باش بەت  كروران مەدەنىيىتى  ئاسپىرانت،چەتئەلگە چىقىش  ماتىماتىكا  ئېنگىلىز تىلى  تەرمىلەر 
كروران بلوگى قۇرۇلغىلى
  • بۈگۈن تور ئاخىرى ئەسلىگە كەلدى، خۇشاللىقىمدىن دەرھال تورغا چىقتىميۇ دەماللىققا نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.....بۇندىن كىيىن بلوگىمغا يوللايدىغان نەرسىلىرىم يەنە نۇرغۇن،دوستلارنىڭ داۋاملىق كېلىپ تۇرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

  • بۈگۈن سىناق تەرىقىسىدە ئالىماما ئېلانى ئىلتىماس قىلىنىپ بلوگنىڭ باش بەتنىڭ كۆرۈنەرلىك ئورنىغا قىستۇرۇلدى، تېخى رەسمى تەستىقلىنىپ ئېلان كۆرۈنمىدى، تورداشلارنىڭ باش بەت قىسمىدىكى ئالىماما ئېلانىنى چېكىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
  • ئىنتېرنېت قامۇسىدىن گەپ باشلىساق، بىرىنچى بولۇپ كاللىڭىزغا كېلىدىغىنى چوقۇم Wikipedia. ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تور ئۈستى ئېنسىكلوپېدىيە. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان Wikipedia كۆپ قېتىم ھەم ئۇزۇن مۇددەت ھۆكۈمەت تەرەپتىن توسۇلۇپ كەلدى

    دۇنياغا داڭلىق تور  بىلىم بۇلىقى -wikiدۆلىتىمىزدە  چەكلەشتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن بېرى ، كەڭ بىلىمخۇمار  كىشىلىرىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، بۇ تور ئوكيانۇسى 2001- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، خەنزۇچە ۋىكى 2002- يىلى قۇرۇلغان، بۇ توربەتنىڭ نىشانى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بىلىمىنى مۇشۇ جايغا يوللاپ، بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن  بىكارلىق بىلىم مەنبەيى بىلەن تەمىنلەش.
        

  • ئەڭ يېڭى خەۋەر،دۆلىتىمىزنىڭ شېنجوۋ 7-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى(神舟七号) ئۆگۈنلۈككە بېجىڭ ۋاقتى سائەت 16:00 (يەنى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى) رەسمىي يوسۇندا قويۇپ بېرىلمەكچى.ھازىر ئاللىقاچان تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى.

    دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ئالەم كېمىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى دۆلىتىمىزنىڭ ئايغا چىقىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىم دۇنيا سەھنىسىدە چاقنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ،بۇ كېمە پۈتكۈل خەلىقىمىزنىڭ ۋە ئاۋئاتسىيە ئىشلىرىمىزنىڭ ئۈمىدى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشى.بۇ ئالەم كېمىسى ۋەزىپىسنىڭ مۇۋەپىقىيەتلىك بولۇشى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنۋېرسال كۈچى ۋە پەن-تېخنىكا سەۋىيىسىنىڭ ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر بۇ ۋەزىپە ئەمەلگە ئاشسا دۆلىتىمىزنىڭ روسىيە،ئامرىكىدىن كېيىن ئۈچىنىچى بولۇپ ئالەم كېمىسىنى بوشلۇققا چىقارغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.يەنە دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم كېمىسى تېخنىكىسىنىڭ ئۆسكەنلىگىنى چۈشەندۈرىدۇ.

    مانا بۇ مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر.

    شېنجوۋ7-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىش مۇنارى

  •  بۈگۈن كەچتىكى مەملىكەت خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە،سەنلۇ ماركىلىق بوۋاقلار سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلەنگەن بوۋاقلارۋەقەسىدىن كىيىن،گوۋۇيۈئەن بۇ ئىشقا جىددى قارا پ ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان.دۆلەتلىك سەھىيە-سۈپەت تەكشۈرۈش نازارىتى قاتارلىق كۆپ ئورۇنلارنى تەشكىللەپ ،باسقۇچ بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان .ھازىر مەملىكەت بويىچە 175 زاۋۇت بوۋاقلار سۈت مەھسولاتىنى ئىشلەيدىغان  بۇلۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە  69 زاۋۇت ھازىر بوۋاقلار سۈت پاراشوكى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلغان.بۇ قېتىمقى مەخسۇس تەكشۈرۈشتە 109 دىن ئارتۇق كارخانا ۋە بۇ كارخانىلارنىڭ 490 دىن ئارتۇق مەھسولاتىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بۇلۇپ،22 كارخانا 69 خىل مەھسولاتتا مىقتارى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە三聚氰胺 بايقالغان.بۇلار  سەنلۇ،مۆشۈكئېيىق...، يەنە تېخى بىز ھەر كۈنى تېلىۋىزوردا ئىلانىنى كۆرىدىغان ياشىلى ،ئادەمنى چۆچۈتىتىدىغىنى بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان يىلى ماركىسىمۇ ئالدىنقى نەچچىنچى ئورۇندىكەن،بۇ 69 مەھسولات نامى ۋە زەھەرلىك ماددا مىقتارى ئېلان قىلىندى.بۇ خىل ماددا بوۋاقلارنىڭ بۆرىكىگە تاش چۈشۈشكە سەۋەب بولىدىكەن. ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچۈتىدۇ.

     

  •  

    بۇ يىل مىلادىيە 2008-يىلى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ يىلنى <مەھمۇد قەشقىرى يىلى> قىلىپ بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى، تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشى، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئويۇشتۇرۇشى بىلەن دۇنيا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ئورگىنى قارار ماقۇللاپ، بۇ يىلنى مەھمۇد قەشقىرى يىلى قىلىپ بېكىتتى       
          

  • تۈنۈگۈن كەچ سائەت 10 دا داڭلىق بىئولوگىيە ئالىمى، ئامرىكىلىق ئۇيغۇر دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بېيجىڭغا يىتىپ كەلدى. بۈگۈن ئەتتىگەن سائەت 10دا، جۇڭگۇ تىببى پەنلەر ئاكادىمىيىسىغا كىلىپ، ئۆزى تەتقىق قىلىۋاتقان ھايۋانلارنىڭ گېن تەرەققىياتى ۋە تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى توغرىسىدا دوكلات بەردى. جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئۇنى تەكلىپلىك پىرۇفىسورلۇققا تەكلىپ قىلىپ، كىنىشقا تارقىتىپ بەردى. ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ قازاقىستاننىڭ غۇلجىغا يىقىن چىگرا رايۇنىغا جايلاشقان غالجات دىگەن ئۇيغۇر مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالمۇتادا، ئالىي مەكتەپتىن دوكتۇرلۇققىچە مۇسكىۋادا ئوقۇغان، ئۇ 1995-يىلى ئامرىكىدىكى ئۇتاھ شىتاتلىق ئۇنۋېرستىتتا دوكتۇر ئاشتى تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1997-يىلى ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنۋېرستېتىتىغا تەتقىقاتچى بولۇپ كىرىپ، ھازىرغىچە شۇ ئۇنۋېرستېتتا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.