-
ھەممە تەڭلىمىنى فورمۇلا ئارقىلىق يەشكىلى بۇلامدۇ ؟ - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-05-04
نۇرغۇن كىشىلەر فورمۇلا ئارقىلىق تەڭلىمە يېشىشنى ياخشى كۆرىدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ جەريانى قېلىپلاشقان بولۇپ مېڭىنى كۆپ سەرپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق . مەسلەن ، ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە
مەنبە: ئىلىم-پەن بلوگىدا ، پەقەت فورمۇلا
نى قوللانساقلا ، ئىككى يىلتىزنى ناھايىتى ئاسانلا تېپىشقا بولىدۇ . شۇڭا ، ناھايىتى ئۇزۇن تارىخي دەۋرلەردە ، ھەر دەرىجىلىك تەڭلىمىنىڭ يىلتىزىنى تېپىش فورمۇلىسىنى تېپىش ، ئالگېبرادىكى بىر مەركىزىي مەسىلە بولۇپ قالغان .
1535- يىلى ، ئىتالىيە ماتېماتىكلىرى ئالدى بىلەن ئۈچۈنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىنىڭ يىلتىزىنى تېپىش فورمۇلىسىنى تاپتى . ئۇلارنىڭ پىكىر قىلىش يولى ئالدى بىلەن ئۈچۈنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىنى شەكىل ئۆزگەرتىپ ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىگە ئايلاندۇرۇش ، ئاندىن ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە ئارقىلىق نەتىجىسىنى تېپىش بولدى . بۇنداق پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ، كېيىن ئىتالىيلىك ماتېماتىك فېررارى تۆتىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىنىڭ يىلتىزىنى تېپىش فورمۇلىسىنى تاپقاندا يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى .
ئىككىنچى ، ئۈچۈنچى ، تۆتىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى فورمۇلا ئارقىلىق يېشىشكە بولىدىكەن ، ئۇنداقتا بەشىنچى ، ئالتىنچى ھەتتا تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنىڭ يىلتىزىنى تېپىش فورمۇلىسىنى تاپقىلى بۇلامدۇ ؟ 17- ئەسىردىن كېيىن ماتېماتىكلار رەسمىي بۇ تەسەۋۋۇرنى چىقىش نۇقتا قىلىپ ، تۆتىنچى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بولغان تەڭلىمىلەرنىڭ يىلتىزىنى تېپىش فورمۇلىسىنى ئىزدەشكە كىرىشتى .
لېكىن ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى ، 16- ئەسىردە 20 ياشلىق ھېررارى ھېچقانچە ۋاقىت سەرپ قىلمايلا تۆتىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىنىڭ يىلتىزىنى تېپىش فورمۇلىسىنى تاپقان ئىدى ، ئەمما 16~17 بۇ ئىككى ئەسىردە نۇرغۇن ماتېماتىكلار ئۇنىڭدىن بىرلا دەرىجە يۇقىرى بولغان تەڭلىمە - بەشىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىنى تەتقىق قىلىپ ، ئۇنىڭ يىلتىزىنى تېپىش فورمۇلىسىنى زادى تاپالمىدى .
بەشىنچى ۋە ئۇنڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك بولغان تەڭلىمىلەرنى فورمۇلا ئارقىلىق يەشكىلى بۇلامدۇ - يوق ؟ مەسىلە مۇشۇنداق ئوتتۇرغا قۇيۇلدى . 1824- يىلى 22 ياشلىق نورۋىگىيىلىك ماتېماتىك ئابېل تۆت يىلغا يېقىن تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا : ئومۇمەن بەشىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىنىڭ كوئېففىتسېنتلىرى ئارىسىدا قوشۇش ، ئېلىش ، كۆپەيتىش ، بۆلۈش ، دەرىجىگە كۆتۈرۈش ، يىلتىز چىقىرىش ئەمەللىرى بىلەن تۈزۈلگەن يىلتىز تېپىش فورمۇلىسىنىڭ مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى . شۇنىڭدىن ئېتبارەن ، بەشىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىنىڭ يىلتىزىنى تېپىش فورمۇلىسىنى ئىزدەشمۇ ئاخىرلاشتى .
لېكىن ، تەڭلىمىگە ئائىت نەزەرىيىلەر بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى ، چۈنكى ئابېلنىڭ يەكۈنى بولسا بارلىق بەشىنچى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك بولغان تەڭلىمىلەرنىڭ ھەممىسىدە فورمۇلا ئارقىلىق يېشىش ئۇسۇلى مەۋجۇت بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس . ئەمەلىيەتتە غا ئوخشاش ئاددىي شەكىلدىكى بەشىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يەنىلا بىۋاستە يىلتىزدىن چىقىرىش ئەمەللىرىدىن تۈزۈلگەن يىلتىزدىن چىقىرىش فورمۇلىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن مەسىلە يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىدى . ماتېماتىكلار مۇنداق بىر مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويدى : «قانداق تەڭلىمىلەرنىڭ كوئېففىتسېنتلار ئارىسىدىكى قوشۇش ، ئېلىش ، كۆپەيتىش ، بۆلۈش ، دەرىجىگە كۆتۈرۈش ، يىلتىز چىقىرىش ئەمەللىرى بىلەن تۈزۈلگەن يىلتىز تېپىش فورمۇلىسى ئارقىلىق يېشىشكە بولىدۇ ؟ » روشەنكى بۇ مەسىلە ئالدىنقى مەسىلىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇرەككەپ .
1831- يىلى باھاردا ، يەنە بىر نەپەر 20 ياشلىق فرانسىيىلىك ماتېماتىك گالوۋا ئۈزۈل - كېسىل ۋە چۈشىنىشلىك شەكىل بىلەن بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بېرىدۇ . ئۇنىڭ چىقارغان يەكۈنى : « بىر تەڭلىمە ئۆزىنىڭ كوئېففىتسېنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سانلار مەيدانىدىكى گۇرۇپپىلىرى ئەگەر ئاجرىلدىغان گۇرۇپپا بولسا ، ئۇ ھالدا بۇ تەڭلىمىنى ئۆزىنىڭ كوئېففىتسېنتلىرىنىڭ ئالگېبرالىق ئىپادىسى ، يەنى فورمۇلا ئارقىلىق يېشىشكە بولىدۇ ھەمدە پەقەت مۇشۇ شەرت ئاستىدىلا تەڭلىمىنى ئاندىن فورمۇلا ئارقىلىق يېشىشكە بولىدۇ . » بۇ بولسا ماتېماتىكىدا داۋاملىق دېيىلىدىغان « گالوۋا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى » . « گالوۋا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى » نى قوللىنىپ ، ئابېلنىڭ يەكۈنىنى ئاسانلا ئىسپاتلاشقا بولىدۇ . « گالوۋا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى » دا ئوتتۇرغا قويۇلغان «گۇرۇپپا » چۈشۈنچىسى ھازىرقى زامان ماتېماتىكا تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى ، گۇرۇپپىلار نەزەرىيسى ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسىنىڭ بەلگىسى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلى بولۇپ قالدى .历史上的今天:
ﺯﯦﻬﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﻣﺴﯩﺰ؟ 2009-05-04ماتېماتىكىلىق تېپىشماق - پوپنىڭ ھىيلىسى 2009-05-04ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯧﻜﯩﻠﯩﻖ ﭘﺎﺭﺍﺩﻭﻛﯩﺲ 2009-05-04سانلاردىكى دەۋرىيلىك ھادىسىسى 2009-05-04ماتېماتىكىنى نېمىشقا ئۆگىنىمىز؟ 2009-05-04
收藏到:Del.icio.us