-
ماتېماتىكىلىق تېپىشماق - پوپنىڭ ھىيلىسى - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
2009-05-04
بىر قېتىم بىر كېمە دېڭىزدا بورانغا دۇچ كېلىدۇ . شىددەتلىك دولقۇننىڭ زەربىسىدە كېمىنىڭ بىر قىسىم بۆلۈملىرى بۇزۇلۇپ ، قىيسىيىشقا باشلايدۇ .شۇنىڭ بىلەن كېمىدىكى كىشىلەر كېمىدىكى تاشلىۋەتكىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىدۇ . كېمىدىكى 25 يولۇچىنىڭ ئالدىدا ئىككى يول قالىدۇ .بىرى ، كېمىدىكى ھەممە كىشى كېمە بىلەن بىللە سۇغا غەرق بولۇش ، يەنە بىرى بىر قىسىم يولۇچىلارنى قۇربان قىلىپ ، دېڭىزغا تاشلاپ كېمىنى يىنىكلەشتۈرۈش ئارقىلىق بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن كېمىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش . لېكىن بۇنداق قىلغاندا ئادەملەرنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇقراقىنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىشكە توغرا كېلەتتى . شۇنداق بولسىمۇ كۆپچىلىك ئىككىنچى چارىنى ماقۇل كۆرىدۇ . ئەمما ھېچكىممۇ دېڭىزغا سەكرەشنى خالىمايدۇ . يولۇچىلار ئىچىدە خىرىستىئان دىنىدىكىلەردىن 10 كىشى ۋە بىر پوپ بار ئىدى . كۆپچىلىك بىردەك پوپنىڭ چارە تېپىشىنى تەلەپ قىلىشتى . ھىيلىگەر پوپ بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن كۆپچىلىكنى ھالقا شەكلىدە ئولتۇرغۇزۇپ ، ئۆزىدىن باشلاپ رەت بويىچە 3،2،1 دەپ ساناپ ، 3 نى سانىغان كىشىنى دېڭىزغا تاشلاشنى ، ئاندىن يەنە 1 دىن باشلاپ ساناپ ھەر قېتىم 3 دېگەن كىشىنى دېڭىزغا تاشلاشنى ئېيتىدۇ ھەمدە بۇنى ئاللانىڭ ئىرادىسى دەپ چۈشەندۈرۈپ ، كۆپچىلىكنىڭ تەغدىرىنى ئاللاھقا ۋاكالىتەن ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ، بۇنىڭغا قارىشلىق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ . شۇنداق قىلىپ ، 14 كىشى دېڭىزغا تاشلىنىدۇ ھەمدە 10 خىرىستىئان مۇرىتى بىلەن ھىيلىگەر پوپ پۈتۈنلەي ساق قالىدۇ .
قورقۇپ جان - پېنى چىققان خىرىستىئان مۇرتلىرى ئېسىگە كەلگەندىن كېيىن ، پوپنىڭ ھىيلە-مىكىر ئارقىلىق ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىنى بىلىدۇ .
قېنى ئويلاپ كۆرۈڭ ، پوپ بۇ 10 كىشىنى قايسى ئورۇنلاردا ئولتۇرغۇزۇش ئارقىلىق دېڭىزغا تاشلىنىشتىن قۇتقۇزۇپ قالغان ؟
历史上的今天:
ﺯﯦﻬﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﻣﺴﯩﺰ؟ 2009-05-04ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯧﻜﯩﻠﯩﻖ ﭘﺎﺭﺍﺩﻭﻛﯩﺲ 2009-05-04سانلاردىكى دەۋرىيلىك ھادىسىسى 2009-05-04ماتېماتىكىنى نېمىشقا ئۆگىنىمىز؟ 2009-05-04
收藏到:Del.icio.us