باش بەت  كروران مەدەنىيىتى  ئاسپىرانت،چەتئەلگە چىقىش  ماتىماتىكا  ئېنگىلىز تىلى  تەرمىلەر
  • 16-قېتىملىق «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» نى خاتىرىلەيمىز

    2011-04-23

    تۈرى:

    بۈگۈن يەنى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
    ھېچقىسى يوق، سىزلا ئەمەس ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ كۈننى بىلمىسە كېرەك. بۇ يىلدىن باشلاپ بولسىمۇ بۇ كۈننى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇش، تورنىڭ تەشۋىقات ۋاستىلىق رولىدىن پايدىلىنىپ بۈگۈنكى مۇشۇ «كروران كىتاب ئوقۇش كۈنى تەشۋىقات پائالىيىتى»مىز ئارقىلىق كروران تورىدىكى تورداشلاردىن باشلاپ ھەممىمىز تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بىر ياخشى كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەش مەقسىتىدە بۇ تىمىنى تەييارلاپ ئولتۇرۇپتىمىز. ۋاقىت قىسلىقى تۈپەيلىدىن تىمىمىزدا ساقلانغان مەسىلىلەر بولسا داۋاملىق تۈزىتىلىدۇ. ئالدى بىلەن بۇ كۈننىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنىشىنى سىلەرگە قىسقىچە تونۇشتۇرماقچىمەن.

    «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» ھەققىدە
    «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» يەنە «دۇنيا كىتاب ۋە نەشىر ھوقۇقى كۈنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1995-يىلى خەلقئارا نەشىرىيات سودىگەرلىرى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان خاتىرە كۈنىدۇر. بۇ كۈننىڭ تەسسىس قىلىنىشتىكى مەقسىتى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى كىتاب ئوقۇشقا ۋە يېزىقچىلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش.

    «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» نىڭ بارلىققا كېلىشى
    1972- يىلى ب د ت مائارىپ پەن-مەدەنىيەت كومىتېتى پۈتۈن دۇنياغا «كىتاب ئوقۇش تىپىدىكى جەمئىيەتكە يۈزلىنەيلى» دەپ چاقىرىق قىلغان. 1995 -يىلى خەلقئارا نەشىرىيات ئۇيۇشمىسى ھەر يىلى 4- ئاينىڭ 23-كۈنىنى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» قىلىپ بېكىتىش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھەمدە بۇ لايىھە ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ب د ت مائارىپ پەن-مەدەنىيەت كومىتېتىغا تاپشۇرۇلغان. كىيىن رۇسىيە ھۆكۈمىتىمۇ بۇ لايىھەگە نەشىر ھوقۇقى دىگەن ئۇقۇمنىمۇ قوشۇپ قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.


    ب د ت مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 23 - ئاپرىلنى « دۇنيا كىتاپ ئوقۇش كۈنى » قىلىپ تاللىشىنىڭ ئارقىسىدا مۇنداق بىر گۈزەل رىۋايەت بار .
    23 - ئاپرىل ئىسپانىيىلىك مەشھور ئەدىب سېرۋانتسنىڭ ماتەم كۈنى ، شۇنداقلا كاتالان رايونىدىكى خەلقنىڭ « سانت گېئورگىي بايرىمى » . رىۋايەت قىلىنىشىچە ، گېئورگىي ئەجدىھانى ئۆلتۈرۈپ مەلىكىنى قۇتۇلدۇرغان ھەم مەلىكىنىڭ تەشەككۇر سوۋغىسىغا ئېرىشكەن . بۇ سوۋغات ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇدرەت سىمۋۇل قىلىنغان بىر كىتاپتىن ئىبارەت بولغان . شۇنىڭدىن كىيىن ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە كاتالان رايونىدىكى ئاياللار ئەرلىرىگە ياكى ئەر دوستلىرىغا بىر پارچە كىتاپ سوۋغا قىلىدىغان ، ئەرلەرمۇ جاۋابەن بىر تال ئەتىرگۈلنى قايتۇرۇپ سوۋغا قىلىدىغان بولغان .
    ئەمەلىيەتتە ، بۇ كۈن ھەم شېكىسپېرنىڭ تۇغۇلغان ھەم ئالەمدىن ئۆتكەن خاتىرە كۈنى ، شۇنداقلا ئامېرىكىلىق يازغۇچى نابوكوف ، فرانسىيە يازغۇچىسى مورىس ۋە ئوكىئانىيىلىك نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى - لاكىسنېس قاتارلىق كۆپلىگەن ئەدەبىيات سەركىلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى . شۇڭا بۇ كۈن ئىسمى - جىسمىغا لايىق « دۇنيا كىتاپ ئوقۇش كۈنى » بولالايدۇ .


    بۇ كۈننى تەسسىس قىلىشنىڭ مەقسىتى

    دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەيلى نامرات بولسۇن مەيلى باي بولسۇن، مەيلى كېسەل بولسۇن مەيلى ساغلام بولسۇن، مەيلى قېرى بولسۇن مەيلى ياش بولسۇن بارلىق كىشىلەرنى كىتاب ئوقۇش خۇشاللىقىدىن بەھرىمان قىلىش، دۇنيا مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان ئەدەبىيات، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن، سىياسى ئۇستازلارغا رەھمەت ئېيتىش ۋە ئۇلارنىڭ نەشىر ھوقۇقىنى قوغداشتىن ئىبارەت.


    بۇ كۈندىكى پائالىيەتلەر

    ھەر يىلى بۇ كۈندە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يۈزلىگەن دۆلەتلەر ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ بۇ كۈننى خاتىرىلەپ كەلمەكتە. دۆلىتىمىزدە بۇ كۈننى تېخى نۇرغۇن كىشى ئۇقمايدۇ. تېخى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان بەزى كۈتۈپخانىلار ۋە نەشىرىيات ئورۇنلىرى بۇ كۈننى خاتىرىلەش ئۈچۈن بىر قىسىم ئاممىۋىي خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.


    كىتاب ئوقۇشنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن زور. بىر ياخشى كىتاب كىشىلىك ھاياتنى ئۆزگەرتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. بىر مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسى، كۆپ چاغلاردا شۇ مىللەتنىڭ كىتاب ئوقۇش روھى تەرىپدىن بەلگىلىنىدۇ. ئىناق جەمىيەت قۇرۇشتا، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەر بىرىمىز ئەستايىدىللىق بىلەن بىر ياخشى كىتابنى ئوقۇيلى!

    كىتاپ ھەققىدە ئەقلىيە سۆزلەر

    كىتاپ-ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ شوتىسىدۇر.(گوركىي)
    كىتاپ ئوقۇمىغاندا ياخشى تەربىيەگە ئىگە بولغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا ئادەمدە ئاق-قارىنى پەرق ئېتىش قابىلىيىتى شەكىللەنمەيدۇ.(ھېللىن)
    بىر پارچە كىتاپ خۇددى بىر كېمىگە ئوخشاش بىزنى تار بوغۇزلاردىن تۇرمۇشنىڭ پايانسىز دېڭىزغا ئېلىپ بارىدۇ.(كېللىي)
    بىر شەھەرگە باھا بېرىشتە، شۇ شەھەردە قانچىلىك كىتاپخانا
    بارلىقىغا قاراش كېرەك.(رۇبىنسىتان)
    كىتاپسىز ئۆي-جانسىز تەنگە ئوخشايدۇ.(شىسرو.قەدىمكى رىم)
    كىتاپ-قەلبىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەكتۇر.(جىببۇن.ئەنگلىيە)
    كىتاپ-ياشلارنى تەربىيلەپ، ياشانغانلارنىڭ قەلبىگە مەلھەم بېرىدۇ؛ خاپىلىقلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، سىزنى بەختىيار قىلىدۇ؛ ئائىلىڭىزدە سىزگە خۇشاللىق بېغىشلىسا، سىرىتلاردا سىزگە ھەمراھ بولىدۇ.(شىسرۇ-- قەدىمكى رىم)
    مەن خۇددى خەسىسلەر بايلىققا ئىنتىلگەندەك، كىتابقا ھېرىسمەن بولۇپ كەلدىم. (مېنتون.فرانسىيە)
    كىتاپقا بولغان مۇھەببەت مىنىڭ ھاياتىمدىكى ئىپتىخارىم ۋە شەرىپىم. دۇنيادىكى بارلىق جاۋاھىراتلارنى بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى كىتاپلىرىمغا تىگىشمىگەن بولاتتىم؛ قىرائەتخانام-مىنىڭ ئىجادىيەت بۇلىقىم شۇنداقلا ئەڭ زور خۇشاللىق مەنبىيىمدۇر.(جىببۇن--ئەنگلىيە)

    分享到:
    ئېلان ئورنى