




-
سېرىق ئۇيغۇرلار گەنسۇدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ ئاساسەن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇنان يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ كاڭلې ،داخې، مىنغۇا ،خۇاڭچېڭ رايونى ۋە ماتى رايونلىرىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ،يەنە بىر قىسمى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جۇ چۈەن ناھىيەسى ،خۇاڭنىپۇ يېزىسىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ ئومومى نوپۇسى 1371
سېرىق ئۇيغۇرلار ھازىر ئۆزىنى يۇغۇر 尧乎尔 دەپ ئاتايدۇ. بۇ 尧乎尔 سۆز ھازىرقى 维吾尔 تارىختىكى 回鹘”、“回纥”、“袁纥”بىلەن بىر مەنىدىكى سۆز بولۇپ سۇڭ سۇلالىسىدە دەۋرىدە ئۇلار سېرىق باش ئۇيغۇر黄头回纥 يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە سېرىق ئۇيغۇر 撒里畏مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە"撒里畏兀儿", يېقىنقى زاماندا 锡喇伟古尔 ، يىڭى جۇڭگو قۇرۇلۇش مەزگىللىرىدە 撒里维吾尔دەپ ئاتالغان. 1953-يىلى خەنزۇچە ئىسىمنى قايتا بېكىتىشتە 撒里维吾尔 دەپ قويسا مىللەت نامىغا يىقىن بولىدىغانلىقى لېكىن شىنجاڭدىمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بارلىقى، ئارىلىشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقى ، دىنىنىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەر تەرەپلىمە كېڭىشىش نەتىجىسىدە يۇغۇر سوزىگە يېقىن بولغان خەنزۇچە 裕固尔 دەپ ئاتاشنى قارار قىلغان ،كىيىنچە 尔سۆزى قىسقارتىلىپ 裕固دەپ ئاتالدى.
-
غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتقا يول ئېچىشى - [كروران مەدەنىيىتى]
2010-05-17
تۈرى:كروران مەدەنىيىتى
يېقىندا يۇرتۇم بۈگۈر ھەققىدە بىرەر نەرسە يېزىپ بېقىش ئويىدا ماتىرىيال ئىزدەش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، مەيلى بىر يۇرتنىڭ يۇرت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى بولسۇن ياكى شۇ رايوندا ئولتۇراقلاشقان خەلقنىڭ ئېتنوگرافىيىلىك ئالاھىدىلىكى بولسۇن شۇ جاينىڭ تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. شۇڭا ئەڭ ئاۋال جۇڭگونىڭ تارىخنامىلىرىدىن تۆۋەندىكى تارىخى قىسىملارنى خاتىرەمگە كۆچۈرىۋالدىم.
-
-
-
بۈگۈر – بۈگۈنكى بايىنغۇلىن موڭغول ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيىسىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇ كورلا بىلەن كۇچا ئارلىقىغا جايلاشقان .«بۈگۈر» نامىنىڭ ئېتمولوگىيسى ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردىن تېخى ئىلمىي يەكۈن چىقىرىلغىنى يوق . بەزىلەر بۇ سۆزنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ‹ بۆكۈ › قەبىلىسىنىڭ نامىدىن كەلگەن . چۈنكى بۈگۈر ۋە قارا شەھەر ئەتراپىىدا، تارىختا ‹بۆكۈ › قەبىلىسى پائالىيەت ئېلىپ بارغان .» دېسە ، يەنە بەزىلەر«بۇ نام ‹بۈركۈت › ، ‹ بۈرگە › سۆزلىرىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن» دېيىشىدۇ . خەن سۇلالىسى دەۋردىلا خەنزۇچە لۇنتەي —«轮台» ياكى «仑头» ( لۇنتۇ ) دەپ خاتىرىلەنگەن ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخى قەھىرمانلىق داستانى —« ئوغۇزنامە » دە تىلغا ئېلىنغان «ئورۇمتاي » (« رۇمتاي » مۇ دىيىلگەن ) دېگەن ناملار ئوخشاش مەنىدىكى يەر ئىسمى بولۇپ ، بۈگۈرنىڭ قەدىمكى ساك تىلىدىكى ئاتىلىشىدۇر. ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ
-
ئۆز تارىخىنى ئۇنتىغان مىللەتنى تارىخمۇ ئۇنتۇيدۇ. تارىخ تەرىپىدىن ئۇنتۇلغان مىللەت دۇنيادىمۇ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى يۇقاتقان بولىدۇ. گەرچە بىز تارىخ تەرىپىدىن ئۇنتۇلغان مىللەت بولمىساقمۇ " مۇھەممەد روھىي ئۇيغۇر قەشقىرى " گە ئوخشاش تارىخنىڭ بىزنى ئۇنتۇپ قېلىشىغا ئۆزىنىڭ گېگانت ئەسەرلىرى بىلەن قەتئى يول قويمىغان تۆھپىكار ئالىملىرىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىشىمىزنىڭ ئۆزى ، دەل تارىخنىڭ بىزنى ئۇنتۇپ قېلىشىغا يول قۇيىۋاتقانلىقىمىزدىن دىرەك بىرىدۇ، ئەلۋەتتە . بىز ئەنە شۇ بوشلۇقلارنى تولدۇرۋېلىش ئۈچۈن سۈيۈملۈك ، مۆھتىرەم ئۇستازىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېزدەش ۋە ئۇنىڭ ھاياتىنى باشقىلارغا تۇنۇشتۇرۇش يولىدا ئىزدىنىپ، ھەر قايسى تىللاردا يېزىلغان نۇرغۇن ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا مۇيەسسەر بولغان بولساقمۇ ، ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە يېزىلغان بىرەر ماترىيالغا ئىگە بۇلالمىدۇق. چۈنكى ئىخلاسمەن ، دىيانەتلىك ئالىم " مۇھەممەد روھىي ئۇيغۇر قەشقىرى "« ئۆزى ھەققىدە يېزىش رىياكارلىققا باشلايدۇ، رىياكارلىق ئىنساننى ئاقىۋەت دۇزاخقا ئاپىرىپ تاشلايدۇ» دېگەن ئەقىدىسى بۇيىچە ئۆزى ھەققىدە ھېچ نەرسە يېزىپ قالدۇرمىغان ئىكەن. بىز كۆپ سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرى پاكىستاننىڭ كاراچى شەھرىدە نەشىر قىلىنىدىغان " ئەمەلى سائىنس " ژورنىلىنىڭ باش تەھرىرى، سۈيۈملۈك ئۇستازىمىزنىڭ ئوغلى مۇھەممەد بوغرا ئۇيغۇر بىلەن 2001- يىلى ، 8 – ئايدا كاراچىدا كۆرۈشۈپ ، ئۇنىڭ ئەسلەپ بەرگەنلىرى ئاساسىدا ، بۇ قىسقىچە تەرجىمىھالنى رەتلەپ چىقىشقا مۇيەسسەر بولدۇق
-
قىزىل گۈلۈم
لوپنۇر خەلق ناخشىسى -
The ancient city of Loulan was a small city established in the Western Regions in ancient times. It was in the western bank of Lop Nur, an only route by which to pass the Ancient Silk Road. In those days, around Loulan City there were criss-cross networks of waterways, shades of green tress, row upon row of houses, crowds of merchants and travelers doing brisk trades. But what makes people at a loss to account for is that such a city once with a population of thousands, its business economy fully developed, suddenly disappeared from the history after several prosperous centuries.
-
بۈگۈر ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ جەنوبى،تەكلىماكان ئويمانلىغىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان.ئومومى يەر مەيدانى 14789 كۋادىرات كىلومېتىر.ناھىيە تەۋەسىدە 11.1 تۈمەن نوپۇس بار.
-
غەرب دۇنياسىدىكى تۇنجى دەرسلىك -نەبىجان تۇرسۇننىڭ ;ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى - [كروران مەدەنىيىتى]
2008-08-07
تۈرى:كروران مەدەنىيىتى
ېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەرب دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى ئۈستىدىكى مەخسۇس ئوقۇ-ئوقۇتۇش ھەم تەتقىقات پائالىيەتلىرى قانات يايماقتا. -
كروران قەدىمىي شەھرىنىڭ ئورنى چاقىلىق ناھيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىدا بولۇپ، ناھيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 300كىلومېتىر كېلىدۇ، لوپنۇر كۆلىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆنچى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىنىڭ 7كىلومېتىرلىق ئورنىدا،جۇغراپى...
-
ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتى توغرىسىدا - [كروران مەدەنىيىتى]
2008-07-26
تۈرى:كروران مەدەنىيىتى
ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتى توغرىسىدا
ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن
ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا توپلىشىپ ياشايدىغان غوللۇق، يەرلىك مىللەت ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزگۈچى مىللەت. ئۇيغۇرلار پارچە ھالە... -
قەدىمكى كروران ۋە كروران مەدەنىيىتى غالىب بارات ئەرك