




-
داۋامى
3. « قىل-» پېئىلى توغرىسىدا
(1) « قىل-» پېئىلىنىڭ لېكسىكىلىق مەنىلىرى
«قىل-» پېئىلىمۇ «ئىشلە-» پېئىلىغا ئوخشاشلا تىلىمىزدىكى ئىنتايىن قەدىمىي پېئىللارنىڭ بىرى. ئۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا لېكسىكىلىق مەنە ۋە گرامماتىكىلىق رولى جەھەتتە دەۋرمۇ-دەۋر بېيىغان، ھەم بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۆزىگە خاس لېكسىكىلىق مەنىسى ۋە خىلمۇخىل گرامماتىكىلىق رولى ئارقىلىق باشقا پېئىللاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىدا كەڭ قوللىنىلىدىغان، تىلىمىزنىڭ گرامماتىكىلىق سېستىمىسىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدىغان پېئىلدۇر. «قىل-» پېئىلى ھەم مۇستەقىل پېئىل ئورنىدا قوللىنىپلا قالماي يەنە ياردەمچى پېئىللىق رولىنى ئوينايدۇ. گېپىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە، تۆۋەندىكى جۈملىلەرگە نەزەر سالايلى:
مەن خەلقىمنى باي قىلدىم، ئاز خەلقنى كۆپ قىلدىم.
(«كۆلتىگىن مەڭگۈ تېشى» جەنۇب يۈزى 10-قۇر)
ئۇلار بۇ مەسىلىنى كېلىشىپ بىر تەرەپ قىلغىلى نەۋاخ.
مەن دوستۇم مۇراتنى ماڭا يامانلىق قىلىدۇ دەپ ھېسابلىمايمەن.
موللىنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما
كىشىگە قىلغان كىشىدە قالماس.
قىلغىلى قىلىق تاپالماسلىق
ئۇنداقتا «قىلماق-» پېئىلىنىڭ «ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى» دا بېرىلگەن مەنىلىرىگە قاراپ باقايلى.
مىللەتلەر نەشىرىياتى 1998-يىل نەشىر قىلغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە «قىلماق» پېئىلىنىڭ مۇنداق 16 تۈرلۈك مەنىسى ۋە ئىشلىتىلىشى بېرىلگەن:
① بىرەر ئىش، پائالىيەت قاتارلىقلارنى ئورۇندىماق، بەجا كەلتۈرمەك، ئەمەلگە ئاشۇرماق، ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانماق. مەسىلەن، ئوقۇتقۇچىلىق قىلماق، مېھنەت قىلماق
② ئۆتكۈزمەك، ئېلىپ بارماق. مەسىلەن، بەزمە قىلماق، نەزىر قىلماق، نامايىش قىلماق، مۇنازىرە قىلماق.
③ تەييارلىماق، ھازىرلىماق. مەسىلەن، كاۋاپ قىلماق، تاماق قىلماق، پولو قىلماق
④ كۆرسەتمەك، ئىپادىلىمەك. مەسىلەن، ئادەمگەرچىلىك قىلماق، مېھماندارچىلىق قىلماق، باتۇرلۇق قىلماق، ئىجرا قىلماق، غەمخورلۇق قىلماق، نازارەت قىلماق
⑤ مەيدانغا كەلتۈرمەك، تۇغدۇرماق. مەسىلەن، غوۋغا قىلماق، قاتىللىق قىلماق، جېدەل قىلماق، يامان ئاتلىق قىلماق، ئوغرىلىق قىلماق
⑥ قولغا كەلتۈرمەك، ئېرىشمەك. مەسىلەن، پۇل قىلماق، كېلىن قىلماق، كۈيئوغۇل قىلماق، بالا قىلىۋالماق، مۈلۈك قىلماق
⑦ مەلۇم ئورۇن، مەرتىۋە، خىزمەت قاتارلىقلارغا بەلگىلىمەك، ئېرىشتۈرمەك. مەسىلەن، ۋەكىل قىلماق، كادىر قىلماق، باشلىق قىلماق، نازىر قىلماق
⑧ مەلۇم ھالەتكە كەلتۈرمەك. مەسىلەن، باي قىلماق، نامرات قىلماق، خاتىرجەم قىلماق، يىراقنى-يېقىن قىلماق.
⑨ باشقىلارغا مەلۇم بىر ۋاستە ئارقىلىق مۇئامىلە قىلماق. مەسىلەن، مەسخىرە قىلماق،مازاق قىلماق، پىسەنت قىلماق، چاقچاق قىلماق، ساختا قىلماق، ئىچىنى ئاچچىق قىلماق
⑩ مەلۇم بىر پەزىلەت ياكى خىسلەتكە ئىگە دەپ بىلمەك، تونۇماق. مەسىلەن، يۈز-خاتىرىسىنى قىلماق، ئىززىتىنى قىلماق، ئابرويىنى قىلماق، ھۆرمىتىنى قىلماق
⑪ «دەك، -تەك» قوشۇمچىسى بىلەن كەلگەن بەزى سۆزلەردىن كىيىن كېلىپ پەرەز ۋە مۆلچەرنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، مەن ئۇنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەن، ئۇ شۇنداق دېگەندەك قىلاتتى.
⑫ تەقلىد سۆزلىرى بىلەن كېلىپ ئۇلار بىلدۈرگەن ئاۋاز ياكى ھالەتنىڭ سادىر بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، كۆزلىرىم ئىمىر-چىمىر قىلغىلى تۇردى. بېشىم لوق-لوق قىلىپ ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ.
⑬ بەزى ئىسىملار بىلەن كېلىپ ئۇنى ئانالىتىك شەكىلدە پېئىللاشتۇرىدۇ. مەسىلەن، خەۋەر قىلماق، غەم قىلماق، تەقسىم قىلماق، قوبۇل قىلماق، ھۇجۇم قىلماق، مەغلۇب قىلماق، ئازاد قىلماق، خىيانەت قىلماق، مۇسادىرە قىلماق، تەتقىق قىلماق، ئىشخال قىلماق، توۋا قىلماق، سەپەر قىلماق، تەلەپ قىلماق، دوكلات قىلماق، ئامال قىلماق، گىرىم قىلماق، پەرۋاز قىلماق، رىئايە قىلماق، نەسىھەت قىلماق. ئوغرى قىلماق
⑭ ساناق سانلار بىلەن كېلىپ شۇ مىقدارغا يەتكۈزۈشنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، بىر قولۇمنى بەش قىلالمايۋاتسام يەنە نىمە ئىشنى پەيدا قىلىپ كەلدىڭىز؟
⑮ يۆلىنىش كېلىشتە كەلگەن كىشىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىم ياكى ئالماش بىلەن كېلىپ «زىيان سالماق، يامانلىق قىلماق» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. مەسىلەن:
ماڭا قىلىمەن دەمسەن ئۆزۈڭگە قىلدىڭ.
نىمە قىلدىم مەن ساڭا،
ئەجەپمۇ بىر قىلدىڭ ماڭا.
قىلغىنىڭ يادىڭدا بولسۇن،
مەنمۇ قىلارمەن ساڭا.
⑯ كىشى بەدىنىدىكى مەلۇم بىر ئەزا ياكى مەلۇم بىر تەرەپنى بىلدۈرىدىغان، شەخس قوشۇمچىلىرى ۋە چۈشۈم كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن كەلگەن ئىسىملار بىلەن بېرىكىپ كېلىپ «مەلۇم يۆنىلىشكە قاراتماق، ئۇدۇللىماق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، يۈزىنى قىبلىگە قىلماق، پۇتىنى ئاسمانغا قىلماق، كەينىنى قىلىپ تۇرماق.
(2) «قىل-» پېئىلىنىڭ گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى
بىز بۇ يەردە مۇلاھىزە قىلىۋاتقان « قىل-» پېئىلىمۇ باشقا پېئىللارغا ئوخشاشلا پېئىللارنىڭ گرامماتىكىلىق كاتىگورىيىلىرى بىلەن تۈرلىنىدۇ.
1) دەرىجە كاتىگورىيىسى بىلەن تۈرلىنىدۇ. «قىل-» پېئىلى «مەلۇم بىر پەزىلەت ياكى خىسلەتكە ئىگە دەپ بىلمەك، تونۇماق» دېگەن مەنىدە قوللىنىلغاندىن سىرت باشقا ئەھۋاللاردا ئۆتۈمسىز پېئىل، ھەم مۇستەقىل پېئىللىق ھەم ياردەمچى پېئىللىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا پېئىل دەرىجىلىرىنىڭ ھەممىسىدە تۈرلىنىدۇ.
2) تۈس كاتىگورىيىسى بىلەن تۈرلىنىدۇ. مەسىلەن:
بولۇشلۇق-بولۇشسىزلىق كاتىگورىيىسى بىلەن تۈرلىنىدۇ.3(
4) رەۋىشداش ھالىتىدە كېلىدۇ. مەسىلەن:
ئۆي ئىشلىرىنى قىلسا-قىلسا تۈگىمەيدىكەن.
ئىشنى ئۆزۈڭ توغرا قىلماي، ئەمدى نېمە دېمەكچىسەن؟
ئۇ گەپ قىلغاچ ماڭدى.
5) سۈپەتداش شەكلىدە كېلىدۇ. مەسىلەن:
قىلغان، قىلمىغان، قىلدۇرغان، قىلىدىغان، قىلىۋاتقان، قىلغۇدەك، قىلار، قىلماس، بۇ ئىشنى تۇرسۇن قىلغان ئىدى.
يالغانچىلىق قىلماسلىق كېرەك.
بۇنداق قىلغاندىن قىلمىغان تۈزۈك.
بۇلاردىن باشقا « قىل-» پېئىلى مۇستەقىل پېئىل بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرىكەتنام شەكلىدە كېلىدۇ ھەم زامان، شەخس، راي بىلەن تۈرلىنىپ باشقا سۆزلەرنى ياساشقا ئاساس بولالايدۇ.
4. «قىل-» پېئىلى بىلەن «ئىشلە-» پېئىلىنىڭ ئورتاقلىق ۋە پەرقلىرى
(1) ئورتاقلىقى
1) گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەت جەھەتتە:
«ئىشلە-»، «قىل-» پېئىلى ھەر ئىككلىسى پېئىللىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. شۇنداق بولغانىكەن ھەر ئىككىسى پېئىللارغا خاس بولغان دەرىجە، تۈس، بولۇشلۇق-بولۇشسىزلىق، شەخس، سان، زامان ۋە راي (مەيل) دىن ئىبارەت يەتتە خىل گرامماتىكىلىق كاتېگورىيىگە ئىگە.
2) جۈملىدىكى ۋەزىپىسى جەھەتتە:
«ئىشلە-، قىل-» پېئىلى تىلىمىزدىكى كۆپ قوللىنىلىدىغان مۇستەقىل پېئىللاردۇر. ئۇلارمۇ باشقا پېئىللارغا ئوخشاشلا جۈملىدە كۆپىنچە خەۋەر ئورنىدا بەزىدە يەنە ئىگە، تولدۇرغۇچى ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ. مەسىلەن:
ئۇلار يېڭىدىن تەجرىبە ئىشلەۋاتىدۇ.
مەن كەشتە ئىشلەۋاتىمەن.
ئىشلىگەن چىشلەيدۇ.
بۇ ئىشنى سەن قىل.
مەن بۈگۈن كۆپ ياخشىلىق قىلدىم.
3) لېكسىكىلىق مەنىسى جەھەتتە:
بۇ ئىككى پېئىلنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ « بىرەر ئىش، پائالىيەت قاتارلىقلارنى ئورۇندىماق، بەجا كەلتۈرمەك، ئەمەلگە ئاشۇرماق، ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانماق» قاتارلىق مەنىلىرى ئوخشاپ كېتىدۇ. بەزىدە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن:
بۇ ئىشنى تىزراق قىلىۋەت.
بۇ ئىشنى تىزراق ئىشلىۋەت.
بۇ ئىككى پېئىلنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ « بىرەر ئىش، پائالىيەت قاتارلىقلارنى ئورۇندىماق، بەجا كەلتۈرمەك، ئەمەلگە ئاشۇرماق، ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانماق» قاتارلىق مەنىلىرى ئوخشاپ كېتىدۇ. بەزىدە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن:
بۇ ئىشنى تىزراق قىلىۋەت.
بۇ ئىشنى تىزراق ئىشلىۋەت.
ئۇ بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ.
ئۇ بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ.
4) تەكرارلاش شەكلى جەھەتتىكى ئوخشاشلىقى:
بۇ ئىككى پېئىلنىڭ «ئىشلە-ئىشلىمەي، قىلا-قىلماي» قاتارلىق تەكرارلانما شەكلى رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەت بارلىققا كېلىش ئالدىدا تۇرغان، لېكىن بارلىققا كېلىپ بولمايلا باشقا بىر ھەرىكەتنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. جۈملىدە بولسا ھالەت ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ. مەسىلەن:
① ئۇ ئىشلە-ئىشلىمەي چاقىرىتىپ ئېلىپ كېتىلدى.
② گېپىڭنى قىلا-قىلمايلا ماڭامسەن؟
(2) پەرقى
بۇ ئىككى پېئىل قارىماققا نۇرغۇن جايلاردا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدىغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىرىنىڭ ئورنىغا بىرى ئالمىشىپ قالسا، ئەسلىدە ئىپادە قىلماقچى بولغان مەزموننى ئەكىس ئەتتۈرۈش قىيىنغا توختايدۇ.
ئۇنداقتا بۇ ئىككى پېئىلنىڭ قانداق پەرقى بار؟
1) لېكسىكىلىق مەنىسى جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ. يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك »ئىشلە-» پېئىلى بىلەن «قىل-» پېئىلىنىڭ «بىرەر ۋەزىپىنى ئورۇندىماق، بەجا كەلتۈرمەك، ئورۇندىماق» قاتارلىق مەنىلىرىدىن باشقا مەنىلىرى ئاساسەن پەرقلىق بولۇپ، ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن:
① سەن ئۇنىڭغا ياخشىراق خىزمەت ئىشلە، ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانىغا قاتناشسۇن.
② سەن ئۇنىڭغا ياخشىراق خىزمەت قىل، ئۇ ئىمتىھاننى ئوڭۇشلۇق تۈگىتىۋالسۇن.
يۇقىرىدىكى ئىككى جۈملىدىكى «خىزمەت ئىشلە» دېگەن سۆز بىلەن « خىزمەت قىل» دېگەن سۆزنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ئالدىنقىسى «بىرەر كىشىگە تەربىيە بېرىش، نەسىھەت قىلىش ، يالۋۇرۇش ياكى ئۆتۈنۈش ئارقىلىق ئۇنى مەلۇم ئىشنى قىلىشقا قايىل قىلىش» دېگەن مەنىدە بولسا، كىيىنكىسى «باشقىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىل» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ.
2) «قىل-» پېئىلى بەزىدە مۇستەقىل پېئىل سۈپىتىدە قوللىنىلسىمۇ، يەنە بەزى ئەھۋاللاردا ئىسىم، سۈپەت، سان ۋە رەۋىشلەرنى پېئىل ھالىتىگە كەلتۈرىدىغان ياردەمچى پېئىل سۈپىتىدە شۇلاردىن ھاسىل بولىدىغان ھەرىكەت-ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ چاغدا «قىل-» پېئىلى باغلامچى پېئىل كاتىگورىيىسىگە كىرىدۇ. مەسىلەن:
دېھقان بولساڭ مېھنەت قىل، موللا بولساڭ تەكرار قىل.
مەن بۇنداق كىچىك تۇرسام، ئۇ ئىشنى قانداق ھەل قىلالايمەن؟
ئۇ بىر ئۆمۈر ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانىكەن.
سىز ھېلىمۇ كۆپ ئىززىتىمنى قىلدىڭىز.
بىراق «ئىشلە-» پېئىلىدا بۇنداق خۇسۇسىيەت يوق.
شۇڭلاشقا مەيلى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىشتە بولسۇن ياكى خەنزۇتىلى تەرجىمانلىق ئەمەلىيىتىدە بولسۇن بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقىگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. مەسىلەن:
مەن بۇ ئىدارىدە ئىشلىگىلى ئون يىل بولدى. 我在这个单位工作已经十年了。
ئۇ بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ.他在这个学校当教师。
ئىتتىك ئىشلەڭلار! 你们快点干!
تاپشۇرۇقنى ئىتتىك ئىشلەڭلار. 你们赶快做作业。
ئۇ بۇ ئىشنى ھەل قىلالمايدۇ. 这事他解决不了。
ئۇ نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قاپتۇ. 他不知该怎么办。
مەكتەپ بىنالىرى بۇ يىل يەنە رېمونت قىلىندى. 今年又维修了校舍。
ئۇ تويىنى مۇشۇ رېستۇراندا قىلارمىش. 听说她在这个宴会厅举行婚礼。
5. خۇلاسە
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، «ئىشلە-، قىل-» پېئىلى تىلىمىزدىكى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قەدىمىي پېئىل، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ لېكسىلىكىق مەنىلىرىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ بىراق، يەنە كىچىك پەرقلەرمۇ يوق ئەمەس. ئۇلار گرامماتىكىلىق قۇرۇلما ۋە تۈزۈلۈش جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار ئارىسىدا ياسىلىش شەكىللىرى، جۈملىدىكى ئىشلىتىلىش ئالاھىدىلىكلىرى، گرامماتىكىلىق رولى جەھەتتىن ئازدۇر-كۆپتۇر پەرقلەر مەۋجۇت. شۇڭلاشقا بۇ ئىككى پېئىلنى ياخشى تەتقىق قىلىش، ئۇلارنىڭ كونكرېت پەرقىنى چوڭقۇر سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش ئۇلارنىڭ تىلىمىزدىكى ئورنى ۋە رولىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشتىلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرتىلى ئۆگىنىشىدە ۋە بەزى تەرجىمە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
پايدىلانمىلار:
[1] مىللەتلەر نەشىرىياتى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 6-قىسىم، 290-بەت.
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى»،كۆرەش مەھمۇتجان رەئىسى، 2003يىل
[2] مىللەتلەر نەشىرىياتى 1998-يىل نەشىر قىلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»
[3] خەمىت تۆمۈر ئەپەندى تۈزگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتىكىسى»