




-
كروران بلوگى پەخىرلىك ۋوردپرەس سۇپىسىغا كۆچتى
يېڭى ئادرېسىمىز: http://blog.kroran.net
بۈگۈن ئەسلىدىكى بلوگباستىكى مەزمۇنلار بۇ يېڭى ئۆيگە كۆچۈرۈلدى، بلوگىمنىڭ ئېچىلىشىنى قوللىغان كروران تور بېكىتى http://www.kroran.net گە رەھمەت ئېيتىمەن!
-
ئاخشام ئۇكامنىڭ مىكرو بىلوگىدىكى «نىمىدىگەن ياخشى ئاۋازلىق، سۈرەتلىك پاراڭلاشقىلى بولىدىكەن» دىگەن ئۇچۇرنى كۆرۈپ، قىزىقىپ دوراپ مەنمۇ ئىزدەپ يۈرۈپ微信 دىگەن دىتالنى قاچىلىۋالدىم. دەسلەپتە قاچىلاپ تېلفۇنۇمغا ئورنىتىپ بولغاندىن كىيىن ئۇكامنى قوشۇۋېلىپ خەت يازدىم، كارامەت...ھې...ھې.... ئۇكام «ئاۋۇ يەرنى بېسىپ گەپ قىلساڭ مەن ئاڭلايمەن، گەپ قىلىپ باقە» دىسە مەن نەدىن ئاۋاز چىقىۋاتقىنىنى، نەگە گەپ قىلىدىغىنىمنى بىلمەي «ۋەي، ۋەي، ئاڭلىدىڭمۇ» دەپ گەپ قىلىۋېرىپتىمەن. .....
-
ھېلىقى كۈنى، سىز تەنەپپۇس ۋاقتىدا يۇرتىمىزدىن چىققان ئالىم ئەخمەتچان ئابلىز دوكتۇرنى تىلغا ئالدىڭىز، مەن سىزگە باشقىدىن قارىدىم، بىلەمسىز سىزنىڭ سۆزىڭىزدىن مەن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۆزۈمنى كۆرگەندەك بولدۇم، سىزدىن شۇنچىلىك سۆيۈندۈم، بىلەمسىز مەن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقىتىمدا ئاچام ماڭا «بۈگۈنكى ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى» دېگەن كىتابنى ئەكىلىپ بەردى، مەن شۇ چاغدا ھەتتا دوكتۇرنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى، دوكتۇرلارنىڭ قانداق كىشى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم، كىتابنى قولۇمغا ئېلىپلا ئوقۇشقا كىرىشتىم،ھەي، ئەسلىدە دوكتۇر دېگەن بىز
-
-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى
شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسى "مەدەنىيەت بوستانى" پروگراممىسىدا "باغۋەن ئائىلە" تىمىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. سۆھبەتتە كۆنچى دەريا ۋادىسىدىكى بىر ئانىنىڭ ھىكايىسى ئىنتايىن تەسىرلىك مىساللار بىلەن قىسقىلا ئوتتۇرىغا قويۇ... -
-
يېقىندىن بلوگىمنىمۇ ياسىمىدىم،ماقالىمۇ يوللىيالمىدىم.نىمىگە ئالدىراش دەمسىز؟شۇ خىزمەتنىڭ ئىشى.خىزمەتكە ئېرىشەلمەستە شۇنداق خىزمەت قىلغۇمىز كېلىپ كېتىدىكەنيۇ خىزمەتكە كىرىپ بېسىمدىن نېرى بولالماي سەل زېرىكىپمۇ قالىدىكەن كى...
-
بىلەمسىز ئاپا ئېشىكتىن كىرگىنىمدە «ئاپا» دەپ ئەركىلەپ بوينىڭىزدىن قۇچاقلىغۇم،ئەكىلىڭ مەن قىلاي دەپ پەرتۇقنى تارتىۋالغۇم كېلىدۇ،بىراق شۇنداق قىلالمىدىم!قۇچىقىڭىزدا يېتىپ تېلىۋېزور كۆرگۈم،ھارغىنىڭىزدا مۆرىڭىزنى تۇتۇپ پۇتلىرىڭىزنى سىلىغۇم كېلىدۇ-يۇ شۇنداق قىلالمىدىم. كوچىلاردا بېلىكىڭىزدىن قولتۇقلاپ ماڭسام كىشىلەرنىڭ ھەۋەس بىلەن قارىشىدىن سۆيۈنۈپ كېتىدىغىنىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ سىزگە كۆپرەك ھەمراھ بولالمىدىم...
-
ئوقۇش پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا كۈتۈپخانىغا كىرىش- چىقىشتا،كىتاب ئارىيەت ئېلىشتا ئىشلىتىدىغان ئارىيات ئېلىش كارتىسىنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە توغرا كەلدى،شۇ تاپتا مەن سەندىن ئايرىلالمايدىغىنىمنى،ساڭا چوققۇر مېھرىم بارلىغىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم.
دىمىسىمۇ ئالىي مەكتەپتىكى ئەڭ گۈزەل كۈنلىرىم،كۆپىنچە ۋاقتىم مۇشۇ جايدا ئۆتكەنىدى. ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا چىققان چاغقۇ دەيمەن،مەكتەپ كۈتۈپخانىسى قۇرۇلدى،ئۇنى ھەممىلا جايدا ماختاپ"غەربى شىمال بويىچە ئەڭ چوڭ مۇكەممەل كۈتۈپخانا دىيىشەتتى،ھېلىمۇ ئېسىمدە نەچچە يىللار ئىلگىرى قايسى بىر ھەدىمىزنىڭ شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىدا ئېلان قىلغان"فىرانسىيىدىكى كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىغى ۋە كۈتۈپخانا"دىگەن ماقالىسىنى كۆرۈپ ئۇ كىتابخانىلار بىلەن مەكتىۋىمىزنىڭ كۈتۈبخانىسىنى خىيالەن سېلىشتۇرۇپ چىققانىدىم،تېخى دوسلىرىم بىلەن مەخسۇس ئاپتۇنۇم رايونلۇق كۈتۈپخانىغا بېلەت ئېلىپ كۆرۈپ چىققان،راستىنلا مەكتىۋىمىزنىڭ كۈتۈپخانىسىنىڭ شەرقى شىمال بويىچە ئەڭ ئىكەنلىگىگە قايىل بولغانىدۇق.