




-
چۇمپاق قەدىمىي قەبرىستانلىقى مەركىزىدىكى تارىختىن ئاۋۋالقى دىنار دەريا ۋادىسى مەدەنىيىتى ئىزلىرى توغرسىدا
2010-10-31
تۈرى:
چۇمپاق قەدىمىي قەبرىستانلىقى مەركىزىدىكى تارىختىن ئاۋۋالقى دىنار دەريا ۋادىسى مەدەنىيىتى ئىزلىرى توغرسىدا.
چۇمپاق قەدىمىي قەبرىستانلىقى مەركەزلىگىدىكى تارىختىن ئاۋالقى دىنار دەريا ۋادىسى مەدەنيىتىنىڭ يارىتىلىشدىكى ئاساسلار
تارىختىن ئاۋالقى- دەۋىر رايونىمىز شىنجاڭغا نسبەتەن مىلادىدىن ئاۋالقى چاغلاردىن يىراق قەدىمكى زامانلارغىچە ھەتتا تاش قوراللار دەۋرىگىچە بولغان دەۋرلەرنى كۆرسىتدۇ. ھازىرغىچە شىنجاڭدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردىن ئىلگىركى چاغلارغا تەۋە يازما يادىكارلىقلارمۇ تېپلىمدى.
شۇڭا دۆلىتىمىزئارخولوگىيە ساھەسىدىكلەر ئومۇمەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردىن ئىلگىركى چاغلاردىن يىراق قەدىمكى زامانلارغچە بولغان ئارخولوگيىسنى«شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىختىن ئاۋالقى ئارخولوگىيەسى» دەپ ئاتايدۇ.بىزنىڭ تارىختىن ئاۋالقى دەۋىرلەر دېگىنمىزمۇ شىنجاڭ رايونىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردىن ئىلگىركى چاغلاردىن يىراق قەدىمكى زامانلارغچە ياكى كونا تاش قوراللار دەۋرىگچە بولغان دەۋرلەرنى كۆرسىتدۇ.»
(1)شىنجاڭ رايوننىڭ تارىختىن ئاۋالقى دەۋرى: بۇ دەۋر كونا تاش قوراللار دەۋىرى،يېڭى تاش قوراللار دەۋرى،بىرۇنىزا‹كۆك مىس› قوراللار دەۋرى، تۆمۈر قوراللار دەۋرى قاتارلىق تۆت چوڭ باسقۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «بۇنىڭدىن 10-20مىڭ يىللار ئىلگىرى شىنجاڭدا ئىنسانلار پائاليەت ئېلىپ بارغان.
(2)«يېڭى تاش قوراللار دەۋرى...تەخمىنەن مىلادىدىن بۈرۈنقى 8000-يىللاردىن مىلادىدىن ئاۋالقى 2000-يىللاغچە بولغان ۋاقىتنى ئۆزئىچىگەئالىدۇ... ئارخولوگىيەلىك ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا شىنجاڭنىڭ بىرونزا دەۋىرى...تەخمىنەن مىلادىدىن بۈرۈنقى 2000-يىلدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 700-1000-يىللار دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ.
(3)،«شىنجاڭنىڭ دەسلەپكى تۆمۇر قوراللار دەۋىرى مىلادىدىن بۇرۇنقى 200-يىلغچە بولغان زامانلارغا توغرا كېلىدۇ، دەپ قارىدۇق...ئارخولوگىيلىك ماتىرىياللارنىڭ كۆپلەپ جۇغلىنشى ئاساسدا يېقىنقى يىللاردا شىنجاڭنىڭ شەرقىدىكى قۇمۇلنى مەركەز قىلغان «يانبۇلاق مەدەنىيتى»تۇرپان، پىچان ۋە ئۇ جايلارنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان«سۇ بېشى مەدەنىيتى»،خېجىڭ ناھىيسنىڭ شىمالىدىكى تەڭىرى تېغىنىڭ جەنۇبى ئېتەكىلىرى ۋە قارا شەھەر بوستانلقىنى مەركەز قىلغان«چابغا مەدەنىيتى»،شىمالى شىنجاڭدىكى ئىلى دەرياسى ۋادىلىرىغا تارقالغان «ئىلى دەريا ۋادسى مەدەنىيتى» قاتارلىق دەسلەپكى تومۇر قوراللار دەۋرىگە تەۋە ئارخولوگىيلىك مەدەنىيەت ئوقۇملىرى ئوتتۇرغا قويۇلدى
‹4›چابغا مەدەنىيىتى ھەققىدە «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى »ژۇرنىلىدا مۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن:«چابغا مەدەنىيتى چابغا قەبرستانلىقدىن سىرىت قاپچغان قەبرستانلقى ۋە بەلچىر قەبرستانلىقنمۇ ئۆز ئىچىگەئالىدۇ.بەزى ئالىملار بۈگۈردىكى چۇمپاق قەبرىستانلىقى ۋە بايدىكى قىزىل قەبرستانلىقنمۇ مۇشۇ مەدەنىيەت تىپغا كىرگۈزىدۇ.بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئورتاق يالدامسى چوڭ تىپتىكى ئۇرۇقداشلىق ئاممىۋى قەبرستانلقى بولۇپ تاغ ئالىدىدا جەزىرە،تاش قورشاۋلىق، تاشلەھەتنى‹گۆر›ئاساسى قىلغان بولۇپ تىزلىشى زىچ ۋە رەتلىك»
‹6› دىنار دەريا ۋادىسى مەدەنىيتى بىلەن چابغا مەدەنىيتىنىڭ ئوخشىشپ كېتىدىغانلقى ھەققىدە يەنە مۇنداق مەلۇمات بار:«ئەمنىيە يېغىلىق دەۋرلىردە ناھىيە تەۋەسىدىكى دىنار دەريا ۋادىسدا قەدىمكى مىللەت توپلىرى ياشغان، ئۇلارنىڭ جەمئىيتى خىجىڭنىڭ ساۋخۇ جىلغسى مەدەنىيتىگە ئوخشاش بولۇپ، ئاھالسى خېلى يۇقىرى دىھقانچلىق، چارۋىچلىق ئىشلەپچىقىرش سەۋيىسگە ئىگە بولغان، ھەمدە تۆمۈر ئەسۋاپلارنى ئىشلەتكەن»
چابغا مەدەنىيتگە مەنسۈپ بولغان مەدەنىيەت چەمبىرى ‹خىجىڭ، خۇشۇت، قاراشەھەر، كورلا، بۈگۈر، چەرچەن قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچگە ئالغان بولۇپ ھازىرقى بايىنغۇلىن زېمىنىنىڭ ئاساسى قىسمغا تارالغان.شۇنداقلا چابغا تىپى،چۇمپاق تىپى ۋە زاغۇنلۇق تىپى بايىنغۇلىن تەۋەسىدە بارلىققا كەلگەن›دە ئەكىس ئەتكەن مەدەنىيەت ئورتاقلىقنى تۆۋەندىكى بايانلاردىن كۆرۋىلشقا بولىدۇ،«چابغا مەدەنىيتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرنى يىغىنچاقلىغاندا بۇ قەبرستانلقتىكى قەبرىلەرنىڭ ئۈستگە تاش دۆۋىلەش، تاش قورشاۋ چىقىرش ياكى توپا دۆۋىلەش ئارقىلىق بەلگە سېلىنغان،دەپنە قىلشتا ئاساسەن كۆپ جەسەتلەر ئىككىنچى قىتىم دەپنە قىلنىغان .ھەمدە قەبرە ئەتراپىغا باللار قەبرىسى بىلەن ئات بېشى، كالا بېشى،تۆگە بېشى ياكى ئىت بېشى، ئاتلار كۆمۈلىدىغان قوشۈچە ئازگاللار كولانغان.ئەڭ ۋەكىل خاركتىرگە ئىگە ساپال قاچىلار، جۇغلىق كومزەك بىلەن ئىۋرىق ھىساپلىندۇ.خىجىڭ ناھىيسنىڭ چابغا جىلغسىدىكى قەبرستانلىقلار بىلەن بۈگۈر ناھىيسىدىكى چۇمپاق قەبرستانلقى ۋە باي ناھيسىدىكى قىزىل سۇ ئامبىرى قەبرستانلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چابغا مەدەنىيتى تىپغا تەۋە رەڭلىك كومزەكلەر بىلەن ئىۋرىقلانىڭ كۆپنچسىدە جۇغا بولۇپ، ياسلىش شەكلى ناھايتى كۆركەم ھېساپلىندۇ.بولۇپمۇ جۇغىلىق قاچىلار مۇشۇ مەدەنىيەتنىڭ ۋەكىل خاراكتىرىگە ئىگە بويۈملىرى ھېساپلىندۇ. ئۇلاردىن باشقا يەنە جام، ھىجىر، تەخسە، تاۋاق قاتارلىقلار بار.بولۇپمۇ بۇ مەدەنىيەت تىپغا تەۋە ساپال جاۋۇرلارنىڭ بەزلىرى قوش قۇلاقلىق، بەزلىرى تۇتقۇچلۇق بولۇپ قېزۋىلنغان چاغدا بىر قىسمى قوي سوڭكى سېلىنغان پېتى چىقتى،بۇنىڭدىن ئەينى زاماندا ئۇنىڭ قازان-قومۈچ ئورنىدا ئىشلىتلگەنلكنى بىلگىلى بولىدۇ»
‹8› چابغا مەدەنىيتنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكگە ئاساسەن ئۈچ خىل تىپقا‹چابغا تىپى، چۇمپاق تىپى، زاغۇنلۇق تىپى›ئايىرىلشى مەدەنىيەت تەۋەلىگىدىكى ئۈچ جاينىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكنى بارلىققا كەلتۇرگەنلىكتىن بولغان. ئۈچ خىل تىپنىڭ ‹ئۈچ جاي مەدەنىيتىنىڭ› ئۆزگچە بولغان ئالاھىدىلىكللىرى تۆۋەندىكچە: چابغا مەدەنىيتنىڭ ئىجىتمائى، ئىقتسادى تۇرمۇشى، چارۋۇىچلىق پائاليتنى ئاساس قىلغان.مەسلەن؛قەبرىلەردىن نۇرغۇن مىس بۇيۇملار قىزىىۋىلنغان بولسمۇ بىراق دىھقانچلىق دىھقانچلىق ئىشلەپچىقىرش سايمنى بايقالمىدى.قىزۋىلىنغان مىس بۇيۇملار كىچىك مىس پىچاقتىنسىرىتئات ئېغىزدۇرىقى ۋە ئېغزدۇرۇق جاۋغايلقى، مىس قۇڭغۇراق قاتارلىق ھەر خىل ئات جابدۇقلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، يەنە بىلەي تاش،ئۇرچۈق، يائوقى،باشقى بار. يۇقۇرىقىلار كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر يېنىدا ئىلپ يۈردىغان كىچىك سايمانلار ۋە تۇرمۇش بويۇملىرى ھېساپلىندۇ.بۇنىڭدىن باشقا قەبرىلەردىن قوي ۋە ئات سوڭەكلىرى بىلەن كىچىك مىس پىچاق بىللە قويۇلغان ھالەتتە ياكى قوينىڭ قۇۋۇرغۇسى ياغاچ جاۋۇرغا سېلىنغان ھالەتتە كۆپ بايقالدى.بىر قىسىم چوڭراق قەبرىلەرنىڭ ئەتراپىدا ئات بېشى كۆمۇلگەن ئازگاللار بايقالدى.مىستىن ياسالغان ئات-جابدۇقلىرى ۋە ئات سۆڭەكلىرنىڭ خېلى كۆپ بايقالغانلقى چابغا مەدەنىيتى ياراتقان قەدىمقى ئاھاللەرنىڭ ئات كۆندۇرگەنلىكى، باققانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. چابغا مەدەنىيتنى ياراتقان ئاھاللار نوقۇل چارۋىچلىق بىلەنلا شۇغۇللانغان ئەمەس،ئۇلارنىڭ ئىلكىدە كۈلالچلىق، مىتال تاۋلاش، يۇڭ توقۇمچىلىق،ياغاچچىلىق، سۆڭەك، تاش،ئالتۇن بۇيۇملارنى ياساش قاتارلىق كۆپ خىل قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەۋجۇت بولۇپ، بۇ نۇقتنى قېزىۋىلنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى دەللىلەپ بېرىدۇ. چوڭ تىپتىكى قەبرىستانلىقلارنىڭ ئىشلىتلگەن ۋاقتىمۇ ئۇزۇن بولۇپ بۇلار ئەينى ۋاقىتتكى كىشلەرنىڭ نسپى مۇقىم ئولتۇراقلاشقان تۇرمۇش كەچۇرگەنلىكىنى ۋە ئىپتىدائى دىھقانچىلقنىڭمۇ مەۋجۇت ئىكەنلكنى چۈشەندۈرىدۇ
‹9›«زاغۇنلۇق قەبرىستانلقى»-چەرچەن ناھىيسنىڭ زاغۇنلۇق كەنىتنىڭ 2كىلومتىر غەربىگەجايلاشقان.قېزىۋىلنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساپال كومزەك، ياغاچ كۈرەك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا يۇلغۇن شېخىدىن قىلىنغان زىققا ئۆتكۈزۈلگەن قوي قوۋۇرغا ‹كاۋاپ›ى ،تېرىق توغاچ، قۇيماق،تولغىما قۇيماق ‹ماخار›، قازان نېنى، قوي گۆشى قاتارلىق يىمەكلىكلەر، مىۋىلەردىن قۇرۇق ئۈزۈم، زىرائەتلەردىن تېرىق، كىۋەزقاتارلىقلار بايقالدى. قېزىۋېلنغان يادىكارلىقلاردىن كۆرىۋىلشقا بولىدىكى مەزكۈر قەبرىستانلىقتا ئەكىس-ئەتكەن مەدەنىيتنىڭ 1- ۋە 2-مەزگىلدىكى ئاھاللەرنىڭ ئىقتسادى تۇرمۇشىدا چارۋىچلىق ئاساسى ئورۇندا بولۇپ، يىرىك دىھقانچلىق قوشۇمچەئورۇندا تۇرغان.3-مەزگىلدە دىھقانچىلق مۇھىم ئورۇنغا ئۆتكەن. 1-قەبرىستانلىقتىكى قېزىلمان 102قەبرىنى ئۈچ مەزگىلگە ئايرشىقا بولىدۇ. 61م نۇمۇرلۇق قەبرە 1- مەزگىلگە‹مىلادىدىن ئاۋالقى 1000-يىلغا› 90 قەبرە 2-مەزگىلگە ‹مىلادىدىن بۇرۇنقى 770-يىلدىن مىلادىيە 8-يىلغىچە› 11قەبرە 3-مەزگىلگە ‹مىلادىيە 1-6-ئەسىرلەر›گە تەۋە»
‹10› «چۇمپاق قەبرىستانلغىدىكى قەبرىلەرنىڭ گەمە شەكىللىك قۇرۇلمىسدىن بۇمەدەنىيەتنى ياراتقان قەدىمقى ئاھاللەرنىڭ تۇرالغۇلىرنىڭ ئەھىۋالنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى، بۇ خىل گەمە شەكىللىك قۇرۇلۇش ھازىرغا قەدەر جەنۇبى شىنجاڭنىڭ بەزى جايلىردا ساقلانماقتا. ئەينى ۋاقىتتكى ئىجىتمائى ئىگىلىككە كەلسەك يارغۇنچاق قاتارلىق دان يانچىش قوراللىرى،بۇغداي، دانلىق زىرائەتلەر قاچىلانغان كوزىلار، نۇرغۇنلىغان سىدام ۋە رەڭىلىك ساپال قاچىلار ئەينى دەۋىردىكى دىھقانچىلىق ئىشلەپچقىرشنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە مەۋجۇتلىقنى چۈشەندۇرۇپ بىرىدۇ.شۇنداقلا قېزىۋىلنغان ئات، كالا، تۆگە بېشى، قوينىڭ سۆڭەكلىرى ۋە ئات جابدۇقلىرى قاتارلىقلار چارۋىچىلقنىڭ ئىجىتمائى تۇرمۇشتا يەنلا مۇھىم ئورۇندا تۇردىغانلقنى دەللىلەپ بېرىدۇ.
1985-1987-يىللىرى بۈگۈر ناھىيسنىڭ چۇمپاق قەدىمىي قەبرىستانلىقدىن بىر دانە تاش يارغۇنچاق قېزىۋىلىندى.3:19م نۇمۇرلۇق بۇ يارغۇنچاقنىڭ ئوتتۇرسى ئىككى بېشىدىن كەڭرەك، بىر بېشى كەمتۈك.... بۈگۈر ناھىيسنىڭ چۇمپاق قەبرىستانلىقتىن تاش يارغۇنچاق بىلەن بۇغداي قاتارلىقلار بايقالدى.بولۇپمۇ بۇ يەردىن تېپلىغان مىلادىدىن ئاۋالقى 1000-يىللار ۋە مىلادىدىن ئاۋالقى500-يىللار ئارلقىغا توغرا كېلىدىغان بۇغداي دانلىرى ھازىرقى بۇغداينىڭ دانلىرىغائاساسى جەھەتتىن ئوخشايدۇ»
‹11› چابغا مەدەنىيتگە مەنسۈپ دەپ قارالغان يۇقىرقى چابغا جىلغسى قەبرىستانلقى، زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقى، چۇمپاق قەبرىستانلىقى قاتارلىق ئۈچ خىل تىپتا ئەكىس ئەتكەن مەدەنىيەتنىڭ ئومۇمى جەھەتتە زور ئورتاقلىققا ئىگە بولسمۇ يەرلىك ئالاھىدىلىك جەھەتتە بىر - بىردىن روشەن پەرقلىندىغانلقىنى كورىۋىلشقا بولىدۇ. چابغا جىلغسى مەدەنىيتدە چارۋىچىلىقنىڭ يادرۇلۇق ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ھەم ئىپىتدائى دىھقانچىلقنىڭمۇ مەۋجۇت ئىكەنلكى، چۇمپاق قەبرىستانلقى ئەكىس ئەتتۇرگەن مەدەنىيەتتە گۈللىگەن دىھقانچىلقنىڭ ئاساسى ئورۇندا تۇردىغانلىقى، چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنڭمۇ ئىقتسادى تۇرمۇشتا مۇھىم ئورۇن تۇتۇدىغانلىقى، زاغۇنلۇق قەبرىستانلقى نامايەن قىلىنغان مەدەنىيەتتە دەسلەپتە چارۋىچلىق ئاساس، دېھقانچىلىق ئىپتىدائىي ھالەتتە ‹قوشۇمچە› بولغانلىقى، كىيىنكى مەزگىلدە دېھقانچلىق ئاساسى ئورۇنغا، چارۋۇىچلىق قوشۇمچە ئورۇنغا ئوتكەنلكىدەك پەرقلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلشقا بولىدۇ.ئۇندىن باشقا بايقالغان بويۈملار ئىچىدە چابغا جىلغسى قەبرىستانلىقدىن ۋە زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋىلىنغان ئالتۇن بويۈملار چۇمپاق قەبرىستانلىقدا بايقالمغان ،زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقدا بايقالمغان يۇلغۇن شېخى زىقىدا قىلىنغان كاۋاپ ۋە ئاشلىقتا ئىشلەنگەن يىمەكلىكلەر شۇنداقلا ئۈزۈم قاتارلىق مىۋىلەر چابغا جىلغسى قەبرىستانلىقدا ھەم چۇمپاق قەبرستانلىقدا بايقالمغان،شۇنداقلا يەنە چۇمپاق قەبرىستانلىقدا بايقالغان تۆمۈر ئورغاق بىلەن گەمە شەكىللىك قەبرە تۈزۈلشى چابغا جىلغسى قەبرىستانلقى بىلەن زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقدا كۆرۈلمەيدۇ.مۇقىم ئولتۇراقلىشش،دېھقانچلىق ئىگىلىكنى ئاساس قىلش، چارۋىچلىقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش چۇمپاق تىپسدا‹ئەكىس ئەتكەن مەدەنىيەتتە›گەۋدىلىك بولۇپ ،بۇ خىل ئالاھىدىلىك چۇمپاق قەبرستانلقىنىڭ ئاساسى ئالاھىدىلكى شۇنداقلا باشقا ئىككى تىپ‹چابغا تىپى، زاغۇنلۇق تىپى›تىن پەرقلىندىغان ئۆزگىچىلىگى ھېساپلىنىدۇ.
چۇمپاق تىپى –دىنار دەريا ۋاسىىدا بارلىققا كەلگەن مەدەنىيەتتۇر. چۇمپاق قەدىمىي‹1-2-نۇمۇرلۇق›قەبرستانلقى ئەكىس ئەتتۇرگەن مەدەنىيەت ھەرگىزمۇ يەككە-يىگانە مەدەنىيەت ئەمەس،بۇ مەدەنىيەتنى بۈگۈر قارىياردىكى قەبرىلەر،تارلاق يىزىسدىكى قەدىمىي قەبرىلەر‹تاشقى كۆرۈنشى،تۈزۈلۈش شەكلى ئوخشاش›، چېدىر جىغانلىق قەبرىلىرى ۋە جىغانلىق تاش ئۆيلىرى، چىدىردىكى ئاغراق دۆڭ قەلئە خارابسى، ئولپاڭ دۆڭ قەلئە خارابسى، بۈگۈر بازىرىنىڭ 20كىلومتىر جەنۇبىدىكى كۈيۈك شەھەر قەدىمىي خارابسى، قارىباغ يىزسى قارا دۆڭ كەنىتگە جايلاشقان قارادۆڭ قەدىمىي قەلئەسى خارابسى قاتارلىق يىراق قەدىمىي دەۋرگە مەنسۇپ بولغان يەتتە يادىكارلىق ئورنى ئورنى ئەكىس ئوتتۇرگەن مەدەنىيەت تولۇقلايدۇ.چۈنكى، يۇقىرقى يەتتە قەدىمىي يادىكارلىق بىنا بولغان ۋاقتى مىلادىدىن ئاۋالقى 770-يىلدىن مىلادىدىن ئاۋالقى 206-يىلغىچە بولغان ئەمنىيە يېغىلىق دەۋرلىرى،چىن سۇلالسى دەۋرى، خەن سۇلالسى قۇرۇلغىچەبولغان 500يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالدۇ.چۇمپاق 1-2-نۇمۇرلۇق قەبرىستانلقى ئەكىس ئەتتۇرگەن مەدەنىيەت دىنار دەرياسى ۋادىسدا تارىختىن ئاۋال يارىتلىغان مەدەنىيەتنىڭ يادرۇسنى تەشكىل قىلسا، يۇقىردا تىلغا ئىلىنغان يەتتە يادىكارلىق ئورنى ئەكىس ئەتتۇرگەن مەدەنىيەت تارىختىن ئاۋالقى دىنار دەريا ۋادىسى مەدەنىيتنىڭ بىر پۇتۇن گەۋدىسنى تەشكىل قىلدۇ.دىنار دەريا ۋادىسى دىگەن سۆز تار مەنىدە ئاشۇ دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ساھىلنى كۆرسەتسە،كەڭ مەنىدە پۈتكۈل بۈگۈر زېمنىنى كۆرسىتدۇ.شۇڭا دىنار دەريا ۋادسى دىگەن ئاتالغۇنى بۈگۈر ياكى بۈگۈر تەۋەلىكى دىگەن نام بىلەن تەڭ مەنىدە چۈشىنشكە بولىدۇ.تارىختىن ئاۋالقى دىنار دەريا ۋادىسى مەدەنيىتى دىيشىمىزمۇ تارىختىن ئاۋالقى بۈگۈر مەدەنيىتى دىگەن ئۇقۇم بىلەن ئوپ-ئوخشاش مەنىدىكى سۆزدۇر.يەنە كىلپ يىراق قەدىمدىن بۇيان بۈگۈر زېمىننى خىلمۇ-خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.
«بۈگۈر» نامىنىڭ بارلىققا كىلشى ۋە كەڭ ئومۇملشىشى بولسا مىلادىيە 10-ئەسىردىن كىيىكى ئىشتۇر.شۇڭا تارىختىن ئاۋالقى بۈگۈر مەدەنىيىتى دىگەن ئىبارىگە قارىغاندا تارىختىن ئاۋالقى دىنار دەريا ۋادىسى مەدەنىيىتى دەپ ئېلش تېخىمۇ مۇۋاپىقتۇر.
«بۈگۈر تەزكىرىسى» دىن ئېلىندى.
评论