باش بەت  كروران مەدەنىيىتى  ئاسپىرانت،چەتئەلگە چىقىش  ماتىماتىكا  ئېنگىلىز تىلى  تەرمىلەر
  • كروران نىمىگە بۇنچە «يوقاپ»كەتتى؟

    2009-06-04


          يېقىندىن بلوگىمنىمۇ ياسىمىدىم،ماقالىمۇ يوللىيالمىدىم.نىمىگە ئالدىراش دەمسىز؟شۇ خىزمەتنىڭ ئىشى.خىزمەتكە ئېرىشەلمەستە شۇنداق خىزمەت قىلغۇمىز كېلىپ كېتىدىكەنيۇ خىزمەتكە كىرىپ بېسىمدىن نېرى بولالماي سەل زېرىكىپمۇ قالىدىكەن كىشى.لىكىن ئامال يوق،مەن ئۇنداق ۋايساپ يۈرۈيدىغانلاردىن ئەمەس،بىر كۈن خىزمەتچى بولىدىكەنمەن بىر كۈن تىرىشىمەن،خىزمىتىمدىن ئۆزۈم رازى بولغىچە.
         ئۆتكەن يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا بىر يىل نۇرغۇن جاپالارغا چىداپ تەييارلىق قىلىپ ئۆز ئارزۇيۇم بويىچە ئاسپىرانتلىققا كىرىش ئۈچۈن تىرىشقان بولساممۇ ئاخىرى ئۆتەلمەي قېلىپ شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلەنگەن چېغىمدا مۇنبەر،مانا بۇ شەخسى بلوگىم مېنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ھوزۇرۇم بولدى،ماڭا تۈن كېچىلەردە،كۆڭلۈم پەرىشانلىقتا ئۆتكەنلەردە مەن مۇشۇ بلوگىمدا سەيلە قىلىپ يۈردۈم،بلوگ ماڭا تەسەللىي بولدى.ئاخىرى ئۆيۈمدىكىلەرنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئوقۇتقۇچىلىققا ئىمتىھان بېرىپ يۇرتۇمغا قايتتىم،كىچىكىمدىن ھەممە ئادەم مېنى ئوقۇتقۇچى بولۇشقا بەكمۇ ماس كېلىسەن دەيتتى،راست دىگەندەك خىزمەتكە چۈشۈپلا كىرىشىپ كەتتىم،ئەشۇ سەبىي يىزا بالىلىرىنى ھەر بىر كۆرگىنىمدە بالىلىقىمدىكى شاد -بىغۇبار كۈنلىرىم ئېسىمگە كېلىدۇ.يېزا بالىلىرى شەھەر بالىلىرىدىن كۆپ پەرىقلىنىدۇ،نۇرغۇن نەرسىلەرگە ھەيرانلىقتا،قىزىقىشتا قارايدۇ،بەزىدە ئۇلارغا نەچچە سائەتلەپ مۇنازىرىلىشىپ كېتىمەن،بەزىدە دەرسنىڭ توشۇپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي قالىمەن.ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ ئىنتايىن ئۇلۇغ ھەم جاپالىق كەسىپلىكىنى ھىر كۈنى ھېس قىلىمەن.يىزا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ھەقىقەتەن ھەقىقەتەن جاپالىق.ھەر قانداق خىزمەت جاپالىق،لىكىن يىزا مەكتەپتە ئىشلەش مەن ئويلىغاندىن كۆپ جاپالىق ئىكەن.خىزمەت مىقتارى ئېشىپ كېتىش دىسەممۇ بولىدۇ،بىزنىڭ ئاساسەن شىنبە يەكشەنبىمىز يوق،تېخى بۇ يىل قىشلىق تەتىلدىمۇ دەم ئالمىدۇق.بىز قوش تىل سىنىپىغا دەرسكە كىرىدىغانلارنى تەتىلدىمۇ تەربىيلەيدىكەن،بۇ تەربىيلەشنىڭ پايدىسىمىغۇ بولدى،لىكىن تەتىلدىن يىغىلىپلا يەنە خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتىم.ھەممىدىن تەس كېلىدىغىنى ھەر ھەپتىدە تۈزەيدىغان ئون سائەتلىك پىلاننى يېزىش،ئون قېتىم تاپشۇرۇق ئىشلىتىپ تەكشۈرۈش.دەرس بېرىۋاتقان 50-60 ئوقۇغۇچۇمنىڭ غېمىنى قىلمىسام تېخى،مەكتەپتىكى تۈرلۈك ئارخىپ ئىشلەش،شەنبە-يەكشەنبىلەردىكى ئەمگەك،يەنە تېخى مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنى بىر قوللۇق باشقۇرۇش،سىنىپ تۇتۇش دىگەندەك ئىشلار بىلەن ئالدىراشچىلىقتا يۈرۈيمەن.ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 يېرىمدا ئۆيدىن چىقىپ كەتسەم بىر سائەت ئەتراپىدا ۋاقتىم يولدا ماشىنا ساقلاش،مەكتەپكە بېرىشقا كېتىدۇ،ئولتۇرۇپ ھارغاندا مەكتەپكە كىرىدىغان گەپ،شۇ ئالدىراشچىلىقتا كۈننىڭ قانداق كەچ بولغانلىقىنىمۇ سەزمەي كەچ سائەت 6 لەردە ئاران قايتىپ كېلىمەن،پۈتۈن كەچ بىكاركەنسىزغۇ دىيىشىڭىز مومكىن،سىزگە دىسەم ئوقۇتقۇچىنىڭ كەچلىك ئويۇنى بولمايدىكەن.باشقا خىزمەت قانداقكىن،ئوقۇتقۇچى ئۆيگە قايتسىمۇ خىزمەت قىلىدىغان گەپكەن،يازالمىغان پىلاننى تولۇقلاش،خاتىرە يېزىش،ماتىريال كۆرۈش دىگەندەك ئىشلار،يەنە ئۆيدە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئىككى ئوقۇغۇچۇمغا تەكرارىغا يېتەكچىلىك قىلىش دىگەندەك ئىشلار بىلەن كەچتە ئۇيقۇغا ئارانلا ئۈلگۈرىمەن.ھېلىمۇ ئۆيۈم بالام دەپ ئەنسىرەش يوقكەن مەندە [s:52] ئاپام ئەتكەن تاماقنى ۋاقتىدا يىسەملا ئاپام مەندىن خوشال بولۇپ كېتىدۇ.راست،بۇ مەۋسۈمدە بەكمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق،«ئىككى ئاساسەن»نى تەكشۈرۈشنى كۈتۈۋالىمىز دەپ ھەتتا بىز قىلمىغان ئەمگەكمۇ قالمىدى،بەزى چاغلاردا خىزمەتتى يېنىپ يولدىكى چارچاش قوشۇلۇپ ماشىنىدا ئۇخلاپ قالىدىغان،بەزىدە ئۆيگە كېلىپ يىغلاپ كېتىدىغان چاغلىرىممۇ بار بولدى.نۇرغۇن دوستلىرىم مەندىن رەنجىپ بىزنى ئىزدىمەيدىغان بولۇپ كەتتىڭ دىگەنلەرمۇ بولدى،لىكىن ماڭا نىمە ئامال.بولسا بىر كۈن 48 سائەت بولغان بولسا مەن بۇنچە« يوقاپ »كەتمەيتىم.....
      ھەر ھالدا ئۆزۈمنىڭ ئارزۇيۇم بويىچە داۋاملىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلدىم،بىر تەرەپتىن يېڭى خىزمەتكە قاتناشقاندىكى خىزمەت بېسىمى يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى تۇرمۇشقا كۆنەلمەسلىك ،كۈنسىرى يېقىنلاپ قالغان ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ بېسىملىرى مېنى قىيناپ يىغلىتىپ يۈرگەن كۈنلەردە يەنە ئىمتىھانغا قاتنىشىۋەردىم.ئاخىرى يېقىندا نەتىجەم چىققاندا خېلى يېنىكلەپمۇ قالدىم.ھازىر مەن يەنە يىغلىمايمەن.خىزمەت ماڭا كۆڭۈللۈك بىلىنىدۇ،ئالدىراشچىلىققىمۇ كۆنۈپ كەتتىم،شۇ مۇشۇ بلوگىمنى يېڭىلىيالمايۋاتىمەن شۇ.خۇدايىم بويرىسا يېقىندا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ نەتىجىسىدىن رازى بولسام مېنىڭ بارلىق ھاردۇقۇم چىقىپ كېتىدۇ.شۇ چاغدا مەن يەنە بلوگ يازىمەن،چىن ھېسياتىمدىن يېزىلغان ئوقۇتقۇچىلىق خاتىرىلىرىمنى بۇ يەرگە يوللايمەن....

    分享到:
    ئېلان ئورنى

    评论

  • مەن تېخى تەكلىماكاندىكى قەدىمىي شەھەر «كروران» توغرىسىدىكى بىرەر ماقالە ئوخشايدۇ دەپ يۈگۈرۈپ كىرىپتىمەن، ئەسلى بۇ «كروران» خانقىزنىڭ «خىزمەت دوكلاتى» كەن، ئەمەسمۇ!
  • ئوقۇتقۇچىلىق ھەقىقەتەنمۇ جاپالىق، ھازىر تەتىل مەزگىلى ھەرھالدا كۆڭۈل خاتىرجەم. تەتىل كۈنلىرىڭىز خۇشال ئۆتكەي.
  • ئالدىڭىزدا تىللىرىنى ئىلىمگە تامشىتىپ ئولتۇرغان سەبىيلەرگە شوخلۇق بىلەن ئېقىپ تۇرغان ئەركەك تاغ سۈيىلا بېرىڭكى، ھەرگىز تۇرۇپ قالغان سېسىقسۇ بەرمەڭ.
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!كروران خانقىز،بلوگىڭىزنىڭ نامىنى كۆرۈپلا نەشپۈت ماكانى كورلىدىكى«كروران» ژورنىلىدىكى ئەدىپلەرنىڭ تور بېتى ئوخشايدۇ،دەپ قاپتىمەن.
  • توغرا ، بۇلۇپمۇ مۇشۇ مەزگىللەردە بارلىق جاپاكەش ئۇستازلارنى " ئىككى ئاساسەن" نىڭ بېسىمى بېسىۋالدى ....... لىكىن بارلىق زىياننى ئاشۇ سەبى بالىلار تاتتى دە !؟
  • كىروران خانقىزنى نەگە كەتتىكىن دىسەك خىزمەت بېسىۋالدى دەيلى . بوپتۇ ، مۇھىم ئىشنى ئاۋۋال قىلغۇلۇق . خىزمەتنىڭ ئېپى-جىپىغا كىرىۋىلىپ ،قولىڭىز بوشاپ ئارام ئالغان ۋاقتىڭىزدا بلوگىڭىزنىمۇ يېڭلاپ قويارسىز . خىزمىتىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىغا تىلەكداشمىز .
  • مەن قىز بالا.......
  • ئۇنداق يوقاپ كەتمەڭ بۇرادەر، ئوقۇتقۇچى بلوگىرلارمۇ كۆپ جۇمۇڭ ...