باش بەت  كروران مەدەنىيىتى  ئاسپىرانت،چەتئەلگە چىقىش  ماتىماتىكا  ئېنگىلىز تىلى  تەرمىلەر
  • قەدىمكى تۈرك تىلىنىڭ گرامماتىكىسى

    2010-08-22


    قەدىمكى تۈرك تىلىنىڭ گرامماتىكىسى

    Hdo

    A Grammay of Old Turkic

    By

    Marcel Erdal

     

    تەرجىمە قىلغۇچى

    ماھىنۇر سادىق كروران

    تونۇشتۇرۇش

    يىراق تارىختىن ئىلگىرىكى زامانلاردا، كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەر ياۋرو-ئاسىيا يايلاق بەلۋىغىدا كۆچۈپ يۈرەتتى، بۇ ۋاقىتتا ئوۋچىلار ۋە تەييار نەرسىلەرنى تېرىپ يەيدىغان خەلقلەر بۇ بەلۋاغنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى كەڭ كەتكەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان يەرلەردە يەنى سىبىرىيەدە ئولتۇراقلاشقانىدى. جەنۇبى سىبىرىيە ئۆزىنىڭ  Minusa جىلغىسىغا ئوخشاش مۇنبەت زېمىنى بىلەن بۇ ئىككى خىل  مەدەنىيەتنىڭ ئۇچرىشىش سورۇنى بولغان شۇنداقلا تاجاۋۇزچىلارنى يىراقتىنلا جەلپ قىلغانىدى. بۇ رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان خەلق ھەققىدىكى يازما خاتىرىلەر جۇڭگو، گرىتسىيە ۋە باشقا ئۇلار يېزىق قوللىنىشتىن ئىلگىرىلا يېزىق قوللانغان خەلقلەردىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن يازما خاتىرىلەردىن مەلۇم بولىدۇ. ئارخىئولوگلارمۇ بۇ ھەقتە بايقاشلارغا ئېرىشىدۇ ھەم كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ بايقاشلار يورۇقلۇققا چىققۇسى.بۇ ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ بەزىلىرى ھىندى-ياۋروپالىقلار، بەزىلىرى ياكى تېخىمۇ ئېنىقراقى، ھىندى-ئىرانلىقلار ياكى ئومۇمەن ئىپتىدائىي توكخارىيانلار، باشقىلىرى شۈبىھسىزكى تۈركلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئىدى: خەنزۇچە مەنبەلەردىكى مىلادى 6-ئەسرگە تەۋە بايانلاردا مۇشۇ ۋاقىتتىكى تۈرك ئاتلىق بۇ خەلقنىڭ ئالتاي تاغ تىزمىلىرىدا تۆمۈر تاۋلاشنى مونۇپۇل قىلىۋالغانلىقى خاتىرلىنىدۇ. ھازىرقى ياكى يېقىنقى زاماندىكى قەدىمكى ئاسىيالىقلار دەپ قارىلىۋاتقان گورۇپپىلار دەل شىمالىي ئاسىيادىكى تۈركلەردۇر. ئۇندىن باشقا، غەربىي سىبىرىيە ۋە شەرقىي شىمالىي ياۋروپادىن كەلگەن ئۇرال گورۇپپىسى، شەرقتىن كەلگەن موڭغۇل ۋە توڭغۇز گورۇپپىسىمۇ بۇ رايونغا يەنى قەدىمكى ئاسىيالىقلار ياشىغان رايونغا كەلگەن خەلقتۇر. گەرچە بىز ئېرىشكەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن، بۇ خەلقلەرنىڭ تىلى ئارىسىدا تۇققانچىلىق مۇناسىۋەت جەھەتتە پەرق بار بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئورتاق جۇغراپىيىلىك شارائىتى، ئۇزاق تارىخى دەۋرلەردىن بۇيانقى ئۇچرىشىشى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماددى ۋە مەنىۋى مەدەنيەت ھەم ئانتروپولوگىيەلىك ئالاھىدىلىك جەھەتتە ھەرخىل تىپتىكى ئورتاقلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىشى مۇمكىن. ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلىقىنىڭ مەركىزى رايونىدىكى مىللەت تەركىبلىرىنىڭ بېرىكىشى، مەلۇم بىر گورۇپپىنىڭ يەنە بىر گورۇپپا تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە مەلۇم بىر سىياسىي بىرلىكلەر (مەسىلەن، ھون ئىمپىرىيىسى، تۈرك ئىمپىرىيىسى، ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسى قاتارلىقلار-ماھىنۇر) شەكىللەنگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئەسلىدە تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە پەرقلىق بولغان مىللەتلەر تېخىمۇ چوڭ سىياسىي بىرلىك ئىچىگە كىرىپ قالغان. تىللارنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە قوشۇلۇشى مۇشۇنداق بىر تارىخى جەرياننىڭ نورمال نەتىجىسى بولۇپ قالغان.

     

     

    分享到:
    ئېلان ئورنى