




-
ئاپەتنى ئامەتكە ئايلاندۇرىدىغان ئاكتىپ ئامىللار ئالدىڭلاردىدۇر
باش ھەرىپى ئا دىن باشلانغان سۆز ئويۇنى
ئاپتورى: مەھەممەت راخمان (قوشاقچى)
ئاڭلىمىغانلار ئاڭلىدىڭلارمىكىن، ئاۋالقى ئالەمدە ئاشكارلانمايۋاتقان ئاجايىپ ئالامەتلەرنىڭ ئاشكارلانغانلىقىنى، ئالاقىدار ئاخباراتچىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىشىمچە، ئارخولوگلار ئالەمنى ئاختۇرغاندا ئاۋالقى ئالەمدە ئاشكارلانمايۋاتقان ئاجايىپ ئالامەتلەر ئاشكارلانغانمىش.
ئاۋالقى ئالەمدە ئادەملەر ئارىسىدىكى ئادالەتسىز ئاقسۆكەڭلەر ئاجىزلارنى ئازابلاپ، ئالجىغانلارنى ئازدۇرۇپ، ئاتامانلارنى ئاغدۇرۇپ ئالەمنى ئادالەتسىز ئاقسۆكەڭلەر ئارام ئالىدىغان ئادەمسىمان ئالۋاسىتىلارنىڭ ئارامگاھىغا ئايلاندۇرۇشقا ئالدىرىسىمۇ، ئاتامانلارنى ئاغدۇرالماي، ئاقىللارنى ئازدۇرالمايۋاتقان ئادالەتسىز ئاقسۆكەڭلەر ئاللىقاچان ئاغدۇرۇلۇپ، ئادەمسىمان ئالۋاستىلار ئاللىقاچان ئاشكارىلانغاچقا، ئالەم ئادالەتسىز ئاقسۆكەڭلەرنىڭ ئارامگاھىغا ئايلانماستىن، ئادالەتپەرۋەرلەر ئارام ئالىدىغان ئارامگاھقا ئايلانغانمىش.
ئالەمنىڭ ئادالەتسىز ئاقسۆكەڭلەر ئارام ئالىدىغان ئارامگاھقا ئايلانماستىن ئادالەتپەرۋەرلەر ئارام ئالىدىغان ئارامگاھقا ئايلانغانلىقى ئاۋالقى ئالەمدىكى ئادالەتسىز ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئاللىقاچان ئاغدۇرۇلۇپ، ئادەمسىمان ئالۋاستىلارنىڭ ئاللىقاچان ئاشكارىلانغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.
ئاغىنىلەر، ئالدىرىماڭلار، ئاپەتنى ئامەتكە ئايلاندۇرىدىغان ئاكتىپ ئامىللار ئالدىڭلاردىدۇر.بىلىم بىباھا بايلىقتۇر
ئاپتۇرى: مەھەممەت راخمان (قوشاقچى)بىلىم-باياشاتلىقنىڭ بەلگىسىدۇر، بىلىم-بايلىقنىڭ بىشارىتىدۇر، بۇغداي باغلىغىلى باغلىق، بوۋاق بالىنى بۆلەيدىغانغا بۆشۈك بولمىسا بولمىغاندەك باغۋەن بۇلۇشقىمۇ ، باقمىچى بولۇشقىمۇ، بوداقچى بولۇشقىمۇ ، بىزەكچى بولۇشقىمۇ، بالىلار باغچىسىنىڭ باشلىقى بولۇشقىمۇ، بوغالتېر بولۇشقىمۇ، بوغالتىرلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇشقىمۇ، بانكىچى بولۇشقىمۇ، بانكا باشلىقى بولۇشقىمۇ، بىناكار بولۇشقىمۇ، بىناكارلىق باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولۇشقىمۇ، بازار باشلىقى بولۇشقىمۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇن بايقالمايۋاتقان بايلىقلارنى بايقايدىغان بايقىغۇچى بۇلۇشقىمۇ ، بورىۋاي بۇلاقلىرىنىڭ بورىۋايلىرىنى باشقۇرىدىغان ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى باشقۇرىدىغان باشقۇرغۇچى بولۇشقىمۇ بىلىم بولمىسا بولمايدۇ.
بىلىمسىزلەر باشقۇرىلىدىغان بومبىلارنى باشقۇرىدىغان باشقۇرغۇچى بولسا ، باشقۇرىلىدىغان بومبىلارنى بىلەن باشقۇرالماي، باندىتلارنىڭ بومباردىمانىنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، بەرىبىر بەرباد بولىدۇ. بىلىمسىزلەرگە بانكىدىكى بايلىقلارنى بىكارغا بەرگەن بىلەنمۇ، بانكا بۇلىغان بىلەنمۇ بەرىبىر باي بولالمايدۇ.
بىلىملىكلەر بانكا بۇلىمىسىمۇ بىلىۋالغان بىلىملىرىنىڭ بەركىتىدىن بەھرىمان بولغانسىرى باي بولىۋېرىدۇ. بىلىمسىزلەر بۇنىڭدىن بۇيان باي بولالماسلىقىدىن بەسىنسە بىلىملىكلەر بەسىنمەيدۇ.نىجات نىيازدەك نىجاتكارىمىز نەدىدۇر
ئاپتۇرى: مەھەممەت راخمان (قوشاقچى)
نادانلىق نامراتلىقنىڭ ، نامراتلىق نابۇتلۇقنىڭ نامايەندىسىدۇر. نەيرەڭۋازلارنىڭ نىقابلىرىغا نىقابلىنىۋالغان نامەرت نەيرەڭۋازلار نادانلىقتا نامراتلاشقان ، نادانلارنى نابۇتلاشتۇردا نەيرەڭۋازلارنىڭ نەيرەڭلىرىگە نەپرەتلىنەلمەي نازلىنىۋاتقان نادانلارنىڭ نىكاھلانمىغان نارسىدە نەۋرىلىرى نەيرەڭۋازلارغا نازلانماي نەپرەتلىنىۋاتسا نادانلار نىمىشقا نەپرەتلەنمەيسىلەر.
نەيرەڭۋازلارغا نەپرەتلىنەلمەي نازلىنىۋاتقان نادانلار نەيرەڭۋازلارغا نازلىنىۋەرمەڭلار. نەيرەڭۋازلارغا نەپرەتلىنەلمەيۋاتقان نادانلارنىڭ نەقلەشمىگەن نىسىسى نەقلەشمەي نىسىۋىسى نامراتلىشىپ نىكاھلانمىغان نەۋرىلىرى نىكاھلىنالمىسا نەيرەڭۋازلارغا نازلانماي نەپرەتلىنىۋاتقان ناپالىئوندەك نوچىلارنىڭ نىجات نىيازدەك نەۋقىران نەزمىچىلەرنىڭ نەقلەشمىگەن نىسىسى نەقلىشىپ نىكاھلىنالمايۋاتقان نەۋرىلىرىمۇ نىكاھلىنالايدۇ.
نەيرەڭۋازلارغا نازلانماي نەپرەتلىنەلەيدىغان ناپالىئوندەك نوچىلار، نىجات نىيازدەك نىجاتكارىمىز نەدىدۇر...ئاپتور بۈگۈر ناھىيە قارىباغ يىزا كۆتەكبۇلاق كەنتىدە دېھقان
ئەسكەرتىش: بۇ يازمىنى ئاپتورنىڭ روخسىتىسىز ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا بولمايدۇ.
ئانا تىلىمىزدىكى 30 ھەرىبنىڭ ھەر بىرىنىڭ باش ھەرىپىدىن باشلانغان سۆز ئويۇنى تەييارلانغان بولۇپ، داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.
评论