




-
2-ئاينىڭ 21-كۈنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى
2011-02-21
تۈرى:
-ئاينىڭ 21-كۈنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى
«ئانا تىل كۈنى» نىڭ بېكىتىلىشى:
1999 -يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن -مەدەنىيەت باشقارمىسى يىغىن چاقىرىپ ،2000-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى » (International Mother Language Day) قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى جاكارلىغان.
«ئانا تىل كۈنى» نىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى:
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن -مەدەنىيەت باشقارمىسىنىڭ 1999-يىلى، « خەلقئارا ئانا تىل كۈنى » نى بېكىتىشى، شۇ يىلىدىكى بېنگالنىڭ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 1952-يىلى 2- ئاينىڭ 21-كۈنى، يەنى بىنگال پاكىستانغا قارايدىغان دەۋردە، بىنگال خەلقى بېنگال تىلىنى دۆلەت تىلىنىڭ بىرى قىلىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغاندا، خەلق ئاممىسى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 5 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قۇربان بولغان. بېنگال مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كىيىن، ئەنە شۇ نەچچە نەپەر «تىل قۇربانلىرى» غا ئاتاپ خاتىرە مۇنار تىكلىگەن.
«ئانا تىل كۈنى» نى بېكىتىشنىڭ تەخرسىزلىكى:
ئانا تىل بولسا بىر مىللەتنىڭ ئالاقىلىشىش قورالى، شۇنداقلا شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە سالاھىيىنىڭ بەلگىسى. بىراق، ئۇچۇرلاشقان جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە يەر شارىلىشىشنىڭ تىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، يېرىمدىن كۆپرەك تىل يوقىلىش گىردابىغا ماڭماقتا. دۇنيادا ھازىر 7000 خىلدىن ئارتۇق تىل بار. بىراق بۇنىڭ ئىچىدە 96% نى ئىگەللىگەن تىللارنى ئىشلىتىدىغان نوپۇس دۇنيا نوپۇسىنىڭ پەقەت 4 % نىلا ئىگەللەيدۇ. ب د ت مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت باشقارمىسىدىكى غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا مەسئول خادىم سىمىزنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيادىكى يېرىمدىن كۆپرەك تىل ھازىر يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. ئىككى ھەپتىدە دىگۈدەك بىر خىل بۇ دۇنيادىن يوقىلىدىكەن. ئەگەر بۇنىڭغا مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىلمايدىكەن، كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، نەچچە يۈز يىلدىن كىيىن يەر شارىدا ئىشلىتىلىدىغان تىل نەچچە يۈزلا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر كۆپ مىقتاردىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە ئىقتىسادىي سېلىنمىنىڭ ياردىمى بولسا، ئېھتىمال نەچچە مىڭ تىل ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بىراق، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، دۇنيا تىلىنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ كەلگۈسى ئىنتايىن خىرە. سىمىزنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى ئارقىلىق تىلنىڭ يوقىلىشىنى كونترول قىلغىلى بولىدىكەن. ۋېلش تىلى، كانادادىكى ھىندىئان تىلىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالىدۇر.
ئۇنداقتا ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىشتا نىمىلەرنى قىلىش كېرەك؟
تىلنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چوقۇم بىر قاتار شەرتلەرنى قانائەتلەندۈرۈش كېرەك. ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھۆكۈمەت تىلىنى بېكىتىش، ئېتىراپ قىلىش، قانۇن تۇرغۇزۇش، سىياسەت بەلگىلەش، ۋە يېتەرلىك ئىقتىساد ئارقىلىق سىياسەتنى ئەمەلىللەشتۈرۈش. شۇنداق قىلغاندىلا ھۆكۈمەت تىلى ياخشى ساقلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىلنى تەسۋىرلەش، تەرجىمە قىلىش، خاتىرىلەش، ئارخىپ تۇرغۇزۇش، تارقىتىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. چوقۇم ئىملا قائىدىسىنى بېكىتىش، لۇغەت تۈزۈش، دەرسلىك تۈزۈش كېرەك، شۇنداقلا مائارىپ سېستىمىسى، ئاخبارات ۋاستىلىرى، تور بوشلۇقى قاتارلىقلار ھەر خىل شەكىلدە بۇنىڭغا قاتنىشىشى كېرەك.
ئىنتېرنىت تورىنىڭ ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىشتىكى رولى نىمە؟
بۈگۈنكىدەك يەر شارىلىشىش ۋەزىيىتىدە، تور بوشلۇقىغا كىرىش بىر تىلنىڭ ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تور بوشلۇقى بىر تىلنىڭ دۇنياغا بىلىنىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىنى كۈچەيتىدۇ. توردىكى يۆتكىلىش بۇ خىل تىلغا يېڭى ئىقتىدارلارنى قوشىدۇ. ياشلارنى ئۆزىگە تارتىدۇ. سىمىزنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ب د ت مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت باشقارمىسىنىڭ يەنە بىر مۇناسىۋەتلىك تۈرى، تور مۇھىتىدا قانچە خىل تىلنىڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى باھالاشنى مەقسەت قىلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە (2006-يىلى) ئىنتىرنېت تورىدا پەقەتلا نەچچە يۈز خىللا تىل ئىشلىتىلىپتۇ. يەنە خېلى كۆپ ساندىكى تىللار ئىنتىرنېت تورىدا پەقەت ئىنتايىن قىسقىلا ماتىرىياللاردا بار ئىكەن. بىر خىل تىلنىڭ سېستىمىلىق ھالدا ئومۇمىيۈزلۈك ئىنتېرنېت تورىغا كىرىشى نۇرغۇن چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدۇ. بەزىدە ئىنتايىن مۇرەككەپ. بىزنىڭ بۇ تۈرىمىز يەنىمۇ كۆپلىگەن دۆلەت ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ياردەملىشىپ كونۇپكا لاھىيەلەش، تىلنىڭ كومپىيوتىرغا كىرگۈزىلىدىغان كودىنى بەلگىلەش، مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دىتاللارنى لاھىيەلەپ بېرىش.
«ئانا تىل كۈنى» گە ئائىت پائالىيەتلەر:
ب د ت مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت باشقارمىسى 1999-يىلى ، ھەر يىلى 2- ئاينىڭ 21-كۈنىنى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» قىلىپ بىكىتكەن، ھەمدە ئانا تىلنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان. 10 يىلدىن بۇيان، مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت باشقارمىسى «مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى تەشۋىقاتى»، «مەدەنىيەت ئىپادىسىنىڭ كۆپ خىللىق ئەھدىنامىسىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش»، «تور بوشلۇقىدا كۆپ خىل تىلنى قوللىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇش» قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تىل مەسىلىسىگە بولغان دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغاپ ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەدبىر- سىياسەتلەرنى قوللىنىپ تىلنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ كەلمەكتە.
1999- يىلى، ب د ت مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت باشقارمىسى 30- قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا، ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنىڭ ئالدى كەينىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، «تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىش ۋە بىرلىشىش كۈچىنى زورايتىشتىكى ئومۇمىيۈزلۈك قىممىتىنى نامايان قىلىدۇ» دىگەننى تەشەببۇس قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2008-يىلىنى « خەلقئارا تىل يىلى» قىلىپ بېكىتىپ، دۇنيادىكى تىللارنى قوغداش ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلدى.
ب د ت مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت باشقارمىسى بېيجىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەكلىپى بىلەن، 2006- 2007- يىلى جۇڭگو كەينى-كەينىدىن «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ باش تىمىسى ئايرىم-ئايرىم «ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى كېڭەيتىش، كۆپ قىرلىق مەدەنىيەتنى تەشەببۇس قىلىش»، ۋە «كۆپ قىرلىق مەدەنىيەتنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىناق دۇنيا قۇرايلى» قاتارلىقلاردۇر.
2008-يىلى 29- نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغاندا، شۇ يىللىق «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ باش تىمىسى « كۆپ قىرلىق مەدەنىيەتنى تەشەببۇس قىلىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالايلى» قىلىپ بېكىتىلگەن.
«دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى:
«دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى، تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا كۆپ تىللاشتۇرۇش. تىل ئىنسانىيەتنىڭ شەكىللىك ۋە شەكىلسىز مىراسلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئانا تىلنى تارقىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى تىلنىڭ كۆپ خىللىقىنى ۋە كۆپ تىللىق مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئىنسانىيەتنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر خىل تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ تارقىلىشىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز-ئارا چۈشىنىش، ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆز-ئارا دىئالوگ قىلىش ئاساسىدا، دۇنيا خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر.
评论