
2009-يىللىق «فورد ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئىلتىماس قىلىش باشلاندى. ئىلتىماس قىلىش ئاخىرقى چېكى 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە بولىدۇ.
ناۋادا بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قالسىڭىز، چەتئەللەردە، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيالايسىز. ئامېرىكىدىكى بارلىق ئوقۇش پۇلىڭىز، ياتاق ۋە تاماق پۇللىرىڭىز، ھەتتا ئامېرىكىغا بېرىپ-كېلىش ئايرۇپىلان بېلىتىڭىزنىڭ ھەممىسىنى بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى كۆتۈرىدۇ.
بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قالسىڭىز، جۇڭگۇ پاسپورتى ۋە ئامېرىكا ۋىزىسى ئېلىشتىن ھىچ غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ھازىر ھەر يىلى دىيارىمىزدىن 6-5 نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئوقۇش، بىلىم ئېلىش ئارزۇسىغا يەتمەكتە. بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ تىزىملىكى بۇ يەردە: http://www.china-ifp.net/docs/FellowsTable.htm
بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى ھەققىدىكى بارلىق ئۇچۇرلار، جۈملىدىن ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى، ئوقۇيدىغان كەسپلەر قاتارلىقلارنى «فورد فوندى جەمىيىتى خەلقارا ئوقۇش مۇكاپاتى تۈرى» نىڭ جۇڭگۇدىكى تور بېتىدىن بىلەلەيسىز. بۇ تور بەت پۈتۈنلەي خەنزۇچە. تور بەت ئادرېسى: http://www.china-ifp.org/
ئېلان ئورنى