




-
سىز بەلكىم تور يۈزىدە مەلۇم بايرام ياكى ئەھمىيەتلىك كۈنگە ھازىردىن ھېسابلىغاندا نەچچە كۈن، ياكى نەچچىلىك ۋاقىت قالغانلىقىنى ئاپتۇماتىك كۆرسىتىشكە ئامال قىلالماي يۈرەمسىز؟ بۇ كودنى سىناپ بېقىڭ، قوليازما تىلدا يېزىلغان كود بۇلۇپ مەن تەپسىلى چۈشەندۈرىشى بىلەن قالدۇراي لازىم بولسا ئىشلىتىڭ، ئۆگەنگىڭىز بولسا تەپسىلى دېققەت قىلىڭ!
-
بۈگۈر – بۈگۈنكى بايىنغۇلىن موڭغول ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيىسىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇ كورلا بىلەن كۇچا ئارلىقىغا جايلاشقان .«بۈگۈر» نامىنىڭ ئېتمولوگىيسى ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردىن تېخى ئىلمىي يەكۈن چىقىرىلغىنى يوق . بەزىلەر بۇ سۆزنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ‹ بۆكۈ › قەبىلىسىنىڭ نامىدىن كەلگەن . چۈنكى بۈگۈر ۋە قارا شەھەر ئەتراپىىدا، تارىختا ‹بۆكۈ › قەبىلىسى پائالىيەت ئېلىپ بارغان .» دېسە ، يەنە بەزىلەر«بۇ نام ‹بۈركۈت › ، ‹ بۈرگە › سۆزلىرىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن» دېيىشىدۇ . خەن سۇلالىسى دەۋردىلا خەنزۇچە لۇنتەي —«轮台» ياكى «仑头» ( لۇنتۇ ) دەپ خاتىرىلەنگەن ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخى قەھىرمانلىق داستانى —« ئوغۇزنامە » دە تىلغا ئېلىنغان «ئورۇمتاي » (« رۇمتاي » مۇ دىيىلگەن ) دېگەن ناملار ئوخشاش مەنىدىكى يەر ئىسمى بولۇپ ، بۈگۈرنىڭ قەدىمكى ساك تىلىدىكى ئاتىلىشىدۇر. ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ
-
ئۆز تارىخىنى ئۇنتىغان مىللەتنى تارىخمۇ ئۇنتۇيدۇ. تارىخ تەرىپىدىن ئۇنتۇلغان مىللەت دۇنيادىمۇ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى يۇقاتقان بولىدۇ. گەرچە بىز تارىخ تەرىپىدىن ئۇنتۇلغان مىللەت بولمىساقمۇ " مۇھەممەد روھىي ئۇيغۇر قەشقىرى " گە ئوخشاش تارىخنىڭ بىزنى ئۇنتۇپ قېلىشىغا ئۆزىنىڭ گېگانت ئەسەرلىرى بىلەن قەتئى يول قويمىغان تۆھپىكار ئالىملىرىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىشىمىزنىڭ ئۆزى ، دەل تارىخنىڭ بىزنى ئۇنتۇپ قېلىشىغا يول قۇيىۋاتقانلىقىمىزدىن دىرەك بىرىدۇ، ئەلۋەتتە . بىز ئەنە شۇ بوشلۇقلارنى تولدۇرۋېلىش ئۈچۈن سۈيۈملۈك ، مۆھتىرەم ئۇستازىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېزدەش ۋە ئۇنىڭ ھاياتىنى باشقىلارغا تۇنۇشتۇرۇش يولىدا ئىزدىنىپ، ھەر قايسى تىللاردا يېزىلغان نۇرغۇن ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا مۇيەسسەر بولغان بولساقمۇ ، ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە يېزىلغان بىرەر ماترىيالغا ئىگە بۇلالمىدۇق. چۈنكى ئىخلاسمەن ، دىيانەتلىك ئالىم " مۇھەممەد روھىي ئۇيغۇر قەشقىرى "« ئۆزى ھەققىدە يېزىش رىياكارلىققا باشلايدۇ، رىياكارلىق ئىنساننى ئاقىۋەت دۇزاخقا ئاپىرىپ تاشلايدۇ» دېگەن ئەقىدىسى بۇيىچە ئۆزى ھەققىدە ھېچ نەرسە يېزىپ قالدۇرمىغان ئىكەن. بىز كۆپ سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرى پاكىستاننىڭ كاراچى شەھرىدە نەشىر قىلىنىدىغان " ئەمەلى سائىنس " ژورنىلىنىڭ باش تەھرىرى، سۈيۈملۈك ئۇستازىمىزنىڭ ئوغلى مۇھەممەد بوغرا ئۇيغۇر بىلەن 2001- يىلى ، 8 – ئايدا كاراچىدا كۆرۈشۈپ ، ئۇنىڭ ئەسلەپ بەرگەنلىرى ئاساسىدا ، بۇ قىسقىچە تەرجىمىھالنى رەتلەپ چىقىشقا مۇيەسسەر بولدۇق
-
ئوقۇش پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا كۈتۈپخانىغا كىرىش- چىقىشتا،كىتاب ئارىيەت ئېلىشتا ئىشلىتىدىغان ئارىيات ئېلىش كارتىسىنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە توغرا كەلدى،شۇ تاپتا مەن سەندىن ئايرىلالمايدىغىنىمنى،ساڭا چوققۇر مېھرىم بارلىغىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم.
دىمىسىمۇ ئالىي مەكتەپتىكى ئەڭ گۈزەل كۈنلىرىم،كۆپىنچە ۋاقتىم مۇشۇ جايدا ئۆتكەنىدى. ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا چىققان چاغقۇ دەيمەن،مەكتەپ كۈتۈپخانىسى قۇرۇلدى،ئۇنى ھەممىلا جايدا ماختاپ"غەربى شىمال بويىچە ئەڭ چوڭ مۇكەممەل كۈتۈپخانا دىيىشەتتى،ھېلىمۇ ئېسىمدە نەچچە يىللار ئىلگىرى قايسى بىر ھەدىمىزنىڭ شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىدا ئېلان قىلغان"فىرانسىيىدىكى كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىغى ۋە كۈتۈپخانا"دىگەن ماقالىسىنى كۆرۈپ ئۇ كىتابخانىلار بىلەن مەكتىۋىمىزنىڭ كۈتۈبخانىسىنى خىيالەن سېلىشتۇرۇپ چىققانىدىم،تېخى دوسلىرىم بىلەن مەخسۇس ئاپتۇنۇم رايونلۇق كۈتۈپخانىغا بېلەت ئېلىپ كۆرۈپ چىققان،راستىنلا مەكتىۋىمىزنىڭ كۈتۈپخانىسىنىڭ شەرقى شىمال بويىچە ئەڭ ئىكەنلىگىگە قايىل بولغانىدۇق. -
پاكىستان ئىلگىركى تۆۋەن سەۋىيىلىك يۇقۇملىنىش رايونىدىن، ھازىرقى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ( HIV ) ئېلىپ يۈرگۈچى يۇقۇمدارلار مەركەزلەشكەن رايونغا ئايلىنىپ قالدى، دەيدۇ ئەيدىز كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ئىلگىركى مەسئۇلى مۇخبىرلارغا. Bridge فوندىنىڭ مەسلىھەتچىسى،سابىق دېرىكتورى ،دوكتور Syed Sharaf Ali Shah شۇنداق دەيدىكى، "ئۆتكەن 3 يىلدا، بىز ( پاكىستان ) ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نى يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپى يۇقىرى بولغان كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى %5 تىن كىچىك بولغان، تۆۋەن سەۋىيىلىك يۇقۇملىنىش گۇرۇپپىسىدا ئىدۇق. بىراق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سان ئاللىقاچان يۇقىرىلاپ ( %5دىن ) كەتكەن" . بىر قىسىم ئەللەردە ھەتتا تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردىمۇ HIV/AIDS بىمارلىرى ئۆز كېسەللىكىدىن خىجىل بۇلۇش سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئاكتىپ تەكشۈرتۈشتىن تارتقانلىقى سەۋەبلىك، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى ئېنىق خاتىرىلەنمىگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەيدىز HIV/AIDS بىمارلىرى سانىغا ئاساسەن يۇقۇم سەۋىيىسىنى 3 تۈرگە بۆلگەن. بۇلار: ئومۇميۈزلۈك يۇقۇش، مەركەزلىك يۇقۇش، تۆۋەن سەۋىيىلىك يۇقۇش .
-
ئالفېرد نوبىل(1833-1896 ) شىۋىتسىيىنىڭ ئاتاقلىق خىمىيە ئالىمى.
نوبىل ۋەسىيەتنامىسىدا، فىزىكا،خىمىيە،فىزىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا ساھەسىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن كىشىلەرگە ئۆز ئىسمى بىلەن نام بېرىلگەن <نوبىل مۇكاپىتى> بېرىشنى قارار قىلغان.
ئۇ يەنە ئەڭ نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقالىغانلارغا شۇنداقلا، دۇنيا تىنچلىقىغا زور تۆھپە قوشالىغانلارغىمۇ نوبىل مۇكاپاتى بېرىشنى بېكىتكەن. بىراق نېمە سەۋەپ نوبىلنى< نوبىل ماتېماتىكا مۇكاپاتى> تەسىسى قىلىشتىن ۋاز كەچتۈرگەن؟ . -
باراك ئوباما ۋە ماككايىنلارنىڭ پىرىزىدىنتلىق تۇنجى مۇنازىرسى ئۇيغۇرچە - [ئېنگىلىز تىلى]
2008-10-07
تۈرى:ئېنگىلىز تىلى
باراك ئوباما ۋە ماككايىنلارنىڭ پىرىزىدىنتلىق تۇنجى مۇنازىرسى
مىسسپى 26-سىنتەبىر 2008-يىلى
تەرجىمە قىلغۇچى :تاھىر ئىمىن
ئاۋاز بىلەن فىلىمنى ماسلاشتۇرغۇچى:كروران -
بۇ سۆھبەت بىلىك كۇلۇبىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ،مەن سۇئاللارنىڭ تەرتىپىنى توغرىلاپ رەتلەپ قويدۇم.تولۇق نۇسخىسى بۇ يەردە.
-
ئەيلېر 1707- يىلى 4- ئاينىڭ 15- كۈنى شېۋىتسارىينىڭ باسېل شەھرىدە تۇغۇلغۇپ، 1783-يىلى 9 ئاينىڭ18- كۇنى روسىينىڭ پېتىر بۇرىگ (ھازىرقى لېنىن گىرات ) شەھىرىدە ۋاپات بولغان . ئەيلېر ، دۇنيا تارىخىدىكى ئارخىمىد ، نىيوتون ، گاۇس لار بىلەن بىرقاتاردا تۇرىدىغان ئەڭ مەشھۇر ماتېماتېكلارنىڭ بىرى . ئۇنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە كەڭ بىلىمى ، پۈتمەس _تۈگۇمەس ئىجادىي كۈچى ، مول مەزمۇنغا ئىگە ئەسەرلىرى كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۇرىدۇ .
-
2009-يىللىق «فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئىلتىماس قىلىش باشلاندى. ئىلتىماس قىلىش ئاخىرقى چېكى 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە بولىدۇ.
ناۋادا بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قالسىڭىز، چەتئەللەردە، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيالايسىز. ئامېرىكىدىكى بارلىق ئوقۇش پۇلىڭىز، ياتاق ۋە تاماق پۇللىرىڭىز، ھەتتا ئامېرىكىغا بېرىپ-كېلىش ئايرۇپىلان بېلىتىڭىزنىڭ ھەممىسىنى بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى كۆتۈرىدۇ.
بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قالسىڭىز، جۇڭگۇ پاسپورتى ۋە ئامېرىكا ۋىزىسى ئېلىشتىن ھىچ غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ھازىر ھەر يىلى دىيارىمىزدىن 6-5 نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئوقۇش، بىلىم ئېلىش ئارزۇسىغا يەتمەكتە -
-
جۇڭگودىكى ئەڭ كىچىك داشۆگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىنى ئاڭلىغانمۇسىز؟ئۇ بۈگۈنكى كۈندە يېشى ئەڭ كىچىك ئاسپىرانتقا ئايلاندى.
بۇيىل 9-ئاينىڭ 2-كۇنى 13 ياشلىق جاڭشىنيىڭ ئاتا-ئانىسىنڭ ھەمرالىقىدا بىيجىڭ سانائەت ئۇنۋىرسىتتغا كىلىپ ئۆزىنى تىزىملاتتى. ئۇ 5 ياش ۋاقتىدا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپ،10ياش ۋاقتىدا ئالى مەكتەپ ئمتىھانىدىن ئۆتكەن بولۇپ 3 يىل ئوقۇپ 4-يىلى ئاسپىرانتلىققا قۇبۇل قىلىندى .ئۇ ھازىر بىيجىڭ سانائەت ئۇنۋىرسىتىتى ماتىماتىكا سېستىما پەنلەر ئنستىتوتىنىڭ ئاسپىرانتى بولدى. -
ئەڭ يېڭى خەۋەر،دۆلىتىمىزنىڭ شېنجوۋ 7-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى(神舟七号) ئۆگۈنلۈككە بېجىڭ ۋاقتى سائەت 16:00 (يەنى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى) رەسمىي يوسۇندا قويۇپ بېرىلمەكچى.ھازىر ئاللىقاچان تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى.
دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ئالەم كېمىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى دۆلىتىمىزنىڭ ئايغا چىقىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىم دۇنيا سەھنىسىدە چاقنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ،بۇ كېمە پۈتكۈل خەلىقىمىزنىڭ ۋە ئاۋئاتسىيە ئىشلىرىمىزنىڭ ئۈمىدى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشى.بۇ ئالەم كېمىسى ۋەزىپىسنىڭ مۇۋەپىقىيەتلىك بولۇشى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنۋېرسال كۈچى ۋە پەن-تېخنىكا سەۋىيىسىنىڭ ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر بۇ ۋەزىپە ئەمەلگە ئاشسا دۆلىتىمىزنىڭ روسىيە،ئامرىكىدىن كېيىن ئۈچىنىچى بولۇپ ئالەم كېمىسىنى بوشلۇققا چىقارغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.يەنە دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم كېمىسى تېخنىكىسىنىڭ ئۆسكەنلىگىنى چۈشەندۈرىدۇ.
مانا بۇ مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر.
شېنجوۋ7-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىش مۇنارى
-
1 .. قۇرئان : مۇھەممەد ( سەئۇدى ئەرەبىستان )
2 .كاپىتال : ماركس ( گېرمانىيە )
3 . ماتېماتىكا قائىدىلىرى : نيۇتون ( ئەنگلىيە )
4 ئىنجىل : ئىيسا
5 . گادىنجۇر نومى ( تىرى پىتاكا ) : ساكيامۇنى ( ھىندىستان )
6 . مۇستەقىللىق خىتابنامىسى : جېففېرسون ( ئامېرىكا )
7 . يېڭى دېموكراتىزم ھەققىدە : ماۋ زېدۇڭ ( جۇڭگو )
8 . نىسبىيلىك نەزەرىيىسى : ئېينىشتېين ( ئامېرىكا )
9 . ناپولېون قانۇنلار توپلىمى : كوللېكتىپ ( فرانسىيە )
10 . مىللىي بايلىقنىڭ خاراكتېرى ۋە ئامىللىرى ھەققىدە : ئادام سىمىت ( ئەنگلىيە ) -
ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئادىلجان ئابلىز سىزغان كارتون رەسىمى
-
بۈگۈندىن باشلاپ مەنمۇ »يۈكسەل« ئەيدىز تەشۋىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولدۇم،گەرچە مەن تېخى ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىگەن بولساممۇ،بۇندىن كىيىنكى ھايات يولۇمدا خەلقىمنىڭ ئەيدىزدىن ئىبارات بۇ نىجىستىن يىراق تۇرىشى ئۈچۈن كىچىككىنە بولسىمۇ ئۆز تىرىشچانلىقىمنى كۆرسىتىشنى ئۆزۈمنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم دەپ بىلىمەن.تۆۋەندىكىسى مېنىڭ تۇنجى تەرجىمەم،يۈكسەل ئەپەندى ماقالىنى تولىمۇ جايىدا تەھرىرلەپتۇ،كۆپ رەھمەت.
-
بۈگۈن كەچتىكى مەملىكەت خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە،سەنلۇ ماركىلىق بوۋاقلار سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلەنگەن بوۋاقلارۋەقەسىدىن كىيىن،گوۋۇيۈئەن بۇ ئىشقا جىددى قارا پ ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان.دۆلەتلىك سەھىيە-سۈپەت تەكشۈرۈش نازارىتى قاتارلىق كۆپ ئورۇنلارنى تەشكىللەپ ،باسقۇچ بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان .ھازىر مەملىكەت بويىچە 175 زاۋۇت بوۋاقلار سۈت مەھسولاتىنى ئىشلەيدىغان بۇلۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە 69 زاۋۇت ھازىر بوۋاقلار سۈت پاراشوكى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلغان.بۇ قېتىمقى مەخسۇس تەكشۈرۈشتە 109 دىن ئارتۇق كارخانا ۋە بۇ كارخانىلارنىڭ 490 دىن ئارتۇق مەھسولاتىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بۇلۇپ،22 كارخانا 69 خىل مەھسولاتتا مىقتارى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە三聚氰胺 بايقالغان.بۇلار سەنلۇ،مۆشۈكئېيىق...، يەنە تېخى بىز ھەر كۈنى تېلىۋىزوردا ئىلانىنى كۆرىدىغان ياشىلى ،ئادەمنى چۆچۈتىتىدىغىنى بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان يىلى ماركىسىمۇ ئالدىنقى نەچچىنچى ئورۇندىكەن،بۇ 69 مەھسولات نامى ۋە زەھەرلىك ماددا مىقتارى ئېلان قىلىندى.بۇ خىل ماددا بوۋاقلارنىڭ بۆرىكىگە تاش چۈشۈشكە سەۋەب بولىدىكەن. ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچۈتىدۇ.
-
بۇ يىل مىلادىيە 2008-يىلى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ يىلنى <مەھمۇد قەشقىرى يىلى> قىلىپ بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى، تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشى، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئويۇشتۇرۇشى بىلەن دۇنيا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ئورگىنى قارار ماقۇللاپ، بۇ يىلنى مەھمۇد قەشقىرى يىلى قىلىپ بېكىتتى
-
قىزىل گۈلۈم
لوپنۇر خەلق ناخشىسى -
The ancient city of Loulan was a small city established in the Western Regions in ancient times. It was in the western bank of Lop Nur, an only route by which to pass the Ancient Silk Road. In those days, around Loulan City there were criss-cross networks of waterways, shades of green tress, row upon row of houses, crowds of merchants and travelers doing brisk trades. But what makes people at a loss to account for is that such a city once with a population of thousands, its business economy fully developed, suddenly disappeared from the history after several prosperous centuries.