باش بەت  كروران مەدەنىيىتى  ئاسپىرانت،چەتئەلگە چىقىش  ماتىماتىكا  ئېنگىلىز تىلى  تەرمىلەر
  • ئۇيغۇر تىلى

    2009-02-08


    ئابدۇرېھىم زۇنۇن


    بىل شۇنى،ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى،
    مەڭگۈ پاتماس زەر قوياش،نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى،
    بىپايان تىل كۆكىدە چولپان، ھۈكەر ئۇيغۇر تىلى،
    مەنىلەرگە باي تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى،
    بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى.

    ئانا تىل ھەردەم قەۋم-مىللەت ئۈچۈن روھ تۆۋرۈكى،
    ئانا تىل پەن-مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى،
    ئانا تىل چوڭۇ-كىچىكنىڭ يۈرىكى،تاغ-يۆلىكى،
    ئانا تىل ۋاستە-قورال ئالاقىدە،قەلب ئەينىكى،
    بىزنى قۇچتۇرغان جىمى ئىشتا زەپەر ئۇيغۇر تىلى.

    پەنگە ئاشىق-بىقارار قىلدى مېنى دىلبەر تىلىم،
    تارتتى رايىمنى ئۆزىگە ھەرقاچان ئەنبەر تىلىم،
    ئەلگە دىل رىشتىمنى چاتتى بال-شېكەر،كەۋسەر تىلىم،
    بولدى ئەل دۈشمەنلىرىگە تىغ-تەبەر،نەشتەر تىلىم،
    ھەممىمىزنى قىلدى دائىم بەھرىۋەر ئۇيغۇر تىلى.

    يۈرىكىمگە كەلدى سۆزلەپ مۇشۇ تىلدا جان بوۋام،
    مەن ئىجاد ئەتتىم مۇشۇ تىلدا،قىلىپ پەرۋاز داۋام،
    مۇشۇ تىلدا سايرىدى بۇلبۇل كەبىي ھەقدار بالام،
    مۇشۇ تىل بەردى ماڭا مەرتلىك،ۋاپادارلىق ھەم چىدام،
    قان-قېرىنداشلارغا رىشتە،جانجىگەر ئۇيغۇر تىلى.

    سۇ بېرىپ ياشناتتى بىزنى ئانا تىل-ئالتۇن بۇلاق،
    ئۇ-چىراق،پەرۋانە بىز،ھەرگىزمۇ كەتمەيمىز يىراق،
    ئانا تىل يىلتىز،ئۇزۇق ئالغۇچى بىز-نوتا-ئۇلاق،
    ئانا تىلدا دەرس ئېلىپ،تاپتۇق ئەقىل،سەمىرىپ قۇلاق،
    بىزگە پۈتمەس كان،خەزىنە شام-سەھەر ئۇيغۇر تىلى.

    شاھ مۇقامنى مۇشۇ تىلدا ئاڭلىدى ئەھلى جاھان،
    مۇشۇ تىل دىللارنى دىلغا ئۇلىغان رىشتە ھامان،
    مۇشۇ تىل بىرلە يۈسۈپ،ھەزرەتى نەۋائىي تاپتى شان،
    مۇشۇ تىلغا جان بېرىپ مەھمۇد بوۋام تۈزدى دىۋان،
    مەڭگۈ ئەڭگۈشتەر،يېزىشتا شاھ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى.

    بولغۇسى قەدرىم پاخال-خەس،بولمىسا گەر ئۆز تىلىم،
    ئۆز تىلىم بار،ئاي-قوياشتەك تۇرىدۇ پارلاق دىلىم،
    بارمۇ مەندەك باي جاھاندا،ئۆتتى شاد ھەرئاي،يىلىم،
    ئۆز تىلىمدا بۇ ھايات دەرياسىدىن سۈزدۈم بىلىم،
    ماڭا ئۇستاز،رەھنامە چىن ئىچ كۈيەر،ئۇيغۇر تىلى.

    تىزگىنىن چىڭ تۇت ۋاقىت تولپارىنىڭ،باش قاشلىما،
    بولسا بىل كۆپ تىل،ئەقىل-كۈچ تاپ ھامان،يانپاشلىما،
    بۇ قورالدىن پايدىلان ياخشى،كىيىن كۆز ياشلىما،
    شاھ بولۇپ كەتسەڭمۇ ئەمما ئۆز تىلىڭنى تاشلىما!
    قىلغىنى بىزنى مۇزەپپەر،مۆتىۋەر ئۇيغۇر تىلى!

     

    分享到:

    历史上的今天:

    ئېلان ئورنى

    评论

  • ياخشى شېئىر ئىكەن.
    گېنېرالنىمۇ يوقلاپ قويارسىز.
    خۇشۋاق بولۇڭ.
    كروران回复generall说:
    2010-08-22 00:13:48
  • بلوگىڭىز خاسلىققا ئىگە ئىكەن.
  • بارمۇ مەندەك باي جاھاندا،ئۆتتى شاد ھەرئاي،يىلىم،
    ئۆز تىلىمدا بۇ ھايات دەرياسىدىن سۈزدۈم بىلىم،
    ماڭا ئۇستاز،رەھنامە چىن ئىچ كۈيەر،ئۇيغۇر تىلى.

    بۇ قورالدىن پايدىلان ياخشى،كىيىن كۆز ياشلىما،
    شاھ بولۇپ كەتسەڭمۇ ئەمما ئۆز تىلىڭنى تاشلىما!
    قىلغىنى بىزنى مۇزەپپەر،مۆتىۋەر ئۇيغۇر تىلى!
  • ياخشى شېئىرنى يوللاپسىز،رەھمەت كروران خانقىز، ھە راست بلوگىڭىزنى كۆزنەك بلوگگىرلار مەھەللىسىگە قوشۇپ قويدۇم، بىز تەرەپلەرگىمۇ ئۆتۈپ قويۇڭ.