باش بەت  كروران مەدەنىيىتى  ئاسپىرانت،چەتئەلگە چىقىش  ماتىماتىكا  ئېنگىلىز تىلى  تەرمىلەر
  • بالىلىقىمدىكى ئەسلىمىلەر

    2011-04-24

    تۈرى:

    بالىلىقىمدىكى ئەسلىمىلەر

    1.    كۆل

    كىچىك چېغىمدا مەھەللىمىزدە بىر كۆل بولىدىغان، بۇ كۆل ئىككى دانە كىچىك كۆلدىن ياسالغان بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا بىر تال چوڭ ئۈجمە دەرىخىنى بويلاپ ياسالغان قىر ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇراتتى. ئەتىياز ۋە ياز پەسىللىرىدە ئېرىققا پاتماي ئېقىپ كېلىدىغان سۇلار مانا مۇشۇ كۆلگە قاچىلىنىۋېلاتتى، سۇ قاچىلىنىپ بىر ئىككى كۈنگىچە كۆل سۈيى لاي بولۇپ كەتسىمۇ بىر نەچچە كۈندىن كىيىنلا سۇ سۈزۈلۈپ، لاي لاتقىلار ئاستىغا تىنىپ كېتەتتى-دە، كۆل بويى قىزىپ كېتەتتى، كۆلگە سۇغا چىققان ئاياللار، كۆل بويىدا قۇمچاق تۇتۇپ ئويناۋاتقان بالىلار، كۆلدە مال سۇغۇرىۋاتقان كىشىلەر.... ئىشقىلىپ بۇ كۆل مەھەللىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالاتتى. ئەلۋەتتە ماللار ھېلىقى ئايرىم كۆلدە سۇغۇرۇلاتتى. چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچە كىشىلەر بۇ كۆلنىڭ سۈيىنى ئىچىدىكەنتۇق، لىكىن مەن ئېسىمنى بىلسەم مەھەللە كومىتىتىنىڭ ئالدىغا چوڭ بىر قۇدۇق كولانغاچقا، كىشىلەر بۇ كۆلنىڭ سۈيىنى ئىچمەيدىكەن پەقەتلا كىر-قات يۇيۇش، ھويلىلارغا سۇ سېپىش، ماللارغا ھەلەپ ئېتىش، ماللارنى سۇغۇرۇش...دېگەندەك ئىشلارغا ئىشلىتىدىكەن. بۇرۇن كۆل بويىدىكى چوڭ يولنىڭ ئۇيەر-بۇ يەرلىرى لۆمشۈپ قالاتتى، يوللار زەي ۋە نەمخۇش ئىدى .كىيىنچە ھەممە ئۆيلەرگە باسما قۇدۇق كولانغاندىن كىيىن ھېچكىمنىڭ بۇ كۆلگە ئېھتىياجى چۈشمىدىمۇ ئەيتاۋۇر كۆل سۈيى تارتىلىپ كەتتى. بۇ كۆلنىڭ ئورنى ئويمان يەرگە ئايلىنىپ كىشىلەر بۇ يەرگە ئات-كالىلارنى باغلاپ قويىدىغان بولۇپ قالدى. مانا ھازىر بېرىپ قارىسام بۇ جايغا ئاللىبۇرۇن ئۆي سېلىنىپ بوپتۇ، ھېلىقى ئۈجمە دەرىخىمۇ كېسىۋېتىلىپتۇ. يوللارمۇ قۇرغاق، توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان بولۇپ قاپتۇ.

    2.    قۇدۇق

    ئېسىمنى بىلسەم مەن مەكتەپكە ماڭىدىغان يولنىڭ بويىدا يەنى مەھەللىنىڭ كىچىككىنە مەركىزى بازىرىدىكى دۇكاننىڭ يېنىدىلا بىر قۇدۇقتىن سۈپسۈزۈك سۇ ئېتىلىپ چىقىدىكەن، كىشىلەر يىقىنراقتىكىلىرى ئەپكەچ كۆتۈرۈپ، يىراقتىكىلىرى ھارۋىلىرىغا چوڭ تۇڭلارنى بېسىپ دېگەندەك كېلىپ ئۆيى مەيلى قانچىلىك يىراق بولسۇن مۇشۇ قۇدۇقنىڭ سۈيىنى ئاپىرىپ ئىچىدىكەن. كىچىكلەر چوڭلارغا سۇ توشۇپ بېرىش، كېلىن-كۈيئوغۇللار ئاتا-ئانىلىرىغا سۇ توشۇپ بېرىش ئادەتكە ئايلانغانىكەن. مەنمۇ مۇشۇ قۇدۇقنىڭ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان-ئەلۋەتتە. ئاڭلىشىمچە بۇ قۇدۇقنى ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ ئاممىدىن ئازراقتىن پۇل يىغىپ كولاپ بېرىپتىكەنمىش، چوڭقۇرلىقى 50 مېتىر دېيىشىدىكەن. سۇ شۇنداق سۈزۈك ۋە بېسىمى كۈچلۈك ئىدى، يەردىن ئېتىلىپ چىققان سۇ ئېگىپ ياسالغان ئادەمنىڭ بېلىدەك كەڭلىكتىكى قۇدۇق بېشىدىن ئۈچ-تۆت مېتىر يىراقلىققا ئېتىلىپ چىقاتتى. بىزدەك كىچىك بالىلار يېنىغا بارىدىغان بولساق قەتئىي سۇ ئالالمايتۇق. كىيىنچە كىشىلەردىن ئاڭلىشىمچە بۇ قۇدۇقنىڭ سۈيى ئازلاپ سىرغىپ چىقىدىغان ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ، مانا ھازىر بولسا ئىزىمۇ قالمىدى، ئۈستىگە ھەتتا ئۆي سېلىنىپ بوپتۇ.

    3.    قىرىم تام ۋە كاڭ ئوچاق

    كىچىكىمدە بوۋام مومامنىڭ ئۆيىدە كۆپرەك بولاتتىم. مومامنىڭ ئۆيىدىكى كاڭ ئوچاق شۇنداق ئىسسىق ۋە راھەت ئىدى. كاڭنىڭ بىر تەرىپىگە يانداپ سېلىنغان ئوچاقتا ئەتىگەندىن كەچكىچە يوغان يوغان ئوتۇنلار (مۇشۇ ئوتۇننىڭمۇ ئىسمى بولىدىغان، ئۇنتۇپ قاپتىمەن) كۈن بويى كۈيۈپ لاۋۇلداپ تۇرغاچقا كېچىچە شۇنداق راھەت ئۇخلايتتىم. ئوچاقنىڭ ئۈستىدە تاماق ئېتىدىغان چوڭ قازان ئېسىقلىقلا تۇراتتى. قازان بىلەن كاڭنىڭ ئارىسىغا بىر پاكار تام سېلىنغان بولۇپ، بىز ئۇنى قىرىم تام دەپ ئاتايتۇق. مەن ئەنە شۇ قىرىم تامنىڭ ئارقىسىدىلا ئۇخلايدىغان بولغاچقا بۇ جاي ئەڭ ئىسسىق ئەڭ راھەت جاي ھېسابلىناتتى. ھەر كۈنى ئەتىگەندە كۆزۈمنى ئاچسام نامازدىن قايتىپ كەلگەن بوۋام ئاپئاق ساقىلىنى سىلىغاچ ئوچاقنىڭ ئالدىغا سېلىنغان پالازنىڭ ئۈستىدە پۇتلىرىنى ئوتقا قاقلاپ ئولتۇرۇپ ئوچاققا ئوتۇن سالغاچ ئولتۇرىدىكەن. دەرھال يوتقاندىن سۇغۇرۇلۇپ بېرىپلا بوۋامنىڭ قۇچىقىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ سۇئاللارنى باشلىۋېتەتتىم.

     -بوۋا، بۇ ئوتۇننى نەدىن ئەكىلىدۇ؟

    -جاڭگالدىن.

    -جاڭگال نەدە، يىراقمۇ؟

    -يىراق بالام، سەن بىلمەيسەن.

    -بوۋا سەنمۇ كىچىك ۋاقتىڭدا مەكتەپتە ئوقۇغانمۇ؟

    -ھەئە بالام، مەنمۇ مەختەپتە ئەلا ئوقۇغان، تېخى ئەپەندىم بولغان...

    -بوۋا، ئۇنداقتا سەنمۇ خەت ئوقۇيالامسەن؟

    -ھەئە، ئەكىلە كىتابىڭنى ئوقۇپ بېرەي (بوۋام راستىنلا مېنىڭ كىتابىمدىكى كونا يېزىقنى راۋان ئوقۇيالايتى ۋە يازالايتى، لىكىن ئاپام كونا يېزىقنى يازالمايتى، كىيىن بىزدىن ئۆگىنىپ ساۋادىنى چىقىرىۋالغان)

    -بوۋا، مەن ئوتۇن سېلىپ باقايمۇ؟ (مېنىڭ كىچىككىنە قوللىرىمغا ئۇ يوغان ئوتۇنلاپ پاتمايتى، ئىشلارنى قاملاشتۇرالمىساملا بوۋام مېنى «پالاكەت» دەيتى)

    -پالاكەت، بولدى تۇتما، ئۆزۈم سالاي

    4.    بوۋامنىڭ ئاپئاق ساقىلى

    مېنىڭ ئىككىلا بوۋامنىڭ ساقىلى خېلى ئۇزۇن ھەم رەتلىك تاراپ قويغاندەكلا تۇراتتى، بىراق ھازىر بۇنداق ئاپئاق ساقاللىق مويسىپىتلەر بەكمۇ ئازلاپ كېتىپتۇ.

     

    يۇقۇرىقىلار ھەممىسى مېنىڭ بۈگۈن كېچە چۈشۈمگە كىرىپ قالغان بالىلىقتىكى ئەسلىمىلىرىم. ھازىر ھۆكۈمەت نۇرغۇن مەبلەغ سالغاچقا، يىزىلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمىزمۇ بۇرۇنقىدىن ئاسمان-زىمىن ياخشىلاندى، ھازىر يىزىلاردىمۇ پاكىزتۇربا سۈيى،گازلىق ئوچاقلار، ماشىنا-تراكتورلار ئومۇملاشتى. ھازىرقى بالىلارنىڭ ئىچىدە ئەشۇ كۆللەرنى، قىرىم تاملىق ئوچاقلارنى كۆرۈپ باققانلار، بوۋامنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ باققانلار ئىنتايىن ئاز ساندا بولسا-كېرەك...

    分享到:
    ئېلان ئورنى

    评论

  • كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چوڭ بوپتۇق ئۇقمىدۇق،بالىلىققا پەقەت تويمىدۇق...
    بۇ خاتىرىڭىز بەك تاتلىق چىقىپتۇ