باش بەت  كروران مەدەنىيىتى  ئاسپىرانت،چەتئەلگە چىقىش  ماتىماتىكا  ئېنگىلىز تىلى  تەرمىلەر
  • ئوقۇغۇچۇمغا يېزىلغان تۇنجى خەت

    2011-05-25


    سالام خەت
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    گۈلنار، تېچلىقمۇ؟ ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟ ئۆگىنىشىڭىز ئۇتۇقلۇق كېتىۋاتامدۇ؟ ئاتا-ئانىڭىز ۋە ئۆيىڭىزدىكىلەر ياخشى كېتىۋاتامدۇ؟ باشقىلارچۇ، ساۋاقداشلىرىڭىزغا مېنىڭ سالىمىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ.
    مەن ئەسلى ئۆتكەن مەۋسۈمدىلا سىزگە ۋە باشقا ساۋاقداشلارغا خەت يازغۇم كەلگەنىدى، لىكىن ئىزچىل شۇنداق بىر خىيالىمنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي كەلدىم، مانا بۈگۈنمۇ قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ئولتۇرماقتىمەن، لىكىن پىكىرلىرىم چېچىلىپ گېپىمنىڭ باش-ئاخىرىنى تېپىپ بولالمايۋاتىمەن ( ھەي، مۇشۇ يېزىقچىلىق دېگەن ئاجايىپ مۇھىم ھۈنەركەن جۇمۇ، سىزمۇ ھازىردىن باشلاپ ياخشى يېزىقچىلىق ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈڭ، مانا مەندەك بولغاندا پۇشايمان قىلىسىز) گېپىمگە كەلسەم، مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن سىلەرنى ئۇنتۇيالمىدىم،سىلەر بىلەن خەلق مەيدانىدا چۈشكەن رەسىملەرنى پات-پاتلا كۆرۈپ تۇرىمەن، بەزىدە كۆزۈمگە ياش كېلىدۇ، توۋا،سىلەرگە شۇنچىلىك ئىچىكەپ كەتكىنىمنى سىلەردىن ئايرىلغاندىن كىيىن ئەمدىلىكتە ھېس قىلماقتىمەن،ھېلىمۇ يادىمدا،ئەشۇ چاغلاردا بەزىدە مەكتەپتىكى ئىشنىڭ تولىلىقىنى باھانە قىلىپ سىلەرگە ئۆتىدىغان دەرسكە بەزىدە تەييارلىقسىزلا كىرگىنىمنى،ئۆزۈم دەرسنى تۈزۈكرەك ئۆتۈپ بولالماستىنلا سىلەرگە بىر مۇنچە قىيىن سۇئاللارنى ئىشلەشكە بويرۇپ، ئىشلىيەلمىسەڭلار ئاچچىقلانغىنىمنى ئويلىسام سىلەردىن ئەپۇ سورىغۇم كېلىدۇ. سىلەرگە دەرسكە كىرىشىم مېنىڭ خىزمەتكە چىقىپ تۇنجى قېتىم دەرس ئۆتىشىم بولغاچ بەزى نەرسىلەرنى بەلكىم پېشقەدەم مۇئەللىملەردەك ياخشى بىلدۈرەلمىدىم، لىكىن بۇ ئىشقا مەن باھانە كۆرسىتىشنى لايىق كۆرمەيمەن، ئادەم ئۆزىگە ئۆزى باھانە ئىزدىمەسلىكى كېرەك،ئادەم قانداقلىكى ئىشنى قىلاي دەپ ئىرادە باغلىسىلا قىلالمايدىغان ئىش يوق. شۇنداق، مەن ئۆزۈمنىڭ ماتىماتىكا بىلىمىمگە ئىشىنىمەن، چۈنكى مەن ماتىماتىكىنى ياخشى كۆرىمەن،ھەم ئۇنى كىچىكىمدىن ھازىرغىچە ئون نەچچە يىل ئۆگەندىم، سىلەرگە بىرىنچى قېتىم دەرسكە كىرىپلا« مەن چوقۇم سىلەرگە ياخشى دەرس بېرەلەيمەن » دېگىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە.شۇنداق بولغاچقا مەن تىرىشتىم، ھەم سىلەرنىمۇ تىرىشسىكەن دەپ ئويلىدىم،شۇنداق بولغاچقا بەزىدە سىلەرگە ئاچچىقلانغان، بەزىدە ۋارقىرىغان، بەزىدە ئۈمىدسىزلىنىپ ،تاشلىۋەتكەن ۋاقتىم بولدى، كەچۈرۈڭلار.

    ھېلىقى كۈنى، سىز تەنەپپۇس ۋاقتىدا يۇرتىمىزدىن چىققان ئالىم ئەخمەتچان ئابلىز دوكتۇرنى تىلغا ئالدىڭىز، مەن سىزگە باشقىدىن قارىدىم، بىلەمسىز سىزنىڭ سۆزىڭىزدىن مەن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۆزۈمنى كۆرگەندەك بولدۇم، سىزدىن شۇنچىلىك سۆيۈندۈم، بىلەمسىز مەن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقىتىمدا ئاچام ماڭا «بۈگۈنكى ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى» دېگەن كىتابنى ئەكىلىپ بەردى، مەن شۇ چاغدا ھەتتا دوكتۇرنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى، دوكتۇرلارنىڭ قانداق كىشى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم، كىتابنى قولۇمغا ئېلىپلا ئوقۇشقا كىرىشتىم،ھەي، ئەسلىدە دوكتۇر دېگەن بىز دەيدىغان ئالىملاركەنغۇ؟ ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەملەركەنغۇ؟ كىچىكىدىن ياخشى ئوقۇپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە، ئاندىن يەنىمۇ يۇقىرىلاپ ئوقۇسىلا دوكتۇر بولغىلى بولىدىكەنغۇ دېگەنلەرنى بىلىۋالدىم، يەنىمۇ مۇھىمى كىتابتىكى ھەكىمە ئەرشىدىن، ئادالەت قاسىم، رەيھانگۈل غوپۇر قاتارلىق بىر نەچچە ئايال دوكتۇرلار مېنى ئالاھىدە قىزىقتۇردى، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدىنمۇ دوكتۇر ئالىملار چىقىدىكەنغۇ؟ شۇ خىياللار مېنىڭ بالىلىق قەلبىمدە كەلگۈسىدە بىر ئۇيغۇر ئايال دوكتۇر بولسام دەيدىغان بىر ئارزۇنى تۇغدۇردى. مەن ئۇ كىتابنى دائىم ئوقۇپ تۇردۇم. مەن ئادەتتە ئەتىگەندىن كەچكىچە كىتابقا چۆكۈپ ئولتۇرمايتىم، لىكىن مەن ئۆگىنىش باشلىقى بولغاچقا دەرسلەرنى ئالدىن تەكرار قىلىۋالاتتىم، بۇنداق بولغاندا مۇئەللىم دەرس ئۆتكەندە ھەممىدىن بۇرۇن ئۆگىنىۋالاتتىم-دە، مەغرۇرلۇق تۇيغۇسىدا دوسكىغا چىقىپ مەشىقلەرنى ئىشلىۋېتەتتىم، دەرستىن سىرتقى مۇزاكىرە ۋاقتىدا بالىلارغا كىچىك مۇئەللىم بولۇپ دوسكىدا بالىلارغا مىساللارنى چۈشەندۈرۈپ ئۇلارنى تاپشۇرۇق ئىشلىتەتتىم. تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىدا مەن ئۆزۈمنىڭ 591 نۇمۇر بىلەن ئوبلاست بويىچە بىرىنچى بولغانلىقىمنى بىلىپ ھەيران قالدىم، توۋا، مەن مۇشۇنداق نۇمۇر ئالدىمما؟ دېمەك مەن تىرىشسام ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىمۇ بىرىنچى بولالارمەنمۇ، كەلگۈسىدە ئالىم دوكتۇر بولالارمەنمۇ دېگەن ئارزۇيۇم تېخىمۇ كۈچەيدى. تېخىمۇ تىرىشىپ ئوقۇدۇم.

    سىزگە بۇلارنى دىيىشىم، مەن ئەشۇ قېتىم سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن شۇ گەپنى ئاڭلىغان چاغدىن باشلاپلا سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى نىشانىڭىزنى بايقىدىم، توغرا، نىشان ئادەم ئۈچۈن بىر نۇرلۇق ماياك، ئادەمدا نىشان بولغاندىلا ئۇنىڭ ھاياتى مەنىلىك ئۆتىدۇ، شۇ نىشان ئۈچۈن تىرىشىدۇ. سىزنىڭ ئىرادىڭىز سىزنىڭ شۇ نىشانىڭىزغا يېتىشىڭىزدىكى نۇرلۇق مەشئەل، ئۇ ھەر ۋاقىت سىزنىڭ يولىڭىزنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ، سىزگە توسقۇنلۇق قىلغان بارلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ، مەن سىزنىڭ شۇ ئىرادىڭىزگە قايىلمەن، سىز كىچىك تۇرۇپلا قەلبىڭىزگە ئۇلۇغ بىر غايىنى پۈكۈپسىز، ھەم شۇ غايە ئۈچۈن شۇنداق تىرىشىدىكەنسىز، داۋاملىق تىرىشىڭ، مەن سىزنى قوللايمەن، مەن بۇرۇنلا سىزگە بىر يولباشچى بولۇشنى، سىزنىڭ يېقىن دوستىڭىز، سىردىشىڭىز بولۇشنى ئويلىغان، لىكىن مېنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر بولالماسلىقىم تۈپەيلى سىز بىلەن شۇنداقلا باشقا ساۋاقداشلار بىلەن يېقىن بولۇپ كېتەلمىدىم، ھەر قېتىم سىنىپقا كىرسەم سىزنىڭ ۋە باشقا ساۋاقداشلارنىڭ شۇنداق تىرىشىپ ئۆگنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ سىلەرگە قايىل بولاتتىم سىلەرنىڭ ئائىلە شارائىتىڭلار، مەكتەپ شارائىتى شەھەر بالىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا خېلى ئارقىدا، لېكىن سىلەرنىڭ ۋۇجۇدۇڭلاردا تولىمۇ قىزغىن بىر خىل كۈچ بار، ئەقلىڭلار شۇنچە ئۆتكۈر، بولۇپمۇ ھازىر سىلەر كىچىك تۇرۇپلا ئاتا- ئاناڭلاردىن، ئۆيىڭلارىن ئايرىلىپ ياتاقتا يېتىپ ئوقىۋاتىسىلەر، يەنە تېخى ئەشۇ شەھەر بالىلىرىدىن ئۆتۈپ ئالدىدا كېتىپ بېرىۋېتىپسىلەر، سىلەر يارايسىلەر!!! يەنە بىر قېتىم سىلەرگە مۇئەللىم بولۇش پۇرسىتى كەلسە ئىدى، مەن سىلەر ئۈچۈن بارلىقىمنى تەغدىم قىلاتتىم.

    مېنىڭ بۈگۈنكى بۇ خەتنى يېزىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىم سىزگە مەدەت بېرىش، سىز بىلەن سىردىشىش، دوست بولۇش. ئۆتكەن قېتىم كۆرۈشكەندە قارىسام سىز ئازراق جىغۇرلىشىپ قاپسىز، لىكىن مېنىڭ بايقىشىمچە سىزنىڭ ئىچىڭىزدە نۇرغۇن يوشۇرۇن قابىلىيىتىڭىز، سۆزلىمەكچى بولغان گەپلىرىڭىز بار، شۇڭا بۇندىن كىيىن دادىل بولۇڭ، سىنىپتا مەكتەپتە پىكىر قىلىشقا توغرا كەلسە، باشقىلار نىمە دەپ قالار دەپ ئولتۇرماي دادىل سۆزلەڭ. بىلىمەن، ھازىر ئۆيدىن ئايرىلىپ ئازراق تەنھالىق ھېس قىلىۋاتقىنىڭىز، باشقىلاردىن خىجىل بولۇپ پاراڭلىشالماسلىقىڭىز نورمال ئەھۋال، بىراق ۋاقىت ھەممىنى ھەل قىلىدۇ، ھازىر مەكتەپكىمۇ كۆنۈپ قالغانسىز، مەكتەپنى بۇرۇنقى مەكتەپتەكلا ئىللىق ئائىلىڭىز ھېس قىلىڭ، كىيىنچە ئالىي مەكتەپتە ئوقىسىڭىز ھەتتا ھازىرقى مەكتىپىڭىزنى ئەسلەپ ياش تۆكۈشىڭىز مۇمكىن، ئادەم دىگەن شۇنداق نەرسە، مۇھىتقا ئاسان ماسلىشالمايدۇ. بولۇپمۇ بىز قىزلار. سىز بەك ئەقىللىق، تىرىشىپ ئۆگىنىسىز، لىكىن ئېسىڭىزدە بولسۇن، سالامەتلىك ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسىراڭ، بەك كىتابقا كىرىشىۋالماڭ، مۇۋاپىق باشقا پائالىيەتلەرگىمۇ قاتنىشىڭ، ئەتىگەندە چېنىقىڭ، چۈشلەردە ئۇخلاپ ئارام ئېلىڭ، ئۆگىنىشنى ئۆزىڭىزگە بېسىم قىلىۋالماڭ، ئۆيگە كەلگەندە ئاپىڭىزغا ياردەملىشىڭ، ئۇكىڭىزغا كىچىك بولسىمۇ تەسىر كۆرسىتىڭ. پائالىيەتچان بولۇڭ، سەنئەت پائالىيەتلىرىگىمۇ قاتنىشىڭ، بولسا سىنىپنىڭ ھەيئەتلىكىگە سايلىنىش پۇرسىتى بولسا ۋەزىپە ئۆتەڭ، سىزنى چېنىقتۇرىدۇ. ھازىرقى جەمئىيەتتە كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىنتايىن مۇھىم، ئۇ سىزنىڭ باشقىلار بىلەن سىردىشىشىڭىزدا،ئۆزىڭىزنى باشقىلارغا تونۇشتۇرىشىڭىز، قابىليىتىڭىزنى نامايەن قىلىشتا، ئىشلىرىڭىزنى يۈرۈشتۈرىشىڭىزدە ئىنتايىن مۇھىم.

    بىز قىزلار نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئۆزىمىزگە سىرداش ھەمراھ ئىزدىگۈمىز كېلىدۇ، شۇ پەيتتە سىز ئالاقىگە ماھىر بولمىسىڭىز يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ قالىسىز ھەتتا ئۈنسىز ياش تۆكىسىز، مانا مەنمۇ بەزىدە شۇنداق بولىمەن، كىشىلەر بىلەن مۇڭداشقۇم كېلىدۇ، لىكىن قەلبىمدىكىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن ياكى دىگۈم كەلمەيدۇ، سەۋەبى كىچىكىمدىن شۇنداق ئادەتلىنىپ قالغانىكەنمەن، شۇڭا سىز ھەرگىز بۇ جەھەتتە مەندىن ئۆگەنمەڭ. كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ئۆگىنىڭ، مۇئەللىملىرىڭىزگە تارتىنماي گەپ قىلىڭ، ياتاقداشلىرىڭىز بىلەن سىردىشىڭ، سىنىپىڭىزدا پائالىيەتچان بولۇڭ، تارتىنىپ ئولتۇرىۋالماڭ.

    دەرستىن سىرت كىتابلارنى ئوقۇپ تۇرۇڭ (كېلەر قېتىم سىزگە كىتاب ئەۋەتىپ بېرەي). بۇ نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭىيتىدۇ. ھازىر ئىمتىھانغىمۇ خېلى بار، ئەڭ مۇھىمى دەرسلىك كىتابنى ئالدىن كۆرۈش، سىز بىر ھەپتىلىك دەرسلەرنى ئالدىنئالا كۆرىۋېلىپ، بالىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋېلىپ سىناپ بېقىڭ، ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ، مۇشۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرىۋالسىڭىزلا سىز دائىم سىنىپنىڭ ئالدىدا ماڭالايسىز-دە. سىزدە ئۆزىڭىزگە ئىشىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، بۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئۆزىگە ئىشىنىش كىشىنى ئاجايىپ كۈچكە ئىگە قىلىدۇ، مۇشۇ كۈچ سىزنى نىشانىڭىزغا يېقىنلاشتۇرىدۇ.

    خەنزۇتىلىنى ياخشى ئۆگىنىڭ، ھەر كۈنى ئاز-ئازدىن يادىلاڭ. ئويلىغانلىرىڭىزنى خەنزۇچە يېزىشنى، خەنزۇچە پاراڭلىشىشنى سىناپ بېقىڭ. ھازىر مەيلى نەگىلا بارماڭ، قانداقلا ئىمتىھانغا قاتناشماڭ، خەنزۇتىلى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇڭا ھەر كۈنى ئەتىگەندە خەنزۇتىلىنى يېرىم سائەت يادىلاپ بېرىڭ.

    يەنە بىرى سىزدە ئىككىلىنىش تۇيغۇسى بولمىسۇن، سىز ھەرگىز مەن بىر دېھقاننىڭ قىزى، كەلگۈسىدە ئۆيدىكىلەر مېنى ئوقۇتماي قويارمۇ، ئاپام مېنى ئوقۇتىمەن دەپ بەك جاپا تارتىپ كېتەرمۇ، ھازىرمۇ ماڭا جىق پۇل كېتىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق ئوقىۋەرسەم دادام ئاپام تاپقان پۇلنىڭ ھەممىسىنى مەنلا تۈگىتىۋېتەرمەنمۇ، بالدۇرراق ئوقۇشۇمنى تۈگىتىپ ئۆيگە ياردەملىشىپ، ئۇلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتەيمۇ-يە دېگەنلەرنى ھەرگىز ئويلىماڭ، بىلەمسىز؟ سىز ئوقۇمىسىڭىز ئۆيدىكىلەرگە بىر ئۆمۈر يۈك بولىسىز، تۇرمۇشلۇق بولغان تەقدىردىمۇ تولۇقسىزنى ياكى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا تۇرمۇشلۇق بولغانلارنىڭ ھازىرقى جەمئىيەتتە ياخشى ئۆي تۇتۇپ، پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيلىيەلىشى ناتايىن. كەلگۈسىدە يەنە ئاتا-ئانىڭىزغا تايىنىدىغان ئىش چىقىدۇ، ئۇنىڭدىن سىز ياخشى ئوقۇسىڭىز، ئوقۇپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرسىڭىز ئاپىڭىزنىڭ دادىڭىزنىڭ ھاردۇقى چىقىدۇ، ھازىرقى جاپالىرىمۇ كۆزىگە كۆرۈنمەيدۇ. ماقۇلمۇ؟

    ئاپىڭىز مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، مەن ئۇنىڭ سىماسىدىن سىز بىز ئۆگىنىشكە تىگىشلىك نۇرغۇن خىسلەتلەرنى ۋە جاسارەتنى، ئۈمىد ئارزۇ نىشان بىلەن ياشاشنى كۆردۈم، ئۇ ھەقىقەتەن سىزنىڭ ئۈلگىلىك ئانىڭىز ئىكەن. ئۇ ئۆزى ئوقۇيالمىغان بولغاچقا سىزنى بەكمۇ ئوقۇتقۇسى بار ئىكەن، ئۇ ئىنتايىن جانلىق ئىكەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىشقا، بىلىم ئىگەللەشكە ماھىر ئىكەن. مانا بۇلار سىزنىڭ ئاپىڭىزدىن ئۆگىنىشكە تىگىشلىك ئىشلىرىڭىز. تېخىمۇ ياخشى يېرى، ھازىر دۆلەتمۇ سىزدەك ياخشى ئوقۇيدىغان دېھقان پەرزەنتلىرىگە ياخشى شارائىت. پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ، پەقەت سىز ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلىسىڭىزلا دۆلەت ھەقسىز ئوقۇتىدۇ. ھازىر ھەر يىلى شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتىغا 400 نەپەر، پىداگوگىكا (ئوقۇتقۇچىلىق) خاراكتېرلىك مەكتەپلەرگە 2000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئالىي مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇتۇشنى يولغا قويىۋاتىدۇ، بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر يەنە ئوقۇش پۈتتۈرسە خىزمەتكە بېۋاستە تەقسىم قىلىدۇ. دېمەك، سىزگە ئەنسىرىگۈدەك ھېچ ئىش يوق.

    بۇندىن كىيىن مېنى ئۆز ئاچىڭىزدەك ياكى دوستىڭىزدەك، سىردىشىڭىزدەك كۆرسىڭىز بولىدۇ، قانداق ئىش بولسا ماڭا خەت يازسىڭىزمۇ، تېلىفون قىلسىڭىزمۇ ياكى ئىلىكترونلۇق خەت ئەۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. خېتىمنى تاپشۇرىۋالسىڭىز باشقا ساۋاقداشلارنىمۇ سالىمىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ، باشقىلارغىمۇ خەت يازغۇم بار ئىدى، بۈگۈنچە مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي، خېتىمنى تاپشۇرىۋالسىڭىزلا ماڭا خەت قايتۇرىۋېتىڭ، بولمىسا خېتىم يوقاپ كەتتىمىكىن دەپ قالماي يەنە...

     

    分享到:
    ئېلان ئورنى