باش بەت  كروران مەدەنىيىتى  ئاسپىرانت،چەتئەلگە چىقىش  ماتىماتىكا  ئېنگىلىز تىلى  تەرمىلەر
  • غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتقا يول ئېچىشى

    2010-05-17


     

    غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتقا يول ئېچىشى

    خەن سۇلالىسى دەۋرىدە قاشقوۋۇق (يۈمېن، گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى دۇنخۇاڭ شەھىرىنىڭ غەربىدە)، كۈنقوۋۇق (ياڭگۈەن، گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى دۇنخۇاڭ ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبى) نىڭ غەربىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىن تارتىپ تاكى ياۋروپاغىچە بولغان رايونلار «غەربىي يۇرت» دەپ ئاتىلاتتى، بۇ كەڭ مەنىدىكى غەربىي يۇرت ئىدى. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى، قارا قۇرۇمنىڭ شىمالى، كۆكئارت (پامىر) نىڭ شەرقىدە پايانسىز تارىم ئويمانلىقى (تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى تەرىپى) بار ئىدى. بۇ ئويمانلىقنىڭ ئەتراپىدا چوڭ-كىچىك 36 دۆلەت جايلاشقانىدى، بۇلار كۈچىقىش تەرەپتە دۇنخۇاڭ بىلەن تۇتىشىدىغانلىقى ئۈچۈن، خەن سۇلالىسى تەسىر كۈچىنى كۈنپېتىش تەرەپكە كېڭەيتمەكچى بولسا، ھەممىدىن ئاۋال ئەنە شۇ چوڭ-كىچىك دۆلەتلەرنى ئىستېلا قىلمىسا بولمايتتى. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە تار مەنىدىكى غەربىي يۇرت ئەنە شۇ چوڭ-كىچىك 36 دۆلەتنى كۆرسىتەتتى.

    بۇ 36 دۆلەتنىڭ چوڭىنىڭ ئاھالىسىمۇ 30 مىڭدىن ئاشمايتتى، كىچىكلىرىنىڭ 1000،2000 دىنلا ئاھالىسى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ تولىسى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ئىنتايىن قالاق ئىدى. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 177-يىلى ھونلار بۇ دۆلەتلەر ۋە مىڭلاق (ئىلى) ۋادىسىدىكى ئۇيسۇنلارنى بويسۇندۇردى ۋە كىنگىت (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەسى) قاتارلىق دۆلەتلەردە «چاكارلار كاتاۋۇلبېگى» ئەمىلىنى تەسسىس قىلىپ، بۇ دۆلەتلەرنى قۇل قىلدى ۋە دەھشەتلىك ئېكىسپىلاتاسىيە قىلدى.

    خەن پادىشاھى ۋۇدى ھونلارنىڭ ئوڭ ياندىن كېلىدىغان ياردىمىنى ئۈزۈپ تاشلىماقچى بولدى. ئۇ دۇنخۇاڭ، قۇلان تېغى تەرەپلىرىدىن غەربكە كۆچۈپ كەتكەن ئۇلۇغ ياۋچىلارنىڭ ئەسلىدە ھونلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئاڭلايدۇ. شۇڭا، ئۇلۇغ ياۋچىلار بىلەن ئەھدىلىشىپ ھونلارغا ئىككى ياندىن زەربە بېرىش ئۈچۈن، ئۇلۇغ ياۋچىلارغا ئەلچى بولۇپ بارىدىغان ئادەم ئىزدەيدۇ. مىلادىيەدىن ئىلگىرى 138-يىلى تارىختىكى مەشھۇر ئېكىسپېدىتسىيىچى، خەنجۇڭلۇق جاڭ چىيەن غەربكە قاراپ يولغا چىقىدۇ. جاڭ چىيەن سەپەر ئۈستىدە ھونلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ 10 يىلغىچە نەزەربەند قىلىنىدۇ. كېيىن ھونلارنىڭ قولىدىن قېچىپ چىقىپ، كۆكئارتتىن ئۆتۈپ فەرغانە (سابىق سوۋت ئىتپاقىنىڭ ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدە)، كانگىيە ( ئامۇ دەرياسىنىڭ شىمالىدا، ئىسسىقكۆل بىلەن بالقاش كۆلى ئارىلىقىدىكى جاي) ئارقىلىق ئۇلۇغ ياۋچىلار (توخرىلار؟) ئارىسىغا يېتىپ بارىدۇ. ئۇ زامانلاردا ئۇلۇغ ياۋچىلار ئوكسۇس (ئامۇ) دەرياسىنىڭ شىمالىدا خانلىق قۇرغانىدى ھەمدە ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى باكتىرىيە (توخارىستان) دۆلىتىنى بويسۇندۇرۇپ، كۆچمەنلىكتىن دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا كۆچكەنىدى . ئۇلار ئەمدى شەرققە قايتىپ ھونلار بىلەن دۈشمەنلىشىشنى خالىمايتتى. جاڭ چىيەن ئۇ يەردە بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت تۇرۇپ، ھچېقانداق نەتىجە چىقىرالماي ۋەتىنىگە قايتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. يول ئۈستىدە يەنە ھونلار تەرىپىدىن بىر يىلدىن ئارتۇق قاماپ قويۇلىدۇ. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 126-يىلى ھونلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدا مالىمانچىلىق تۇغۇلغاندا، جاڭ چىيەن قېچىپ چاڭئەنگە قايتىپ كېلدۇ. جاڭ چىيەن چەت ئەلگە چىقىدىغان چېغىدا، تاڭ يىفۇ قاتارلىق 100 نەچچە كىشىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭغانىدى. 13 يىلدىن كىيىن جاڭ چىيەن بىلەن تاڭ يىفۇ ئىككىسىلا قايتىپ كېلەلەيدۇ. جاڭ چىيەن ھايات قايتىپ كېلىپ يىراق غەربتىكى ئەللەر توغرىسىدا يېڭى خەۋەرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالمىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ھايات كېلىشى ئىنسانلار تارىخىدا خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان چوڭ مۆجىزە ھېسابلىناتتى.

    مىلادىيەدىن ئىلگىرى 119-يىلى خەن پادىشاھى ۋۇدى 300 كىشىلىك زور ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتى تەشكىل قىلىدۇ، ھەر بىر ئادەمگە ئىككىدىن ئات،10 مىڭ قوي-كالا،100 مىليۇن يارماق پۇل قىممىتىدىكى ئالتۇن، تاۋار-دۇردۇن راسلاپ بېرىدۇ. ئۇلارنى جاڭ چىيەننىڭ باشچىلىقىدا ئۇيسۇن دۆلىتىگە ئەلچىلىككە ئەۋەتىدۇ. جاڭ چىيەن ئۇيسۇن دۆلىتىگە بارغاندا فەرغانە، كانگىيە، ياۋچىلار ۋە باكتىرىيە دۆلەتلىرىگە يانداش يالۋاچ ئەۋەتىدۇ. خەن سۇلالىسى بىلەن بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن رەسمىي مۇناسىۋەت ئورنىتىلىدۇ. شۇنىڭدىن كىين خەن پادىشاھى ۋۇدى ئۇدا بىر قانچە يىلغىچە ئارساك (پارس)، ھىندۇ (ھىندىستان)، ئاۋرسى (ئازۇف دېڭىزى بىلەن كاسپى دېڭىزى ئارىلىقىدا)، چالجىيە (ئارساكقا قارايدىغان دۆلەت، پارس قولتۇقىنىڭ غەربىي شىمالىي قىرغىقىدا، تىگرس-ئېفرات دەريالىرى قوشۇلىدىغان جايدا)، رىمگان (يەنى، داكچىن، بۇ يەردە شۇ زاماندىكى داكچىنغا قارايدىغان مىسىرنىڭ ئىسكەندىرىيە شەھىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) قاتارلىق ئەللەرگە داۋاملىق تۈردە كۆپلەپ يالۋاچ ئەۋەتىدۇ. بۇ يالۋاچلار ئارقىلىق خەن سۇلالىسىنىڭ مەدەنىيىتى يىراق غەربكە كەڭ تارقىلىدۇ.

    ھونلارغا قارشى ئۇرۇش غەلبە قىلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ غەربىدە تۆت ۋىلايەت قۇرۇلغاندىن كېيىن خەن پادىشاھى ۋۇدى غەربىي يۇرتقا بولغان تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭەيتىدۇ. مىكادىيەدىن ئىلگىرىكى 108-يىلى خەن سۇلالىسى قوشۇن ئەۋەتىپ، ھونلارغا بېقىنغان كروران (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى لوپنۇر كۆلىنىڭ غەربىي شىمالىدا)، قوشۇ (يەنى، قۇش، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى تۇرپان ئويمانلىقىدا) قاتارلىق دۆلەتلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، كروران خانىنى ئەسرگە ئالىدۇ. مىلادىيەدىن ئىلگىرى 104-يىلى خەن پادىشاھى ۋۇدى فەرغانىدىن توپچاق (ئات) تەلەپ قىلىپ سۇترىشنا سانغۇنى لى گۇاڭلىنى بىر قانچە ئون مىڭ ئەسكەر بىلەن فەرغانىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. ئۇرۇش ئۈچ يىل داۋام قىلىپ فەرغانە يېڭىلىدۇ. خەن سۇلالىسى فەرغانىدىن 3000 نەچچە ئېسىل ئاتنى تارتىۋالىدۇ. فەرغانە مۇھاسىرە ئىچىدە قالغاندا، فەرغانىلىقلارمۇ خەنزۇلاردىن قۇدۇق قېزىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالىدۇ.

    بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتىن كېيىن ھون قۇلدارلىرىنىڭ غەربىي يۇرتقا بولغان ھۆكۈمرانلىقى فېئوداللىق تۈزۈمدىكى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ قولىغا ئۆتتى. خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرتنى بىر قانچە ئون يىل باشقۇرۇش ئارقىلىق مىلادىيەدىن ئىلگىرى 59-يىلى خەن پادىشاھى شۈەندى جېڭ جىنى غەربىي يۇرت قورۇقچىبېگى قىلىپ تەيىنلەيدۇ، خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى ھەر قايسى ئەللەر ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقى بارغانسېرى مۇستەھكەملىنىدۇ.①

    خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرت بىلەن بولغان ئۇرۇشتا غەلبە قازانغاندىن كېيىن غەرب بىلەن بولغان ئالاقە راۋانلىشىدۇ. خۇاڭخې دەرياسىنىڭ غەربىدىكى تۆت ۋىلايەتنىڭ (جىيۇ چۈەن، ۋۇۋېي،جاڭيىې، دۇنخۇاڭ ۋىلايىتى) ئەڭ غەربىدە بولغان دۇنخۇاڭ ۋىلايىتى جۇڭگو بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى قاتناشنىڭ باش تۈگۈنى ئىدى. دۇنخۇاڭدىن غەربتىكى كرورانغا بارغاندىن كىيىن يەنە ئۇ يەردىن غەربكە بارىدىغان مۇنداق ئىككى يول بار ئىدى: بىر يول بىلەن قارا قۇرۇمنىڭ شىمالىي ئېتىكىنى بويلاپ ئۇدۇن (خوتەن) گە بارغىلى بولاتتى، بۇ جەنۇبىي يول دەپ ئاتىلاتتى. يەنە بىر يول بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىنى بويلاپ سۇلق (قەشقەر) گە بارغىلى بولاتتى، بۇ يول شىمالىي يول دەپ ئاتىلاتتى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە قۇمۇلدىن غەربكە بارىدىغان ئىككى يول بار ئىدى: ئۇنىڭ بىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئارقىلىق ئۆتۈپ سۇلىغا بارىدىغان شىمالىي يول بىلەن قوشۇلاتتى، يەنە بىرى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىنى بويلاپ غەربكە مېڭىپ فەرغانە، كانگىيەگە بارغىلى بولاتتى. قەشقەردىن غەربكە قاتنايدىغان يوك يەنە ئىككىگە بۆلۈنەتتى: بىرى غەربىي جەنۇبقا قاراپ ئۇلۇغ ياۋچى، باكتىرىيە ئارقىلىق ئارساكقا باراتتى. يەنە بىرى غەربىي شىمالغا مېڭىپ فەرغانە، كانگىيە ئارقىلىق ئاۋرسىغا باراتتى. بۇ يوللار غەربىي خەن سۇلالىسى زامانىسىدىن بۇيان جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ قاتناش ئالاقىسىدىكى غول لېنىيە بولۇپ قالدى، بولۇپمۇ قەشقەردىن غەربىي جەنۇبقا قاتنايدىغان يول ھىندىستان،غەربىي ئاسىيا، ھەتتا ياۋروپاغا ئۆتۈشتە ناھايتى مۇھىم رول ئوينىدى.

    ئەنە شۇنداق يېڭى شارائىتتا جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەر ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا يېڭى ئېرا باشلاندى.

    غەربتىن جۇڭگوغا كەلتۈرۈلگەن نەرسىلەر ئۆي ھايۋانلىرىدىن توپچاق، ئۆسۈملۈكلەردىن بېدە، ئۈزۈم، ياڭاق،پۇرچاق،ئانار قاتارلىق ئون نەچچە خىلغا يېتەتتى. بۇ نەرسىلەرنىڭ كىرگۈزۈلۈشى ئارقىلىق جۇڭگوغا يېڭى بايلىق قوشۇلدى. مەدىنىيەت جەھەتتىن ئالغاندا، چالغۇ ئەسۋابلار ۋە ناخشا-كۈيلەر كىرگۈزۈلدى. جاڭ چىيەن «باھادۇر» ناخشىسىنى ئالغاچ كەلگەنىدى. نەغمە مەھكىمىسى«غۇز» ئاھاڭلىرىنىڭ جۇڭگوغا كىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن يېڭى كۈينىڭ 28 تەشرىھىنى يېڭىلاپ چىققانىدى، ئوردا بۇنى ھەربىي نەغمىسى قىلىپ ئىشلەتكەنىدى. غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە، ھىندىستاننىڭ بۇددىزىم پەلسەپىسى ۋە سەنئىتى ئۇلۇغ ياۋچىلار ئارقىلىق جۇڭگوغا كىرگەنىدى. گرېك، رىم رەسسامچىلىقىمۇ مىلادىيە 1-ئەسردە تەڭرىتاغ بويلىرىغا كەڭ تارقالغانىدى. غەربنىڭ بۇ مەدەنىيىتى، بولۇپمۇ بۇددىزىم پەلسەپىسىنىڭ شەرققە كىرىشى شەرقلىقلەرنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەنىدى.

    يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلانغان خەن سۇلالىسى مەدەنىيىتىمۇ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي، شىمالىي تەرەپلىرىگە ۋە ئۇ يەردىن تېخىمۇ يىراق بولغان غەربكە كۆپلەپ تارقالغانىدى.

    خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرتتا چىگرا ساقلىغۇچى ئەسكەرلەرنىڭ يەر ئېچىشىغا نازارەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان تېرىقچىبېگى تەيىنلىگەنىدى. يەر ئاستىدىن قۇدۇق قېزىپ ئېرىق ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن چۆللۈكلەر سۇغىرىلغانىدى. «دەريا-ئۆستەڭلەر ھەققىدىكى باياننىڭ ئىزاھلىرى» دېگەن كىتابتا قەيت قىلىنىشىچە، دۇنخۇاڭلىق سومەي مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەرنى باشلاپ چىقىپ مىران شەھىرىدە يەر ئاچىدىغان چاغدا، پىشامشان (كروران)، كىنگىت (يەنجى)، كۈسەن(كۇچا) ئەللىرىدىن 3000 -4000 ئەسكەر يۆتكەپ كېلىپ قارا قۇرۇم تېغىدىن باشلىنىدىغان چەرچەن دەرياسىنىڭ ئېقىنىنى توسۇپ، ئۆستەڭ ئالغۇزۇپ يەرلەرگە سۇ باشلىغانىكەن، نۇرغۇن ئۈنۈمسىز يەرلەر مۇنبەت يەرلەرگە ئايلانغانىكەن. ئۈچ يىلغا قالمايلا بىر مىليۇن تاغار ئاشلىق توپلىغانىكەن. ئىشلەپچىقىرىشتىكى بۇ ئىلغار تېخنىكا غەربىي يۇرتتىكى 36 دۆلەت خەلقى ئۈچۈن پايدىلىق ئىدى.

    جۇڭگودىن ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋە ياۋروپاغا بارىدىغان ماللار ئاساسەن يىپەك، يىپەك توقۇلمىلار، پولات-تۆمۈر ئىدى، بولۇپمۇ قۇيۇچ-پولات تاۋلاش ھۈنىرىنىڭ غەربكە تارقىلىشى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئۈچۈن چوڭ تۆھپە بولدى.

    جاڭ چىيەننىڭ غەربكە قىلغان «ئېكىسپېدىتسىيىسى»، غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتقا يول ئېچىشى، شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتقا قايتا يول ئېچىشى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا پايدىلىق بولغانىدى.

    ئىزاھات:

        غەربىي يۇرت قورۇقچىبېگى ئەمىلى خەن پادىشاھى شۈەندىنىڭ دىجې 2-يىلى (مىلادىيەدىن ئىلگىرى 68-يىلى) تەسسىس قىلىنغان.

        «خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»،66-جىلد، 1-قىسىم،«پادىشاھ ۋۇدى زامانىدا غەربىي يۇرتقا بارىدىغان يول راۋانلاشتى. چەتئەللەرگە بارىدىغان يالۋاچلارنىڭ مەئىشىتى قامداش ئۈچۈن يالۋاچبېگىنىڭ باشچىلىقىدا بۈگۈر، چېدىر قاتارلىق جايلاردا بىر نەچچە يۈزدىن تېرىقچى چېرىك تۇرغۇزۇش ئەمىر قىلىندى. پادىشاھ شۈەندى زامانىدا قورۇقچىبەگ ئەمىلى تەسسىس قىلىندى. ھونلار غەربىي يۇرتقا ئاسانلىقچە چېقىلالمايدىغان بولدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پىچان، يەركەنلەردە بىنەم ئۆزلەشتۈرۈشكە باشلىدى. بىنەمبېگى قورۇقچىبەگكە قارايدىغان بولدى...»

     

    «خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دىن پارچىلار

    غەربىي يۇرت بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ ئالاقىسى خەنۋۇدى دەۋرىدە باشلانغانىدى. غەربىي يۇرتتا ئەسلى 36 بەگلىك بولۇپ، كېيىن تەدرىجى بۆلۈنۈپ 50 نەچچىگە يەتكەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھۇنلارنىڭ غەربى، ئاسىيۇلارنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە جايلاشقانىدى.

    سۇترىشنا سانغۇنى لى گۇاڭلىنىڭ فەرغانىگە قىلغان ھۇجۇمى غەربىي يۇرتنى زىلزىلىگە كەلتۈرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خەن سۇلالىسىگە ئۈستى-ئۈستىلەپ ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ تارتۇق يوللىدى. غەربىي يۇرتقا بارغان خەن سۇلالىسى ئەلچىلىرى قايتىپ بارغاندىن كىيىن ئۆستۈرۈلدى. شۇنداق قىلىپ دۇنخۇاڭدىن لوپنۇرغىچە ئۆتەڭلەر قۇرۇلدى. بۈگۈر، چېدىرلاردا خەن سۇلالىسى ئەۋەتكەن تېرىقچى ئەسكەرلەرنىڭ سانى بىر نەچچە يۈزگە يەتتى. بۇلارغا يالۋاچ چېرىكچى يېتەكچىلىك قىلاتتى، خەن سۇلالىسىنىڭ چەت ئەللەرگە چىققان ئەلچىلىرىنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەيتتى.

    خەن شۈەندى زامانىسىغا كەلگەندە ياساۋۇل ئەمر لەشكىرى جېڭ جى ئەلچى سۈپىتىدە پىشامشاننىڭ غەربىدىكى بىر قانچە بەگلىكلەرنى نازارەت قىلىشقا ئەۋەتىلدى. كېيىن جېڭ جى قوس بەگلىكىنى مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلىۋەتمەي، ئۇنى ئالدى قوس بەگلىكى ، ئارقا قوس بەگلىكىگە، تىيانشان تاغلىرىنىڭ شىمالىنى ئالتە بەگلىككە بۆلۈۋەتتى. بۇ ۋاقىتتا خەن سۇلالىسى جەنۇبى يول بويلىرىدىكى بەگلىكلەرنى نازارەت قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، شىمالىي يول بويلىرىدىكى بەگلىكلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلالمىغانىدى. شۇنداق بولسىمۇ ھونلار بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولالمىغانىدى، كىيىن تەڭرىقۇتقا باتىسقان چېچەن ئاسىيلىق قىلىپ، ئۆز ئىلى بىلەن خەن سۇلالىسىگە ئەل بولدى. پىشامشاننىڭ غەربىنى نازارەت قىلىدىغان ئەلچى جېڭ جې ئۇلارنى قارشى ئالدى. خەن سۇلالىسى باتىسقانغا ئەردەمبەگ، جېڭ جېغا يىراقنى تىنىچلاندۇرغۇچىبەگ دەپ ئۇنۋان بەردى. بۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 59-يىلى ئىدى. كىيىن جېڭ جې شىمالىي يول بويلىرىدىكى بەگلىكلەرنىمۇ باشقۇرۇپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭغا قورۇقچىبەگلىك مەنسىپى بېرىلدى. قورۇقچىبەگلىك مەنسىپى مانا شۇ جېڭ جېدىن باشلانغانىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ چاكارلار كاھبېگى ئەمىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. كېيىن ئاجىزلىشىشقا باشلىغان غەربىي يۇرتقا يرقىن كېلەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ خەن سۇلالىسى بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىدىغان سىپاھ- بەگلەرنى يۆتكىدى. بۇ تېرىقچىلىق ئىشلىرى ياركەنتتىن ئاخرىتىلغان شىمالى شۈجىيەن دېگەن يەردە ئېلىپ بېرىلدى. بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىش ئىشىغا مەسئۇل بولغان چېرىكچى قورۇقچىبەگكە قارايتتى. قورۇقچىبەگ ئاسىيۇ، كانگا قاتارلىق چەت ئەللەرنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتەتتى. ئۇلاردا سەللا ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، ئۇنى مەلۇم قىلىپ تۇراتتى. تىنىچلاندۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىگە تىنىچلاندۇرۇش چارىسى قوللىنىلاتتى، باستۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىگە ھۇجۇم قىلىناتتى. قورۇقچىبەگ بۈگۈر شەھىرىدە تۇراتتى. بۇيەر ياڭگۈەن قوۋۇقىغا 2738 چاقىرىم كېلەتتى. ئۇ چېدىردا بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىشقا مەسئول ئەمەلدار تۇرىدىغان يەرگە يېقىن بولغاچقا ھەم بۈگۈرنىڭ زېمىنى ناھايتى مۇنبەت بولۇپ، غەربىي يۇرتنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كەلگەچكە، قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى شۇ يەرگە جايلاشقانىدى.

    خەن شۈەندى، خەن يۈەندىلاردىن كېيىن، ھۇنلارنىڭ تەڭرىقۇتى خەن سۇلالىسىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالدى. شۇنداق قىلىپ غەربىي يۇرت خەن سۇلالىسىگە بېقىندى، غەربىي يۇرتنىڭ زېمىنى، تاغ-دەريالىرى، بەگلىرى،ئاھالىسى، يولنىڭ يىراق-يېقىنلىقى، بۇلارنىڭ ھەممىسى خەن سۇلالىسىگە بەش قولدەك ئايان بولدى.

    غەربىي يۇرتتا جەمئي 50 بەگلىك بار ئىدى. تىلماچبەگلەردىن تارتىپ شەھەر بېگى، ھاكىم، تەپتىشبەگ، ئەمەلدار بەگ، مەسلىھەتچى، يۈز بېشى، مىڭ بېشى، كاھبەگ، قۇتقۇ، ياساقبەگ، سەركەردە، ۋەزىر ۋە بەگ، خانلارغىچە بولغان 376 كىشىنىڭ ھەممىسى خەن تامغىسىنى ئىشلىتەتتى. كانگا، ئۇلۇغ توخرىيلار،ئارساك، كەشمىر،بەلۇجىستان قاتارلىق بەگ-خانلىقلار خەن سۇلالىسىدىن ناھايتى يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن، يۇقىرىقى 50 بەگلىكنىڭ ئىچىگە كىرمەيتتى. ئۇلار خەن سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ سوۋغات يوللىغان بولسا، خەن سۇلالىسىمۇ ئۇلارغا سوۋغات ئەۋەتىپ تۇراتتى. لېكىن غەربىي يۇرت قورۇقچىبېگىنىڭ نازارىتىدە بولمايتتى.

     

     

    分享到:
    ئېلان ئورنى

    评论

  • ياخشى يېزىپسىز.

    تورنىڭ ۋەتەندە ئېچىلغىنى ياخشى بولدى. مەن بلوگىڭزنى ئڭلنىش قىلىپ قويدۇم.