-
« مۇكاپاتلىق سېتىش » بىلەن « باھانى سۇندۇرۇپ سېتىش » نىڭ قانداق پەرقى بار ؟ - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-05-04
بىز ماتېماتىكىنى ئۆگەنگەندە دائىم ماتېماتىكىنى ئەتراپىمىزدىكى تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيتى بىلەن بىرلەشتۈرشكە دىققەت قىلىشىمىز ،ماتېماتىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن بەزى ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك . مەسلەن ، « مۇكاپاتلىق سېتىش » نى ئېلىپ ئېيىتساق ، بەزىلەر ، نەرسىمۇ سېتىۋالدۇق ، يەنە مۇكاپات ۋە مۇكاپات بۇيىملىرىغىمۇ ئىگە بولدۇق ، بۇ بىر ياخشى ئىش دەپ قارايدۇ . ھالبۇكى ، ئۇلار نۇرغۇنلىغان مۇكاپاتلىق سېتىشلاردا ماگزىن تەرەپ گەرچە خېرىدارلارغا پايدا ئۆتۈنۈپ بەرگەندەك قىلسىمۇ ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۆتۈنۈپ بەرگەن پايدىسى « باھانى سۇندۇرۇپ سېتىش » قا قارىغاندا ئاز بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ .
تۆۋەندە بىز بىر مىسال كۆرەيلى .
مەلۇم بىر ماگزىننىڭ گېزىتقا ئېلان قىلغان بىر مۇكاپاتلىق سېتىش ئېلانىنىڭ قىسقارتىلمىسىنى كۆرەيلى :
2009- يىللىق مۇكاپاتلىق سېتىش پائالىيتى
1.مۇكاپاتلىق سېتىش پائالىيتىنىڭ ۋاقتى : 2009- يىلى 4- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن باشلاپ ماكاپات چېكىدىن 10000 پارچە تۈگۈگىچە .
2. ئومۇمەن توپ سېتىۋالغان سوممىسى 1000 يۈەنگە ياكى پارچە سېتىۋالغان سوممىسىنىڭ بارلىقى 400 يۈەنگە توشقانلارغا بىر پارچە مۇكاپاتلىق چەك بېرىلىدۇ .
3. مۇكاپاتنى ئېلان قىلىش ۋاقتى 5- ئاينىڭ ئاخىرىدىكى «مۇشۇ ئېلان چىققان كەچلىك گېزىتكە تەپسىلىي قاراڭ » .
4.تەسىس قىلىنغان مۇكاپات :
ئالاھىدە مۇكاپاتنىڭ سانى 2 ، مۇكاپات بۇيۇمى 2000 يۈەن نەق پۇل .
بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتنىڭ سانى 10 ، مۇكاپات بۇيۇمى 800 يۈەن نەق پۇل .
ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتنىڭ سانى 20 ، مۇكاپات بۇيۇمى 200 يۈەن نەق پۇل .
ئۈچۈنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتنىڭ سانى 50 ، مۇكاپات بۇيۇمى 100 يۈەن نەق پۇل .
تۆتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتنىڭ سانى 200 ، مۇكاپات بۇيۇمى 50 يۈەن نەق پۇل .
بەشىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتنىڭ سانى 1000 ، مۇكاپات بۇيۇمى 20 يۈەن نەق پۇل .
بىز يۇقىرىدىكى ئېلاندىن مۇكاپات ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 51000 يۈەن ، مۇكاپاتقا ئېرىشىش نىسبىتىنىڭ %12.82 بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز .
ئەمدى بىز مۇكاپات ئومۇمىي سوممىسىنىڭ سېتىش ئۇمۇمىي سوممىسىنىڭ ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ھېسابلاپ باقايلى :
(1)ئەگەر 10000 دانە مۇكاپاتلىق چەكنىڭ ھەممىسى توپ سېتىش بىلەن تارقىتىلغان بولسا ، ئۇ ھالدا سېتىش ئومۇمىي سوممىسى :
10000x1000=10000000 ( مىليۇن يۈەن ) بولىدۇ .
مۇكاپات سوممىسىنىڭ سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى :
بولىدۇ .
(2) ئەگەر 10000 دانە مۇكاپاتلىق چەكنىڭ ھەممىسى پارچە سېتىش بىلەن تارقىتىلغان بولسا ، ئۇ ھالدا سېتىش ئومۇمىي سوممىسى :
( 4 مىليۇن يۈەن ) بولىدۇ .
مۇكاپات سوممىسىنىڭ سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى :
بولىدۇ .
بۇلاردىن ، بۇ قېتىملىق مۇكاپاتلىق سېتىش پائالىيتىدە ماگزىن تەرەپنىڭ ئۆتۈنۈپ بەرگەن پايدىسىنىڭ %0.51 بىلەن %1.275 نىڭ ئارىسىدا بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . ئەگەر ماگزىن %98 سۇندۇرۇپ ( يەنى ئەسىلدىكىدىن %2 چۈشۈرۈپ ) ساتقان بولسا ، ئۇ ھالدا خېرىدارلارغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن پايدىسى %2 بولۇپ %1.275 تىن كۆپرەك بۇلاتتى . شۇڭا ، ماگزىن تەرەپنىڭ مۇكاپاتلىق سېتىشتا ئەمەلىيەتتە خېرىدارلارغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن سوممىسى %98 سۇندۇرۇپ ساتقاندىنمۇ ئاز بولىدۇ .
« مۇكاپاتلىق سېتىش » بىلەن « باھانى سۇندۇرۇپ سېتىش » نىڭ يەنە بىر ئوخشىمايدىغان تەرىپى ، « باھانى سۇندۇرۇپ سېتىش » تا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن پايدىنى خېرىدارلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ ، « مۇكاپاتلىق سېتىش » تا پايدىنى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاز بىر قسىم خېرىدارلارغا مەزكەزلىك ھالدا ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ .
مەنبە:ئىلىم-پەن بلوگى历史上的今天:
ﺯﯦﻬﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﻣﺴﯩﺰ؟ 2009-05-04ماتېماتىكىلىق تېپىشماق - پوپنىڭ ھىيلىسى 2009-05-04ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯧﻜﯩﻠﯩﻖ ﭘﺎﺭﺍﺩﻭﻛﯩﺲ 2009-05-04سانلاردىكى دەۋرىيلىك ھادىسىسى 2009-05-04ماتېماتىكىنى نېمىشقا ئۆگىنىمىز؟ 2009-05-04
收藏到:Del.icio.us