




-
ئامېرىكىنىڭ مەلۇم بىر ئالى مەكتىپىدىكى (تونۇشۇمنىڭ تونۇشى) ئۇيغۇر پروفېسسور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى. ئوقۇيدىغان كەسپى ماتېماتىكا ساھەسىدە، ماگىستىر ياكى دوكتۇر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇسا بولىدۇ. بۇ ئوقۇش پۇرسىتى تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ يىللىق ئوقۇش پۇلى 20،000 دوللار كەچۈرۈم قىلىنغاندىن باشقا، ھەر ئايدا 1،700 دوللار ئوقۇتۇش ياردەمچىسى مۇكاپاتى (Teaching Assistantship) غا ئېرىشەلەيدۇ. (بۇ سىزنىڭ قولىڭىزغا ھەر ئايدا تېگىدىغان مۇئاش، بۇنىڭ بىلەن ياتاق، تاماق مەسىلىڭىزنى ئازادە ھەل قىلالايسىز.)
ئىلتىماس قىلغۇچى ماتېماتىكا، سىتاتىستىكا كەسپلىرىدە باكلاۋۇر ئۇنۋانى بولۇشى ياكى كېلەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى بولۇشى، TOEFL ئىمتىھانىدا كامىدا 600 نومۇر ئالغان بولۇشى كېرەك. باشقا قوشۇمچە شەرتلەر يوق. ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئاخىرقى چېكى 2009-يىلى يانۋار بولۇپ، ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ، بۇ ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنسىڭىز 2009-يىلى 8-ئايدا ئامېرىكىدا ئوقۇشنى باشلىيالايسىز.
بۇ ئۇيغۇر پروفېسسورنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى تەربىيەلەش ئارزۇسى كۈچلۈك بولۇپ، يۇقۇردىكى ئىلتىماس شەرتىگە چۈشىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
(بۇ مۇكاپاتنىڭ ئومۇمى سوممىسى يىلىغا 40،000 دوللار بولۇپ، تاكى دوكتۇرلۇق ئوقۇشنى تاماملىغىچە 6-5 يىل ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلىنىدۇ.)
مەن ئاكامنىڭ نامىدا بۈركۈت ئەپەندىگە خەت قالدۇردۇم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۈركۈت ئەپەندى،سىزنىڭ شۇنچە قىممەتلىك ئۇچۇرنى بىزگە تەۋسىيە قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت،ئەڭ موھىمى سىڭلىم سىزدىن بەك خوشال بولدى(سىڭلىم ئامىرىكىدىكىلەر بىلەن سۆھبەت دىگەن تىمىنى كۆرگەندىن بۇيان بىلىككەئەزا بولسام دەپ يۈرگىلى خېلى بولغان،لىكىن يېڭى ئەزا قوبۇللانمىغاچقا ئۆزى تىزىملىتالمىدى) سىڭلىم بۇ يىل شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنىڭ ماتىماتىكا ۋە قوللىنىشچان ماتىماتىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن،ئىنگىلىزتىلىدا 6-دەرىجىدىن 448 نۇمۇر ئاپتۇ،ئۇنىڭ دەرىس نەتىجىسىمۇ خېلى ياخشى،لىكىن مەلۇم سەۋەپلەردىن تېخى توفىل دىگەندەك خەلىقئارالىق ئىمتىھانلارغا قاتنىشىپ باقمىدى.ئەمدى قانداق قىلار؟جۇڭگودا ئالغان بۇ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېتراپ قىلمايدۇ ھەقىچان،ئۇنىڭغا پۇرسەت بولارمۇ؟بولسا تەپسىلى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز،سىناپ باقساق بولارمۇ.
سىزگە كۆپ رەھمەت.
بۈركۈت ئەپەندىنىڭ بۇنچە تىز ئىنكاس قالدۇرىشىنى ئويلىماپتىكەنمەن.
سىڭلىڭىز ئالى مەكتەپتە بەك ياخشى ئوقۇپتۇ. مۇشۇنداق تىرىشچان سىڭلىڭىز بولغانلىقىدىن ئىپتىخارلىق ھىس قىلسىڭىز بولىدىكەن.
ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇشنى نىيەت قىلغان ھەر قانداق ئوقۇغۇچى چوقۇم TOEFL ئىمتىھانىسى بېرىشى كېرەك. سىڭلىڭىز بۇرۇن قاتناشمىغان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىمتىھانغا قاتناشسۇن. شىنجاڭ ئۇنۋېرىستېتىنىڭ چەتئەل تىللىرى ئىنىستوتىدا بۇ ئىمتىھان نۇقتىسى بار. جۇڭگۇنىڭ 6-دەرىجە ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئامېرىكىدا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشتا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.سىڭلىڭىز TOEFL ئىمتىھانىسى بەرسىلا، بۇنداق پۇرسەتلەر سىڭلىڭىز ئۈچۈن ھەر دائىم بار. بۇ يىل پۇرسەت بولمىسا كېلەر يىلى بار. ئامېرىكىدا ماتېماتىكا، قوللىنىشچان ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇش پۇرسىتى بەك كۆپ.
ئىمتىھان نەتىجىسى بولمىغان شارائىتتا، ئىلتىماس قىلىپ سىناپ باققاننىڭ ھىچ پايدىسى يوق، ئىلتىماسىڭىز تاكى TOEFL نەتىجىسىنى تەمىنلىگۈچە بىر بۇلۇڭدا قالىدۇ، 1 يىلدىن كېيىن ئەخلەتخانىغا تاشلىنىدۇ.ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى تېپىپ مەن تەمىنلىسەم بولىدۇ. سىڭلىڭىز يەنە فاكۇلتېتىدىكى مەملىكەتلىك 10 مۇنەۋۋەر ياشنىڭ بىرى، دوكتۇر ئاسپىرانت يېتەكچىسى، پروفېسسور، دوكتۇر غېنى ئەپەندىمنى ئىزدەپ، ئۆزىنىڭ داۋاملىق يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلىسىمۇ بولىدۇ.
بىز ئەمىلىيەتتە سىڭلىڭىزدەك تىرىشچان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىزدەپ، قاتراپ يۈرۈيمىز
随机文章:
چەتئەلدە ئوقۇش پۇرسەتلىرى 2008-10-16چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن ماڭغان يوللىرىم 2008-10-16ئامرىكىدىكىلەر بىلەن سۆھبەت 2008-10-072009-يىللىق فورد ئوقۇش مۇكاپاتى 2008-10-03
收藏到:Del.icio.us