ئۆزى نۇمۇر چېكىنى بېكىتىدىغان 34 ئالىي مەكتەپ2009-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتاھانى يۈز تۇرانە ئىمتاھانىنىڭ نۇمۇر چېكىنى ئېلان قىلدى
2009-يىل 3-ئاينىڭ 26-كۈنى جوڭگو ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش تورىدىن ئېلىندى
ماگىستىر ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش ئىمتاھانىنىڭ قوبۇل قىلىش چېكى كېلەر ئاينىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.مائارپ نازارىتى بۇ يىل 50 مىڭ نەپەر ماگىستىر ئاسپرانتىنى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن،بۇ يىل ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش ئىمتاھانىنىڭ نۇمۇر چېكىنىڭ چۈشىدىغانلىقى دېققەت تىمىسىغا ئايلىنىپ قالغان.كۆپ ساندىكى كەسىپلەرنىڭ نۇمۇر چېكى ئۆتكەن يىلقىغا قارىغاندا 10 نۇمۇر ئەتراپىدا چۈشىدىكەن ھەتتا بەزى كەسىپلەرنىڭ 40 نۇمۇر ئەتراپىدا چۈشىدىكەن.
نۆۋەتتە،ئۆزى نۇمۇر چېكىنى بېكىتىدىغان 34 ئالىي مەكتەپ2009-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتاھانى يۈز تۇرانە ئىمتاھانىنىڭ نۇمۇر چېكىنى ئېلان قىلدى.كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ نۇمۇر چېكى ئۆتكەن يىلقىدىن چۈشكەن،مەسىلەن چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پەلسەپە كەسپىنىڭ بۇ يىلقى نۇمۇر چېكى 345،ئۆتكەن يىل بولسا 355 ئىدى.ئىقتىساد كەسپىنىڭ نۇمۇر چېكى 15 نۇمۇر چۈشكەن.بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ نۇرغۇن كەسىپلىرىنىڭ نۇمۇر چېكى ئۆتكەن يىلقىدىن 5~10 نۇمۇر چۈشكەن.
بۇ 34 ئالىي مەكتەپ :(مۇناسىۋەتلىك مەزمونلارنى مەنبەدىن كۆرۈڭ)
ئېلان ئورنى