باش بەت  كروران مەدەنىيىتى  ئاسپىرانت،چەتئەلگە چىقىش  ماتىماتىكا  ئېنگىلىز تىلى  تەرمىلەر 
كروران بلوگى قۇرۇلغىلى
  • شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى تۇنجى نۆۋەتلىك « ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ساغلاملىق تەربىيىسى يېتەكچىلىك تىزىسى» پات ئارىدا ھەر قايسى ۋىلايەت،ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىلىرىغا تارقىتىلىدۇ. تىزىسقا ئاساسلانغاندا، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى، تازىلىق ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلار نۇقتىلىق ئۆتۈلىدىغان مەزمون قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ئائىلىلەر قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرمۇ مەخسۇس تىما قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، تۇنجى قېتىم يېڭى دەرىسلىككە كىرگۈزۈلۈپ مۇلاھىزە قىلىنغان

  • گوللاندىيىدە، 3 نەپەر ئەر ئاز دىگەندىمۇ  14 نەپەر ئەرگە ئەيدىز ۋىرۇسى HIV يۇقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى سەۋەبىدىن سوتقا تارتىلدى.

  • پاكىستان ئىلگىركى تۆۋەن سەۋىيىلىك يۇقۇملىنىش رايونىدىن، ھازىرقى ئەيدىز  ۋىرۇسىنى ( HIV ) ئېلىپ يۈرگۈچى يۇقۇمدارلار مەركەزلەشكەن رايونغا ئايلىنىپ قالدى، دەيدۇ ئەيدىز كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ئىلگىركى مەسئۇلى مۇخبىرلارغا. Bridge  فوندىنىڭ  مەسلىھەتچىسى،سابىق دېرىكتورى ،دوكتور Syed Sharaf Ali Shah شۇنداق دەيدىكى، "ئۆتكەن 3 يىلدا، بىز ( پاكىستان ) ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نى يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپى يۇقىرى بولغان كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى %5 تىن كىچىك بولغان، تۆۋەن سەۋىيىلىك يۇقۇملىنىش گۇرۇپپىسىدا ئىدۇق. بىراق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سان ئاللىقاچان يۇقىرىلاپ ( %5دىن )  كەتكەن" .  بىر قىسىم ئەللەردە ھەتتا تەرەققى   قىلغان دۆلەتلەردىمۇ  HIV/AIDS   بىمارلىرى ئۆز كېسەللىكىدىن خىجىل بۇلۇش سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئاكتىپ تەكشۈرتۈشتىن تارتقانلىقى سەۋەبلىك، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى ئېنىق خاتىرىلەنمىگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەيدىز  HIV/AIDS   بىمارلىرى سانىغا ئاساسەن يۇقۇم سەۋىيىسىنى 3 تۈرگە بۆلگەن. بۇلار: ئومۇميۈزلۈك يۇقۇش، مەركەزلىك يۇقۇش، تۆۋەن سەۋىيىلىك يۇقۇش .  

  • بۈگۈندىن باشلاپ مەنمۇ »يۈكسەل« ئەيدىز تەشۋىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولدۇم،گەرچە مەن تېخى ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىگەن بولساممۇ،بۇندىن كىيىنكى ھايات يولۇمدا خەلقىمنىڭ ئەيدىزدىن ئىبارات بۇ نىجىستىن يىراق تۇرىشى ئۈچۈن كىچىككىنە بولسىمۇ ئۆز تىرىشچانلىقىمنى كۆرسىتىشنى ئۆزۈمنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم دەپ بىلىمەن.تۆۋەندىكىسى مېنىڭ تۇنجى تەرجىمەم،يۈكسەل ئەپەندى ماقالىنى تولىمۇ جايىدا تەھرىرلەپتۇ،كۆپ رەھمەت.