-
«قىمار ئوينىماڭ !» سىز ھامان ئۇتتۇرسىز ! - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-04-25
«پۇرسەت تىپىدىكى قىمار » دا ئۇتۇش ياكى ئۇتتۇرۇش تامامەن تەلەيگە باغلىق بولۇپ ، ياشلارنى ئاسانلا ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالىدۇ . يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا ئۇتۇش ، ئۇتتۇرۇش پۇرسىتى تەڭدەك ھەتتا قاتناشقۇچىلارغا پايدىلىقتەك قىلسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ، بارلىق «پۇرسەت تىپىدىكى قىمار » لاردا ، پۇرسەت تەڭ ئەمەس ، بەلكى ھامان تاۋكا خۇجايىنىغا پايدىلىق بولىدۇ . قېنى بىز مۇشۇنداق بولۇش ياكى بولماسلىقىنى ھېسابلاپ باقايلى .
دۆلەت سىرتىدا بەكلا ئەۋج ئالغان قىمار - « تەلەي سىناش ئۇيىنى » غا قاراپ باقايلى . ئۇنىڭ قائىدىسى مۇنداق : ھەر بىر قاتناشقۇچى ئالدى بىلەن 1 يۈەننى تىكىدۇ . ئاندىن ئۈچ دانە 3 دانە شىشىخالنى بىرلا تاشلايدۇ . ئۇ پۇلنى مەلۇم بىر چېكىتكە ، مەسلەن ، «1 » دېگەن چېكىتكە تىكسۇن . ئەگەر ئۈچ شىشىخالدىن بىرىدە «1» چېكىت چۈشسە ، تاۋكا خۇجايىنى ، تەككەن بىر يۈەننى قايتۇرۇپ بەرگەندىن سىرت ، يەنە 1 يۈەن مۇكاپات بېرىدۇ ، ئەگەر «1» دېگەن چېكىتتىن ئىككىسى چۈشسە ، تىككەن پۇلىنى قايتۇرغاندىن سىرت ئىككى يۈەن مۇكاپات بېرىدۇ ؛ ئەگەر ھەممىسىدىلا «1» دېگەن چېكىتكە چۈشسە ، تىككەن پۇلىنى قايتۇرغاندىن سىرت ، ئۈچ يۈەن مۇكاپات بېرىدۇ .
قارىماققا ، بىر شىشىخالدا «1» دېگەن چېكىتنىڭ چۈشۈپ ، ئۇتۇشنىڭ ئىمكانىيتى 6/1 بولىدۇ ؛ ئۇ ھالدا ئىككى تال شىشىخالدا ئۇتۇشنىڭ ئىمكانىيتى 3/1 ، ئۈچ تال شىشىخالدا ئۇتۇشنىڭ ئىمكانىيتى 2/1 بولىدۇ . گەرچە 1 يۈەنگە 1 يۈەن مۇكاپات بېرىشنىڭ پۇرسىتى تەڭ بولغان ئىكەن ، قانداقمۇ يەنە ئىككى ھەسسە ، ئۈچ ھەسسە مۇكاپات بېرىش ئىمكانىيتى بولىدۇ ؟ بۇ ، تەبىئىي ھالدا قاتناشقۇچىغا پايدىلىق بولىدىغاندەك قىلىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ بىر يالغان قىياپەت .
بىز ھېسابلاپ كۆرەيلى ، ئۈچ شىشىخالنى بىرلىكتە تاشلىغاندا قانداق ئەھۋاللار بولىدۇ ؟ بىرىنچىسىنىڭ 6 خىل ھالى بولىدۇ ، ئۇنىڭ ھەر بىر خىل ھالىغا نىسبەتەن ئىككىنچىسىنىڭ يەنە 6 خىل ھالى بولىدۇ ، ئۈچىنچىسىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش 6 خىل ھالى بولىدۇ ، شۇڭا جەمئىي 6x6x6=216خىل مۇمكىن بولغان نەتىجە بولىدۇ . بۇ 216 خىل نەتىجە ئىچىدە ئۈچ شىشىخالدا چۈشكەن نۇقتىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ھالى 6x5x4=120خىل بولىدۇ . ئۈچ شىشىخالدا چۈشكەن نۇقتىلارنىڭ تامامەن بىردەك بولغان ھالى 6 خىل ، ئۇلار ھەممىسى «1» ، «2» ، ...، «6» چېكىتلەر چۈشۈش . قالغىنى 90=6-120-216 خىل ھال بولۇپ ، ئۇ ئۈچ شىشىخالدىن ئىككىسىنىڭ چۈشكەن نۇقتىلىرىنىڭ سانى بىردەك بولغان ھال .
بىر قاتناشقۇچى ، ئۇ دائىم «1» چېكىتكە تىكسە ، ئەگەر 216 قېتىم تىكسە قانچە قېتىمدا ئۇتالايدۇ ؟ ئالدى بىلەن بىر تاللا شىشىخالدا «1» چېكىتنىڭ چۈشۈش ئەھۋالىنى كۆرەيلى : «1» چېكىت چۈشكىنى بىرىنچى شىشىخال بولۇشىمۇ ، ئىككىنچى ياكى ئۈچۈنچى شىشىخال بولۇشىمۇ مۇمكىن ، جەمئىي ئۈچ خىل ھال بولىدۇ ، قالغان ئىككىسىدە «1» دېگەن چېكىتنىڭ يۈز بەرمەسلىكى 5x5=25 خىل بولىدۇ ، شۇڭا ، جەمئىي 3x25=75خىل ھال بولىدۇ . بۇ 75 خىل ھال يۈز بەرگەندە ئىككى يۈەندىن ئۇتسا جەمئىي 150 يۈەن ئۇتىدۇ . ئەمدى ئىككى شىشىخالدا «1» چېكىتىنىڭ چۈشۈش مۇمكىنچىلىكىگە قارايلى : بىرىنچى بىلەن ئىككىنچى يۈز بېرىشى مۇمكىن ، بىرىنچى بىلەن ئۈچۈنچىسىدە يۈز بېرىشى مۇمكىن ، يەنە ئىككىنچىسى بىلەن ئۈچۈنچىسىدە يۈز بېرىشى مۇمكىن ، جەمئىي ئۈچ خىل مۇمكىنچىلىكى بار . يەنە بىر شىشىخالدا «1» چېكىتىنىڭ يۈز بەرمەسلىكىنىڭ 5 خىل مۇمكىنچىلىكى بار ، شۇڭا جەمئىي 15 خىل مۇمكىنچىلىكى بار . بۇ چاغدا ھەر قېتىمدا 3 يۈەندىن ئۇتسا جەمئىي 45 يۈەن ئۇتىدۇ . ئەڭ ئاخىرىدا ئۈچىلىسىدە «1» چېكىتنىڭ چۈشۈشى 1 خىل ، بۇ چاغدا 4 يۈەن ئۇتىدۇ . شۇنداق قىلىپ 216 قېتىمدا جەمئىي 199=4+45+150 يۈەن ئۇتىدۇ . لېكىن ، ئۇ ھەر قېتىمدا بىر يۈەندىن تۆلىسە جەمئىي 216 يۈەن تۆلەيدۇ . شۇڭا ، ئۇمۇمەن ئېيىتقاندا 17=199-216 يۈەن ئۇتتۇرىدۇ .
ئەمدى بىز تاۋكا خۇجايىنىنىڭ ئەھۋالىغا قارايلى . 6 ئادەم قىمارغا قاتناشتى دېسەك ، ھەر بىر ئادەم ئايرىم - ئايرىم «1» ، «2» ، ... ، «6» چېكىتلەرگە تىكسۇن ھەمدە ھەر بىرى 216 قېتىمدىن ئوينىسا ، تاۋكا خۇجايىنى ھەر قېتىمدا 6 يۈەندىن پۇلنى يىغىۋالسا 216 قېتىمدا 1296 يۈەننى يىغىۋالىدۇ . ئۇنداق بولسا ئۇ ئوينىغۇچىلارغا قانچە پۇل تۆلەيدۇ ؟
يۇقىرىدىكى تەھلىللەردىن مەلۇمكى ، 216 قېتىمنىڭ 120 قېتىمىدا ئۈچ تال شىشىخالنىڭ چۈشكەن چېكىتلىرى بىر خىل بولمايدۇ . مەلسەن ، «1» ، «2» ، «3» چۈشسە ، «4»، «5» ، «6» گە تىككەن ئۈچى ئۇتتۇرىدۇ . تاۋكا خۇجايىنى ئۇتقان ئۈچەيلەننىڭ ھەر بىرىگە 2 يۈەندىن جەمئىي 6 يۈەن تۆلەيدۇ ، 120 قېتىمدا جەمئىي 720 يۈەن تۆلەيدۇ . ئۇنىڭدىن قالغان 90 قېتىمدا ئىككى شىشىخالدا چۈشكەن چېكىتلىرى بىر خىل بولىدۇ . مەسلەن ، «1»،«1» ، «2» چۈشسە ، ئۇ ھالدا «3» ، «4» ، «5» ، «6» چېكىتلەرگە تىككەنلەر ئۇتتۇرىدۇ . «2» چېكىتكە تىككەنلەر 2 يۈەن ، «1» چېكىتكە تىككەنلەر 3 يۈەنگە ئىگە بولغاندا ، تاۋكا خۇجايىنى ھەر قېتىمدا 5 يۈەن تۆلىسە ، 90 قېتىمدا جەمئىي 450 يۈەن تۆلەيدۇ . ئەڭ ئاخىرىدا يەنە ئالتە قېتىمدا ئۈچ شىشىخالدا چۈشكەن چېكىتلەر تامامەن بىر دەك بولسا ، مەسلەن ، ھەممىسدە «1» چېكىتكە چۈشسە ، بۇ چاغدا پەقەت «1» چېكىتكە تىككەندىلا ئۇتىدۇ . تۆت يۈەندىن 6 قېتىمدا 24 يۈەن ئۇتىدۇ .
شۇنىڭ ئۈچۈن تاۋكا خۇجايىنى جەمئىي 1194=24+450+720 يۈەن تۆلەيدۇ . ئۇنىڭ تاپقان ساپ كىرىمى
102=1296-1194 يۈەن بولۇپ ، يەنە پايدا ئالىدۇ . ئۇنىڭ پايدىسى ئومۇمىي سوممىنىڭ %7.9 نى تەشكىل قىلىدۇ .
ئەمدى چۈشەنگەنسىز ؟ قىمارنىڭ پايدىسى يوق ، ھەرگىز قىمارغا قاتنىشىپ قالماڭ .
http://alxarap.blogbus.com/
收藏到:Del.icio.us