-
ماتېماتىكا ئەقىل-پاراسەت گىمناستىكىسىدۇر - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-04-22
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىغانكى، ماتېماتىكا ئىلمىنى ياخشى ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچى ساۋاقداشلىرىغا ھەممە جەھەتتە يېتىشكەن تەسىرنى بېرىدۇ. دېمىسىمۇ، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئەقلىنى يەتكۈزەلمەي بىزار بولۇۋاتقان بۇ ئىلىمنى ياخشى ئېلىپ ماڭغان ئوقۇغۇچىغا باشقا پەنلەر ھېچقانچە قىيىن ھېسابلانمايدۇ.
سېلىشتۇرۇپ كۆرسىڭىزلا ماتېماتىكىغا ئۇستا ئوقۇغۇچىنىڭ ئەقلىي قابىلىيەت جەھەتتە باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز. ئەگەر ماتېماتىكا ماھىرى ئەدەبىيات ئىلمىنى ياخشى ئوقۇغانلا بولسا، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىمۇ “ئىلھامى قايناپ” تۇرىدىغان، ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگەنمىگەن “ساپ ئىجتىمائىي پەنچى”لەردىن ھەسسىلەپ پۇختا يازالايدۇ، ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىنى يېزىشتا تېخىمۇ شۇنداق.
دۇنيادىكى مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ كۆپچىلىكىدە بۇ نۇقتا ئىسپاتلانغان. جۇڭگونىڭ داڭلىق ھازىرقى زامان يازغۇچىسى لۇ شۈن ئەپەندى، ئەنگلىيىنىڭ 19-ئەسىردىكى كلاسسىك رازۋېدكا ھېكايىلىرى يازغۇچىسى، شېرلوك ھولمېس ھەققىدىكى يۈرۈشلۈك نادىر ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى كونان دۇئېل ئەسلىدە دوختۇرلۇقنى ئوقۇغان، قىرغىزىستاننىڭ داڭلىق يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتماتوف يېزا ئىگىلىك ماشىنىسازلىق ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. مەلۇمكى مەيلى دوختۇرلۇقنى ئوقۇش ياكى ماشىنىسازلىقنى ئوقۇش ئۈچۈن بولسۇن ماتېماتىكا ئۆتكىلىدىن ئۆتمەي مۇمكىن ئەمەس. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسلىدە بىئولوگىيە كەسپىدە ئوقۇغان، بىئولوگىيىمۇ ماتېماتىكىدىن ئايرىلمايدىغان تەبىئىي پەن، ئەلۋەتتە. «داڭلىق چەت ئەل يازغۇچىلىرىنىڭ تەرجىمىھالى»دىن بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مىسال تېپىش مۇمكىن، مەن خېلى يىل ئىلگىرى تۆت توملۇق بۇ كىتابنى ئوقۇغاندا بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلغانىدىم، ھازىر بولسا ئۇ كىتاب يېنىمدا بولمىغانلىقى ھەم يازمامنىڭ سەھىپىسىنىڭ ئۇزىراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كۇتۇپخانىغا بۇ كىتاب ئۈچۈن كىرمىدىم.
ماتېماتىكا ماھىرلىرىدىكى بۇ خىل ئەقلىي مۇكەممەللىكنى مەن ھەر ئىشنى قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەت بىلەن مەغلۇبىيەت ئوتتۇرىسىدىكى ئوتتۇرىچە نىسبەت چۈشەنچىسىنىڭ رول ئوينىشىدىن بولغانمىكىن دەپ ئويلايمەن. ماتېماتىكا ئىلمىگە ئۇستا ئادەم ھەر جايدا ئىختىيارسىز ھالدا ماتېماتىكىلىق ئاڭ ئىچىدە تەپەككۇر قىلىدۇ، گەرچە ھەممىلا نىسبەت مۇناسىۋىتىگە فورمۇلا ئىشلىتىش ھاجەت بولمىسىمۇ، ماتېماتىكا ئىلمى شۇ كىشى ئېڭىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغاندا، تەدبىقلىنىشمۇ ئىختىيارسىز بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ قىلغان ھەر بىر ئىشى پۇختا بولىدۇ. خۇددى تاشپولات ئەپەندى جاۋابىنىڭ بۇ قىسمىدا ئېيتقاندەك ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكىسى مەزمۇنلىرىنىڭ قانداق جايدا قوللىنىلىدىغانلىقىنى بىرمۇ-بىر ئىسپاتلاپ بولغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا دەرس پىلانى بۇنىڭغا ئىمكانىيەتمۇ بەرمەيدۇ.
شۇڭا ماتېماتىكا ئادەم تەپەككۇرىنى ئىنچىكىلىككە، مۇكەممەللىككە باشلايدىغان “تەپەككۇر گىمناستىكىسى”، ئەقلىي مۇكەممەللىك يولى، پەن-تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشتا چوقۇم ئۆتۈشكە تېگىشلىك يېگانە “كۆۋرۈك”تۇر.
ماتېماتىكا دەرسى خۇشياقمىدى دېگەن سۆزنىڭ ئۇدۇل مەنىسى “ھورۇنلۇقۇم ئەقىللىق بولۇشۇمغا يول قويمايدۇ” دېگەندىن ئىبارەت.
收藏到:Del.icio.us
<< ئۇيغۇرلاردىكى خاسىيەتلىك سان «يەتتە» | باش بەت | ئۇيغۇر ماتېماتىكا ئالىملىرى (3) ئابدۇرېشىت ئابدۇۋېلى >>