




-
بۈگۈردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي يىمەكلىكى زىۋىچ
2011-01-09
تۈرى:
ئۇيغۇر يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
بۈگۈردە ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولغان يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشش بىلەن بىرگە خاس يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە يىمەكلىك مەدەنىيىتىمۇ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. تۆۋەندە تونۇشتۇرۇلىدىغان زىۋىچمۇ شۇخىل يىمەكلىك تۈرلىرىنىڭ بىرىدۇر.
زىۋىچ – بۈگۈردە يېزا-قىشلاق كىشلىرى ئارسىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئىستمال قىلىنىپ كېلىۋاتقان يىمەكلىك بولۇپ قاچاندىن باشلاپ شۇ نام بىلەن ئاتالغانلىقى نامەلۇم. بۇ نامنىڭ خاس ئۇيغۇرتىلىدىكى ئاتالغۇ ئىكەنلىكى ئېنىق. ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن 1000 يىل بۇرۇنلا چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى بىلەن دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش دەۋرىگە قەدەم قويغان. زىۋىچنىڭ بارلىققا كېلش تارىخىنى ئاشۇ چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى بىلەن دېھقانچلىق مەدەنىيىتى بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان دەۋرگە باغلاشقا توغرا كىلدۇ. شۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياننى مەدەنىيەت تارىخ ۋە باشقا پەنلەر نوقتىسىدىن تەتقىق قىلشقا توغرا كېلىدۇ.
زىۋىچنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان تەرىپى 1760-يىللاردىكى بۈگۈرنىڭ يەرلىك ئاھالسى قايتىدىن تەشكللەنگەندىن كىينكى ۋاقىتلاردىن باشلاپ مەلۇم بولىدۇ. بۈگۈردە شەرقتە ئەشمە يېزىسىدىن غەربتە چۇمپاق بازىرىغچە، شىمالدا تارلاق يېزسىدىن، جەنۇبتا سوخۇ يېزىسى، جەنۇبى بۈگۈر بازىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىم ۋادىسغچە بولغان كەڭ زېمىندا دىھقانچىلىق ۋە چارۋىچلىق ئىشلەپچقىرش رايونلىرى ئۇزۇندىن بۇيان جۈملىدىن يېقىنقى 250 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن. گەرچە يىمەكلىك تۈرلىرى كۆپ بولمىسمۇ زىۋىچنىڭ ئىستېمال قىلىنىپ كېلىنىشىئاشۇ كۆپ خىللىقغا يېڭى بىر تۈرنى قوشقان. زىۋىچنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى دېھقانچلىق، چارۋىچلىق ئشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاھالىلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يەنە بىرى ھەرخىل ئېھتىياج قوي-ئۆچكىلەرنى قان قىلش‹ئۆلتۇرۈش-ئىستېمال قىلىش ئۈچۈن›بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى قوي، ئۆچكە قان قىلىنغان ۋاقىت ۋە شارائىتلاردىلا زىۋىچنى پىشۇرغىلى بولىدۇ.
يىمەك-ئىچمەك ئىستېمالىدا گۆش ئىستمال قىلش ئىككى چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى، گۆش پىشۇرۇش يەنە بىرى، ئوپكە ھېسپ پىشۇرۇش. زىۋىچنى بولسا قوشۇمچە بىر تۈر دىيشكە بولىدۇ. زىۋىچنى ئىستمال قىلش- گۆش ئىستمالدا ئۆزگىچە يېڭى تەم، ھوزۇر ئېلشتىن باشقا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ‹چوڭ - كىچىك› سورۇنلارنىڭ كەيىپياتغا يېڭچە تۈس قوشۇش، مېھمانلارنىڭ ئىشتىھاسنى ئېچىش، قائىدە-يوسۈن، ئادىمىگەرچىلىك ئادەتلىرنى جانلاندۇرۇش، كۈلكە-چاقچاق، خۇشاللىقنى ئەۋجگە كۆتۈرۈش جەھەتلەردە قىسمەن تۈرتكىلىك رولغا ئىگە.
زىۋىچنىڭ خاس رولىدىن قارىغاندا ئۇزۇق بولۇش رولىدىن باشقا سالامەتلىككە پايدىلىق بولغان ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەنلكى ئېنىق. ئۇنداق بولمسا ئۇزۇندىن بۇيان ئىستمال قىلىنمىغان ۋە داۋاملاشمغان بولاتتى. زىۋىچنىڭ ياسىلشى، پىشۇرۇلۇپ ئىستمال قىلىنشى ۋە داۋاملىشىپ كېلشى ئۇنى ئىستمال قىلىپ كېلىۋاتقان يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ياشاش ۋە ئىشلەپچىقىرش شارائىتى،تۇرمۇش كەچۈرۈش ئادەتلىرى، يىمەك-ئىچمەك ئادەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ زىۋىچنى يۇقىرىقى ئامىللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغاندىلا رولى ۋە ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەن ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ. زىۋىچنى ئىستمال قىلىش چارۋىچى ئامما ئارىسىدا ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ چارۋىچى ئائىلىلەر ئىچىدە زىۋىچنى ئېتىشنى بىلمەيدىغانلىرى يوق دىيەرلىك. دېھقان ئائىلىلىرىمۇ زىۋىچنى ئېتشنى مۇئەييەن دەرىجىدە بىلىدۇ. قىسقىسى زىۋىچ بۈگۈردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يىمەكلىكى بولۇپ، چارۋىچلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىي قىلش مۇمكىنچىلىكىدە ئۇزاق مۇددەت داۋاملىشش ئىمكانىيتگە ئىگە. يەرلىك ئاھالىلەر بولسا زىۋىچنى ئىستمال قىلشنى داۋاملاشتۇرغۇچىلاردۇر. تۆۋەندە زىۋىچنىڭ تۈرلىرى ۋە ئېتىش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
1.زىۋىچ ياساشقا كېتىدىغان ماتىرىياللار:
زىۋىچنى ئېتشتە قوي ياكى ئۆچكىنىڭ ئاچچىق ئۈچىيى، جىگىرى، چاۋا يېغىدىن ئىبارەت 3 خىل ماتىرىيال بولشى زۆرۈر شەرت قىلىندۇ. يۇقىرىقى ئۈچ خىل ماتىرىيال بولمسا زىۋىچنى ئەتكلى بولمايدۇ. يۇقىرىقى ئۈچ خىل ماتىرىيالغا ئاساسەن زىۋىچنىڭ بىر قانچە خىل تۈرلىرنى ئېتىپ ھازىرلىغلى بولىدۇ.
2.زىۋىچنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلارنى ئېتىش ئۇسۇللىرى:
1-ئاق زىۋىچ
ماتىرىيالى: ئوغلاق ياكى كىچىك پاقلاننىڭ ئاچچىق ئۈچىيى، پەش گۆشى، جىگىرى، چاۋا يېغى، تۇز.
ئېتىش ئۇسۇلى: ئاچچىق ئۈچەي تۇرۇبا ياكى چەينەكنىڭ جوغىسغا كەيدۇرۇلۇپ سۇ ماڭدۇرۇلىدۇ. جىگەر، پەش گوش باشمالتاق بارماق توملىغدا ئۇزۇن تىلىندۇ. ياسىغاندا چاۋا ياغ ئاش تاختا ئۈستگە يېيىلپ، تىلىنغان جىگەر، پەش گۆشلەر تىزىلىپ تۇز چېچىپ چاۋا ياغنى تۈرىمىز، ئاندىن ئاچچىق ئۈچەي بىلەن تەكشى يۆگىلىپ ‹كىچىك باللارنىڭ بېلىكى توملىغىدا بولىدۇ› قازاندا قايىنىتىپ پىشۇرىلىدۇ. پىشقاندا 4سانىتىمېتىر قېلىنلىقتا توغراپ تەخسىگە ئېلىنىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
2-قىيملىق زىۋىچ
ماتىرىيالى: ئوغلاق ياكى كىچىك پاقلاننىڭ ئاچچىق ئۈچىيى، پەش گۆش، جىگەر، چاۋا ياغ، پىياز، شوخلا، يۇمغاقسۈت، تۇز، قارىمۇچ، زىرە.
ئېتىش ئۇسۇلى: ئاچچىق ئۈچەي پاكىز يۇيۇلىدۇ، جىگەر، پەش گۆش باش بارماق توملىغىدا تىلىندۇ. پىياز، شوخلا، يۇمغاقسۈتلەر ئۇششاق چانىلىدۇ، چاۋا ياغ، ئاش تاختىغا‹ئەمبەل› يېيىلىپ تەييارلانغان قىيما تەكشى يېيىتىلىدۇ. تىلىنغان جىگەر،پەش گۆشلەر ئۈستىگە تىزىلىپ چاۋا ياغ تۈرۈلىدۇ، ئاندىن ئاچچىق ئۈچەي بىلەن تەكشى يۆگەپ قازاندا قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. داستىخانغا 4سانتىمېتىر قېلىنلىقتا توغراپ كەلتۈرىلىدۇ.
3.قوناق ئۇنلۇق زىۋىچ
ماتىرىيالى: ئوغلاق ياكى كىچىك پاقلاننىڭ ئاچچىق ئۈچىيى،جىگەر، پەش گۆش، چاۋا ياغ، تۇز، قوناق ئۇن.
ئېتىش ئۇسۇلى: ئاچچىق ئۈچەي تازىلىنىپ، جىگەر، پەش گۆشلەر باشمالتاق بارماق توملىغىدا تىلىندۇ. چاۋا ياغ ئاشتاختا ئۈستگە يېيىلىپ قوناق ئۇنى تەكشى چېچىلىدۇ. تىلىنغان جىگەر، پەش گۆشلەر ئۈستىگە تىزىلىپ تۇز چېچىلىپ چاۋا ياغ تۈرۈلىدۇ. ھەمدە ئاچچىق ئۈچەي بىلەن تەكشى يۆگىلىپ قازاندا قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. 4سانتىمتىر قېلىنلىقتا توغراپ داسىتخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
4.قويرۇق مايلىق زىۋىچ
ماتىرىيالى: كىچىك پاقلاننىڭ ئاچچىق ئۈچىيى، جىگەر، پەش گۆش، قويرۇق ماي، تۇز، ماتىرىيالغا قاراپ قوناق ئۇن ياكى كۆكتات دورا-دەرمەك ئارىلاشتۇرۇلسا بولىدۇ.ئېتىش ئۇسۇلى: ئاچچىق ئۈچەي تازىلىنىدۇ. جىگەر، پەش گۆش، قويرۇق ماي باشمالتاق بارماق توملىغىدا تىلىندۇ. باشقا ئېتىش ئۇسۇللىرى يۇقىرىقى زىۋىچلەر بىلەن ئوخشاش.
评论