باش بەت  كروران مەدەنىيىتى  ئاسپىرانت،چەتئەلگە چىقىش  ماتىماتىكا  ئېنگىلىز تىلى  تەرمىلەر
  • ھامىلدار ئاياللار كومپىيوتىر ئىشلەتسە بولامدۇ؟

    2011-02-22

    تۈرى:

    بۈگۈن ئاۋام تورىدا بىر ساۋاقداشنىڭ «ھامىلدار ئاياللار كومپىيوتىر ئىشلەتسە بولامدۇ؟» دىگەن سۇئالىنى كۆرۈپ، دەماللىققا بىر نەرسە دىيەلمەي قالدىم. شۇڭا توردىن ئىزدەپ ئۇنىڭغا يوللاپ بەردىم. قارىسام ئۇيغۇرچە بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار يوق دىيەرلىك ئىكەن، شۇڭا تەرجىمە قىلىپ تۆۋەندىكى مەزمونلارنى بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزگىمۇ ئەسقېتىپ قالار ( )


    مەن توردىن ھامىلدار ئاياللار ۋە رادىئاتسىيە توغرىلىق ئىزدەپ باقتىم. خەنزۇچە مۇنبەرلەردە بۇ ھەقتە مەزمۇنلار بەك جىقكەن.
    كۆپ خىل تەتقىقاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە: ئاياللار ۋە بالىلار رادىئاتسىيىگە ئەڭ سەزگۈر، بولۇپمۇ ھامىلدار ئاياللار ۋە قورساقتىكى ھامىلە رادىئاتسىيىدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى ئەڭ مۇھىم قوغداش ئوبىكتىدۇر.


    خەلىقئارادىكى ئىلىكترو ماگنىت دولقۇنى فىزىكىلىق بىئولوگىيەلىك تەتقىقاتلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلانغان بولۇپ، 60-70-يىللاردا، شۇ دەۋرلەردە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى كومپىيوتىر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆپ سانلىقى ئاياللار بولغاچقا، شۇنداقلا بۇ ئاياللارنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكى ياش تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار بولغاچقا، ئىلىم ساھەسىنىڭ كومپىيوتىر ۋە سالامەتلىك توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرىنىڭ نۇقتىسى، ئالدى بىلەن ئاياللارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىش ۋە غەيرى تۆرەلمە ئۈستىدە بولغان.
    ئەڭ يېقى تەتقىقات دوكلاتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھامىلدار ئايالنىڭ بىر ھەپتىدە ئىشلىتىدىغان كومپىيوتىر مەشخۇلات ۋاقتى 20 سائەتتىن ئېشىپ كەتسە، بويىدىن ئاجراپ كېتىش نىسبىتى 80 پىرسەنت يۇقىرىلايدىكەن. شۇنداقلا غەيرى تۆرەلمە شەكىللىنىپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرىلايدىكەن. دۆلىتىمىز 25 ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەردىكى دوختۇرخانىلاردىكىX نۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان خىزمەتچىلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تەكشۈرىشىنىڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا، تۇغۇت ئىقتىدارى ۋە تۇغماسلىق ئەھۋالىدا چوڭ پەرق يوق ئىكەن، بىراق تەبىئىي بويىدىن ئاجراپ كېتىش، كۆپ كېزەكلىك تۇغۇت، تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى قاتارلىق ئەھۋاللاردا روشەن پەرق بار ئىكەن. 20 تۈرلۈك تۇغما غەيرى تۆرەلمە ۋە ئىرسىيەت كېسەللىكىنىڭ كۆرۈلۈشى ماس گۇرۇپپىلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولغان.

    بەزى قاراشلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى 6 ھەپتىسى رادىئاتسىيەگە ئەڭ سەزگۈز مەزگىل ھېسابلىنىدىكەن. ئاز مىقتاردىكى رادىئاتسىيە بەلكىم ھامىلىنىڭ غەيرى يېتىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن. ھامىلدارلىقنىڭ 8- ھەپتىسىدىن 15- ھەپتىسىگىچە بولغان مەزگىلدىكى كومپىيوتىر رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرى بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەن بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋىپىنىڭ ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن. بىر قىسىم مۇتەخخەسىسىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ ھامىلدارلىقنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرىقى مەزگىلىدىكى خەۋپتىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. يەنە بەزى مۇتەخخەسىسلەر ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيىدا رادىئاتسىيىدىن قەتئىي يىراق تۇرۇشنى تەكىتلەيدىكەن. چۈنكى ھامىلە ئانا تېنى ئىچىدىكى ۋاقىتتا زىيانلىق ماددىلارغا بولغان سەزگۈرلىكى ئادەتتىكى ئادەملەردىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدىكەن. يەنى ھامىلىنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشى، ھامىلە ئەزالىرى شەكىللىنىۋاتقان مەزگىل بولسا، غەيرى يېتىلىپ قېلىشى مۇمكىنكەن. مۇبادا ھامىلە شەكىللىنىپ بولغان ۋە يېتىلىۋاتقان مەزگىل بولغان تەقدىردىمۇ، رادىئاتسىيەنىڭ تەسىرى مەركىزى نېرۋىغا تەسىر كۆرسىتىپ ھامىلىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى تۆۋەن بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن.

    ھەممىمىزگە مەلۇم ھازىر ئەتراپىمىز رادىئاتسىيە بىلەن لىق تولغان، مۇھىتىمىز بۇلغانغان. مەسىلەن، كومپىيوتىر، قول تېلىفۇن، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، گرانت تاش (大理石) ، تېلىۋىزور، ئىلىكترونلۇق قىزىيدىغان ئەدىيال، ھەتتا توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ قاتارلىقلارمۇ رادىئاتسىيە تارقىتىدۇ. بىز مەيلى ئۆزىمىز بۇ نەرسىلەردىن قانچىلىك يىراق تۇرايلى، بىراق ئەتراپىمىزدىكىلەر بۇ نەرسىلەرنى ئىشلىتىشتىن ھەرگىزمۇ توسۇپ بولالمايمىز، بىز ئەلۋەتتە رادىئاتسىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايمىز. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟

    مېنىڭچە:
    1. ئامال بار بۇ نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇش، ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ ئىشلەتكەن ۋاقىتنى قاتتىق كونترول قىلىش.
    2. تەبىئىي ساغلاملىق يىمەكلىكلەرنى، كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش.
    3. رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش كىيىمىنى كىيىش.
    4. رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش يۈز مېيى ئىشلىتىش.

    مەن يەنە رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىش كىيىملىرىنى ئىزدەپ قاراپ باقتىم. تورداشلارنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇپ باقتىم. بەزىلەر بۇ گەپكە ئىشىنىدىكەن، مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپتۇ. بەزىلەر بۇ گەپنى بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان قۇرۇق گەپ، سودىگەرلەر رادىئاتسىيەدىن ساقلىنىدىغان ماتىرىيال ۋە كىيىملىرىنى سېتىش ئۈچۈن تاپقان يالغان-ياۋىداق گەپ دەپتۇ.

    ئۇيغۇرچە ئىزدىسەم پەقەت بىلىك مۇنبىرىدىلا بۇ ھەقتە بىر تىما بار ئىكەن. ئۇنداقتا تۆۋەندىكى مۇنازىرىنى كۆرۈپ باقايلى.


    يوللىغۇچى: Aiefm ۋاقتى: 2007-9-5 10:16 تېمىسى: كومپىيوتىر رادىئاتسىيىسىنى قانداق ئازايتىدۇ

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار،مېنىڭ خىزمىتىم ئەتىگەن سائەت 8دىن باشلاپ كەچ سائەت 5.30 غىچە كومپىيوتىر ئالدىدا ئۆتىدۇ،ئىدارە ئۆيگە يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن چۈشلۈكىمۇ يەنە شۇ كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ قالىمەن،ئالدىمدا،كەينىمدە يان تەرىپىمدە ھەممىسىدە كومپىيوتىر بار.ئىشخانىمىز ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ ئىچىىدىكى ئىشخانىغا بىرلا مۇلازىمىتىر قىلىنغان كومپىيوتىر قويۇلغان،تېشىدىكىسىگە جەمئىي 10 كومپىيوتىر قويۇلغان بولۇپ بىرسى پىرىنتىر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ،قالغان 9 نى بىز خىزمەت ئۈچۈن ئىشلىتىمىز.ئەمدىكى گەپ قانداق قىلغاندا مۇشۇنداق مۇھىتتا ئولتۇرۇپ كومپىيوتىر رادىئاتسىيىسىنىڭ زىيىنىنى ئازلاتقىلى بولىدۇ؟بولۇپمۇ ھامىلدار ئاياللار قانداق قىلىشى كېرەك؟ھامىلدارلار تارتىۋالىدىغان رادىئاتسىيىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان خالاتنىڭ رولى بارمۇ؟مۇشۇنداق خالاتنى تاقاپ ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغاندىمۇ ھامىلىگە تەسىرى بولامدۇ؟
    بۇ توغرىسىدا بىلىدىغانلار مەسلىھەت كۆرسەتكەن بولساڭلار.


    يوللىغۇچى: Omar14 ۋاقتى: 2007-9-5 13:05

    كۆزىڭىزگە ئاسرىغۇچ كۆزئەينەك سىتىۋىلىڭ (چوقۇم سىتىۋىلىڭ تەۋسىيە قىلىمەن ) بەكلا پايدىلىق !!
    يەنە بىرسىگە كەم دىگەندىمۇ 2 سائەتتە بىر 10 مىنىۇ ئۆرە تۇرۇپ سىرىتقا چىقىپ ئەركىن ئازادە يۇرۇشنى قەتئى داۋاملاشتۇرۇڭ !!!!!
    يەنە بىرگەپ كۆزىڭىزگە تىمىتىدىغان دورا ئىشلىتىڭ كۆزىڭىز گەرچە ئاغرىمىغان بولسىمۇ بۇ خىل دورىلار كۆزىڭىزنى ئاسرايدۇ مەن ئىشلىتىدىغان بىر نەچچە خىل دورىنى ترەۋسىيە قىلىمەن ~ 闪亮滴眼露 ، 润洁滴眼露 ياخشى دورىلار بۇ !


    يوللىغۇچى: Omar14 ۋاقتى: 2007-9-5 13:24

    ئەلۋەتتە ھامىلدار ئايال بولسا ئىلىكتىر ئۈسكىنىلىرىگە ئالدىراپ يىقىن كەلمىسۇن ~~ بۇ ھامىلىگە ئىنتايىن زىيانلىق ~~~~~ھىلىقىدەك 防辐射服装 لارنىڭ رولىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ ~~ئىمكان بار ئىلىكقتىرئۈسكىنىلىرنى ئىشلەتكەندە كىيىۋالغان ياخشى `~~~~~~~~~ مەن تۆۋەندە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر قانچە ئائىلە ئىلكتىر ئۈسكىنىلىرىنىڭ رادئاتسىسسىنىڭ سانلىق مىقدارىنى كۆرسىتىپ ئۆتەي~~

    ئاۋاز ياڭراتقۇ : 20
    توڭلاتقۇ: 20
    تىلىۋۈزۈر : 20
    ھاۋا تەڭشىگۈچ : 20
    كىرئالغۇ : 30
    VCD ئاپاراتى :30
    كۆپەيتىش ماشىنىسى : 40
    كومپىيۇتېر : 150
    چاڭ توزان سۈمۈرگۈچ :200
    مىكرو دولقۇملۇق ئوچاق : 200
    يانفۇن :: 200

    ئەگەر ھامىلدار ئاييالر كومپىيۇتېر ئىشلىتىشكە توغرا كەپ قالسا كۆپلەپ يىڭى كۆكتات . مىۋە شەربىتى دىگەندەكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە ياخشى ~~ يەنە بىر ئەڭ موھىم نەرسە بۇنداق ئاياللارغا بىرىنچى دەرىجىلىك يىمەكلىك موگو ھىسابلىنىدۇ ~~~موگونىڭ رولى ھۆجەيرىلەرنىڭ تاشقى رادئاتسىيە تۇپەيلىدىن راكقا ئۆزگىرىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشتۇر ~~~

    يەنە بىرسىگە ماۋۇ تىمىنى كۆرۈپ چىقىڭ بۇنىڭدا سۆزلەنگنى مىكرو دلقۇنلۇنلۇق ئوچاق بولسىمۇ گەرچە لىكىن ئىلىكتىر ئۈكىنىلىرى ئاساسەن دىگۈدەك رادئاتسىيە تارقىتىدۇ . ئوقۇپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق `~~

    http://bilik.biz/bbs/viewthread. ... highlight=%2Bomar14


    يوللىغۇچى: oghri ۋاقتى: 2007-9-5 13:47

    يەنە بىر يىمەكلىك: خەيدەي(دېڭىز يوسۇنى دەمدۇق ؟)، رادىئاتسىيەنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش رولى بار. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئەمەلىيەتتە باشقا نۇرغۇن ئاياللار كېسەللىكلىرىگىمۇ داۋا رولى باركەن، ئاياللار كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك.

    رادىئاتسىيەنى توسىدىغان كىيىملەرنى چوقۇم كىيىۋېلىڭ. سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزدا رادىئاتسىيە مەنبەسى ھەممە تەرىپڭىزدە باركەن.شۇڭا خالات(ئۇنداق ئۇزۇن ئەمەس) شەكىلدىكىلىرىنى سېتىۋالسىڭىز ياخشى. تەخمىنەن 400 سوم ئەتراپىدىكىلىرىنى. ئىشلەتكەندە ئەڭ ياخشىسى قاتلىماڭ، يۇيماڭ، بولمىسا رولى قالمايدۇ. كىيگەندىن سىرىت ئىشخانىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرىشىغا دىققەت قىلىش كېرەك، ھىچ بولمىسا ئۆزىڭىز ھەر سائەتتە 10-20 مىنۇت ئەتراپىدا ئەتراپقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرىڭ.

    مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، توك ئوچاق قاتارلىقلارغا يېقىن كېلىشكە بولمايدۇ. يەنە بىرسى ئۆيىڭىزدە گىرانت تاشتىن ياسالغان ئۈستەل يۈزى قاتارلىقلار بولسا، ئالماشتۇرۇشنى ئويلاشساڭلار بولىدۇ، چۈنكى تاغدىن قېزىۋېلىنغان تاشلاردىن بىۋاستە ياكى ئىش قوشۇپ ياسىغان ئاشۇ تاشلارمۇ رادىئاتسىيە مەنبەسى ھىساپلىنىدىكەن، ئەلۋەتتە بۇ ئىلىكتىر ماگىنىت رادىئاتسىيەسى ئەمەس، باشقا خىلدىكى رادىئاتسىيە. بىز ئۈستىدە دەپ ئۆتكەن كىيم توسۇپ قالالىشى ناتايىن.

    بەزىلەر ئۇنچە دىققەت قىلىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ دەپ ئويلايدىغاندۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردا بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان ھەرخىل غەيرىيلىك ئالامەتلىرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە زادى نىمىنىڭ تەسىر قىلغانلىغىنى بىلىپ بولمايدۇ. تېنى ساق تۇغۇلغان بىلەن ھىچ بولمىسا بالا مىڭە قىسمىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىشى مۈمكىن. ئىشقىلىپ سەل قاراشقا بولمايدۇ.


    يوللىغۇچى: Aiefm ۋاقتى: 2007-9-6 08:39

    ئۇلۇغ خۇدا!ئۇنداقتا مەن تولىمۇ خەتەر ئىچىدە قاپتىمەنغۇ!ئۆيدىمۇ كومپىيوتىر بار،مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق بار،سىلەر دېگەن گىرانىت تاش دېگەن 大理石 شۇمۇ؟ئەگەر شۇ بولسا ئۆيدىكى دېرىزە تەكچىلىرى ،ئاشخانا ،كومپىيوتىر ئۈستىلى ھەممىسى شۇ تاشتىن ياسالغان ئىدى،ھامىلىنىڭ قورساقتا يېتىلەلمەي ئۆلۈپ كېتىشىنىمۇ مۇشۇ ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەندە ئۇنداقتا.


    يوللىغۇچى: Kulke ۋاقتى: 2007-9-6 11:11

    ئۇنچىۋالامۇ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق دوستلار . مانا مەن كومپىيۇتېربىلەن ھەپىلەشكىلى 7 يىلدىن ئاشىتى لېكىن ئۇنداق بىر ئىشنى سەزمىدىم بەلكىم كېيىنچە بىلىنىپمۇ قالار . ئايالىممۇ كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ . ئايالىم ھامىلدار بۇلۇپ 6 ئايغىچە نورمال ئىشلىگەن ئۇنىڭىدىن كېيىن ئارام ئالدى . بالام شۇنداق نورمال تۇغۇلدى . بەك ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق .... ئۇنداق بەك ئېسلىۋالغىلى تۇرسا ئەمدى تېلۋىزورغىمۇ ھەتتا ئويگىمۇ كىرمىسە بولىدۇ ...



    يوللىغۇچى: Aiefm ۋاقتى: 2007-9-6 13:03


    نەقىل:

    ئۇنچىۋالامۇ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق دوستلار . مانا مەن كومپىيۇتېربىلەن ھەپىلەشكىلى 7 يىلدىن ئاشىتى لېكىن ئۇنداق بىر ئىشنى سەزمىدىم بەلكىم كېيىنچە بىلىنىپمۇ قالار . ئايالىممۇ كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ . ئايالىم ھامىلدار بۇلۇپ 6 ئايغىچە نورمال ئىشلىگەن ئۇنىڭىدىن كېيىن ئارام ئالدى . بالام شۇنداق نورمال تۇغۇلدى . بەك ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق .... ئۇنداق بەك ئېسلىۋالغىلى تۇرسا ئەمدى تېلۋىزورغىمۇ ھەتتا ئويگىمۇ كىرمىسە بولىدۇ ...


    ئايالىڭىز ئەينى ۋاقىتتا قانداق تەدبىرلەرنى قوللانغان ئىدى؟ئېغىر كۆرمەي تەپسىلىي دەپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن.


    يوللىغۇچى: Kulke ۋاقتى: 2007-9-6 13:13

    ھىچقانداق تەدبىرلەرنى قوللانمىغان . پەقەت شۇ ھامىلىگە پايدىلىق بولغان بانان ، ئالما ، ئۇنىڭدىن باشقا كالتىسىي كەملىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورا يىگەن شۇ . باشقا ھىقچانداق تەدبىر ئېلىپ بارمىغان . مۇھىمى كۈتۈنۈش قاراڭ . ياخشى ئارام ئېلىپ ياخشى ئۇزۇقلىنىپ بەرسە ئۈنۈمى بەك ياخشى بولىدۇ ،. ھەر كۈنى 10-20 مىنۇت ئارلىغىدا ئايالىمغا مۇزىكا قويۇپ بىرەتتىم . بالىغا پايدىسى بارئىكەن .


    يوللىغۇچى: Aiefm ۋاقتى: 2007-9-7 08:31

    رەھمەت سىلەرگە،يېمەكلىك ۋە دەم ئېلىش ھەقىقەتەن بەكمۇ مۇھىمكەن.


    يوللىغۇچى: oghri ۋاقتى: 2007-9-7 14:26

    ھامىلىنڭ يېتىلىش جەريانى شۇنداق نازۇك جەريان بولىدىكەن. يەنىلا دىققەت قىلغىنڭىز ياخشى. ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيىدا زۇكامداپ قالغان بولسا، يۈز پىرسەنت بالىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىرى بولىدۇ، يەنە كېلىپ تەسىرى بەك ئېنىق،سىزدە ئۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمىگەندۇ بەلكىم. ئەمما رادىئاتسىيەنىڭ تەسىرى توغرىسىدا ھەقىقەتەن سەل قاراشقا بولمايدۇ، تورلاردىن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئىزدەپ بېقىڭ. بۇنى چوڭلار بىلمەيدۇ، سەۋەبى ئۇلار بار ۋاقتىدا بۇنچە كۆپ ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى يوق ئىدى، مۇھىت بۇنچىلىك بۇلغانمىغان. دوختۇرلارمۇ بىلىپ كېتىشى ناتايىن، مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر ئەمدى كۆرۈلىۋاتىدۇ.بەلكىم ئۇلار رادىئاتسىيەنىڭ تەسىرى ئىكەنلىگىنىمۇ بىلىپ كەتمەس. سىزگە دائىم بىچاۋ غا چۈشسەڭ ھىچنىمە بولمايدۇ دېگەن گەپلەرنى قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە چۈشۈش قېتىمى 3 قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتكەندە، ئۇنىڭمۇ تەسىرى بولىدۇ، بالا نورىمال يىتىلمەيدۇ. قايسى جەھەتتىن نورىمال يىتىلمىگىنىنى،كىيىن نەچچە يىللاردىن كىيىن بىلگىلى بولىدۇ.

    ئەمما، ھەممە ئادەمنىڭ بەدەن ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ، رادىئاتسىيە، مىكروپ دىگەنلەرگە قارشى تۇرۇش كۈچىمۇ ئوخشىمايدۇ،شۇڭا، ھىچكىم چوقۇم تەسىرى بولىدۇ دىگەننى دىيەلمەيدۇ. بىراق تەسىرى بولسا، كىچىك بولمايدۇ،بۇنىسى ئېسىمىزدە بولسۇن.

    ھازىر ئاتا-ئانىلار كۆپ بولسا ئىككى، بولمىسا بىر بالا تۇغىۋاتىدۇ. ھاياتىمىزدىكى مۇشۇ 10 ئاينى يانفۇن ئىشلەتمەي، كومپيۇتىرنىڭ ئالدىغا بارماي، تېلۋىزور كۆرمەي ، بولسا ئاشخانىغا كىرمەي ئۆتكۈزسە ئەڭ ياخشى بولىدۇ-ئەسلى. ئەمما بۇنداق قىلىش بەزىدە مۇمكىن بولماي قالىدۇ.ئەمەلىيەتتە خىزمەتنى تەڭشەش ئارقىلىق بەزى مەسىللەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، گەپ بىزنىڭ قانچىلىك تېرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزدە، يەنە دەپ كەلسەك مۇشۇ تېرىشچانلىقنى قانچىلىك مۇھىم دەپ قارىشىمىزدا. خەنزۇ خىزمەتداشلارنى كۈزەتسەڭلار، ئۇلار بۇنداق ئىشلارغا بەك ئېتىۋار بېرىدۇ. بەزىلىرىنى مۇشۇ 10 ئايدا كۆرەلمەسلىگىڭلار مۈمكىن. رادىئاتسىيەسى تۆۋەن تېلفۇن پەقەت ئۆي تېلفۇنى، ئېلانلارغا ئىشەنمەيمىز. دائىم مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ئىشلەتكىنىڭىز بالىڭىزنىڭ ھاياتى بىلەن ئويناشقىنڭىز، كومپيۇتىر ئىشلىتىش ۋاقتىڭىز كۈندە 2-3 سائەتتىن ئېشىپ كەتمىسۇن، يەنە كېلىپ ھېلىقىدەك كىيىمنى كىيىش كېرەك، ئاندىن ۋاقتىدا ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك، پايدىلىق يىمەكلىكلەرنى يەپ تۇرۇش كېرەك. پەرزەنتىڭىزگە سالامەتلىك يار بولغاي.


    يوللىغۇچى: Aiefm ۋاقتى: 2007-9-13 11:46

    ئوخشىمىغان مۇھىتتا ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭ سىرتقى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن،بەزى ئاياللار ھېچقانداق تەدبىر قوللانمايمۇ ناچار مۇھىتتا ئوڭۇشلۇق،ساغلام يەڭگىيەلەيدىكەن،لېكىن بەزى ئاياللار قانچە قىلسىمۇ بېكاركەن،شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرگىزمۇ باشقىلارمۇ ئوڭۇشلۇق بوپتىكەن مەنمۇ ئوخشاشقۇ دەپ ئويلىماي ئۆزىنىڭ تەن-سالامەتلىكى ۋە بەدەن ساپاسىغا قاراپ ئىش تۇتىشى كېرەك ئىكەن.


    يوللىغۇچى: sawri ۋاقتى: 2007-9-14 12:37

    زىيانلىق تەرەپلىرىنى بىلىۋالساق دىققەت قىلىشقا پايدىسى بار لىكىن بەك ئەنسىرەپ كەتمەيلى! چۈنكى بۇ ئېلكتۇرۇن دۇنياسىدا بىز بۇ رادىئاتسىيەگە كۈندە دىگۈدەك ھەمراھ......



    ئاۋۇ دىيىلگەن رادىئاتسىيىدىن ساقلىنىش كىيىملىرىنى توردىن ئىزدەپ قاراپ باقتىم. باھاسى 200 يۈەندىن 400-500 يۈەنگىچە ئىكەن. كىيىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە، ئالدى- كەينى سىزنى 360 گرادۇس رادىئاتسىيىدىن پۈتۈنلەي ساقلايدۇ دەپتۇ. سېتىۋالغانلارمۇ جىقكەن. ياخشى باھا بەرگەنلەرمۇ كۆپكەن. يەنە بىر خەنزۇ تورداش ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا قەتئىي ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ كۈندە 8 سائەت كومپىيوتىر ئىشلىتىپمۇ، ھازىر بالىسىنىڭ مەھەللىدىكى ھەممەيلەننىڭ بالىلىرىدىن ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ھېلىقىدەك سودىگەرلەرنى يالغانچىلىق قىلىدۇ دەپ تىللاپلا كېتىپتىكەن، كەينىدىن نەچچە يۈز ئايال تورداش ئۇنىڭ سۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپتۇ.



    دىمەك، مېنىڭ قارىشىمچە، يۇقىرىقى بەزى مۇنازىرىلەر دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەزمۇنلاركەن. مەيلى قانداقلا قارايلى، رادىئاتسىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەممىمىز ئېتىراپ قىلىمىز. بوۋاققا زادى تەسىرى بارمۇ يوق، بۇنىڭغا بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ. چۈنكى ھامىلىنى ۋە ھامىلدارنى تەجرىبە قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭ تەسىرى بەلكىم نەچچە يىللاردىن نەچچە ئون يىللاردىن كىيىن بىلىنەر. مېنىڭچە چوقۇم تەسىرى بولىدۇ، ئىشەنمىسىڭىز ئاخشىمى يېتىپ بىر سائەت توختىماي تېلىفون سۆزلىشىپ بېقىڭ، ھازىرلا بېشىڭىزنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز. باشقىسىغا بىز بىر نىمە دىيەلمەيمىز، ئىشقىلىپ ساقلىنىشقا تىگىشلىك ئىشتىن ئامال بار ساقلانغان ياخشىمىكىن. خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرغۇن ئاياللار كومپىيوتىردىن ئايرىلىشقا ئامالسىز. ئىشقىلىپ ئامال بار كۈندىلىك كومپىيوتىر ئىشلىتىش ۋاقتىنى ئامالنىڭ بارىچە ئازايتىش، يىيىشكە تىگىشلىك يىمەكلىكلەرنى يىيىش، كومپىيوتىر ئىشلەتكەندە مۇئەييەن ئارىلىق ساقلاش، 20-30 مىنۇتتا بىر قېتىم سىرىتقا چىقىپ ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىش قاتارلىقلارنى بىز قىلالايمىز، راددىئاتسىيىدىن ساقلىنىش كىيىمىنى كىيىشكە كەلسەك، مېنىڭچە چوقۇم كىيىش كېرەك، قىممەتمۇ ئەمەسكەن، باشقا كىيىم كەيسىمۇ كىيىدۇ، ئۇنىڭدىن بۇ كىيىمنى ئېلىپ كەيسە نىمە بوپتۇ. قاراڭ بۇ كىيىمنىڭ چىرايلىقلىقىغا. ئارانلا 188 يۈەنكەن

    分享到:
    ئېلان ئورنى