باش بەت  كروران مەدەنىيىتى  ئاسپىرانت،چەتئەلگە چىقىش  ماتىماتىكا  ئېنگىلىز تىلى  تەرمىلەر
  • بۈگۈر ناھىيەسنىڭ ئورنى ۋە كۆلىمى

    2010-11-09

    تۈرى:

    بۈگۈر ناھىيەسنىڭ ئورنى ۋە كۆلىمى:[/b]
    بۈگۈر ناھىيەسى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكنىڭ ئوتتۇرا قىسىمغا، تارىم ئويمانلىقنىڭ شىمالىي ياقىسغا، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاسىتنىڭ غەربىي قىسىمغا جايلاشقان. جۇغراپىيلىك كوئوردىنات ئورنى شەرقىي مېردىئان83.38تىن 85.25 قىچە، شىمالى پاراللېل 41.05 تىن42.32 قىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كېلدۇ. ناھىيە تەۋەسىىنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلقى 110كىلومېتر، جەنۇپتىن شمالغا كەڭلىكى 136 كىلومېتر، ئومۇمى كۆلمى14مىڭ 789كۋادىرات كىلومېتر بولۇپ، ئوبلاسىت ئومۇمى كۆلمىنىڭ %3نى، شىنجاڭ ئومۇمى كۆلىمىنىڭ %0.9نى تەشىكىل قىلىدۇ.
    خەرىتىدىن قارىغاندا، بۈگۈر ناھىيەسى شىنجاڭنىڭ كىندىك قىسىمىدىكى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ئېتىكدە بېشى تاغدا، بېلى بوستانلىقتا تۇرغاندەك، پۇتى تارىم دەرياسغا سۇنۇلغاندەك كۆرۈنىدۇ. ناھىيە تەۋەسى شمالىي قىسىمدىكى تاغلىق رايۇن، ئوتتۇرا قىسىمدىكى بوستانلىق تۈزلەڭلىك رايۇن ۋە جەنۇبىي قىسىمدىكى تارىم تۈزلەڭلىك رايونىغا ئايرىلدۇ.شمالى قىسمى ئىگىز بولۇپ، شەرقى جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ.
    بۈگۈرنىڭ كېلىماتى مۆتىدىل بەلباغنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كېلىماتىغا كىرىدۇ. ئوتتۇرا قىسىمدىكى تۈزلەڭ رايۇننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تىمپىراتۇرىسى 10.6سىلسىيە، تۈزلەڭ رايۈننىڭ يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 52مىللىمىتر. يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنش مىقدارى 2072 مىللىمتىر، يىللىق كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 2777سائەت، قىراۋسىز مەزگىلى 188 كۈن ئەتىراپدا بولىدۇ.
    [b]   2.تەبىئىي شەرت-شارائىتى:[/b]‹1›
    گېئولوگىيلىك تۈزۈلشى
    ناھىيە تارىم زېمىندىكى تەڭرىتاغنىڭ غەربىي ئوقۇرىنىڭ كۇچا ياقىسدىكى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن يىرىگە جايلاشقان.
    كۇچا ياقىسدىكى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن يەر ئوتتۇرا ھايات«مېزوزوي» ئېراسى ۋە يىڭى ھايات«كاينوزوي» ئېراسنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە شەكىللەنگەن.ئۇ، ئالىپ ۋە ھىمالايا تاغ ھاسىل بولۇش ھەركىتنىڭ تەسىرى بىلەن كۆتۈرۈلۇپ چىقىپ، ئوق يۆنىلىشى شەرقتىن غەربكە بولغان بىر قاتار دۈمبە يانتۇلۇق ۋە يۈزلەنمە يانتۇلۇق
     تۈزۈلمىلىرنى شەكىللەندۇرگەن.
    [b]چوڭ تاغ دۈمبە يانتۇلۇغى[/b] بۈگۈرنىڭ شمالىي قىسىمدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان.بۇ دۈمبە يانتۇلۇغنىڭ ئوق يۆنلىشى شەرقتىن غەربكە بولۇپ، ئوق قىسىمى تەكشى ھەم كەڭ، ئۇ شەرققە سوزۇلۇپ ئەشمىگە كەلگەندە يەر ئاستىغا يوشۇرۇنىدۇ.
    [b]يىقىن دۈمبە يانتۇلۇغى[/b] بۈگۈرنىڭ شىمالىي قىسىمدىكى تاغلىق رايۈنغا جايلاشقان.بۇ دۈمبە يانتۇلۇغنىڭ ئوق قىسىمى تەكشى ھەم بىر قەدەر كەڭ، ئوق يۆنلىشى شەرقتىن غەربكە بولۇپ، غەربىي شمالغا سوزۇلۇپ باش دىنارغا كەلگەندە يەر ئاسىتغا يوشۇرۇنىدۇ.
    [b]ياقىلا تۈزۈلمسى[/b] ئوق يۆنلىشى شەرقتىن غەربكە بولغان يوشۇرۇن دۈمبە يانتۇلۇغى بولۇپ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبغا 20كىلومېتر كىلدىغان يېرگە جايلاشقان.
    [b]چەرچە دۈمبىلى[/b] يىڭساردىن باشلاپ كورلىغچە بولغان ئارىلىققا جايلاشقان دۈمبەلنىڭ ئوق لىنيسى ئومۇمەن جەنۇبى تاشيول لىنيسى بىلەن ماس كەلگەن،قىسمەن يەرلىرى تومپىيىپ چىققان.ئەشمە ئەتىراپدا ئىگەر شەكىللىك تۈزۈلمسى بار.
    [b]‹2›تۈزۈلۈش ئالاھىدىلكى[/b]
    ئالدىنقى يېڭىلىنىش دەۋىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىن بۇيان، تاغ ئالدى يېرى خېلى زور دەرىجىدە ئولتۇرۇشۇپ كېتىپ، غايەت زور قېلىن كەلكۈن چۆكۈندىلىك شېغىل-تاش قاتلىمنى شەكىللەندۈرگەن.
    تولۇق يېڭلىنش دەۋرى باشلانغاندىن بۇيان، يەر قاتلىمنىڭ ئىچكى قىسمى يۇقىرى ئۆرلەش باسقۇچىدا تۇرغان بولسمۇ،لېكىن، يۇقىرى ئۆرلەش ھەجىمدە غەربىي قىسمى كۈچلۈك،شەرقىي قىسمى ئاجىز، شمالى قىسمى كۈچلۈك، جەنۇبى قىسمى ئاجىز بولغان ئالاھىدىلىك كۆرۈلگەن. شۇڭا، ناھىيەنىڭ يەر تۈزۈلىشدە شمالى تەرەپ ئىگىز،جەنۇپ تەرەپ پەس، غەرب تەرەپ ئىگىز،شەرق تەرەپ پەس بولۇپ قالغان.
    تاغلىق رايوندىن تۈزلەڭلككچە تۆتلەمچى دەۋرنىڭ چېچلاڭغۇ-تىنما قاتلىمنىڭ ھاسىل بولۇش سەۋەبى ۋە تاشسمان تۈزۈلۈشى جەھەتتە روشەن ئۆزگىرش قانۇنىيىتى بار. ھاسىلات تىپىنىڭ رەت-قاتارى؛ يانتولۇق تىنما،كەلكۈن تىنمسى،تاشقىن تىنمىسى،شامال تىنمسى؛ جىنسلىق تۈزۈلۈشى يىرىكلىكتىن يۇمشاقلىققا ئۆزگەرگەن،رەت قاتارى؛ۋالۇن، شېغىل، قۇم، ئۇششاق تاش،قۇمساڭ تۇپا قاتلىمى ۋە ئەت توپا قاتلىمى.يەلپۈگۈچسمان تىنما يەرنىڭ يۇقىرى قىسىمدا قۇم %43نى، شېغىل%47 نى، ۋالۇن %10نى تەشىكل قىلىدۇ؛ئوتتۇرا قىسىمدا قۇم %59نى، شېغىل %38نى، ۋالۇن%3نى تەشىكىل قىلىدۇ؛تۆۋەن قىسىمدا قۇم %78نى، شېىغىل%22نى تەشكىل قىلىدۇ.
    ‹3›تاغ تىزمىلىرى
    پەرات قىر تاغ
    چۇمپاق يىزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايىنىڭ شىمالغا تۈز سىزىق  بويىچە 48 كىلومېتر  كېلدىغان  تاغلىق رايونغا ، يېشىلكۆل چارۋىچلىق رايوننىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان، يۆنىلىشى جەنۇپتىن شمالغا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 4كىلومېتر، دېڭىز يۈزدىن ئېگىزلىكى 2500مېتر كىلىدۇ.                                       
     يېڭى يايلاقنىڭ سىرتى تېغى                            
    چۇمپاق يىزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايىنىڭ شىمالغا تۈز سىزىق بويىچە75كىلومېتر كىلدىغان تاغلىق رايۇنغا، يېڭى يايلاق ئېقىنىنىڭ شەرقى تەرىپگە ئىككى كىلومېتىر كېلدىغان يەرگە جايلاشقان، يۆنىلىشى جەنۇبتىن شمالغا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئالتە كىلومېتر،دېڭىز يۈزدىن ئىگىزلىكى 3700مېتر.
    تۈۋرۈك تاغنىڭ قىرى تېغى
    ئاقبۇلاق يىزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايىنىڭ شىمالغا تۈز سىزىق بويىچە50كىلومېتر كىلدىغان يەرگە، تارئېقىنى بىلەن تاشكەپە ئېقىنى ئارىلىقىغا جايلاشقان، يۆنىلىشى جەنۇبتىن شمالغا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئون كىلومېتر،دېڭىز يۈزدىن ئىگىزلىكى 3000مېتر.
    ئاق تاغ
    چېدىر يىزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايىنىڭ شەرقىي شىمالغا تۈز سىزىق بويىچە32كىلومېتر كىلدىغان يەرگە جايلاشقان، ئەشمە ئېقىمىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىن غەربىي شمالغا سوزۇلغان بولۇپ، ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى17كىلومېتر، دېڭىز يۈزدىن ئىگىزلىكى 3400-4000 مېتر كىلىدۇ.
    سېرىق بۇيىنىڭ قىرى تېغى
    چېدىر يىزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايىنىڭ شەرقىي شىمالغا تۈز سىزىق بويىچە24كىلومېتر كىلدىغان يەرگە ،ئەشمە ئېقنى ئاغزىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان، يۆنلىشى شەرقتىن غەربكە بولۇپ،ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بەش كىلومېتر، دېڭىز يۈزدىن ئىگىزلىكى 2300 مېتر كىلىدۇ.
    ياپلاقنىڭ بېشى تېغى
    چېدىر يىزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايىنىڭ شەرقىي شىمالغا تۈز سىزىق بۈيىچە30كىلومېتر كىلدىغان يەرگە، ئېيىق ئاتتى ئېقىنىڭ شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان، يۆنلىشى شەرقىتىن غەربىكە بولۇپ، ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى ئۈچ كىلومېتر، دېڭىز يۈزدىن ئىگىزلىكى 3720 مېتر كىلىدۇ.
    ‹4›تاغ چوققىلىرى
    تۇنگان بۆك چوققىسى
    چۇمپاق يىزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايىنىڭ شىمالغا تۈز سىزىق بويىچە70كىلومېتر كىلدىغان يەرگە، يالغۇز ئاچال ئېقىنىڭ يۇقىرى ئېقىمغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزدىن ئېگىزلىكى 4727.2مېتر كىلىدۇ. بۇناھىيەبويىچە ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى بولۇپ چوققىدا كەڭ كۆلەملىك مۇزلۇق بار.
    پەرات غول چوققىسى
     دىنار دەرياسنىڭ تارماق ئېقىنى پەرات غول ئېقىنىڭ يۇقىرى قىسىمغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلكى 3775مېتر كىلدۇ.
    قارقۇر تاغ چوققىسى
    ئاقبۇلاق يېزىسنىڭ تاغلىق رايوندىكى ئابىدىرمان ئېقىنىنىڭ يۇقىرى قىسىمغا جايلاشقان، چوققىدا كەڭ كۆلەملىك مۇزلۇق بار،دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلكى 4153مېتىركىلىدۇ.
    باش قوۋۇق ئاچال چوققىسى
    قاراباغ يىزىسنىڭ تاغلىق رايۇندىكى قوۋۇق چارۋىچلىق رايوننىڭ غەربىي شمالغا جايلاشقان، چوققىدا كەڭ كۆلەملىك مۇزلۇق بار،دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلكى 4083مېتر كىلىدۇ.
      مۇزەپپەرنىڭ بېشى چوققسى
    قاراباغ يىزىسنىڭ تاغلىق رايۇنى،يىڭسار دەرياسى يۇقىرى ئىقمنىڭ جەنۇبى تەرىپىگە جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلكى 4027مېتر كىلىدۇ.
    ئېدىر تاغ چوققىسى
    يىڭسار يىزىسنىڭ تاغلىق رايونى، تۆگە ئۆلدى ئېقىنى يۇقىرى ئېقىمنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلكى 4429مېتر كىلىدۇ.
    باش داۋاننىڭ بېشى چوققسى
    چېدىر يىزسنىڭ تاغلىق رايونى،ئەشمە ئىقىنىنىڭ غەربىي شمالىدىكى بېشغا جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلكى 4200مېتركىلىدۇ.
    ئەشمە تاغ چوققىسى
    ئەشمە ئېقىنى يۇقىرى ئېقىمنىڭ شىمالى تەرىپگە جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلكى 4084مېتر كىلىدۇ.
                   [b] «بۈگۈر ناھىيەسى تەزكىرسى »دىن ئېلىندى[/b]

    分享到:
    ئېلان ئورنى