




-
ئىلھام نەدىن كەلدى
بەلكىم 2000-يىللاردا QQ يۇمشاق دىتالى بازارغا سېلىنىپ، كىشىلەر تۇنجى قېتىم كومپىيوتېرىغا بۇ دىتالنى قاچىلاپ، يىراق يەردىكى ئۇرۇق-تۇققان، دوست بۇرادەرلىرى بىلەن ۋە ياكى مەۋھۇم دۇنيادىكى ناتونۇش كىشىلەر بىلەن ۋاقىت ۋە ئارىلىق ئۇقۇمىنى بۇزۇپ تاشلاپ دەل ۋاقتىدا ئۇچۇر يېزىشىپ پاراڭلاشقاندا ۋە كىينچە قارشى تەرەپ بىلەن كۆرۈنمە چاستوتىدا قارشى تەرەپنىڭ چىرايىنىمۇ كۆرۈپ تۇرۇپ پاراڭلاشقان چاغلىرىدا مانا مېنىڭ ھازىرقى ھالىتىمدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق شادلانغان، ھاياجانلانغان بولغىيتى-ھە؟ مانا مەن بۈگۈن ئەقلىي يانفونۇمدا 微信 يۇمشاق دىتالىدا ئىنىم بىلەن ئاۋازلىق ۋە خەتلىك پاراڭلىشىپ، ئاچامنىڭ قىزىنىڭ ئوماق رەسىملىرىنى ئەۋەتىشىپ، ئۇنىڭ ۋىلىقلاپ كۈلگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىمدا يان تېلفۇننىڭ تەرەققىياتىنىڭ ھەرگىزمۇ كومپىيوتېردىن كىيىن قالمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تونۇپ يەتتىم. خىياللىرىم يان تېلفۇن بىلەن كومپىيوتېرنىڭ پەرقىنىڭ بارغانسىرى كىچىكلەۋاتقانلىقى ئۈستىدە قاناتلاندى........
يان تېلېفون ھەققىدە ئويلار
كومپيۇتېر بىلەن تەڭ دىگۈدەك مەيدانغا كەلگەن قولايلىق يان تېلىفۇن ئىشلىتىش ئېھتىياجىنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز زورلىقى، باھاسىنىڭ كومپيۇتېردىن خېلىلا ئەرزانلىقى، ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىكلىكى ۋە ئىشلىتىشكە ئۇنچىۋالا زۆرۈر بىلىم كەتمەيدىغانلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تۇرمۇشىمىزغا قانچىلىك تىز كىرگەن بولسا شۇنچىلىك تېز ئومۇملاشتىكى، مانا بۈگۈنكى كۈندە يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممىسىنىڭ يان تېلىفۇنى بار بولغان ھالەت ئومۇمىيۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلاندى. ھەتتا بىز تېلىفۇننى ئۇنتۇپ قالساق تاقاپ بولغان ئىشىكنى قايتىدىن ئېچىپ ئېلىپ چىقىدىغان ھالەتكە يەتتۇق، قىسقىسى بىز تېلېفوندىن ئايرىلالماس بولدۇق.
كومپىيوتېر تېخنىكسى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاندى، كومپىيوتېر مەشخۇلات سېستىمىلىرى ئۈزلۈكسىز ئىلغارلاشتى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ يان تېلىفۇن تەڭ سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، دەسلەپتە رەڭسىز قارا ئېكرانلىق تېلىفۇنلارنىڭ ئورنىنى رەڭلىك ئېكران ئىگىلىدى، دەسلەپتە پەقەت سۆزلىشىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدىغان تېلىفۇنلار بارا بارا كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ ئۇچۇر يازغىلى، ئەۋەتكىلى بولىدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدىغان «يۆتكىلىشچان دېسكا»، MP3, MP4 قاتارلىق قاتتىق دېسكىلارنىڭ تەرەققىياتى بىلەن تەڭ يان تېلىفۇنغىمۇ بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىقتىدارلار تەڭلا قوشۇلۇشقا باشلىدى. كىشىلەرنىڭ تېلىفۇن سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، تېلىفۇن سېتىۋالسا «ناخشا قويغىلى بولامدىكەن؟» دىگەن سۇئالنى سوراش مودا بولدى. يەنى پەقەت مۇزىكا قويالايدىغان تېلىفۇن كاتتا تېلىفۇن ھېسابلىنىدىغان بولدى. سىفىرلىق سۈرەت تارتىش تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ يان تېلىفونغا قوشۇلغان «سۈرەت تارتىش ئىقتىدارى» نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ يان تېلېفون قىزغىنلىقىنى بىراقلا قوزغىۋەتتى. سۈرەت تارتىش تېخنىكىسى بىلەن تەڭ يان تېلىفۇندا «رەڭلىك ئۇچۇر يوللاش» دىگەن كەسىپ پەيدا بولدى. كىشىلەر ھەقلىق مۇلازىمەت كەسپىنى ئېچىپ «يانفون گېزىتى» زاكاس قىلىپ يانفوندا گېزىت ئوقۇيالايدىغان بولدى. يەنە رادىيو سىگنالىنى بىۋاستە تارتىپ يانفوندا رادىيو پروگراممىلىرىنى ئاڭلىيالايدىغان بولدى. تېلىفونغا قاچىلانغان لوغەتلەرمۇ كىشىلەرنىڭ تېلىفۇن سېتىۋېلىشتىكى يەنە بىر تاللىشى بولۇپ قالدى.
دىمەك، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى كومپىيوتېر بىلەن يان تېلىفۇننىڭ تەڭ تەرەققىي قىلىپ ماڭغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بۇلار مەڭگۈ مۇشۇنداق تەڭ تەرەققىي قىلىپ ماڭارمۇ ياكى بىر بىرىنىڭ ئورنىنى باسارمۇ؟ ئۇلار بىر-بىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟
كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، ئەڭ ئاۋال QQيۇمشاق دىتالى كومپىيوتېردىن ھالقىپ چىقىپ يان تېلىفونغا كىردى. بازاردىكى يېڭىراق چىققان يانفونلارنىڭ ھەممىسىگە مەيلى قىممەت باھالىق تېلفۇنلار بولسۇن ياكى ئادەتتىكى تېلىفونلار بولسۇن بىردەك بۇ دىتال قاچىلاندى، كىشىلەر پەقەت ئايدا 5 يۈەن تۆلەپ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى ئاچقۇزۇپ قويسىلا بۇ دىتالنى ئىشلىتىپ تېلىفۇن ئارقىلىقلا QQ دىكى دوستلىرى بىلەن ھەر ۋاقىت پاراڭلىشالايدىغان بولدى. ئەمدى قارايدىغان بولساق يېقىنقى بىر ئىككى يىل مابەينىدە چىققان «كۆك چىش»، «3G يانفونى» ۋە «ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون» دىگەن ئۇقۇملار بولسا ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ بىلىش دائىرىسىدىن ھالقىپ، كومپىيوتېر بىلەن يان تېلىفۇننىڭ چەك-چىگرىسىنى بۇزۇۋەتتى......
مېنىڭ يېڭى يانفونۇم
خىياللىرىمنى يىغىپ ئۆزۈمنىڭ يانفون ئىشلىتىش مۇساپەمگە قاراپ باقسام، مەن 2006-يىلى دادام ئۈچۈن ئېلىپ بەرگەن، كىيىن 2009-يىلى خىزمەتكە چۈشكەچكە دادام ماڭا بېرىۋەتكەن «فىلىپپىس» ماركىلىق يانفوننى تۇنجى يانفونۇم سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقىلى ئاز كەم 3 يىل بوپتۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا يان تېلفۇن دىگەننى ئىشلىتىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان (ھازىرقى بالىلار داشۆنى پۈتتۈرۈپ ئەمەس، ھەتتا باشلانغۇچنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپ يانفوننىڭ جېدىلىنى قىلىدىكەن) چاغلىرىمدا ئىشلەتكەن «كىچىك زېرەك» ىمگە ئالاھىدە مېھرىم بار ئىدى. ئۇ زېرەكچاقتا مەن پەقەتلا ئۇچۇر يازالايتىم، سۆزلىشەلەيتىم. ماۋۇ كىيىنكى يانفون شۇ 2006-يىلىدىكى ئەڭ ئىلغار تىپتىكى تېلىفۇن بولۇپ، ئۇنىڭ «سۈرەت تارتىش ئىقتىدارى» ئالاھىدە يۇقىرى، ئادەتتىكى ئۇچۇر يازغىلى ئەۋەتكىلى، ناخشا ئاڭلىغىلى بولۇشى شۇ چاغدىكى ئەڭ ئىقتىدارلىق تېلىفۇنكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئىدى. لىكىن ھازىرقىدەك «رەڭلىك ئۇچۇر قوبۇللاش»، QQ دا پاراڭلىشىش،«يانفون گېزىتى» ئوقۇش، تېخى «يانفوندا تورغا چىقىش» دىگەنلەردىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەستى. مەن ئەنە شۇ تېلفۇننى ئىشلىتىۋېرىپ تېلفۇندا رەسىم تارتىش دەمدۇ، ناخشا ئاڭلاش دەمدۇ ھېچقايسىسىغا قىزىقىپمۇ كەتمەيدىغان، كومپىيوتېرىم بولغاندىكىن يانفوندا تورغا چىقىش دىگەنلەرمۇ ماڭا قىزىق تۇيۇلمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. خەق تېلفۇنىنى ماختاپ كەتسىمۇ ئانچە ئىرەن قىلمايتىم. لىكىن يېقىندا ئۇ تېلفۇنۇم كونىراپ زادى يېڭىدىن ئالمىسام بولمايدىغان چاغقا يەتكەندە يېڭىدىن تېلفۇن سېتىۋالماقچى بولدۇم. بىر كېچىدىلا تېلىفۇن ئېلىش جىنى چاپلىشىپ، توردىن تېلىفۇنلار ھەققىدە ئىزدەشكە باشلىدىم. ۋاي ۋۇي ماركىنىڭ جىقلىقى، ئىقتىدارنىڭ جىقلىقى، پۇلىنىڭ ئەرزانلىقى....ئەشۇ بەش يىلنىڭ ئالدىدا 1200 يۈەنگە تېلىفۇن ئالغان بولسام ھازىرمۇ شۇنچىلىك پۇلغا راۋرۇس تېلىفۇن كېلىدىكەن ئەمەسمۇ؟ كۆرۈپ ئايلىنىپ كەتتىم، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلىفۇن، G3 لىق تېلىفۇن دىگەنلەرنىڭ قانداق ئىقتىدارى بارلىقى، قانداق ئىشلىتىلىدىغانلىقى دىگەندەكلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى بىلمەيدىكەنمەن. تېخى ئەقلىي يانفونلارغا قاچىلانغان مەشخۇلات سېستىمىسىمۇ نەچچە خىل بولىدىكەن. قايسى سېستىما ياخشى، قايسىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار دىگەننىشۇ ئەسلا بىلمەيمەن. پەقەت بىر قېتىم «بىلىك» تە باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئاندىروئىد سېستىمىلىق ئايفونىدا بىلىككە بىۋاستە ئۇيغۇرچە ئىنكاس يازالىغانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسىنى كۆرگەندەك قىلغان، شۇ گەپ يادىمدا قاپتىكەن، «ئاندروئىد» دىگەننى ئازراق ئاڭلاپتىكەنمەن. شۇنداق گاڭگىراشتا ئۆزۈمنىڭ بىلىشىچە كۆرۈپ بىر قانچە نوكىيا تېلىفونىنى كۆرۈپ قويۇپ ئەتىسى بازار ئايلىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ئەھۋالىمغا ۋە ئېھتىياجىمغا ماسلىشىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارىغان«نوكىيا 5233» تىپلىق يانفوننى سېتىۋالدىم.شۇنىڭ بىلەن ئەقلىي يانفونۇم بار بولدى.
ئەقلىي يانفون ھەققىدە بىلىۋاتقانلىرىم
يۇقىرىدا دىگەندەك مەن ئۆزۈممۇ بىلىپ بىلمەي دىگۈدەك بۇ يېڭى تېلىفۇنغا كىرىشىشكە باشلىدىم، دەسلەپتە نەچچە كۈنگىچە ئىشلىتىشنى ئۇقماي ئاران تېلفۇن ئۇرىدىغان يېرىنى تېپىپ سۆزلىشىپلا يۈردۈم، بارا-بارا مەن تېلىفۇننىڭ كارامىتىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم.
1. ئەقلىي يانفون مەشخۇلات سېستىما قاچىلانغان يانفونكەن
ئەقلىي يانفون دىگەن ھازىرقى چۈشەنچەمدە، خۇددى كومپىيوتېرغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ بىر مەشخۇلات سېستىمىسى بولىدىكەن، بۇ سېستىمىنى شۇ يانفوننى ئىشلەپ چىقارغان شېركەت قاچىلاپ قويىدىكەن، سىز خالىمىسىڭىز ئالماشتۇرسىڭىزمۇ بولىدىكەن. لىكىن شۇ تېلىفونىڭىز يېڭى سېستىمىنى قوللىشى كېرەككەن. مەسىلەن، ئۇقۇشۇمچە ئاندروئىد مەشخۇلات سېستىمىسى ھەقسىز تارقىتىلىپ نۇرغۇن تېلىفۇن ياسىغۇچىلار ئاندروئىدنىڭ ھەقسىز نۇسخىسىنى ئۆزلىرى ئىشلەپ چىقارغان تېلىفۇنلارغا قاچىلاپ تارقاتقان بولسىمۇ نوكىيا شېركىتى ئەزەلدىن ئۆزى ئايرىم سېستىما ياساپ قاچىلايدىكەن. ئاندروئىدنى قاچىلىغىلى بولمايدىكەن. مېنىڭ ھازىرقى سېستىمام نوكىيا تېلفۇنلىرىنىڭ خاس سېستىمىسى ئىكەن.
2. تېلېفونغا خالىغانچە يۇمشاق دىتاللارنى قاچىلىغىلى ، ئۆچۈرىۋەتكىلى بولىدىكەن
مەسىلەن، مەن تېلىفۇننى كۆرۈپلا بىرىنچى سورىغىنىم «مەن تورغا چىقالايمەنمۇ؟ مەن مىكرو بلوگ يازالايمەنمۇ؟ مەن QQ غا چىقالايمەنمۇ؟» دىگەن سۇئاللىرىمغا تېلىفۇن ساتقۇچى كۈلۈپ كەتتى ۋە «بۇ دىگەن ئەقلىي يانفون، سىز دىگەن ئۇ ئىشلار ئادەتتىكى ئىشلار» دەپ جاۋاب بەردى. شۇنداقتىمۇ مەن ئانچە چۈشەنمىدىم، تېلىفۇننى سېتىۋېلىپ، تور مۇلازىمىتىمنى ئاچقۇزۇپ ئەتىسى قارىسام QQ يوق. قانداق قىلارمەن دەپ تورغا چىقسام مۇشۇ يانفونغا ماس كېلىدىغان QQ دىتالى تۇرىدۇ، كومپىيوتېرىمغا چۈشۈرۈپ ئاندىن تېلىفۇننىڭ سىمىنى كومپىيوتېرغا چېتىپ بىرلا ئاچسام، ئايھاي....بۇ يانفوننىڭ ئىچى بىر كومپىيوتېرغا ئوخشاش تۇرمامدۇ، بىر قانچە بۆلەككە بۆلۈنگەن رايون، ھەر بىر رايوندا قانچىلىغان ھۆججەت قىسقۇچ.....شۇنداق تەمتىرەپ تاپالماي يۈرۈپ QQ غا مۇۋاپىق بىر جاي تېپىپ قاچىلاپ يانفوننى قايتا ئېچىپ ئۇنى ئورنىتىۋالدىم. مانا تۇنجى قاچىلىغان يۇمشاق دىتالىم QQ2011 بولدى. دىمەك، ئەقلىي يانفونغا ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ ئويۇن دەمسىز، لۇغەت دەمسىز، ئىلىكترونلۇق كىتاب دەمسىز ۋە باشقا يانفون يۇمشاق دىتاللىرى دەمسىز خالىغانچە قاچىلىغىلى ۋە ئىجرا قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.
3. تورغا خالىغانچە چىقىدىكەنسىز
تېلېفونۇمدا QQ كۈندۈزى ئېسىقلىقلا تۇرىدۇ، سىنىپتا نىمە ئىش بولسا سىنىپ باشلىقى شۇ يەردىلا توپقا ئۇچۇر يېزىپ قويىدىغان بولغاچقا ئادەتتە ئۆچۈرمىدىم. يەنە ئىشقا بارغاچ كەلگەچ يولدا ئانچە مۇنچە مىكرو بىلوگ يېزىپمۇ قويىمەن. ئاۋام تورى 人人网 تېلفۇنۇمنىڭ باش مۇندەرىجىسىگىلا ساقلاقلىقكەن، ئۇنىڭدىن باشقا تېلىفۇنۇم تورغا چىقىشى بىلەنلا سىنىغىنىم «كروران تورى» نى ئېچىپ كۆرۈش بولدى. باش بەت ئېچىلدى، شۇنداق ھاياجانلىنىپ كەتتىم، باش بەتتىكى سۈرەتلىك تىمىلار ھەممىسى كۆرۈندى، بىراق تىما مەزمونى چېكىت چېكىت ھالىتىدە چىقىۋالدى، بۇنىڭ سەۋەبى يانفون سېستىمىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى تونۇمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بەيدۇ، سوخۇ، شىنلاڭ تورلىرىغا چىقىپ خەۋەر كۆرۈش ئادەتتىكى ئىشلاركەن. شىنلاڭ خەۋەرلىرى، ئاۋام تورى، خۇافېڭ ھاۋارايى قاتارلىقلار ئىنتېرنىت مۇندەرىجەم ئاستىدا ئەزەلدىنلا ساقلاقلىقكەن.
ئاخشام ئۇكامنىڭ مىكرو بىلوگىدىكى «نىمىدىگەن ياخشى ئاۋازلىق، سۈرەتلىك پاراڭلاشقىلى بولىدىكەن» دىگەن ئۇچۇرنى كۆرۈپ، قىزىقىپ دوراپ مەنمۇ ئىزدەپ يۈرۈپ微信 دىگەن دىتالنى قاچىلىۋالدىم. دەسلەپتە قاچىلاپ تېلفۇنۇمغا ئورنىتىپ بولغاندىن كىيىن ئۇكامنى قوشۇۋېلىپ خەت يازدىم، كارامەت...ھې...ھې.... ئۇكام «ئاۋۇ يەرنى بېسىپ گەپ قىلساڭ مەن ئاڭلايمەن، گەپ قىلىپ باقە» دىسە مەن نەدىن ئاۋاز چىقىۋاتقىنىنى، نەگە گەپ قىلىدىغىنىمنى بىلمەي «ۋەي، ۋەي، ئاڭلىدىڭمۇ» دەپ گەپ قىلىۋېرىپتىمەن. ئاخىرى كەچ بوپ كېتىپ ئۇخلاپ قالدىم. بۈگۈن ئىشتىن چۈشۈپ ماشىنىدا ئولتۇرۇپ微信 نى ئېچىپ ئاخشام پاراڭلاشقان ئۇچۇرلارغا قارىسام، ئاۋاز نىڭ بەلگىسى تۇرىدۇ، قۇلىقىمغا نائۇشنىكنى سېلىپ ھېلىقى بەلگىلەرنى بېسىپ باقسام ئۆزەمنىڭ ئاخشامقى «قىزىق گەپلىرى» بىلەن ئۇكامنىڭ «ئۆگىتىشلىرى» ئاڭلانغىلى تۇردى، ئۆزەمچە كۈلۈپ كېتىپتىمەن، توۋا، ئاخشام ئۇقماي ئۇ يەر بۇ يەرنى بېسىپ گەپ قىلىۋېرىپتىمەن.....
ئەسلى،微信 مۇنداق قورالكەن:
1. 微信 نىڭ باش بېتى تېلېفونىڭىزنىڭ سېستىمىسىغا ماس كېلىدىغان دىتالنى ھەقسىز قويۇپ قويىدىكەن، تورغا چىقىپ چۈشۈرۈپ، تېلېفونىڭىزغا قاچىلاپ قوزغىتىپ، QQنۇمۇرىڭىز بىلەن تىزىملىتىدىكەنسىز. ئاندىن قوزغىتىپ يانفونغا ئېسىپ قويسىڭىزلا بولىدىكەن. ئۇنىڭ كۆرۈنمە يۈزى QQ غا ئوخشاپ قالىدىكەن، قارشى تەرەپنى سىز ئىزدەپ قوشىدىكەنسىز ياكى قارشى تەرەپ سىزگە ئىلتىماس ئەۋەتىدىكەن. QQ دىكى ۋە يانفونىڭىزدىكى دوستلىرىڭىزنى قوشۇۋالسىڭىز بولىدىكەن.
2. پاراڭلاشقاندا قارشى تەرەپ بىلەن ئاۋازلىق، خەتلىك پاراڭلاشقىلى بولىدىكەن. مەسىلەن ئاۋازلىق پاراڭلىشىش دىگەن يەرنى بېسىپ گەپ قىلسىڭىز، قارشى تەرەپكە ئاۋاز ئۇچۇرى بارىدىكەن، ئۇ ئېچىپ ئاڭلىۋېلىپ دەرھال ئاۋازلىق ئۇچۇر ئەۋەتسە سىز ئاڭلىيالايدىكەنسىز. بۇرۇنقى پاراڭلىشى خاتىرىسىنى ئېچىپ ئاۋازنى قايتا قايتا ئاڭلىسىڭىزمۇ بولىدىكەن. يەنە خالىغانچە رەسىم ئەۋەتكىلى بولىدىكەن. بۇ رەسىم ئەلۋەتتە تېلىفونىڭىزنىڭ ئىچىدىكى رەسىم بولسىمۇ بولىۋېرىدىكەن. يەنى يانفون QQ سىدا ئاۋازلىق پاراڭلاشقىلى بولمايتى ھەم رەسىم ئەۋەتكىلى بولمايتى. «رەڭلىك ئۇچۇر» ئارقىلىق رەسىم ئەۋەتسىڭىز ئۇچۇر ھەققى بىر يۈەن ئىدى. لىكىن بۇنىڭدا ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدىكەن. نىمىدىگەن ياخشى. مۇنداق ئويلاپ قالدىم، بالىلىرى يىراق يەردە ئوقۇيدىغان ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار بىر-بىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، تۇرمۇش رەسىملىرىنى كۆرەلىگۈدەك. يىراق يەردىكى ئاتا بولغۇچى تۇنجى ۋاقىتتا بوۋىقىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان ھالىتىنى تېلىفۇنى ئارقىلىقلا كومپىيوتېر ئالدىغا كەلمەي تۇرۇپ كۆرەلىگۈدەك.... گەرچە كومپىيوتېردا كۆرۈنمە چاستوتا ئالدىدا ئولتۇرغاندەك ياخشى بولمىسىمۇ، يانفوندىكى ئاۋازلىق ۋە سۈرەتلىك پاراڭلىشىش ھەقىقەتەن قولايلىق ئىكەن. مەسىلەن، توپ تارقىتىش بازىرىدىكى مال ئېلىۋاتقان سودىگەر چىرايلىق كۆرۈنگەن كىيىمنى بىرلا رەسىمگە تارتىپ مەلۇم خېرىدارىغا يوللىۋەتسە، شۇ زامات قارشى تەرەپ ئالىدىغان ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتسا، بۇ سودا نىمىدىگەن قولايلىق-ھە؟ دىمەك، بۇ خىل ئاۋازلىق ۋە سۈرەتلىك پاراڭلىشىش كومپىيوتېرغا قارىغاندا تېخىمۇ قولايلىق ۋە ئومۇملىشىشقا مۇۋاپىقكەن. تەسىراتىم مۇشۇنداق كۆپ، تولىمۇ ھاياجان ئىلكىدە微信 نى ياسىغانلارغا رەھمەت ئېيتىپ بىر ئۇچۇر ئەۋەتىۋەتكەچ بايىلا ئۇكام ئەۋەتىپ بەرگەن جىيەنىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ ئولتۇرماقتىمەن.
评论