




-
سېرىق ئۇيغۇرلار گەنسۇدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ ئاساسەن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇنان يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ كاڭلې ،داخې، مىنغۇا ،خۇاڭچېڭ رايونى ۋە ماتى رايونلىرىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ،يەنە بىر قىسمى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جۇ چۈەن ناھىيەسى ،خۇاڭنىپۇ يېزىسىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ ئومومى نوپۇسى 1371
سېرىق ئۇيغۇرلار ھازىر ئۆزىنى يۇغۇر 尧乎尔 دەپ ئاتايدۇ. بۇ 尧乎尔 سۆز ھازىرقى 维吾尔 تارىختىكى 回鹘”、“回纥”、“袁纥”بىلەن بىر مەنىدىكى سۆز بولۇپ سۇڭ سۇلالىسىدە دەۋرىدە ئۇلار سېرىق باش ئۇيغۇر黄头回纥 يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە سېرىق ئۇيغۇر 撒里畏مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە"撒里畏兀儿", يېقىنقى زاماندا 锡喇伟古尔 ، يىڭى جۇڭگو قۇرۇلۇش مەزگىللىرىدە 撒里维吾尔دەپ ئاتالغان. 1953-يىلى خەنزۇچە ئىسىمنى قايتا بېكىتىشتە 撒里维吾尔 دەپ قويسا مىللەت نامىغا يىقىن بولىدىغانلىقى لېكىن شىنجاڭدىمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بارلىقى، ئارىلىشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقى ، دىنىنىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەر تەرەپلىمە كېڭىشىش نەتىجىسىدە يۇغۇر سوزىگە يېقىن بولغان خەنزۇچە 裕固尔 دەپ ئاتاشنى قارار قىلغان ،كىيىنچە 尔سۆزى قىسقارتىلىپ 裕固دەپ ئاتالدى.
سېرىق ئۇيغۇرلار (يۇغۇر مىللىتى) غەربى يۇغۇر تىلى، شەرقى يۇغۇر تىلى، خەنزۇ تىلىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل تىلنى قوللىنىدۇ. غەربى يۇغور تىلى “尧乎尔语”“يۇغۇرتىلى دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ تىل ئالتاي تىل سېستىمىسىنىڭ تۈركىي تىل ئائىلىسىگە تەۋە بولۇپ قەدىمكى تۈركىي تىلى ئالاھىدىلىگى بىر قەدەر كۆپ ساقلانغان . شۇنداق ئېيتىشقا بولىدىكى بۇ تىل ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەۋەدۇر .
سېرىق ئۇيغۇر تىلى ئىككى خىل بولغاچقا ، مىللەت نامىمۇ ئىككى خىل. ئوخشاش تەلەپپۇز قىلىنمايدۇ .شەرقى يۇغۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار ئۆزىنى شىرا يۇغۇر ، غەربى يۇغۇر تىلىدا سوزلىشىدىغانلار ئۆزىنى سارىغ يۇغۇر دەپ ئاتايدۇ، خەنزۇچە ياكى زاڭزۇچە سۆزلىشىدىغانلار ئوزىنى يۇغۇر دەپ ئاتايدۇ . سارىغ ۋە شىرا <سېرىق> دېگەن سۆز بولۇپ يۇغۇر، يوگۇر دىگەنلەر <ئۇيغۇر> دېگەن نامدىن كېلىپ چىققان ، دېمەك ئۇلارنىڭ نامى سېرىق ئۇيغۇر دېگەنلىكتۇر .
غەربى يۇغۇر تىلنى قوللىنىدىغانلار ئاساسەن سۇ نان يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ غەربىدە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ بۈگۈنكى明花区مىنخۇا رايونىنىڭ莲花乡 لىيەنخۇا كەنتى 明海乡 مىنخەي كەنتى 大河区 داخې رايۇننىڭ韭菜沟乡 جۇ سەي گوۋ كەنتى皇城区 خۇاڭ چېڭ رايونىنىڭ 马营乡ما يىڭ شىياڭ كەنتىلىرىدە .
شەرقى يۇغۇر تىلى “恩格尔语”ئەنگەر تىلى دەپ ئاتىلىدۇ. ئالتاي تىل سىستىمىسىنىڭ موڭغۇل تىلى ئائىلىسىگە تەۋە ، بۇ تىلنى قوللىنىدىغانلار ئاساسەن ئاپتونوم ناھىيەنىڭ东部康乐区 شەرقى كاڭلې رايونىنىڭ康乐乡 كاڭلې،红石窝乡 خۇڭ شى ۋو،青龙乡 چىڭلوڭ قاتارلىق كەنتلىرىدا .大河区داخې رايونىنىڭ 红星乡خوڭ شڭ كەنتىدە شۇنداقلا 皇城区خۇاڭچېڭ رايونىنىڭ 北峰乡بېي فېڭ ،北极乡بېي جى ،东滩乡دوڭتەن كەنتلىرىدا .
خەنزۇ تىلىنى قوللىنىدىغانلار سېرىق ئۇيغۇرلار ئاساسەن مىخۇا رايۇنى چىيەن تەن明花区前滩ۋە جىيۇ چۈەن ناھىيەسىنىڭ خۇاڭ نې باۋ 酒泉县黄泥堡قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلاشقان .
ئوخشىمىغان تىلنى قوللىنىدىغان سېرىق ئۇيغۇرلار خەنزۇ تىلى ئارقىلىق ئۆز ئارا ئالاقە قىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا غەربى يۇغۇر تىلى ياكى شەرقىي يۇغۇر تىلى بولسۇن كۆپ سانلىقى خەنزۇ تىلىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەن بولۇپ تارقىلىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ . تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا 大河区داخې رايونى、皇城区خۇاڭچېڭ رايونىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئىككى خىل تىلنى پىششىق بىلىدىكەن . ئۇندىن باشقا 皇城区خۇاڭ چېڭ رايونىدىكى كۆپ كىشىلەر زاڭزۇ تىلىنىمۇ سۆزلىيەلەيدىكەن.
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى مىسلى كۆرۈلمىگەن تەبئىي ئاپەت، قاتتىق ئىچكى نىزا ۋە قىرغىزلارنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە پارچىلنىپ يىمرىلدى . ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاساسى كۈچى قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمىنى قايتۇرۇشتىكى شىددەتلىك جەڭدە بىر قىسمى قۇربان بولدى .ئاساسى قىسمى زەربىدىن ئۆزىنى ساقلاپ قىلىش ئىستىراتىگىيىسى بويىچە ياغلاقلارغا مەنسۇپ رەھبەرلەرنىڭ پىلانلىشى ،يىتەكلىشى بىلەن ئىلگىرى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا باشقۇرلۇپ ئىدارە قىلنىپ كەلگەن< شەرقتە ساجۇ (دۇنخۇاڭ) دىن باشلاپ تارىم ئويمانلىقى يەتتە سۇ ۋە بارسىغانغىچە> بولغان جايلارغا ئەڭ بۇرۇن ماكانلاشقان قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا قاراپ كۆچۈشتى .بۇ چوڭ كۆچۈشتە ئۇيغۇرلار 3 تارماققا بۆلۈنۈپ غەرب ۋە جەنۇپقا قاراپ كۆچتى، ھەر بىر تارمىقى ئالدى كەينى بولۇپ ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت قۇردى .
بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تارمىقى قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى يايلاقتىن جەنۇپقا قاراپ مېڭىپ خۇا مېي شەن تېغىنى ياقىلاپ جۇ يۇەن ساسلىقىغا بارغاندىن كىيىن ، رۇۋ شۈ دەرياسىنى بويلاپ خېشى كارىدورىغا كېلىپ بۇ قەدىمكى ماكانىدىكى ئىلگىرى كېلىپ ئورۇنلاشقان قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇردى. خېشى كارىدورىغا 河西走廊كەلگەن بۇ ئۇيغۇرلار بىر قىتىمدىلا ئەمەس بەلكى خېلى زور كۆلەمدە ئىككى تۇركۈمگە بۆلۈنۈپ كۆچۈپ كەلدى، بۇلاردىن باشقا يەنە بەزى قەبىلىلەر ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ئاز-ئازدىن كۆچۈپ كەلدى .
بۇ قىتىم گەنجۇغا كۆچۈپ بارغان بۇ گۇرۇپپىغا ياغلاقالار ئۇرۇقىدىكىلەر يىتەكچىلىك قىلغان ئىدى. دەل بۇ ۋاقىتتا تۈبۈتلەر شەرىقتە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربى شىمال قىسمى ، جەن يې شەھەر ئەتراپلىرى قاتارلىق جايلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى .
ياغلاقالار گۇرۇپپىسى گەنجۇ رايونىغا كۆچۈپ بىرىپ تۈبۈتلەرنىڭ ، كىيىن جاڭ يى جاۋ zhangyizhao پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى بۆلدى . ئۇيغۇرلار بۇ قەدىمكى ماكانىدىكى ئىلگىرى كىلىپ ئولتۇراقلاشقان قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە گەنجۇ (ھازىرقى جاڭ يې شەھىرى) نى ئاساسى تايانچ بازا قىلىپ ، بۇ ئورۇندا ئۆز پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتا كۈچ توپلاپ تۈبۈتلەرنى ۋە جاڭ يى جاۋ پادىشاھلىقىنى ئاخىرى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ، گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلىنىپ شەرىقتە گەنجۇ ، دۇنخۇاڭ، يۈمىنگۈەنگىچە بولغان جايلارنى ئىگەللىدى .
ئۇيغۇرلارنىڭ خېشىدىكى ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالى ئاساسەن تۆۋەندىكىچە : ھازىرقى جاڭ يې شەھىرى (گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى). ھازىرقى ۋۇۋېي شەھىرى (لىياڭ جوۋ ئۇيغۇرلىرى )،ھازىرقى ئەنشى شەھىرى(گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى ).ھازىرقى دۇنخۇاڭ(شاجوۋ ئۇيغۇرلىرى).ئۇندىن باشقا ئىچكى موڭغۇلدىكى ئىجىنا (خې لۇ چۈەن ئۇيغۇرلىرى)، ھازىرقى نىڭشىيا دائىرسىدىكى خېلەنشەن ئۇيغۇرلىرى، چىنجوۋ ئۇيغۇرلىرى. گەنجۇ ئايمىقى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ مەركەزلىشىپ ئولتۇرغان رايون ئىدى.
ئۇلار زىمىن بۆلۈشۈپ چارۋىچىلىق قىلىپ ،ئۆملۇشۇپ ياشىدى .خېشى رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۈچلۈك بولغان گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا تارقاق بىرلەشمە گەۋدە بولۇپ شەكىللەندى .
خېشى كارىدورىدىكى گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى گەنجۇنى(ھازىرقى جاڭ يې شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا گەنجۇ ئۇيغۇر خاندانلىقىنى قۇرۇپ چىقتى. تارىختا بۇلار گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى (甘州回鹘)ياكى خېشى ئۇيغۇرلىرى (河西回鹘)دەپ ئاتالدى . بۇلار قۇرغان خانلىق گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى (甘州回鹘国)بولۇپ ئەسلىدىكى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغان نامىنى قوللانغان ، ئۇلارنىڭ پايتەختى گەنجۇ(جاڭ يې张掖)شەھىرى ئىدى .
مىلادى 1028-يىللىرى تاڭغۇت پادىشاھلىقى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىپ گەنجۇنى ئىشغال قىلدى .شۇنىڭ بىلەن خېشى ئۇيغۇرلىرى سىياسىي قوماندانلىق مەركىزىدىن ئايرىلىپ قالدى. پۇقرالار تەرەپ تەرەپكە پىتراپ كەتتى، بىر قىسمى گۇا جۇ ،شاجۇغا قاراپ قاچتى
1036-يىلى لىيۇ يۇەن خاۋ گۇا جۇ، شا جۇ ئايماقلىرىغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىپ بۇ جايلارنى ئىشغال قىلۋالدى. شۇنىڭ بىلەن 200يىلغا يىقىن داۋام قىلغان گەنجۇ ئۇيغۇر خاندانلىقى ئاياقلاشتى .
ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ بىر قىسمى جەنۇپتا داڭچىن تېغىدىن ئۆتۈپ ، سەيدام ئويمانلىقىنىڭ غەربى چېتىگە بېرىپ كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلدى .بۇلار 《سوڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەردىن تاللانما》ۋە 《جىن سۇلالىسى تارىخى》دا شاجۇ ئۇيغۇرلىرى دەپ ئاتالدى . ئەمما ئۇلارنىڭ نوپۇسى ، ئىقتىسادى،ۋە ھەربىي كۈچى ئەسلىدىكى خېشى ئۇيغۇرلىرىغا سىلىشتۇرغاندا كۆپ تۆۋەن ئىدى .
11-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ، ئۇدۇن (ھازىرقى شىنجاڭنىڭ خوتەن شەھىرى)، فەرەڭ ئەلچىلىرى شاجۇ ئۇيغۇرلىرى چارۋىچىلىق قىلغان رايونلاردىن ئۆتكەن .سۇڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخىي كىتاپلىرىدا ئاشۇ ئەلچىلەرنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىگە ئاساسەن بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنى سېرىق باش ئۇيغۇرلار دەپ تەرجىمە قىلغان .
سېرىق باش ئۇيغۇرلار ھازىرقى گەنسۇ چىڭخەي ۋە شىنجاڭنىڭ چىگرىلىنىدىغان يىرىگە جايلاشقان بولغاچقا سىرت بىلەن ئانچە ئالاقە قىلمىغان. 13-ئەسىردە موڭغۇللار غەرپكە يۈرۈش قىلغاندا ئۇلار موڭغۇللارغا بەيئەت قىلغان. بۇ دەۋرىدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ نامى سارىخ ئۇيغۇر دەپ تەرجىمە قىلىنغان .
سېرىق باش ئۇيغۇر دىگەن نام سۇڭ سۇلالىسى تارىخىغا ئائىت خاتىرلەردە ئۇدۇن (ھازىرقى شىنجاڭ)ۋە فەرەڭ ئىككى جايدىن كەلگەن ئەلچىلەرنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىكىگە ئاساسەن يىزىلغان . ھالبۇكى ئۇدۇن ۋە فەرەڭ ئەلچىلىرى سېرىق باش ئۇيغۇرلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىنى ناھايىتى ئىنىق ئىيتىپ بەرگەن، بولۇپمۇ فەرەڭ ئەلچىسى سېرىق باش ئۇيغۇرلارنىڭ زىمىنىنىڭ دەل شاجۇ ئايمىقىنىڭ غەربى جەنۇبى چىگرىسى ، يەنى ھازىرقى گەنسۇ ،چىڭخەي، شىنجاڭنىڭ تۇتشىدىغان جايىدا ئىكەنلىگىنى تىخىمۇ ئىنىق ئىيتىپ بەرگەن .
سېرىق باش ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋىچىلىق قىلغان جايلىرى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا 《سىرى》 يەنى《كەڭ》دەپ ئاتالغان .خەنزۇچە تارىخى كىتابلاردا بۇ سۆزنى بەزىدە 《锡勒》(شىلى) دەپ ياكى 《萨里》(سالى) دەپ تەرجىمە قىلىنغان، ئەنگىليە تەۋەلىكىدىكى ۋىنگىرىيەلىك سىتەيىن ئۇنى 《سۇلى ئويمانلىقى 》 (疏勒盆地) دېگەن. سۇڭ دەۋرىدىكى تەرجىمە ئۇسلۇبى بويىچە《سۇلى ئۇيغۇر 》锡勒回鹘 دەپ تەرجىمە قىلىش، ھازىرقى زامان تەرجىمە ئۇسلۇبى بويىچە 疏勒回鹘 دەپ تەرجىمە قىلىش كېرەك .بۇ سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى 《سارىخ(ھ) 》 (سىرىخ(ھ)) دېگەن سوزنىڭ ئاھاڭىغا بەكمۇ يېقىن كېلىدۇ، شۇڭا《سۇڭ سۇلالىسى تارىخى》دا ئۇنى سېرىق (黄) دەپ خاتا تەرجىمە قىلغان .《سۇڭ سۇلالىسى تارىخى》دا مەنە تەرجىمىسى بىلەن ئاھاڭ تەرجىمىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، يەر نامىنى《سېرىق》 دەپ ، مىللەت نامىنى 《ئۇيغۇر》دەپ تەرجىمە قىلغان .نەتىجىدە ئادەم چۈشەنگىلى بولمايدىغان 《سېرىق باش ئۇيغۇر》دېگەن بىر ئاتالغۇ كېلىپ چىققان، بۇنىڭدىن باشقا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى 《سارى》 كۆپ مەنىلىك بىر سۆز بولۇپ ئادەتتە سېرىق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ ،لېكىن ئۇنىڭ 《كەڭ 》 دېگەن مەنىسىمۇ بار .(سۇڭ سۇلالىسى تارىخىدا ئۇنىڭ 《سېرىق 》دېگەن مەنىسىنىلا ئالغان ھەمدە يەر نامىنى خاتا ھالدا ئىرقى تۈرى ، يەنى《سېرىق باش》 (سېرىق تەنلىك ) دەپ چۈشەندۈرگەن . قىسقىسى《سېرىق باش 》دېگەن سۆز يەر نامىدىن كەلگەن . مەيلى يەر نامىنىڭ ئەسلى مەنىسى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ، بۇ يەر نامى مىللەت نامىنىڭ ئالدىغا قوشۇلغاندا تېرىتورىيە ئۇقۇمىنىلا بىلدۈرىدۇ ، يەر نامىنىڭ ئەسلى نامى بىلەن مۇناسىۋەتسىز . شۇڭا خەنزۇچە تارىخلاردا سېرىق باش ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلار دەل ھازىرقى يۇغۇر مىللىتىدۇر
ئەسلى مەنبە:
评论
بولسا بېشىدىكى خەنزۇچە خەتلەرنىمۇ ئاخىردىكىگە ئوخشاش تىرناق ئىچىگە ئېلىپ قويغان بولسىڭىز. بۇ ئۇيغۇرچىنىڭ ئوقۇلىشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.