باش بەت  كروران مەدەنىيىتى  ئاسپىرانت،چەتئەلگە چىقىش  ماتىماتىكا  ئېنگىلىز تىلى  تەرمىلەر
  • بىر ئانىنىڭ قىزىغا يازغان خېتى

    2011-09-19

    تۈرى:

    قىزىم، سىرتتا قونۇپ قالماڭ


    قىزىم، يۈرەك پارەم، بۇ خەتنى سىز ئوقۇۋاتقان چاغدا بەلكىم بىزدىن يىراقتا قالغان بولىسىز. بەردەم بولۇڭ!
    قىزىم، سىز ھازىر يۇرتىمىزدىن چىققان زىيالى، خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبى بىلەن بىزدىن ئايرىلىپ يىراق يۇرتقا كېتىش ئالدىدا تۇرىسىز. كۆڭلۈم نىمىدىندۇر ئەنسىرەيدۇ قىزىم. سىز ئالىي مەكتەپكە چىقىپ ئىككىنچى يىلىلا ساۋاقدىشىڭىزنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ماڭا ئەكىلىدىڭىز، ئانا-بالىلىق مۇھەببىتىڭىزدىن تەسىرلىنىپ چېچىڭىزنى سىلىغىنىم بىلەن كۆزۈم ۋە يۈرۈكۈم ئېچىشىپ توختاپ قالغان قىزىم، نىمىشقىلىقىنى بىلەمسىز؟ بىز سىزنىڭ ئالىي مەكتەپنى ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن بىلىم ئاساسىي سېلىشىڭىزنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلاتتۇق. دادىڭىز  ئىككىمىز بەزىدە توردىن ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بالدۇرلا مۇھەببەت قاينىمىغا كىرىپ قېلىپ، قىز-ئوغۇل كەچتە ياتاققا قايتماي تورخانىدا كىنو كۆرىۋاتقان، ئەتىگەندە كۆزلىرىنى قىزارتىپ ياتاق بىناسىغا قەدەم قويغاندا ياتاق مەسئولىنىڭ كۆزگە ئىلماسلىق نەزىرىدە سەت قاراپ كىرگۈزىۋېتىدىغانلىقىنى، مەكتەپ ئىچىدە خۇددى ھايۋانلاردەك شەرمىي-ھاياسىز قىلىقلارنىڭ كۆزگە چېلىقىپ قالىدىغانلىقىنى.....دىگەندەكلەرنى كۆرۈپ قالساق سىزنىڭ بالدۇر مۇھەببەت قاينىمىغا كىرىپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلاتتۇق ۋە ئەنسىرەيتتۇق.لىكىن.....شۇ كۈنى سىزنىڭ ئەركىلەپ خۇمارلىشىپ كەتكەن كۆزىڭىزدىن نىمىنىدۇر ھېس قىلغاندەك بولغان بولساممۇ ئانىلىق نۇمۇسۇم مېنى ئارتۇق گەپ قىلدۇرمىغان ئىدى. لىكىن ئويلىغىنىمدەك مەن بۇ ئىشنى بارا-بارا تۇيۇپ قالدىم، لىكىن ئىزچىل ئېغىز ئېچىشتىن نۇمۇس قىلدىم، چۈنكى ئۇ بالا باشقا يەردىكەن، مەنمۇ بەلكىم بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى چىقماس، ياشلار ئارىسىدىكى بىر مەزگىللىك ئىشتۇ دەپ ئانچە كۆپ ئويلىنىپ كەتمىگەنىدىم
    مانا بۈگۈن سىز ئاخىرى بىزدىن ئايرىلىپ يىراق يۇرتقا يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرىسىز، بەش يىل مۇقەددەم دىيەلمىگەن گېپىمنى بۈگۈن بۇ خەت ئارقىلىق  بولسىمۇ دىيىش مەجبۇرىيىتىم بار دەپ قارىدىم. سىز بىز قىز بالا، خىزمەت ۋە باشقا جەھەتلەردىن سىزگە ئىشىنىمەن، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان بىلىمىڭىز بۇلارنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ بۇ ئىشلارغا قابىل. لىكىن تۇرمۇش جەھەتتىن سىزگە ئازراق نەسىھەتىمنى ئاڭلاڭ
    سىز مېنىڭ جەمئىيەتكە سۇنغان بىر مېۋەم بولۇشتىن بۇرۇن ئاللاھنىڭ يەر يۈزىگە قىز شەكىلدە ئەۋەتكەن پاكلىق ئەلچىسىسىز. ئەگەر سىز جىسمىڭىزنى ۋە روھىيىتىڭىزنى ناپاكلىق سەۋەبىدىن بۇلغىسىڭىز، بۇ ھايات سىزنى مېنى شۇنداقلا پۈتكۈل ئەل-جامائەتنى جازالايدۇ. سىز مېنىڭ ئالدىمدىلا ئەمەس مىللەت ئالدىدا ۋەتەن ئالدىدا جاۋابكار بولىسىز......سىز ھازىر ياقا يۇرتتا، كىشىنىڭ يۇرتىدا سىز پەقەت ئۆزىڭىزگىلا ئەمەس ئائىلىمىزگىمۇ ئەمەس يۇرتىمىزغا ۋەكىللىك قىلىسىز. خىزمەتچى بولغانكەنسىز يۇرتىمىز زىيالىسىغا ۋەكىللىك قىلىسىز. يۈرۈش-تۇرۇش گەپ-سۆزدە ئەدەبلىك بولۇڭ، كىشىلەر سىز ئارقىلىق يۇرتىمىز قىزلىرىغا باھا بېرىدۇ. يات جايغا بارغاندا بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ گەپ-سۆز، سالام-سائەت ئادىتىنى تىز ئۆگىنىۋېلىڭ، چوڭلارغا سالام-سائەتلىك بولۇڭ. كىيىم-كېچەكنى بىزنىڭ ئۆيىمىزدىكىدەك ياكى ئۈرۈمچىدىكى مەكتىپىڭىزدەك كىيسىڭىز ئەمدى قاملاشمايدۇ، تار ئىشتان، تار مايكىلارنى كىيمەڭ، بۇرۇنقىدەك قالايمىقان خەتلەر يېزىلغان زەنجىرلەرنى ھالقىلارنى ئاسماڭ، قولىڭىزغا قالايمىقان ئۈزۈكلەرنى تاقىۋالماڭ. كىشىلەر ئالدىدا كۆپ سۆزلەپ بىلەرمەنلىك قىلماڭ. يەنە بىر ئەڭ مۇھىم گەپ قىزىم، چوقۇم ياتىقىڭىزدا يېتىڭ! بۇرۇن سىز ئالىي مەكتەپتە چاغدا تولا "ئۇ دوستۇمنىڭ ياتىقىغا كەلگەن"، "ياتىقىمغا پالانىي دوستۇم كەپتىكەن" دىگەن گېپىڭىزنى ئاڭلىغاندىمۇ شۇنداق دەيتتىم قىزىم، قىز بالا دىگەن خەقنىڭ ئۆيىدە يېتىپ كۆنۈپ قالسا قەتئىي بولمايدۇ. ھازىر سىز ئۇنىڭ يۇرتىغا كېتىۋاتىسىز، شۇڭا بۇ گەپنى تېخىمۇ بەك يادىڭىزدا تۇتۇڭ، مەيلى قانچىلىك يېقىن دوستىڭىز، تونۇشىڭىزنىڭ ئۆيى ياكى ياتىقى بولسۇن، مەيلى قانچىلىك چىڭ تۇتۇۋالسۇن ياكى قانچىلىك مۇھىم ئىش بىلەن سىرتقا چىقماڭ چوقۇم قايتىپ ياتىقىڭىزغا كېلىڭ، سىز ھەرگىز سىرتتا يېتىپ قالماڭ قىزىم، خىزمەت ئورنىڭىزدىن ياتاق بېرىدىكەن دىدىڭىز، چوقۇم شۇ ياتاقتا يېتىڭ. ئەتىگەندە تالادا يۈرسىڭىز ياكى ئەتىگەن سەھەردە سىرتتىن كەلسىڭىز خەق سۆز-چۆچەك قىلىدۇ قىزىم. تەسىرىڭىز ياخشى بولمايدۇ. بۇ سىزنىڭ يۈزىڭىز قىزىم، بۇ بىزنىڭ يۈزىمىز! ئەل-جامائەت ئالدىدا يۈزىمىزنى يورۇق قىلىڭ قىزىم! سىز كىيىن ياتلىق قىلىنغاندىن كىيىنمۇ قالايمىقان سىرتتا قونۇپ قالسىڭىز بولمايدۇ، تويدىن كىيىنمۇ قىزلار ئالاھىدە ئىشلار بولۇپ قالسا چوقۇم ئېرىنىڭ رۇخسىتىدە ئۆزىنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ قونىدۇ، نىمىشقا چۈنكى بىز قىز بالا، بىز ئانا بولغۇچى، بىزگە ئەل ئەخلاقى شۇنداق تەلەپ قويغان. بىز ئۆزىمىزنى تەربىيلىيەلمىسەك بالىمىزنى قانداق تەربىيلەيمىز؟
    كورىيەلىكلەرنىڭ بىر ئادىتى بارمىش، يەنى ھەر قانداق ئادەم ھەر كۈنى كىيىمىنى ئالماشتۇرىدىكەن، ئەگەر ئۇ ئەتىسى كىيىمىنى ئالماشتۇرماي ئىشقا كەلگەن بولسا باشقىلار ئۇنى «ئاخشىمى ئۆيگە كىرمەپتۇ» دەپ ئويلايدىكەن. بۇ يەردىكى «ئاخشىمى ئۆيگە قايتماپتۇ» دىگەن گەپنى ئۇلار ناھايتى ئېغىر ئالىدىكەن يەنى بىزدىكى «بۇ ئادەم تالاغا قاراپ قاپتۇ» ياكى «بۇ ئايال بۇزۇلۇپتۇ» دىگەندەكلا ئاھانەتلىك سۆزكەن.

    بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىدىمۇ ئەرلەر سىرتتا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە سەپەرگە چىقىپ كەتكەندىن باشقا چاغلاردا  چوقۇم ئۆيگە قايتىشى كېرەك. قىز-ئاياللارغا بۇ تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى ئەلۋەتتە. ئەنئەنىمىزدە قىز-ئاياللار ھەر قانداق باھانە بىلەن سىرتتا قونۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ توي قىلمىغان قىزلار سىرتتا يۈرسە ئەل-جامائەت يات نەزەردە قارايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھەرخىل سۆز-چۆچەكلەر تارقىلىدۇ. بۇ ئادەتنى مېنىڭچە ھەرگىزمۇ قالاقلىق، خەقنىڭ ئارقىسىدىن گەپ تاپقانلىق دەپلا ناچار ئادەتكە چىقىرىۋەتسەك بولمايدۇ. "ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك" دىگەن ماقال-تەمسىلمۇ شۇنىڭدىن تارقالغان بولسا كېرەك، ھەر قانداق يامان -ياخشى ئىش خەقنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالماس. ئەل-جامائەتنىڭ، بىر قوۋمنىڭ شۇنداق ئۆرپ-ئادەت، قائىدە-يوسۇنلىرى بولغاچ شۇ ئەلنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئامان-ئېسەن، راۋاج تاپقان بولىدۇ. ھەممە ئىشنى قانۇن تارازىسىدا ئۆلچەشتىن بۇرۇن، بىز "ئەخلاق" تارازىمىزغا بىرلا سېلىپ دەڭسەپ باققان بولساق، قانۇننىڭ بېسىمى ئېشىپ كەتمەستى. دىمەك، بىزنىڭ ھەر بىر ئىشىمىز ئەلنىڭ كۆزىدە، ئەخلاقنىڭ چىگرىسىدا بولغاندا بىز خاتىرجەم خۇشال ئۆتەلەيمىز.  
    سىز تېخى توي قىلىمىغان قىز، مەيلى ئۇ قانچىلىك ئېسىل بالا بولسۇن، ئىككىڭلار قانچىلىك يېقىن بولۇڭلار توي قىلىشتىن بۇرۇن ئەل-جامائەت ئالدىدا ئۇنىڭ بىلەن كوچىدا يېتىلىشىپ يۈرمەڭ، خىزمەتداشلىرىڭىز ياتاقداشلىرىڭىز ئالدىدا ئۇنىڭ گېپىنى قىلماڭ، سەت تۇرىدۇ قىزىم. تېلىفوندا سۆزلەشكەندە، توردا پاراڭلاشقانداق گەپ سۆزگە، ئەتراپتىكى ئادەمگە بېقىپ سۆزلەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. ھايا بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ ئىززىتىنى ساقلاڭ.
    قىزىم، سىزگە ئىشىنىمەن! بەلكىم بۇ گەپلەرنىڭ بەزىسى ئارتۇقچە، لىكىن شۇنداقتىمۇ سىزگە ئانىلىق مېھرىم بىلەن بۇ نەسىھەتلەرنى قىپ ئولتۇرۇپتىمەن، ماڭا قانداق سىرىڭىز بولسا كىيىنكى خېتىمىزدە ئورتاقلىشايلى. خەير قىزىم، تىزراق ياتىقىڭىزغا قايتىڭ!

    分享到:

    历史上的今天:

    cartoon 2008-09-19
    ئېلان ئورنى

    评论

  • ياخشىمۇسىز! رەھمەت سىزگە! سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىز بىلەن يېزىشتىن توختاپ قېلىۋاتقان بلوگىمنى يەنە ئىزچىل يېزىش نىيىتىگە كەلدىم، رەھمەت!
  • ياخشىمۇسىز ! سىز بىلەن تونۇشقىنىمدىم ناھايىتى خۇشالمەن . بلوگىڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم ، ناھايىتى ياخشى يوللانمىلار بار ئىكەن ، چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ تېخىمۇ تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىمەن .