




-
كروران بىلوگىم 1000 كۈنلۈك بولدى
2011-04-23
تۈرى:
كروران بىلوگىم 1000 كۈنلۈك بولدى
مانا ھەش-پەش دىگۈچە كروران بىلوگىم قۇرۇلۇپ 1000 كۈنلۈك بوپتۇ، بايا بۇ ساننى كۆرۈپ، كۆز ئالدىمغا بىر بوۋاقنىڭ ئانىسىنىڭ كەينىدىن تايتاڭلاپ مېڭىپ يۈرگەن ھالىتى كۆز ئالدىمغا كەلدى-يۇ، ئۆزۈمنى بىلوگىمغا ئانچە يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم. چۈنكى مەن بۇ بوۋاققا دىگەندەك كۆپ كۆڭۈل بۆلۈپ بولالمىغانىدىم. بوۋاقنى يېنىمدا قويۇپ ئۇنىڭ بوۋاقلىق خاتىرىسىنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم.
ئۈچ يىل مۇقەددەم 2008-يىلى 7-ئاي مەزگىلى
تولۇق كۇرسىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ نەچچە يىلدىن بۇيان ئويلاپ كېلىۋاتقان ئارزۇيۇم بويىچە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىغا كىرىشنى ئۈمىد قىلىپ شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاخىرىدا يەنىلا شۇ يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا ئۆتەلمەسلىكىم ماڭا قانچىلىك ئېغىر كەلگەن بولسا، كىيىن نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىمغا ئوخشاش 6 يىل ئوقۇغان بۇ گۈزەل شەھەردىن ئايرىلالماسلىق ھېسياتىدا ئۈرۈمچىدە قېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانىغا ئۈرۈمچىگە تىزىملىتىشىم ۋە ئىككىنچى بولۇپ قېلىش بىلەن تاللىنالماسلىقىم ماڭا بۇندىن كىيىن خۇددى باشقا يول يوقتەكلا بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىمنى بىراقلا يوق قىلغانىدى، شۇ چاغدا ھەتتا ئۆيگە قايتىشمۇ ماڭا شۇنچىلىك ئېغىر كەلگەنىدىكى ئۆزۈمنى خۇددى ئاتا-ئانامنىڭ مېنى ئوقۇتقان ئەجرىگە يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ ئۆيگە قايتىشنى خېلى ئارقىغا سۈرگەنىدىم. لىكىن ئامال قانچە مەكتەپ كۈدە-كۆپىمىزنى قولىمىزغا تۇتقۇزۇپ قويسا ئۆيگە قايتماي نە ئامال. شۇ بۇرۇختۇملۇقتا ئۆيگە قايتىپ ياتاق ئۆيدىن سىرىتقا چىقماسلا بولدۇم، ئاتا-ئانام، ئۇرۇق-تۇققان ئۇستازلىرىم ھەممىسى مېنىڭ ئەڭ ياخشى خىزمەت ئورنىغا ئورۇنلىشىشى كېرەك دەپ قارايتى. شۇنداق روھىي بېسىم يەلكەمدىن بېسىپ تالا-تۈزگىمۇ كۆپ چىقماس بولغان مەزگىلىمدە ئاكامنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇيغۇرچە تورلارنى كۆرۈش مېنىڭ ئەڭ كۆڭۈللۈك ئىشىمغا ئايلاندى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە بۇنداق تورغا چىقىش دىگەننى ئويلاپمۇ قويمايدىغان، كۈتۈپخانىمىزنىڭ ئىلىكترونلۇق قىرائەتخانىسىغا دائىم كىرىپ QQ غا چىقىشتىن باشقىنى بىلمەي تور دىگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپ يۈرگەن مەن بىراقلا مۇنبەر سارىڭى بولدۇم. ئاكام بۇ قىزغىنلىقىمنى كۆرۈپ ماڭا بىلوگ ياساپ بەرمەكچى بولدى. شۇنداق قىلىپ ئاكامنىڭ ياردىمىدە «كروران بلوگى»ىم ياساپ پۈتتۈرۈلدى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئاكام شۇنداقلا كومپىيوتىرنى بوشاتسا قولۇم كونۇپكا تاختىسىدا كۆزۈم ئېكراندا يۈگىرەيتتى. شۇنداق ئېسىمدە شۇ چاغدا مېنىڭ ئەڭ كۆپ كىرىدىغىنىم «بىلىك كۇلۇبى»، ئەڭ قىزىقىپ ئوقۇيدىغىنىم ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ تىمىلىرى بىلەن بۈركۈت ئەپەندى ۋە جېك ئەپەندىنىڭ تىمىلىرى ئىدى. جىك ئەپەندىنىڭ بىزدىن بىر نەچچە قارار ئىلگىرىكى «پەن-تېخنىكا سىنىپى» دا ئوقۇغانلىقىنى بىلىپ شۇنچىلىك ھاياجانلىنىپ كەتتىمكى« ۋوي بىزمۇ قىلالايدىكەنمىزغۇ، تىرىشساملا ئۇ ئىشلار مەندىن ئۇنچە يىراق ئەمەسكەنغۇ، مەيۈسلەنمەي» دەپ ئويلايدىغان بولدۇم ۋە مۇنبەردىكى ئۇلارنىڭ تىمىلىرىنىڭ ھەممىسىنى تېپىپ ئوقۇدۇم. ئۆزۈمگە ياراپ قالغان ئەسەرلىرىنى بىلوگىمغا كۆچۈرۈپ كەلدىم. بەزى كۈنلىرى ھەتتا ېېرىم كېچىدىمۇ مەن توردا بولاتتىم، ئۇزاققا قالماي يۇرتۇمدىكى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىپ بىرىنچى بولۇپ قوبۇل قىلىندىم، لىكىن مۇنبەردىكى ئەشۇ تىمىلار مېنىڭ داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئىستىكىمگە قايتىدىن ئوت يېقىۋەتتى. شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى لېكسىيەسى، بىلىكتىكى «ئامرىكىدىكىلەر بىلەن سۆھبەت» تىمىسىنى قانچىلىك قىزغىنلىق ۋە زارىقىش بىلەن ئوقۇغىنىمنى سۆزلەپ بېرەلمەيمەن، ئۇ تىما شۇ چاغدا بىر ئايغىچە داۋاملاشقان بولۇپ، مەن ھەر كۈنى كىرىپ چۈشكەن ئىنكاسلاردىن تارتىپ تەپسىلىي ئوقۇيتۇم، خىزمەتكە يېڭىلا چۈشكىنىمگە قارىماي ئىشخانىدىلەرگە ئاتىكاچىلىق قىلىپ بۇ تىمىنى ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلاتتىم، ئۇلار گېپىمگە ئانچە قىزىقمىسا ئىچىمدە خاپا بولاتتىم، شۇ چاغدىكى بىلوگ خاتىرىلىرىم تولىراق يۇقىرىدىكى بەتلەردىن كۆچرۈپ كەلگەن «ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى»،«شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن زىيارەت» دىگەندەك ئالىملارنى تونۇشتۇرۇش تىپىدىكى ماقالىلەر بولغانىدى.
كىيىنچە يۈكسەل بىلوگى مېنىڭ دائىم كىرىدىغان مەھەللەمگە ئايلىنىپ قالدى، يۈكسەلكامغا بەك ھەۋەس قىلدىم، ھەجەپ جىق ئىشلارنى بىلىدىكىنا، ھەجەپ جىق ئادەملەرگە ئەيدىز توغرىلىق مەسلىھەت بېرىدىكەن، مەنمۇ شۇنداق بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ باقسام بولاتتى دىگەنلەرنى ئويلىدىم ۋە يۈكسەلكامغا خەت يېزىپ مەقسىتىمنى ئېيتتىم، ئۇ بىرەر قۇر ئەھۋالىمنى بىلگەندىن كىيىن مېنىڭ ئەيدىزگە ئائىت خەۋەر-ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلىشىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى دىدى. مەن بىر-ئىككى خەۋەرنى تەرجىمە قىلدىم، يۈكسەل بىلوگىدا تەرجىمىلىرىمنى كۆرۈپ بېشىم كۆككە يەتتى، خۇددى ئۆزەم شۇنداق چوڭ ئىش قىلىۋەتكەندەك. شۇنىڭدىن باشلاپ مەندە تەرجىمە قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى، توختىماي باشقا بىلوگگىرلارنىڭ بىلوگىنى ئارىلايدىغان، بىلوگنى قانداق يېزىش ھەققىدە ئويلايدىغان بولدۇم، ئەمدى بىلوگىمدا باشقىلارنىڭ تىمىلىرىنى كېسىپ چاپلاپلا قويىدىغان ئەھۋاللار ئازىيىشقا باشلىدى. (يۈكسەل بىلوگىنىڭ شۇ چاغدىكى تۈرتكىسىگە رەھمەت!)
ئېھتىمال تور بەتلەرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى روھىي تۈرتكىسىدىن ۋە ئۆزۈمنىڭ ئەسلىدىن بار بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىمدىن بولسا كېرەك، ئىشقىلىپ مەن كۈندۈزى ئىشلەپ ئاخشىمى ئاسپرانتلىق ئىشتىھانىغا تەييارلىق قىلىپ دىگەندەك ئاخىرى 2009-يىل 1-ئايدا يەنە خىزمەت ئورنۇمدىن يوشۇرۇنچە ئاسپرانتلىققا ئىمتىھان بەردىم.ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان نەتىجىسىمۇ چىقتى، ئىمتىھاندىنمۇ ئۆتتۈم، خىزمەتنىمۇ قىلىۋەردىم، بىلوگىمنىمۇ يېزىۋەردىم. بىراق بۇ مەۋسۈم خىزمەت مىقتارىم خېلىلا سىجىل بولغاچقا يېرىم كېچىگىچە توردا ئولتۇرالمايدىغان، ھەتتا نەچچە كۈنلەرگىچە بىلوگىمغا كىرىپمۇ باقمايدىغان بولۇپ قالدىم، تېخى يېڭىدىن كۆتۈرۈلگەن كەشتە تىكىش قىزغىنلىقى مېنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىمنى تارتىۋالدى. شۇنىڭ خىجىلچىلىقىدا يېزىلغان بىلوگ خاتىرەم «كروران نىمىگە بۇنچە يوقاپ كەتتى». (نۇرغۇن بىلوگگىر دوستلار كروران گۈزىلىنىڭ سىرىنى يازدىمىكىن دەپ قالدى بولغاي، بۇ خاتىرەمنىڭ شۇ چاغدىكى كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغانىدى.)
شۇ خاتىرەمنى يېزىپ قويۇپ ئۇزۇنغا قالماي تور توختىتىلدى، بىراقلا كىيىنكى يىلى تور توختاپ ئېچىلغانغا قەدەر بىلوگىمنىڭ قەدرىنى قىلماي ئاسپىرانتلىق ئوقۇشۇمنىڭ ھەلەكچىلىكىدە بۇ بىر يىلنى بىلوگ يېزىلمىغان بىر يىل سۈپىتىدە قالدۇردۇم. بۇنىڭمۇ ھەر ھالدا بىر ياخشى يېرى ئاسپىرانتلىقنىڭ بىرىنچى يىلىنى ھېچ ئىشقا زېھنىمنى چاچماستىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ نەتىجىلىك تاماملىۋالدىم، بىراق تور ئېچىلغاندىن كىيىن قارىسام ئۆيدىكىدەك مۇنتىزىم تور ۋە كومپىيوتېر بولمىسا تورسىز كومپىيوتېرسىز ياتاقتا بىلوگنى بىلوگ قىلغىلى بولمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىلوگىم يەنە قارانچۇقسىز قېلىۋەردى. تەتىللەردە ئۆيگە قايتقاندا بولسا كۆپرەك زېھنىمنى «كروران مۇنبىرى» ئۈچۈن سەرپ قىلمىسام بولمايدىغان بولدى، بۇرۇنقىدەك يېرىم كېچىگىچە كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرىۋېلىشقىمۇ يۈزۈم چىدىمايدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ بۇ مەزگىلدىكى بىلوگىم نامدا بار ئەمەلدە يوق قۇرۇق خاتىرە بولۇپ قالدى.
لىكىن بوۋاقنىڭ نالىسى ئانىسىنى قاراتتى، 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىدا يۈكسەل بىلوگىدا ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان «10 چوڭ بىلوگىنى تاللاش» پائالىيىتىدە چۈشكەن بىر ئىنكاس مېنىڭ ئۇخلاپ قالغان بىلوگگىرچى كاللامنى ئويغاتتى. «كروران بىلوگى ئىنتايىن ياخشى كېتىپ باراتتى، مەن شۇنى كۆرسىتىمەن، لىكىن بۇ بىلوگنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى بەك ئاستا، يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان ئاساسەن يېزىلمىدى» دىگەن بۇ ئىنكاسنى كۆرۈپ بىر تەرەپتىن خەقلەرنىڭ مېنىڭ بىلوگىمنى ئېسىدە تۇتىۋالغىنىدىن خۇشال بولسام، بىر تەرەپتىن ئاۋۇ ئىنكاستىن بەك خىجىل بولدۇم. شۇنىڭدىن باشلاپ يەنە ئانچە-مۇنچە خەت-خەۋەر يېزىپ قويۇپ يۈردۈم. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قانچە قېتىملىق «ئۇيغۇر بىلوگ مەدەنىيىتى» ھەققىدىكى رادىيو پىروگراممىلىرىنى ئاڭلاۋېرىپ خىجىلچىلىقىم يەنە ئويغىنىپ مېنى بىلوگ يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئويغاتتى. بىراق مەن ئەمدى قانداق يېزىشىم كېرەكلىكى ئۈستىدە تېخىمۇ ئويلىنىدىغان بولدۇم، بۇرۇنقىدەك كۆچۈرۈش، كىشىلەرنىڭ ئەمگىكىدىن سۆيۈنۈپلا ھاياجانلىنىپ ئولتۇرۇش ئەمدى ماڭا ياراشمايدۇ. مەن چوڭ بولدۇم، بىلوگىممۇ چوڭ بولدى، مانا بۈگۈن ئۇ 1000 كۈنلۈك بولدى، بۇرۇن ئۆمىلەپ خەقنى دوراپ ماڭغان بولسا ئەمدى ئۆز يولىنى ئۆزى تېپىشى، بارا-بارا ئەقىل كىرىشى كېرەكتە. بىلوگىمغا شۇنداق دىگۈم بار، ئالدىڭغا قاراپ دادىل قەدەم تاشلىغىن، سەن ماڭىدىغان يول بەكمۇ ئۇزاق! يولۇڭ ماڭغانسىرى ئېچىلغۇسى!
评论