




-
2009- يىللىق مەملىكەتلىك ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى توردا تىزىملىتىش خىزمىتى پات ئارىدا باشلىنىدۇ
2008-09-09
مۇخبېرنىڭ مۇناسىۋەتلىك مائارىپ تارماقلىرىدىن ئىگەللىشىچە،2009- يىللىق مەملىكەتلىك ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى توردا تىزىملىتىش خىزمىتى پات ئارىدا باشلىنىدىكەن.بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا توردا تىزىملىتىش ۋە نەق مەيداندا موقىملاشتۇرۇش بىرلەشتۈرلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن.توردا تىزىملىتىش ئىككى باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلدىكەن:9-ئاينىڭ 18 -24 گىچە ئالدىنئالا تىزىملىتىش،10-ئاينىڭ10-30 غىچە رەسمى تىزىملىتىش .بۇنىڭدا ئالدىنئالا تىزىملىتىش ئاساسلىقى كېلەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈردىغان تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ئاساسىدا تەشكىللىندۇ ھەم رەسمى تىزىملىتىش بىلەن ئوخشاش ئىناۋەتلىك. تىزىملاتقۇچىلار ھەر كۈنى 9:00 دىن 22:00 گىچە ،جوڭگو ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش ئۇچۇر تور بېتىگە http://yz.chsi.com.cn ياكىhttp://yz.chsi.cnكىرىپ گە تىزىملاتقاندىن كىيىن ئمتىھانغا تىزىملىتىش سېستىمىدا تىزىملىتىدۇ.
نەق مەيداندا موقىملاشتۇرۇش ۋاقتى 11-ئاينىڭ 10-14 كۈنلىرى،تىزىملاتقۇچىلار كىملىك،دېپلوم قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كېنىشكىلەرنى ئېلىپ،توردا تىزىملاتقاندا تاللىغان ئىمتاھان نوقتىسىغا بېرىپ نەق مەيداندا شەخسى ئۇچۇرلىرىنى موقىملاشتۇرۇش،پۇل تاپشۇرۇش،رەسىمگە چۇشۇش قاتارلىقلارنى
ئېلىپ بارىدۇ.توردا تىزىملاتمىغانلار ياكى نەق مەيداندا موقىملاشتۇرمىغانلار بىردەك ئمتاھانغا قاتنىشىش سالاھىيىتى بولمايدۇئاسپىرانت قوبۇل قىلىش تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، مائارىپ تارماقلىرى 9-ئاينىڭ 10-12 كۈنلىرىگىچە جوڭگو ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش ئۇچۇر تور بېتىدە"2009- يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستېر ئاسپىرانتلىق ئىمتانى تەشۋىقات مەسلىھەت بېرىش پائالىيىتى" ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئمتاھان باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ھەر قايسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچى ئورۇنلار توردا ئىمتاھان بەرگۈچىلەرنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىدىكەن،ئىمتاھان بەرگۈچىلەرنىڭ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز.
مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئىمتاھان بەرگۈچىلەرنىڭ سەمىگە شۇنى سالىدۇكى،ئىمتاھان بەرگۈچىلەر چوقۇم ئالدىنئالا توردا تىزىملىتىش باسقۇچلىرى،دېققەت قىلىدىغان ئىشلار،دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر قاتارلىقلارنى تولۇق ئوقۇشى ۋە مۇۋاپىق تىزىملىتىش پەيتىنى تاللاپ تىزىملىتىشى، ۋاقتى كەلگەندەتوردا بىراقلا نۇرغۇن تىزىملاتغۇچىلارچىقىۋېلىپ تور سۈرئىتىگە تەسىر يېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.随机文章:
2009-يىللىق مەملىكەتلىك ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى نەق مەيدان تىزىملىتىش خىزمىتى پات ئارىدا باشلىنىدۇ 2008-11-04چەتئەلدە ئوقۇش پۇرسەتلىرى 2008-10-16چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن ماڭغان يوللىرىم 2008-10-16ئامېرىكىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش پۇرسىتى 2008-10-13
收藏到:Del.icio.us