺳﯩﺰﯨﻘﻨﯩﯔ ﯴﺳﺘﯩﻤﯘ - ﯴﺳﯩﺖ ﭼﯜﺷﯜﺷﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﯻﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯻﺴﭙﺎﺗﻼﺷﺘﯩﻦ ﯻﺒﺎﺭﻩﺕ .
ﯬﻣﺪﯨﻨﻰ ﺑﯘﻧﻰ ﯻﺴﭙﺎﺗﻼﻳﻤﻪﻥ .
ﯻﺴﭙﺎﺕ :
L1: ax+by+c=0 , L2:AX+BY+C ﺩﯦﺴﻪﻙ ، L1//L2 ﺑﻮﻟﺴﺎ ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻧﺘﯘﻟﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ئۆز-ئارا ﺗﻪﯓ ﺑﯘﻟﺪﯗ.
ﻳﻪﻧﻰ K1=K2 ﺑﯘﻟﺪﯗ ، ﯬﻣﻤﺎ ﻛﻪﺳﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﯓ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﻳﻪﻧﻰ b1 ﺗﻪﯓ ﯬﻣﻪﺱb2 ﺑﯘﻟﺪﯗ. ﯴﺳﺘﯩﻤﯘ- ﯴﺳﺴﯩﺖ ﭼﯜﺷﯩﺸﻰ ﯴﭼﯜﻥ ، K1=K2 ﻫﻪﻡ b1=b2 ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺑﯩﺰ K1=K2 ﻫﻪﻡ b1ﺗﻪﯓ ﯬﻣﻪﺱ
b2 ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ، K1=K2 ﻫﻪﻡ b1=b2 ﺑﯘﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﯻﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ . ﺩﯦﻤﻪﻙ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ
ﯻﺴﭙﺎﺗﻼﻧﺪﻯ.
ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﯻﺴﭙﺎﺗﺘﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﯩﻤﯘ ﯸﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ،
ﺩﻭﺳﯘﺗﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﯻﻜﻜﻰ ﺗﻪﻥ ،ﺑﯩﺮ ﺭﻭﻫ. . ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻥ ،ﺑﯩﺮ ﺭﻭﻫ. -
«قىمار ئوينىماڭ !» سىز ھامان ئۇتتۇرسىز ! - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-04-25
«پۇرسەت تىپىدىكى قىمار » دا ئۇتۇش ياكى ئۇتتۇرۇش تامامەن تەلەيگە باغلىق بولۇپ ، ياشلارنى ئاسانلا ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالىدۇ . يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا ئۇتۇش ، ئۇتتۇرۇش پۇرسىتى تەڭدەك ھەتتا قاتناشقۇچىلارغا پايدىلىقتەك قىلسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ، بارلىق «پۇرسەت تىپىدىكى قىمار » لاردا ، پۇرسەت تەڭ ئەمەس ، بەلكى ھامان تاۋكا خۇجايىنىغا پايدىلىق بولىدۇ . قېنى بىز مۇشۇنداق بولۇش ياكى بولماسلىقىنى ھېسابلاپ باقايلى .
-
ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسى ھامان 180 گىرادۇسقا تەڭ بولامدۇ ؟ - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-04-25
100 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىلا ، ماتېماتىكلار بۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە بىر-بىرىگە قارىمۇ قارىشى بولغان مىنداق ئىككى خىل نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇنىڭ بىرى :
« ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسى 180 گىرادۇستىن چوڭ » ۋە « ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسى 180 گىرادۇستىن كىچىك » .
ئۇنداق بولسا ، بۇ ئۈچ خىل ئۆزئارا زىت بولغان ئۈچ مەسىلە قانداقمۇ بىر ۋاقىتتا توغرا بولىدۇ ؟ بۇ زادى قانداق ئىش ؟ -
ئالتا كىشىلىك يىغىلىش مەسىلىسى - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-04-24
1948-يىلى ۋىنگىرىيىدىكى ئولىمپىك ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدە مۇنداق بىر ئىسپاتلاش مەسىلىسى بار ئىدى : «خالىغان 6 كىشى ئىچىدە كېمىدە 3 كىشى ئۆزئارا تونۇش ياكى كېمىدە 3 كىشى ئۆزئارا ناتونۇش ». 1958- يىلى 6- ئايدا داڭلىق « ئامېرىكا ماتېماتىكا ئايلىق ژۇرنىلى »(美国数学月刊) دا ئۇنى بىر ماتېماتىكىلىق ئويۇن دەپ قايتىدىن ئېلان قىلدى . ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ خەلقئارادا داڭلىق قىزىقارلىق مەسىلە بولۇپ قالدى ، ھەم « ئالتە كىشىلىك يىغىلىش مەسىلىسى » دەپ ئاتالدى .
-
تارتما پىرىنسىپى دېگەن نىمە؟ - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-04-24
تارتما پىرىنسىپى (抽屉原则) يەنە كەپتەر قەپىسى پىرىنسىپى (鸽子笼原则) ياكى دىرىخلى پىرىنسىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
ھەممىمىز بىلىمىزكى 6 پارچە كىتابنى 5 تارتمىغا سېلىشنىڭ بەزى تارتمىلارغا سالماي ، بەزىلىرىگە 1 پارچە ، 2 پارچە ، ... ھەتتا 6 پارچە سېلىشنىڭ ئۇسۇللىرى ناھايىتى كۆپ . لېكىن خالىغانچە قانداق سالسىمۇ كېمىدە 2 پارچە كىتاب سېلىنغان تارتمىدىن كېمىدە بىرنى تاپقىلى بولىدۇ .
ئەگەر بىر تارتما بىر توپلامغا ۋەكىللىك قىلسا ، ھەر بىر پارچە كىتاب بىر ئېلېمېنتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، m+1 دانە ياكى m+1 دىن كۆپ ئېلېمېنتنى m توپلامغا قويغاندا ، بۇلارنىڭ ئىچىدە كېمىدە 2 ئېلېمېنت بار توپلامدىن كېمىدە بىرىنى تاپقىلى بولىدۇ . مانا بۇ « تارتما پىرىنسى» نىڭ ئابستراكت مەنىسى .
ئەگەر km+1 دانە ئېلېمېنت بار بولسا ، ئۇلارنى مەلۇم قائىدە بويىچە m دانە توپلامغا بۆلسەك (m ,k لار تەبىئىي سان ) ، ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ ئىچىدە كەم دېگەندە k+1 دانە ياكى k+1 دىن ئارتۇق دانە ئېلېمېنتنى ئۆزئىچىگە ئالغان بىر توپلام مەۋجۇت بولىدۇ . k=1 بولغاندا يۇقىرىدىكى «تارتما پىرىنسىپىنى ئابستراكت مەنىسى » گە يەنى «تارتما پىرىنسىپىنىڭ ئەڭ ئاددىي ھالى » غا ئىگە بولىمىز . -
ماتېماتىكا ئەقىل-پاراسەت گىمناستىكىسىدۇر - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-04-22
-
ئەيلېر سىزىقى - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-02-22
تېئورما : ئوخشاش بىر ئۇچبۇلۇڭنىڭ تىكلەر مەزكىزى ، ئېغىرلىق مەركىزى ، تاشقى مەركىزى سىزىقداش بولىدۇ . بۇ سىزىقنى بىز ئەيلېر سىزىقى - دەيمىز . ھەمدە تاشقى مەركىزى بىلەن ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ ئارلىقى تىكلەر مەركىزى بىلەن ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ ئارلىقىنىڭ يىرىمىگە تەڭ بولىدۇ .
-
سان ۋە سانلىق قانۇنىيەتلەردىكى گۈزەللىك - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-01-14
1·9 +2=11
12·3+9=111
123·4+9=1111
1234·5+9=11111
12345·6+9=111111
123456·7+9=1111111
1234567·8+9=11111111
12345678·9+9=111111111
123456789·10+9=1111111111
9·7+9=88
98·6+9=888
987·5+9=8888
9876·4+9=88888
98765·3+9=888888
987654·2+9=888888
9876543·1+9=8888888
98765432·0+9=88888888 -
« 0 » بىلەن « يوق » بىر گەپمۇ ؟ - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-01-14
« يوق » ھەرگىز بىر گەپ ئەمەس
ھازىر بىز قوللىنىۋاتقان رەقەملەر بۇندىن 5000 يىل بۇرۇن ھىندىستاندا بارلىققا كەلگەن ، ئۇنىڭدىن 3000يىل كېيىن رىم رەقەملىرى كەشىپ قىلىنغان . ئارقىدىن مىقدارلارنىڭ سانلىق قىممىتى بىلەن ئۇلارنىڭ يۆنۇلۇشىنى ئىپادىلەش زۆرۇرىيىتىدىن مەنفى سانلار بارلىققا كەلگەن . ئارقىدىن باشقا بارلىق سانلارغا نىسبەتەن تىخىمۇ باي مەزمۇنغا ئىگە ، بىر پۇتۇن ساننىڭ ئوڭ تەرىپىگە قويسا ، ئۇ سان ئون ھەسسە ئىشىپ كىتىدىغان « 0 » بارلىققا كەلگەن . « 0 » بارلىققا كىلىشى بىلەنلا ، ئۇ مۇستەقىل بىر رەقەم بولۇپ قالدى . « 0 » سان ئوقىدا باشلىنىش نوقتىسىنى ئىپادىلەيدۇ . ئۇ مۇسبەت سانمۇ ئەمەس ، مەنفى سانمۇ ئەمەس. ئۇ سانلار دۇنياسىدىكى بىردىن - بىر نېترال سان . مۇسبەت ۋە مەنفى سانلارنىڭ ئارلىقىدىكى « چېگرا » سان.
تەقرىبىي ھىسابلاشلاردا 4.5 بىلەن 4.50 نىڭ مەنىسى ئوخشىمايدۇ . 4.5 بولسا 0.1 گىچە ئېنىقلىقتا ئېلىنغانلىقنى ، 4.50 بولسا 0.01 گېچە ئېنىقلىقتا ئېلىنغانلىقنى كۆرسىتىدۇ . توپ مۇسابىقىلىرىدە خاتىرلەنگەن 0: 1 ۋە 2:0 لەر ماتىماتىكىلىق ئۇقۇم بولماستىن ، ئىككى ساننى يانمۇ - يان يىزىپ بىر - بىرسىگە سىلىشتۇرۇشنىلا ئىپادىلەيدۇ . چۇنكى ماتىماتىكىدا بۆلگۇچى « 0 » بولغان ئارېفمىتىكىلىق ئىپادە ، مەخرىجى « 0 » بولغان كەسىر ۋە ئاخىرقى ئەزاسى « 0 » بولغان نىسبەتلەر مەنىسىزدۇر . -
چەمبەرنىڭ سىرى - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-01-14
ماتىماتىكىلىق ئۇقۇم بويىچە ئىيىتقاندا ، چەمبەر دىگىنىمىز _ بىر نوقتىدىن تەڭ يىراقلىقتا ياتقان نوقتىلار توپلىمىدىن ئىبارەت. چەمبەر تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئىنسانلارنىڭ كۇندىلىك تۇرمۇشىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ ؛ بۇلارنىڭ بەزىلىرى تەبىئى شەكىللەنگەن بولسا ، بەزىلىرىنى ئىنسانلار سۇنئى ئۇسۇلدا شەكىللەندۇرگەن. سىز بۇ چەمبەرلەرنى ئىنچىكە كۇزەتسىڭىز نۇرغۇن سۇئاللىق ئويلارغا چۆكۇسىز :
___ قۇياش ، ئاي ۋە يەر شارى نىمە ئۇچۇن چەمبەرنى بىرلىك قىلىپ شەكىللەنگەن ، ئۇلار نىمىشقا چاسا ياكى ئۇچ بۇرجەك ئەمەس ؟
___ دەرەخ ۋە ئۆسۇملۇكلەرنىڭ غولى توغرا كەسمىسى نىمىشقا چەمبەر شەكىلدە بولىدۇ ، نىمىشقا يۇمۇلاق ئۆسىدۇ؟
___ ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ قان تومۈرىنىڭ كەسمە يۇزى نىمىشقا چەمبەر شەكىلدە ؟
___ نىمىشقا ئاددى قاچا- قۇچىلاردىن تارتىپ دورا تابلېتكىسىغىچە چەمبەر (يۇمۇلاق ) شەكىلدە ياسىلىدۇ ؟
___ ................