




-
-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى
شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسى "مەدەنىيەت بوستانى" پروگراممىسىدا "باغۋەن ئائىلە" تىمىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. سۆھبەتتە كۆنچى دەريا ۋادىسىدىكى بىر ئانىنىڭ ھىكايىسى ئىنتايىن تەسىرلىك مىساللار بىلەن قىسقىلا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەمراخان ئىسىملىك بۇ ئانا 60 يىللىق ئائىلە تۇرمۇشىدا يولدىشى بىلەن بىرلىكتە 9 بالىنى چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقان بولۇپ، ھازىر بۇ 9 بالا، كېلىن، كۈيئوغۇل ۋە نەۋرە چەۋرىلەر قوشۇلۇپ 43 كىشى بىر باغۋەن ئائىلىنى تەشكىل قىپتۇ. سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىنغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى ئوقۇتۇش باشقارمىسىدىكى ئۇستازىمىز ئابلىكىم ھەسەن ئاكىمۇ دەل شۇ ھەمراخان ئانىمىزنىڭ ئوغلى ئىكەن. ئابلىكىم مۇئەللىمنىڭ تونۇشتۇرىشى ئارقىلىق بىزنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرغىنى بۇ ئائىلىدىن ھازىر ۋە يېقىن كەلگۈسىدە 10 نەپەر دوكتۇر، بىر قانچە ماگىستېر نەچچە ئونلىغان باكلاۋورلار يېتىشىپ چىققۇدەك. سۆھبەت جەريانىدا بۇ ئائىلىدىكى 32 كىشىنىڭ بىرلىكتە چۈشكەن ئائىلە سۈرىتىمۇ سەھنىدە كۆرسىتىلدى. ھازىر بىزدىن بىر ئائىلىدىن ئەمەس بىر شەھەردىنمۇ ساناقلىقلا دوكتۇرلار يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ، بۇنداق شارائىتتا بۇ پروگراممىنى تەپسىلى كۆرۈش ئارقىلىق بۇ باغۋەن ئائىلىنىڭ ئائىلە تەربىيىسىدىن ئۈلگە ئېلىش، جەمئىيىتىمىزنىڭ ھۈجەيرىسى بولغان ھەر بىر ئائىلىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. مېنىڭچە بىز ھەممىمىز بۇ پروگراممىنى تەپسىلى، تولۇق كۆرۈپ چىقايلى. ئىنتايىن ئەپسۇس مەن بايا باشتا دېققەت قىلمىغاچ پروگراممىنىڭ بېشىنى كۆرەلمەي قاپتىمەن. ھازىر ئىنتايىن ھاياجانلىنىۋاتىمەن. پروگراممىنىڭ قايتا قويۇلۇش ۋاقتىنى كۆرىۋالدىم. ئەتە چۈشتە ۋە شەنبە كۈنى چۈشتە يەنە قايتا كۆرۈمەن. ھەممىڭلارنىڭ كۆرۈشىڭلارنى تەشەببۇس قىلىمەن. ئېسىڭلاردا بولسۇن، ۋاقىتنى ھەرگىز ئۆتكۈزىۋەتمەڭلار.قايتا قويۇلۇش ۋاقتى:2010-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى جۈمە :12:002010-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى شەنبە:14:00
评论