




-
تىلماچلار سېپىگە قوشۇلدۇم
2010-05-24
تۈرى:
تىلماچلار سېپىگە قوشۇلدۇم
ئاسپرانتلىق ئوقۇشىغا كىرگىلى بىر يىل بولاي دەپتۇ، ئويلاپ باقسام يوقاتقىنىممۇ كۆپكەن، ئېرىشكىنىممۇ ئاز ئەمەسكەن. بۇنىڭ بىرى مەن تىلماچ (تەرجىمان) لار سېپىگە قوشۇلۇپ قاپتىمەن. قىشلىق تەتىلدە ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، گېڭ شىمىن ئەپەندىنىڭ “西域文化与概述” دېگەن كىتابىدىن ھەر بىرىمىز بىردىن ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ سىنىپىمىزنىڭ نامىدا نەشىر قىلدۇرماقچى بولدۇق. مېنڭمۇ بىرەر كىتابتا ئىسمىم چىقىدىغان بولدى دەپ ئويلاپ شۇنچىلىك قىزغىنلىق ۋە ھاياجان بىلەن تەرجىمىنى باشلىدىم. ماڭا بۆلۈنگەن بۇ ماقالىنىڭ تىمىسى “漠北蒙古高原时期突厥与回鹘的历史” يەنى «چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى مۇڭغۇل ئېگىزلىكى دەۋرىدىكى تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى»، يەنى بۇ ماقالىدە تۈركلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن تارتىپ، مىلادى 6-ئەسىردە قۇرۇلغان تۈرك خانلىقى ۋە ئۇنىڭ كىيىنكى تارىخى تەرەققىياتى، قانداق قىلىپ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقى، قەدىمكى ئۇيغۇرلار(回鹘)نىڭ قەد كۆتۈرۈشى، ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تىكلىنىشى ۋە ئاخىرىدا خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ھوقۇق تالىشىش يۈز بېرىپ خانلىق ھاكىميىتىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈچكە بۆلۈنۈپ غەربكە قېچىشى قاتارلىق بىر دەۋر تارىخ سۆزلەنگەنىكەن. ماقالىدە يەنە ئورخۇن-يېنسەي ۋادىسىدىن تېپىلغان مەڭگۈ تاشلارنىڭ مەزمونىمۇ نۇرغۇن جايدا ئۇچرايدىكەن.
ماقالىنى دەسلەپتە قولغا ئېلىپ ھەتتا بەزى مىللەتلەرنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلەلمىدىم. ئۆزۈمنىڭ بۇ ھەقتىكى تارىخنى قىلچىمۇ بىلمەيدىغانلىقىمدىن ئەپسۇسلاندىم. شۇنداق بولسىمۇ قىزغىنلىق ۋە ئەستايدىللىقىمنىڭ تۈرتكىسىدە بىر بىرلەپ تەرجىمە قىلىشقا باشلىدىم. قايتا-قايتا ئوقۇش، چۈشىنىش، ئاندىن ئۇنى ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادىلەش، بىلمىگەن سۆزلەرنى ئوكيانۇستىن ئاختۇرۇش ئارقىلىق ماقالىنى يېرىم-يارتا ئاران تەرجىمە قىلىپ بولغان بىر كۈنى كىتابخانىدا ،....... نەشىر قىلغان «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تارىخ ئاتالغۇلىرى سېلىشتۇرمىسى» ۋە لىن گەن ئەپەندى يازغان، يۇنۇسجان ئېلى تەرجىمە قىلغان «تۈركلەر تارىخى» دېگەن كىتابنى ئوقۇپ شۇ زامات سېتىۋالدىم. بۇ لۇغەتنىڭ مەن ئوكيانۇستىن تاپالمىغان نۇرغۇن سۆزلەرنى تېپىشىمغا ياردىمى بولدى. (تۈركلەر تارىخى دېگەن كىتابتا مەن قىينىلىپ ئۆزۈم تەرجىمە قىلغان نۇرغۇن مەزمونلار بىلەن ئوخشاش مەزمۇنلار باركەن ئەمەسمۇ، ئېسىت، ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىپ تەرجىمە قىلىپ يۈرگىچە كۆچۈرۈپلا قويسام بولاركەن...). يەنە .....نىڭ «ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرى» دېگەن كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىنىڭ تەرجىمىسىمۇ بار ئىكەن ئەمەسمۇ، مەن شۇنىمۇ تەرجىمە قىلىپتىمەن تېخى....) مەيلى قانداقلا بولمىسۇن،ئاخىرىدا ئۆزۈمنىڭ تەرجىمىسى بىلەن باشقىلارنىڭ تەرجىمىسىنى سېلىشتۇرۇپ تەرجىمىنى يەنە بىر نەچچە قېتىم پىششىقلاپ چىقتىم. ماقالىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇمچە قىلىپ ماقالىدە ئۇچرىغان تارىخى ئاتالغۇ، يەر-جاي ناملىرى، كىشى ئىسىملىرىدىن بىر كىچىك لۇغەت تۈزىدىم. شۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان تارىخى بىلىملەرنى بىلىۋالدىم.
تەرجىمە جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، بىر تارىخى ئەسەرنى ئوڭۇشلۇق ۋە مۇۋەپىقىيەتلىك تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن، تەرجىمان ئالدى بىلەن ئەسلى ماقالىدە يېزىلغان تارىخنى تولۇق بىلىشى، تارىخقا ئائىت كەسپى بىلىملەردىن ئاز-تولا خەۋەردار بولىشى، كەسپىي لۇغەتلەردىن پايدىلىنالايدىغان، باشقىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماقالىلىرىنى كۆرۈپ پايدىلىنالايدىغان بولۇشتىن سىرت يەنە تىلغا پىششىق بولىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى تەرجىمە قىلىنغان بۇ ئەسەرنىڭ تىلى چوقۇم ئەسلى ئاپتور ئىشلەتكەن تىلغا ئوخشاشلا، ئەشۇ تارىخى باسقۇچقا ئۇيغۇن تىل بولىشى كېرەك. مەسىلەن، 6-ئەسردە تۈركلەر ئىشلەتكەن نام-ئەمەللەرنى تەرجىمە قىلغاندا، خاقان، خاتۇن، تېكىن....دىگەندەك ئەمەل ناملىرنى ھەرگىزمۇ خان، پادىشاھ،خوتۇنى، ئۇكىسى دېگەندەك تىل بىلەن ئىپادىلەشكە بولمايدۇ.
يېقىندا مەلۇم بىر دوختۇرنىڭ تەلىپى بويىچە بېرلىندا نەشىر قىلىنغان بىر ئىنگىلىزچە كىتابنى خەنزۇچىغا تەرجىمە ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋالدىم. بۇ قېتىمقىسى ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرى ۋە ئوزۇقشۇناسلىق ئىلمىگە دائىر كىچىك كىتابچە (قوللانما). كىتابنىڭ ئىسمى «Diet and nutrition in crohns disease and ulcerative colitis» يەنى خەنزۇچىغا
“克隆病与溃疡性结肠炎的饮食和营养
دەپ تەرجىمە قىلدىم. بۇ دوختۇرلۇق دېگەندىن مېنىڭ قىلچە خەۋىرىم يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بىر ھەپتە ئىچىدە پۈتتۈرىشىم كېرەك ئىدى، قانداق قىلارمەن؟ ئاخىرى تەرجىمە دېتالىدىن پايدىلىنىپ ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش خىيالىدا ماقالىنى كىرگۈزۈشكە باشلىدىم.ئۇف....ماقالىنى كىرگۈزۈپ بولۇشقىلا ئۈچ كۈن كەتتى. ماشىنا تەرجىمىسىگە بەش مىنۇتمۇ كەتمىدى، بىراق، ئوقۇپ باقسام جۈملە دېگەن نەرسە توغرا ئەمەس، بىر سۆزنىڭ ئارقىسىدىن بىر سۆز خۇددى زەنجىرگە تىزىپ قويغاندەكلا تەرجىمى قىلىنىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىببىي ئاتالغۇلار ئاساسەن خاتا. شۇنىڭ بىلەن يەنە كۈتۈپخانىغا يۈگۈردۈم، ئالدى بىلەن بىر كۈن 英汉医学大词典 دېگەن لۇغەتنى ئاختۇرۇپ بىرەر يۈزچە ئاتالغۇنىڭ تەرجىمىسىنى تېپىپ بىراقلا ئاپتوماتىك ئالماشتۇردۇم، ئاندىن يەنە ئۈچ كۈن ئولتۇرۇپ جۈملىلەرنى بىرمۇ بىر توغىرلاپ چىقتىم، ياتىقىمدىكىلەرنىڭمۇ ماڭا ئىچى پۇشۇپ كەتتى بولغاي «بولدى قىلىڭە، كەچكىچە قوپماي ئولتۇرىدىكەنسىز....»دەپ كەتتى، مەيلى قانداقلا بولمىسۇم بەلگىلەنگەن قەرەلدە تەرجىمىنى تۈگەتتىم. تەرجىمە ھەققىنى قولۇمغا ئالغان شۇ پەيتتە ھاردۇقۇم بىراقلا ئۇنتۇلدى. تۇنجى تەرجىمىدىن تاپقان كىرىمىم ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، ئۆزۈمنىڭ ئېرىشكەن تەجرىبەم، ئەمگىكىمنىڭ ماڭا بەرگەن ھوزۇرى، ئۆگەنگەن بىلىمىمنى ئىشلىتەلىگىنىم مېنى ئالەمچە خۇشال قىلدى. يەنە تېخى ھەزىم يولى كېسەللىكلىرى ۋە ئۇزۇقلۇق بىلەن كېسەل داۋالاش ھەققىدە مەلۇم ساۋاتلارغا ئېرىشىۋالدىم، بولسا بىزدىمۇ مۇشۇنداق كىچىك-كىچىك پايدىلانما، قوللانمىلار، يانچۇق كىتابلىرى نەشىر قىلىنسا ياخشى بولاتتى، ئەگەر بۇ كىتابنى نەشىر قىلىدىغانلار بولسا مەن ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىش ئويۇممۇ بار. كېيىنكى تېمامدا بۇ تەرجىمە ئەسەرلىرىمدىن مەلۇم پارچىلارنى يوللايمەن، پىكىر-تەكلىپ بەرگەيسىلەر.
كروران 2010-يىلى 20-ماي
评论
كونىلاردا«بىكار تۈرغۇچە ، بىكار ئىشلە » دېگەن گەپ بار. ئاستا ئاستا نۇرغۇن نەرسىنى ئۆگنىۋالغىلى بولىدۇ.
شېرىن قۇربان مۇئەللىمدە ئوقۇۋاتامسىز؟