




-
غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتقا يول ئېچىشى - [كروران مەدەنىيىتى]
2010-05-17
تۈرى:كروران مەدەنىيىتى
يېقىندا يۇرتۇم بۈگۈر ھەققىدە بىرەر نەرسە يېزىپ بېقىش ئويىدا ماتىرىيال ئىزدەش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، مەيلى بىر يۇرتنىڭ يۇرت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى بولسۇن ياكى شۇ رايوندا ئولتۇراقلاشقان خەلقنىڭ ئېتنوگرافىيىلىك ئالاھىدىلىكى بولسۇن شۇ جاينىڭ تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. شۇڭا ئەڭ ئاۋال جۇڭگونىڭ تارىخنامىلىرىدىن تۆۋەندىكى تارىخى قىسىملارنى خاتىرەمگە كۆچۈرىۋالدىم.
-
بۈگۈر – بۈگۈنكى بايىنغۇلىن موڭغول ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيىسىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇ كورلا بىلەن كۇچا ئارلىقىغا جايلاشقان .«بۈگۈر» نامىنىڭ ئېتمولوگىيسى ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردىن تېخى ئىلمىي يەكۈن چىقىرىلغىنى يوق . بەزىلەر بۇ سۆزنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ‹ بۆكۈ › قەبىلىسىنىڭ نامىدىن كەلگەن . چۈنكى بۈگۈر ۋە قارا شەھەر ئەتراپىىدا، تارىختا ‹بۆكۈ › قەبىلىسى پائالىيەت ئېلىپ بارغان .» دېسە ، يەنە بەزىلەر«بۇ نام ‹بۈركۈت › ، ‹ بۈرگە › سۆزلىرىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن» دېيىشىدۇ . خەن سۇلالىسى دەۋردىلا خەنزۇچە لۇنتەي —«轮台» ياكى «仑头» ( لۇنتۇ ) دەپ خاتىرىلەنگەن ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخى قەھىرمانلىق داستانى —« ئوغۇزنامە » دە تىلغا ئېلىنغان «ئورۇمتاي » (« رۇمتاي » مۇ دىيىلگەن ) دېگەن ناملار ئوخشاش مەنىدىكى يەر ئىسمى بولۇپ ، بۈگۈرنىڭ قەدىمكى ساك تىلىدىكى ئاتىلىشىدۇر. ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ
-
بۈگۈر ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ جەنوبى،تەكلىماكان ئويمانلىغىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان.ئومومى يەر مەيدانى 14789 كۋادىرات كىلومېتىر.ناھىيە تەۋەسىدە 11.1 تۈمەن نوپۇس بار.
-