




-
ئىنتېرنېت قامۇسىدىن گەپ باشلىساق، بىرىنچى بولۇپ كاللىڭىزغا كېلىدىغىنى چوقۇم Wikipedia. ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تور ئۈستى ئېنسىكلوپېدىيە. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان Wikipedia كۆپ قېتىم ھەم ئۇزۇن مۇددەت ھۆكۈمەت تەرەپتىن توسۇلۇپ كەلدى
دۇنياغا داڭلىق تور بىلىم بۇلىقى -wikiدۆلىتىمىزدە چەكلەشتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن بېرى ، كەڭ بىلىمخۇمار كىشىلىرىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، بۇ تور ئوكيانۇسى 2001- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، خەنزۇچە ۋىكى 2002- يىلى قۇرۇلغان، بۇ توربەتنىڭ نىشانى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بىلىمىنى مۇشۇ جايغا يوللاپ، بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن بىكارلىق بىلىم مەنبەيى بىلەن تەمىنلەش.
بۇ توربەتكە ئېنگىلىز، فىرانسۇز، ئىسپان ، گېرمان، ياپۇن، خەن، تۈرك، ئەرەپ ، ھىندى قاتارلىق 10 نەچچە ئاساسلىق تىللاردا ماقالە يوللانغان بولۇپ، ئېنگىلزى تىلىدىكى ماقالىلەر سانى 2 مىليۇندىن ئاشىدۇ، ئىسمى جىسمىغا لايىق بولغان بۇ تور " بىلىم بۇلىقى " لۇغەت، خەۋەر، كىتاپ،.. قاتارلىق چوڭ تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تارماق بۈلەكلەردىن ئىنسانشۇناسلىق، پەن تېخنىكا، تۇرمۇش، سەنئەت، ماتىماتىكا، كومپىيوتېر ، مۇئارىپ، مېدىيا .. قاتارلىق تۈرلەر بار بولۇپ، سىز بىلمەكچى بولغان بارلىق بىلىم بۇ " بۇلاق"تا بار.Deletionpedia بولسا مەخسۇس ئېنگىلىزچە Wikipedia دىكى ئۆچۈرۈلگەن مەزمونلارنى ساقلايدىغان بەت بۇلۇپ،قىزىقارلىق يېرى ۋېكى دىمۇ Deletionpedia دەپ بىر سۆزلۈك بار.نۆۋەتتە ۋېكنىڭ تەھرىرلىرى ئۇنى ئۆچۈرىۋېتىش توغرىلىق تالاش تارتىش قىلىۋېتىپتۇ.Deletionpedia بۇ سۆزنىڭ پەيدا بۇلۇش تارىخى ئىنتايىن قىسقا ،مېدىئا ۋاستىلىرى بۇ بەت توغرىلىق مۇنازىرىنى ئاشكارلىغاندىن كىيىن،قىزغىن كىشىلەر ناھايتى تىزلا ئۇنى ياساپ چىققان.ئەمدى بۇ سۆزنى چىقىرىۋېتىش توغرىسىدىكى خەۋەر ئاشكارلانغاندىن كىيىن ،بىر مەيدان بەس مۇنازىرە كۆتۈرۈلدى.تەھرىرلەر ۋېكىنىڭ تۈرلىرىنىڭ موھىملىقى،Deletionpedia ۋە پايدىلىنىش مەنبەسى دىگەندەك مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ بارماقتا.