




-
كروران بلوگى پەخىرلىك ۋوردپرەس سۇپىسىغا كۆچتى
يېڭى ئادرېسىمىز: http://blog.kroran.net
بۈگۈن ئەسلىدىكى بلوگباستىكى مەزمۇنلار بۇ يېڭى ئۆيگە كۆچۈرۈلدى، بلوگىمنىڭ ئېچىلىشىنى قوللىغان كروران تور بېكىتى http://www.kroran.net گە رەھمەت ئېيتىمەن!
-
قىزىم، سىرتتا قونۇپ قالماڭ
قىزىم، يۈرەك پارەم، بۇ خەتنى سىز ئوقۇۋاتقان چاغدا بەلكىم بىزدىن يىراقتا قالغان بولىسىز. بەردەم بولۇڭ!
قىزىم، سىز ھازىر يۇرتىمىزدىن چىققان زىيالى، خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبى بىلەن بىزدىن ئايرىلىپ يىراق يۇرتقا كېتىش ئالدىدا ... -
ئاخشام ئۇكامنىڭ مىكرو بىلوگىدىكى «نىمىدىگەن ياخشى ئاۋازلىق، سۈرەتلىك پاراڭلاشقىلى بولىدىكەن» دىگەن ئۇچۇرنى كۆرۈپ، قىزىقىپ دوراپ مەنمۇ ئىزدەپ يۈرۈپ微信 دىگەن دىتالنى قاچىلىۋالدىم. دەسلەپتە قاچىلاپ تېلفۇنۇمغا ئورنىتىپ بولغاندىن كىيىن ئۇكامنى قوشۇۋېلىپ خەت يازدىم، كارامەت...ھې...ھې.... ئۇكام «ئاۋۇ يەرنى بېسىپ گەپ قىلساڭ مەن ئاڭلايمەن، گەپ قىلىپ باقە» دىسە مەن نەدىن ئاۋاز چىقىۋاتقىنىنى، نەگە گەپ قىلىدىغىنىمنى بىلمەي «ۋەي، ۋەي، ئاڭلىدىڭمۇ» دەپ گەپ قىلىۋېرىپتىمەن. .....
-
ھېلىقى كۈنى، سىز تەنەپپۇس ۋاقتىدا يۇرتىمىزدىن چىققان ئالىم ئەخمەتچان ئابلىز دوكتۇرنى تىلغا ئالدىڭىز، مەن سىزگە باشقىدىن قارىدىم، بىلەمسىز سىزنىڭ سۆزىڭىزدىن مەن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۆزۈمنى كۆرگەندەك بولدۇم، سىزدىن شۇنچىلىك سۆيۈندۈم، بىلەمسىز مەن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقىتىمدا ئاچام ماڭا «بۈگۈنكى ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى» دېگەن كىتابنى ئەكىلىپ بەردى، مەن شۇ چاغدا ھەتتا دوكتۇرنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى، دوكتۇرلارنىڭ قانداق كىشى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم، كىتابنى قولۇمغا ئېلىپلا ئوقۇشقا كىرىشتىم،ھەي، ئەسلىدە دوكتۇر دېگەن بىز
-
ھازىر ھۆكۈمەت نۇرغۇن مەبلەغ سالغاچقا، يىزىلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمىزمۇ بۇرۇنقىدىن ئاسمان-زىمىن ياخشىلاندى، ھازىر يىزىلاردىمۇ پاكىزتۇربا سۈيى،گازلىق ئوچاقلار، ماشىنا-تراكتورلار ئومۇملاشتى. ھازىرقى بالىلارنىڭ ئىچىدە ئەشۇ كۆللەرنى، قىرىم تاملىق ئوچاقلارنى كۆرۈپ باققانلار، بوۋامنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ باققانلار ئىنتايىن ئاز ساندا بولسا-كېرەك...
-
يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قانچە قېتىملىق «ئۇيغۇر بىلوگ مەدەنىيىتى» ھەققىدىكى رادىيو پىروگراممىلىرىنى ئاڭلاۋېرىپ خىجىلچىلىقىم يەنە ئويغىنىپ مېنى بىلوگ يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئويغاتتى. بىراق مەن ئەمدى قانداق يېزىشىم كېرەكلىكى ئۈستىدە تېخىمۇ ئويلىنىدىغان بولدۇم، بۇرۇنقىدەك كۆچۈرۈش، كىشىلەرنىڭ ئەمگىكىدىن سۆيۈنۈپلا ھاياجانلىنىپ ئولتۇرۇش ئەمدى ماڭا ياراشمايدۇ. مەن چوڭ بولدۇم، بىلوگىممۇ چوڭ بولدى، مانا بۈگۈن ئۇ 1000 كۈنلۈك بولدى، بۇرۇن ئۆمىلەپ خەقنى دوراپ ماڭغان بولسا ئەمدى ئۆز يولىنى ئۆزى تېپىشى، بارا-بارا ئەقىل كىرىشى كېرەكتە. بىلوگىمغا شۇنداق دىگۈم بار، ئالدىڭغا قاراپ دادىل قەدەم تاشلىغىن، سەن ماڭىدىغان يول بەكمۇ ئۇزاق! يولۇڭ ماڭغانسىرى ئېچىلغۇسى!
-
-
ئالدىنقى قېتىمقى تىمىمىزدا دىيىلگەندەك مىكرو بلوگ دىگەن بۇ يېپيېڭى ئۇقۇم ئىنتىرنېت تۇرمۇشىمىزغا قانداق تىز كىرىپ كەلگەن بولسا شۇنداق تىز ئۇلغايدىكى، ئۇنىڭ بۇنچىۋالا قىززىپ كېتىدىغانلىقى بەلكىم دەسلەپكى پروگرامما ئاچقۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىدىن ھالق...
-
بۈگۈن ئاۋام تورىدا بىر ساۋاقداشنىڭ «ھامىلدار ئاياللار كومپىيوتىر ئىشلەتسە بولامدۇ؟» دىگەن سۇئالىنى كۆرۈپ، دەماللىققا بىر نەرسە دىيەلمەي قالدىم. شۇڭا توردىن ئىزدەپ ئۇنىڭغا يوللاپ بەردىم. قارىسام ئۇيغۇرچە بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار يوق دىيەرلى...
-
-ئاينىڭ 21-كۈنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى
«ئانا تىل كۈنى» نىڭ بېكىتىلىشى:
1999 -يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن -مەدەنىيەت باشقارمىسى يىغىن چاقىرىپ ،2000-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «خەل... -
ئۇيغۇر يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
بۈگۈردە ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولغان يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشش بىلەن بىرگە خاس يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە يىمەكلىك مەدەنىيى... -
بايا تورغا چىقىپ ئولتۇرۇپ قۇلىقىمغا تىلىۋىزوردىكى ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ ئاۋازى كىرىپ قالدى. چىقىپ قارىسام شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانىسى 2- قانىلىدىكى "بۈگۈنكى سۆھبەت" پروگراممىسىنىڭ ئالىم ئەھەت مۇئەللىم بىلەن ئۆتكۈزگەن "مىكرو بلوگ" ھەققىدىكى سۆھىت...
-
ھايىت-ھۇيت دىگۈچە مانا 2010-يىلى ئاخىرلىشىپ 2011-يىلى بىزگە يېڭى ياش ئاتا قىلدى. كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىۋاتقان مۇشۇنداق دەملەردە ئۆتكەن بىر يىللىق ھاياتىمدىن قىسقىچە خۇلاسە چىقىرىپ ئارقامغا بىر قارىۋېتىشنى شۇنداقلا ئالدىمغا قاراپ كىيىنكى يىللىق ئىشلىرىمنى مۇۋاپىق پىلانغا ئېلىشىمنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ خاتىرەمنى قاناتلاندۇردۇم.
-
ئەنگىلىيە بالىلارنى قۇتقۇزۇش جەميىتى
تەلىم-تەربىيە خىزمەتچىسى-شىنجاڭ، ئۈرۈمچى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2010-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى
توختام مۇددىتى : 3 يىل
خىزمەت چۈشەندۈرۈشى
خىزمەت ئىسمى: تەلى... -
بۈگۈر ناھىيەسى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكنىڭ ئوتتۇرا قىسىمغا، تارىم ئويمانلىقنىڭ شىمالىي ياقىسغا، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاسىتنىڭ غەربىي قىسىمغا جايلاشقان. جۇغراپىيلىك كوئوردىنات ئورنى شەرقىي مېردىئان8...
-
چۇمپاق قەدىمىي قەبرىستانلىقى مەركىزىدىكى تارىختىن ئاۋۋالقى دىنار دەريا ۋادىسى مەدەنىيىتى ئىزلىرى توغرسىدا
2010-10-31
تۈرى:شەخسى خاتىرەم
چۇمپاق قەدىمىي قەبرىستانلىقى مەركىزىدىكى تارىختىن ئاۋۋالقى دىنار دەريا ۋادىسى مەدەنىيىتى ئىزلىرى توغرسىدا.
چۇمپاق قەدىمىي قەبرىستانلىقى مەركەزلىگىدىكى تارىختىن ئاۋالقى دىنار دەريا ۋادىسى مەدەنيىتىنىڭ يارىتىلىشدىكى ئاساسلار
تارىختىن ئاۋالقى- دەۋى... -
سانلار ئۆزىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن مورفولوگىيە كاتېگورىيىسىگە تەۋە بولغاچقا لېكسىكىلىق ياكى سىنتاكىسلىق تۈرلەردىن پەرقلىنىدۇ: تۈپ سانلار بولسا تەرتىپ سان ۋە كەسىر ساننى ياسايدىغان ئاساس بولۇپ، ئۇ باشقا سۆز تۈركۈملىرىدىن تېپىلمايدۇ. قەدىمكى تۈرك تىلى سان سېستىمىسى ئونلۇق سان سېستىمىسى بولۇپ، ئوننى دەۋر قىلغان سان سېستىمىسىنى قوللىنىدۇ.
-
بۇ تىل ھەققىدىكى كىتاب، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ قىزىقىدىغىنىمىز پەقەتلا تىل ئالاھىدىلىكى. شۇ سەۋەبتىن ھەرخىل تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان تۈركىي خەلقنىڭ مىللەت تەركىبىگە قىزىقىمىز. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى خەلق قالدۇرغان ياكى ئارخىئولوگلار بايقىغان ئانتروپولوگىيىلىك ياكى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئائىت بايقاشلارغا قىزىقمايمىز.
-
قەدىمكى تۈرك تىلىنىڭ گرامماتىكىسى
Hdo
A Grammay of Old Turkic
By
Marcel Erdal
-
سېرىق ئۇيغۇرلار گەنسۇدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ ئاساسەن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇنان يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ كاڭلې ،داخې، مىنغۇا ،خۇاڭچېڭ رايونى ۋە ماتى رايونلىرىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ،يەنە بىر قىسمى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جۇ چۈەن ناھىيەسى ،خۇاڭنىپۇ يېزىسىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ ئومومى نوپۇسى 1371
سېرىق ئۇيغۇرلار ھازىر ئۆزىنى يۇغۇر 尧乎尔 دەپ ئاتايدۇ. بۇ 尧乎尔 سۆز ھازىرقى 维吾尔 تارىختىكى 回鹘”、“回纥”、“袁纥”بىلەن بىر مەنىدىكى سۆز بولۇپ سۇڭ سۇلالىسىدە دەۋرىدە ئۇلار سېرىق باش ئۇيغۇر黄头回纥 يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە سېرىق ئۇيغۇر 撒里畏مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە"撒里畏兀儿", يېقىنقى زاماندا 锡喇伟古尔 ، يىڭى جۇڭگو قۇرۇلۇش مەزگىللىرىدە 撒里维吾尔دەپ ئاتالغان. 1953-يىلى خەنزۇچە ئىسىمنى قايتا بېكىتىشتە 撒里维吾尔 دەپ قويسا مىللەت نامىغا يىقىن بولىدىغانلىقى لېكىن شىنجاڭدىمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بارلىقى، ئارىلىشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقى ، دىنىنىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەر تەرەپلىمە كېڭىشىش نەتىجىسىدە يۇغۇر سوزىگە يېقىن بولغان خەنزۇچە 裕固尔 دەپ ئاتاشنى قارار قىلغان ،كىيىنچە 尔سۆزى قىسقارتىلىپ 裕固دەپ ئاتالدى.
-
ئۇيغۇر تىلىدىكى «-ئىشلە»«-قىل» پېئىلى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە - [ئۇيغۇر تىلى]
2010-08-08
تۈرى:ئۇيغۇر تىلى
4. «قىل-» پېئىلى بىلەن «ئىشلە-» پېئىلىنىڭ ئورتاقلىق ۋە پەرقلىرى
-
ئۇيغۇر تىلىدىكى «-ئىشلە»«-قىل» پېئىلى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە - [ئۇيغۇر تىلى]
2010-08-08
تۈرى:ئۇيغۇر تىلى
قىسقىچە مەزمونى: بۇ ماقالىدە مەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى «قىل-، ئىشلە-» پېئىلىنىڭ تىلىمىزدا ئىشلىتىلىش ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسى، گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى، ئۆز ئارا ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى شۇنداقلا بۇ پېئىللارنى خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلغاندا دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئۈستىدىكى قىسقىچە مۇلاھىزەمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. -
-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى
شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسى "مەدەنىيەت بوستانى" پروگراممىسىدا "باغۋەن ئائىلە" تىمىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. سۆھبەتتە كۆنچى دەريا ۋادىسىدىكى بىر ئانىنىڭ ھىكايىسى ئىنتايىن تەسىرلىك مىساللار بىلەن قىسقىلا ئوتتۇرىغا قويۇ... -
«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» 1917- يىلىدىن 1919- يىلىغىچە تۈركىيىدە تۇنجى نۆۋەت بېسىلغاندىن بۈگۈنگە قەدەر بولغان 90 يىل ۋاقىت ئىچىدە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە بار بولغان 6730 سۆز ھەققىدە تۈرك ئالىملىرى ئىچىدە ”ئەگەر بىرەر سۆز «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تە ئۇچرايدىكەن، ئۇ سۆز چوقۇم تۈركچىدۇر“ دىگەن بىر سۆز مەۋجۇت بولۇپ كەلدى، شۇڭا بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى ئويلىدىم....
-
يوللىغۇچى: بىلوگىمىزنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى :قۇتتېكىن
• تۈركولوگىيە، ئۇيغۇرشۇناسلىققا ئائىت تور بەتلەر
سىز چەتئەلدە مۇشۇ ساھەدە ئوقۇماقچى بولغان بولسڭىز ياكى چەتئەللەرنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى نەتىجىلىرىگە قىزىقىدىغان بولسىڭى... -
قىشلىق تەتىلدە ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، گېڭ شىمىن ئەپەندىنىڭ “西域文化与概述” دېگەن كىتابىدىن ھەر بىرىمىز بىردىن ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ سىنىپىمىزنىڭ نامىدا نەشىر قىلدۇرماقچى بولدۇق. مېنڭمۇ بىرەر كىتابتا ئىسمىم چىقىدىغان بولدى دەپ ئويلاپ شۇنچىلىك قىزغىنلىق ۋە ھاياجان بىلەن تەرجىمىنى باشلىدىم.
-
غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتقا يول ئېچىشى - [كروران مەدەنىيىتى]
2010-05-17
تۈرى:كروران مەدەنىيىتى
يېقىندا يۇرتۇم بۈگۈر ھەققىدە بىرەر نەرسە يېزىپ بېقىش ئويىدا ماتىرىيال ئىزدەش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، مەيلى بىر يۇرتنىڭ يۇرت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى بولسۇن ياكى شۇ رايوندا ئولتۇراقلاشقان خەلقنىڭ ئېتنوگرافىيىلىك ئالاھىدىلىكى بولسۇن شۇ جاينىڭ تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. شۇڭا ئەڭ ئاۋال جۇڭگونىڭ تارىخنامىلىرىدىن تۆۋەندىكى تارىخى قىسىملارنى خاتىرەمگە كۆچۈرىۋالدىم.
-
بۈگۈن تور ئاخىرى ئەسلىگە كەلدى، خۇشاللىقىمدىن دەرھال تورغا چىقتىميۇ دەماللىققا نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.....بۇندىن كىيىن بلوگىمغا يوللايدىغان نەرسىلىرىم يەنە نۇرغۇن،دوستلارنىڭ داۋاملىق كېلىپ تۇرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!
-
ئىنتېرنېت قامۇسىدىن گەپ باشلىساق، بىرىنچى بولۇپ كاللىڭىزغا كېلىدىغىنى چوقۇم Wikipedia. ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تور ئۈستى ئېنسىكلوپېدىيە. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان Wikipedia كۆپ قېتىم ھەم ئۇزۇن مۇددەت ھۆكۈمەت تەرەپتىن توسۇلۇپ كەلدى
دۇنياغا داڭلىق تور بىلىم بۇلىقى -wikiدۆلىتىمىزدە چەكلەشتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن بېرى ، كەڭ بىلىمخۇمار كىشىلىرىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، بۇ تور ئوكيانۇسى 2001- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، خەنزۇچە ۋىكى 2002- يىلى قۇرۇلغان، بۇ توربەتنىڭ نىشانى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بىلىمىنى مۇشۇ جايغا يوللاپ، بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن بىكارلىق بىلىم مەنبەيى بىلەن تەمىنلەش.
-
-
-
بىلەمسىز ئاپا ئېشىكتىن كىرگىنىمدە «ئاپا» دەپ ئەركىلەپ بوينىڭىزدىن قۇچاقلىغۇم،ئەكىلىڭ مەن قىلاي دەپ پەرتۇقنى تارتىۋالغۇم كېلىدۇ،بىراق شۇنداق قىلالمىدىم!قۇچىقىڭىزدا يېتىپ تېلىۋېزور كۆرگۈم،ھارغىنىڭىزدا مۆرىڭىزنى تۇتۇپ پۇتلىرىڭىزنى سىلىغۇم كېلىدۇ-يۇ شۇنداق قىلالمىدىم. كوچىلاردا بېلىكىڭىزدىن قولتۇقلاپ ماڭسام كىشىلەرنىڭ ھەۋەس بىلەن قارىشىدىن سۆيۈنۈپ كېتىدىغىنىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ سىزگە كۆپرەك ھەمراھ بولالمىدىم...
-
مىنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىڭغا چىرايلىق بولغانلىقىم سەۋەب بولغان بولسا،ئۇنداقتا بۇ مۇھەببەت ئەمەس،بەلكى ئەس-ھۇشىنى يوقاتقانلىق.
ماڭا كۆيگەنلىكىڭگە باشقىلارنىڭ بىزنى«كېلىشكەن بىر جۈپلەر»دېيشى سەۋەب بولغان بولسا،ئۇنداقتا بۇ مۇھەببەت ئەمەس،ب... -
بىل شۇنى،ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى،
مەڭگۈ پاتماس زەر قوياش،نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى،
بىپايان تىل كۆكىدە چولپان، ھۈكەر ئۇيغۇر تىلى،
مەنىلەرگە باي تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى، -
بۈگۈن سىناق تەرىقىسىدە ئالىماما ئېلانى ئىلتىماس قىلىنىپ بلوگنىڭ باش بەتنىڭ كۆرۈنەرلىك ئورنىغا قىستۇرۇلدى، تېخى رەسمى تەستىقلىنىپ ئېلان كۆرۈنمىدى، تورداشلارنىڭ باش بەت قىسمىدىكى ئالىماما ئېلانىنى چېكىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
-
result love(boy, girl)
{
if( boy.有房() and boy.有车() )
{
boy.set(nothing);
return girl.嫁给(boy); -
سۇئال :ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى رەسىمنى ياخشى كۆزىتىڭ ئاندىن تۆۋەندىكى سۇئالغا جاۋاب بېرىڭ !
رەسىمدىكىسى N=1بولغاندا كېتىدىغان سەرەڭگە تېلىنىڭ سانى 3بۇلىدۇ،N=2بولغاندا كېتىدىغان سەرەڭگە تېلىنىڭ سانى9بۇلىدۇ،N=3بولغانداكېتىدىغان سەر... -
《گۈزەل، مەنىلىك ساپ ئۇيغۇر كېشى ئىسىملىرىدىن نەمۇنىلەر》的转发 - [ئۇيغۇر تىلى]
2008-11-18
تۈرى:ئۇيغۇر تىلى
此篇文章为《گۈزەل، مەنىلىك ساپ ئۇيغۇر كېشى ئىسىملىرىدىن نەمۇنىلەر》的转发,原文章地址为:http://www.blogbus.com/kroran-logs/31046510.html
原文摘要:
تۇغۇلغوسى پەرزەنتىڭىزگە ساپ ئۇيغۇرچە گۈزەل، مەنىلىك ئىسىملارنى قويغىڭىز بارمۇ ؟ تۈۋەندىكى ئىسىملارنى كۆرۈپ بى... -
1-تۈرك...
دۆلەت تەۋەلىكى -تۈركىيە، بۇلغارىيە، ئىراق، سۈرىيە، سپروس.- نوپۇسى44.500.00
2- ئۆزبىك...
دۆلەت تەۋەلىكى - ئۆزبىكستان ،ئاففانىستان، جۇڭگو، قىرغىزستان.-نوپۇسى24.78.000
3-ئەزەربەيجان...
دۆلەت تەۋەلىكى - ئەزەربەيجان، تۈركى... -
2009-يىللىق مەملىكەتلىك ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى نەق مەيدان تىزىملىتىش خىزمىتى پات ئارىدا باشلىنىدۇ - [ئاسپىرانت،چەتئەلگە چىقىش]
2008-11-04
2009-يىللىق مەملىكەتلىك ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى نەق مەيدان تىزىملىتىش خىزمىتى پات ئارىدا باشلىنىدۇ،مېنىڭ بىلىدىغىنىم شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى 11-ئاينىڭ 10-14 كۈنلىرى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئاسپىرانتلار بىناسى بىرىنچى قەۋەت چوڭ زالىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈنۈملۈك ئىسپاتلارنى (مەسىلەن كىملىك،ھەربىيدىن قايتىش كېنىشكىسى...)،تولۇق كۇرس دېپلوم،ئۇنۋان،ھەمدە توردا تىزىملارتقاندا ئېرىشكەن تىزىملىتىش نۇمېرىنى ئېلىپ نەق مەيدانغا بېرىپ،ئىلىكترونلۇق رەسىمگە چۈشۈش،ئىمتىھان پۇلى تاپشۇرۇش ،ئۇچۇرلىرىنىڭ توغرىلىقىغا ئىمزا قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆتىسە بۇلىدۇ.ئەگەر توردا تىزىملىتالمىغانلار بولسا،10-چېسلا نەق مەيدانغا بېرىپ،تەستەق نۇمىرىنى ئالغاندىن كىيىن،10-چېسلادىن 13-چېسلاغىچە جۇڭگو ئاسپىرانتلار ئۇچۇر تورىدا تىزىملاتسا بۇلىدۇ،ھەمدە14-چېسلا نەق مەيداندا مۇقىملاشتۇرۇشى كېرەك.
-
باراك ئوباما ۋە ماككايىنلارنىڭ پىرىزىدىنتلىق تۇنجى مۇنازىرسى ئۇيغۇرچە - [ئېنگىلىز تىلى]
2008-10-07
تۈرى:ئېنگىلىز تىلى
باراك ئوباما ۋە ماككايىنلارنىڭ پىرىزىدىنتلىق تۇنجى مۇنازىرسى
مىسسپى 26-سىنتەبىر 2008-يىلى
تەرجىمە قىلغۇچى :تاھىر ئىمىن
ئاۋاز بىلەن فىلىمنى ماسلاشتۇرغۇچى:كروران -
بۇ سۆھبەت بىلىك كۇلۇبىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ،مەن سۇئاللارنىڭ تەرتىپىنى توغرىلاپ رەتلەپ قويدۇم.تولۇق نۇسخىسى بۇ يەردە.
-
جۇڭگودىكى ئەڭ كىچىك داشۆگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىنى ئاڭلىغانمۇسىز؟ئۇ بۈگۈنكى كۈندە يېشى ئەڭ كىچىك ئاسپىرانتقا ئايلاندى.
بۇيىل 9-ئاينىڭ 2-كۇنى 13 ياشلىق جاڭشىنيىڭ ئاتا-ئانىسىنڭ ھەمرالىقىدا بىيجىڭ سانائەت ئۇنۋىرسىتتغا كىلىپ ئۆزىنى تىزىملاتتى. ئۇ 5 ياش ۋاقتىدا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپ،10ياش ۋاقتىدا ئالى مەكتەپ ئمتىھانىدىن ئۆتكەن بولۇپ 3 يىل ئوقۇپ 4-يىلى ئاسپىرانتلىققا قۇبۇل قىلىندى .ئۇ ھازىر بىيجىڭ سانائەت ئۇنۋىرسىتىتى ماتىماتىكا سېستىما پەنلەر ئنستىتوتىنىڭ ئاسپىرانتى بولدى. -
ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئادىلجان ئابلىز سىزغان كارتون رەسىمى
-
رادىل ئابلا ئەپەندىنىڭ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدا سۆزلىگەن نۇتقى - [ئۇيغۇر دوكتورلىرى]
2008-09-12
تۈرى:ئۇيغۇر دوكتورلىرى
-
-
دۇنيادا ئاياللار بولمىسا بولمايدۇ،ئەگەر ئاياللار بولمايدىكەن،بۇ دۇنيا 50 پىرسەنت ھەقىقەتتىن ،70 پىرسەنت مېھرىبانلىقتىن ،100 پىرسەنت گۈزەللىكتىن مەھرۇم قالىدۇ." -سۇن جۇڭشەن
"ئۆز قەدرى بىلەن كىشى ھچقاچان خار بولماس."... -
بىز دائىم ستۇدېنت، ئاسپىرانت ،باكلاۋىر،ماگىستىر،،دوكتور،دوكتور ئاشتى،پروففىسور دىگەندەك ئاتالغۇلارنى ئاڭلايمىز.ۋە يەنە نۇرغۇنلار بۇ ئاتالغۇلارنى ئالماشتۇرۋالىدۇ.سىز بۇلارنى پەرىقلەندۈرەلەمسىز؟
-
يوقارقىjeck نىڭ مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتورلىرى دىگەن يازمىسىنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم،5-6 يىللار ئىلگىرى " بۈگۈنكى ئۇيغۇر دوكتورلىرى" دىگەن كىتابنى كۆرگىنىمدىمۇ بالىلىق قەلبىمدە مەنمۇ مۇشۇلاردەك داڭلىق ئالىم بولسام دەپ شۇنچە ئۈمىدكە تولغا...
-
كروران قەدىمىي شەھرىنىڭ ئورنى چاقىلىق ناھيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىدا بولۇپ، ناھيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 300كىلومېتىر كېلىدۇ، لوپنۇر كۆلىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆنچى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىنىڭ 7كىلومېتىرلىق ئورنىدا،جۇغراپى...