باش بەت  كروران مەدەنىيىتى  ئاسپىرانت،چەتئەلگە چىقىش  ماتىماتىكا  ئېنگىلىز تىلى  تەرمىلەر
  • ئاپا مېنى تۇغقان كۈنۈڭگە مۇبارەك!

    2009-03-04


    ئاپا مېنى تۇغقان كۈنىڭىزگە مۇبارەك!

     

    ئەتە تۇغۇلغان كۈنۈم،بايا خىزمەتتىن كېلىش يولىدىن باشلاپلا كۆڭلۈمگە بىر خىل ئىپادىلەپ بەرگۈسىز گادىرماچ خىياللار كېلىۋالدى،خاتىرەمنى ئېچىپ نىمىلەرنىدۇر يازماقچى بولدۇميۇ كاللامدا ھېچنىمە يوق...

    ئەتە تۇغۇلغان كۈنۈم،ئالتە يىلدىن بېرى باشقا شەھەردە ئوقۇغاچقا بىرەر قېتىممۇ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆيدە ئۆتكۈزۈپ باقمىغىلى ئۇزۇن بوپتۇ،ئۆتكەن ھەپتىدە شۇنداقلا چاقچاق قىلىپ دەپ قويغان بىر ئېغىز گېپىم بويىچە ئاپام-دادام بۇ يىل تۇغقانلارنى چاقىرىپ مەخسۇس تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولىۋاتىدۇ...

    ئەتە تۇغۇلغان كۈنۈم،بايا خىزمەتتىن كېلىپلا كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرۋالغىنىمچە قوپمىدىم،ئەنە ئاپام پايپېتەك بولۇپ ئاشخانىدا تاماق تەييارلاش بىلەن ئاۋارە،شۇنى ئويلىسام مۇشۇ يېشىمدا يەنە ئاپامنىڭ قولىنى بوشىتالمىغىنىمدىن يۈزۈم قىزىرىدۇ-يۇ،يەنىلا قوللىرىم كونۇپكا تاختىسى ئۈستىدە،كۆزلىرىم ئېكراندا،كاللامدا نىمىلەردۇر غۇۋا كېچىپ ئۆتىدۇ....

    يەنە خاتىرەمنى ئاچتىم، ئۆتكەن يىلى مۇشۇ كۈندىمۇ ياتىقىمدا بۇرۇختۇم بولۇپ ئولتۇرۇپ ئاپامغا ئاتاپ يازغان خاتىرەم ئالدىمدا تۇرۇپتۇ،نىمىشقىدۇر ھەر يىلى بىر نەچچە قېتىم شۇنداق بولۇپ قالاتتىم،توغرا سەۋەبىنى چۈشەندىم

    ئاپا،مەن ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا يىگىرمە نەچچە يىل ئىلگىركى مۇشۇ كۈننى ئويلايدىكەنمەن،شۇ چاغ سىز مېنى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقۇزۇش ئۈچۈن ئۈلۈم بىلەن ئېلىشقان،ھەم خوشاللىق ھەم ئازاب ئىچىدە ياش تۆككەن چاغ،مەنمۇ بارا-بارا چوڭ بولدۇم،گەرچە سىزنىڭ ھاياتنىڭ شۇ قىيىن سىنىقىدىن قانداق ئۆتكەنلىكىڭىزنى تېخى تولۇق ھېس قىلىپ كېتەلمىگەن بولساممۇ،بۇلارنى چۈشىنىشكە قادىرمەن ئاپا.ئاپا،مۇشۇ قەرزلەرنى مەن قانداقمۇ ئادا قىلىپ بولارمەن؟ بىلەمسىز ئاپا ئېشىكتىن كىرگىنىمدە «ئاپا» دەپ ئەركىلەپ بوينىڭىزدىن قۇچاقلىغۇم،ئەكىلىڭ مەن قىلاي دەپ پەرتۇقنى تارتىۋالغۇم كېلىدۇ،بىراق شۇنداق قىلالمىدىم!قۇچىقىڭىزدا يېتىپ تېلىۋېزور كۆرگۈم،ھارغىنىڭىزدا مۆرىڭىزنى تۇتۇپ پۇتلىرىڭىزنى سىلىغۇم كېلىدۇ-يۇ شۇنداق قىلالمىدىم. كوچىلاردا بېلىكىڭىزدىن قولتۇقلاپ ماڭسام كىشىلەرنىڭ ھەۋەس بىلەن قارىشىدىن سۆيۈنۈپ كېتىدىغىنىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ سىزگە كۆپرەك ھەمراھ بولالمىدىم...

    جېنىم ئاپا،مېنى تۇغقان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!بولدى،ئەمدى تۈگىمەس ئىشلارنى قويۇڭ،تۇغۇلغان كۈنۈمدە مەن ئۈچۈن يەنە چارچىشىڭىزنى خالىمايمەن،ماڭا بىر پۇرسەت بېرىڭ،ئۆزۈم سىزنىڭ بايرىمىڭىزنى،قۇتلۇق كۈنىڭىزنى تەبرىكلىۋالاي!

    分享到:
    ئېلان ئورنى

    评论

  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،بۇتىمىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ. بۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى يازالىغاندىكىن پات-پات يىزىپ تۇرۇڭ .مەن يىزىشنى بىلمىگەن بىلەن ياخشى ئەسەرلەردىن زوقلىنىشنى بىلىمەن.
  • كروران قىز بۇ يازمىڭىز بەك ياخشى يېزىلىپتۇ . سىزدەكلا ...
    كروران回复mehrim说:
    رەھمەت مېھرىم،سىزمۇ بەك ياخشى.بۇ كىچىككىنە ماقالىنى شۇ كۈنى ھەقىقىي ھېسياتىم بىلەن ئولتۇرۇپلا يېزىۋېتىپتىكەنمەن،شۇنداق چىقىپ قالدى.بەلكىم باشقا چاغدا يازاي دەپمۇ يازالماستىم....رەھمەت سىزنىڭ ماختىغىنىڭىزغا.
    2009-03-22 02:14:07
  • شەپقەت بىلوگى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
  • يوللىغان تىمىڭىزغا رەھمەت !
  • بلوگىم يېڭى ئۇسلۇپ ئىشلەتتى ،بلوگداشلارنىڭ پىكىر بېرىشىنى ئۈمۈد قىلمەن !
  • سىزمۇ باركەنسىز-ھە؟ بىز تەرەپلەرگىمۇ ئۆتۈپ قويۇڭ بلوگىڭىزغا كېرەكلىك خېلى كۆپ يازمىلار بار.
    تالا-تۈگە چىقىپ ئايلىنىپ كىرگەن ياخشى ئىش جۇمۇ (چاقچاق قىلىپ قويدۇم-ھە)