




-
مىكرو بلوگ ھەققىدە شەنبىلىك پاراڭلار
2011-03-26
تۈرى:
ئالدىنقى قېتىمقى تىمىمىزدا دىيىلگەندەك مىكرو بلوگ دىگەن بۇ يېپيېڭى ئۇقۇم ئىنتىرنېت تۇرمۇشىمىزغا قانداق تىز كىرىپ كەلگەن بولسا شۇنداق تىز ئۇلغايدىكى، ئۇنىڭ بۇنچىۋالا قىززىپ كېتىدىغانلىقى بەلكىم دەسلەپكى پروگرامما ئاچقۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىدىن ھالقىپ كەتتى. ئۇنداقتا ئەتراپىمىزدىكى مىكرو بلوگ يازغۇچىلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشنى، ئۇلارنىڭ مىكرو ھىكايىلىرىنى ئاڭلاشنى خالامسىز؟ تىمىمىزنىڭ داۋامىغا مەرھەمەت!
微薄، يەنى مىكرو بلوگ بولسا، ئەڭ دەسلەپكى مىكرو بلوگ ئامرىكىدا بارلىققا كەلگەن twitter بلوگ سۇپىسىدۇر. 2006- يىلى بلوگ تېخنىكىسىنىڭ ئاۋانگارتى blogger.com نىڭ قۇرغۇچىسى ئېۋان ۋىلىيام قۇرغان يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن شېركەتObvious شۇ ۋاقىتتا大围脖 مۇلازىمىتىنى ئاچتى. ئەڭ دەسلەپتە بۇ مۇلازىمەت پەقەت توردىكى دوستلارنىڭ يانفونىغىلا ئۇچۇر يوللاش ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى. 2006-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مۇلازىمەت دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىن كىيىن، ئابونتلار يانفون نۇمۇرىنى كىرگۈزمەي تۇرۇپلا ئۆزىگە خاس بولغان twitter تورىدا ئىنتايىن قولاي ھالدا ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى بارلىق ئابونتلارغا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا يوللىيالايدىغان، قوبۇل قىلالايدىغان بولدى. ئېنىق ئاشكارىلانغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ بلوگ سۇپىسىنىڭ ئابونتى 2010-يىلى 1-ئايغا قەدەر 75 مىليۇنغا يەتكەن.
2009-يىلى 8-ئايدا، دۆلىتىمىزدىكى چوڭ بىكەتلەرنىڭ بىرى 新浪 تورى新浪微博 مىكرو بلوگنى ئىچكى قىسىمدا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇپ، جۇڭگودىكى خەنزۇ يېزىقىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغان ئابونتلارنىڭ تۇنجى مىكرو بلوگ سۇپىسى بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مىكرو بلوگ دۆلىتىمىزگە رەسمىي كىردى. ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مىكرو بلوگ تەمىنلەش سۇپىسى twitter بىلەن 新浪微博نىڭ قولىدا.
大围脖 مىكرو بلوگ سۇپىسى بولسا، 2009-يىلى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان بىر نەچچە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار تەرىپدىن ئېچىلغان مىكرو بلوگ سۇپىسى بولۇپ، 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 1- كۈنى بۇ گورۇپپا ئەزالىرى دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، بۇ مىكرو بلوگ سۇپىسى دۆلىتىمىزدىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مۇھىتى ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئالقىشلىق مىكرو بلوگقا ئايلىنىپ قالدى. بۇ بلوگ ئوخشاش تۈردىكى بلوگلار ئىچىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرى ماڭدۇرىدىغان بىردىنبىر بىكەت بولۇپ قالدى.
مىكرو بلوگ نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
مىكرو بلوگ، ئۇ دۇنياغا «ھەممە ئادەم سۆزلىيەلەيدىغان، ھەممە ئادەم باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالايدىغان» دەۋرنى باشلاپ كەلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق كومتىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ياشلار ژورنال رىداكسىيىسى تارقىتىدىغان 新晨 ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 3-ئايلىق سانىنىڭ تېشىدىكى مۇقاۋىسىغا چوڭ قىلىپ 微薄演义 تىمىسى بېسىلغان بولۇپ، بۇ سان ژورنالدا مەخسۇس شىنجاڭدىكى بلوگ تەرەققىياتى ۋە بىر قىسىم بلوگگىرلارنىڭ ھىكايىلىرى بېرىلدى. تۆۋەندىكىلەر شۇلارنىڭ بىر قىسىمى:
孙峰 949 قاتناش ئۇچۇرلىرى «飞飞说天气» پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى. ئۇ ئالدىنقى يىلى قىشتا ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق قاتناش قىستاڭچىلىقىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى يىغىندا ئولتۇرۇپلا، يىغىندا بولۇنۇۋاتقان پىكىر-تەكلىپ، ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندىلا يانفونى ئارقىلىق مىكرو بلوگقا يوللىۋەتكەن، ئۇ تېخى يىغىندىن چىقماي تۇرۇپلا بۇ خەۋەرلەر بلوگدا تارقىلىپ ئاممىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىۋەتكەن. ھازىر ئۇ تىپىك «微博控» بولۇپ قالدى. «مەن شىنجاڭدىكى مىكرو بلوگدا بىۋاستە تارقىتىشقا يول ئاچقان بىرىنچى كىشى» دەيدۇ ئۇ ئۆزىدىن پەخرلەنگەن ھالدا.
پەزىلەت مۇتەللىپنىڭ ھىكايىسى
پەزىلەت مۇتەللىپ 2010-يىلى تورداشلار تەرىپىدىن «ئەڭ چىرايلىق ئارخىتېكتور» دىگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر قىزى. ئۇنىڭ بۇ نامغا ئېرىشىشىنىمۇ ئۆزى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. 2010-يىلى پەزىلەت مۇتەللىپ خىزمەتداشلىرى بىلەن قەشقەرگە بېرىپ بىر نەچچە كۈن شۇ جايدىكى يەرلىك خەلىقلەر بىلەن تونۇشۇپ ھال-مۇڭ بولۇشۇپلا كەتكەن، شۇ جەرياندا لايىھەلىگەن قەشقەردىكى كونا كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىشكە سۇنغان بىر لايىھەسى مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن. بۇ ۋاقىتتا چەتئەلدە ئىلمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان پەزىلەت چەتئەلدىكى زىيارىتىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەندە، ئۆزىنىڭ توردا ئەڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، رەسىملىرىنىڭ توردا تارقىلىپ ھەممىنىڭ ئۆزىنى «ئەڭ چىرايلىق ئارخىتېكتور» دەۋاتقانلىقىنى تېخى بىلمەيتى. ئۇ خىزمەتداشلىرىدىن بۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندا ھەم ھەيران بولغان ھەم ھاياجانلانغان ھالدى:« بۇرۇن مەن پەقەت QQ بوشلۇقىغا قىزىقاتتىم، مىكرو بلوگ دىگەنلەرنى بىلمەيتىم. ئەمدى مەنمۇ مىكرو بلوگ يازىمەن» دىدى. ھازىر پەزىلەتنىڭ مىكرو بلوگى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى لايىھەلىرىنى نامايەن قىلىدىغان، دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى ئوخشاش كەسىپتىكىلەر ۋە باشقا قىزىققۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سورۇنى بولۇپ قالدى.
ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشەن 2011-يىلى 1-ئايدا خەلق تورىدا «奋力前行 给力新疆» تىمىسىدا باھار بايرىمىلىق تىلەك يوللىدى. جاڭ چۈنشەن شۇجى يەنە مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ قىشتىكى قاتناش قىستاڭچىلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئامما ئارسىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن «يېشىل لېنتا» ھەركىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۈرۈمچىنىڭ تېمپراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 28 سېلتسىيە گرادۇسقا يېتىپ، 23 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ سوغۇق بىر كۈن بولدى. مىكرو بلوگ مانا مۇشۇ چاغدىمۇ كارامىتىنى كۆرسەتتى. مىكرو بلوگ ئارقىلىق تارقالغان «يېشىل لېنتا» ھەرىكىتىنى قوللاش تەشەببۇسى ئارقىلىق قىسقىغىنە نەچچە كۈندىلا ماشنىلىرىغا يېشىل لېنتا تاقىغان ئامما 2000 دىن ئېشىپ كەتتى. بىر توردىشىمىز توردا مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قالدۇردى.
-«给力新疆,给力“绿丝带”,给力好心人»
تېخىمۇ يېڭى مەزمونلار كروران تورىدا:
评论