باش بەت  كروران مەدەنىيىتى  ئاسپىرانت،چەتئەلگە چىقىش  ماتىماتىكا  ئېنگىلىز تىلى  تەرمىلەر
  • قەدىمكى تۈرك تىلىنىڭ گرامماتىكىسى

    2010-08-22


     قەدىمكى ۋە ئىپتىدائىي تۈرك تىلى ۋە ئالتاي تىلى

    بۇ تىل ھەققىدىكى كىتاب، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ قىزىقىدىغىنىمىز پەقەتلا تىل ئالاھىدىلىكى. شۇ سەۋەبتىن ھەرخىل تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان تۈركىي خەلقنىڭ مىللەت تەركىبىگە قىزىقىمىز. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى خەلق قالدۇرغان ياكى ئارخىئولوگلار بايقىغان ئانتروپولوگىيىلىك ياكى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئائىت بايقاشلارغا قىزىقمايمىز. غەرب ۋە شەرق ئالىملىرى قالدۇرۇپ كەتكەن بايانلاردا كۆرۈلگەن مىللەت ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلەرگە تېخىمۇ قىزىقمايمىز. قەدىمكى دەۋرلەردە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا خەلقى بولغان شىيوڭنۇلار، مەركىزىي ئاسىيا خەلقى بولغان ئۇيسۇنلار شۇنداقلا شەرقىي ياۋروپا خەلقى بولغان ھونلار (بۇ يەردە خەنزۇچە مەنبەلەردە ئېيتىلغان شىيوڭنۇلار بىلەن ھونلارنىڭ بىر مىللەت ياكى ئەمەسلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس، لىكىن نۇرغۇن تەرجىمە ئەسەرلەردە شيوڭنۇلارنى ھونلار دەپ ئاتايدۇ-ماھىنۇر) نىڭ تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئالاھىدىلىكلىرى بىزنىڭ بۇ كىتابىمىزنىڭ مەقسىتى ۋە نىشانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.ھەرخىل قەبىلىلەر بىر خىل سىياسىي تەقدىرگە دۇچ كەلگەندە، ئۆزىنىڭ خالىغىنىچە بولسۇن ياكى مەلۇم بىر قېلىپ ئىچىگە مەجبۇرىي كىرگەن بولسۇن،ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەرخىل دەرىجىدىكى قوشۇلۇش بارلىققا كېلىدۇ، بۇنداق قوشۇلۇش مەمۇرىي جەھەتتىلا ئەمەس مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتىكى قوشۇلۇشتۇر. شۇنداق بولغاچقا، ئەسلىدە تۈركىي مىللەت بولمىغان بەزى قەبىلىلەر بەلكىم مەلۇم بىر تۈركىي تىلنى ياكى دىئالېكتىنى قوبۇل قىلىشى، ھەتتا شۇ جەرياندا بەزىبىر ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. بەزى تۈركىي قەبىلىلەر تۈركىي تىلىدىكى ئادەت سۆزى (ئىدىئوم) لىرىنى يوقىتىپ قويغان بۇلىشى مۇمكىن.

    بۇ يەردە بىزنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغىنى، مۇشۇ خەلقلەرنىڭ تىل جەھەتتىكى كىملىكى يەنى ئېتنىك گورۇپپىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى سۈپىتىدىكى باشقا نۇقتىلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرىمىز. تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ قەھرىمانلىرى بەزىدە ئۆزى ئىشلەتكەن تۈركىي تىلنىڭ ۋارىيانتلىرىنى دۆلەت تىلى قاتارىغا كىرگۈزگەن بولىشى، بەزىدە باشقا ئېتنىك گورۇپپىلار (مەيلى تۈرك ياكى ئەمەس بولسۇن) ئۆزى ئىشلىتىۋاتقان بەزى ئېدىئوملىرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئۇنى ئىشلىتىشكە ھەتتا يېزىق تىلى قاتارىدا ئىشلىتىشكە مەجبۇرلىغان بولىشى مۇمكىن. قازار دۆلىتىدە دەل مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەن بولىشى ئېھتىمال.

    يەنە بىر تەرەپتىن تۈركلەر مەركىزى ئورۇننى ئىگەللىگەن باشقا بىر تىلدا سۆزلىشىدىغان سىياسى، مىللىي ۋە مەدەنىيەت گەۋدىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغاندا ئۆزىنىڭ تىلىدىن باشقا بىر تىلنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەن بولىشى، ھەتتا يېزىق تىلى سۈپىتىدە قوللانغان بولىشى مۇمكىن. مەسىلەن، غەزنەۋىيلەر ۋە سالجۇقىيلار (مىلادى 10-ئەسىردە باش كۆتۈرگەن) تۈرك تىلىنىڭ ئورنىدا پارس تىلىدا ۋە ئەرەب تىلىنى يېزىق تىلى قىلىپ قوللانغان. (مەسىلەن، ئۇيغۇر ئالىمى ئىبىن سىنا ئەسەرلىرىنى ئەرەب يېزىقىدا يازغان ماھىنۇر) يەنە شۇنىڭدەك تۇنجى تۈرك خانلىقىنىڭ (مىلادى 6-7 ئەسىر)  قەھرىمانلىرىنىڭ كىملىكى بىزنى قىلچىمۇ قىزىقتۇرمايدۇ. سەۋەبى ئۇلارنىڭ ھاياتىغا دائىر ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان بىردىنبىر مەڭگۈ تاش سوغدى يېزىقىدا يېزىلغان بولۇپ تۈركلەرنىڭ ئېتمولوگىيەسىنى بۇ مەڭگۈ تاشتا تىلغا ئېلىنغان ھېچقايسى قاغانلارنىڭ ئىسمى ئارقىلىق ئىنىقلىغىلى بولمايدۇ. ئوخشاشلا، گەرچە ئىپتىدائىي تۈرك تىلى بىزگە پايدىلىق بىر تىلشۇناسلىق قورالى سۈپىتىدە قايتا قۇرۇشقا ئەرزىسىمۇ، لىكىن ئىپتىدائىي تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئېتنىك گورۇپپىلارنىڭ چىگرىسىنى ئايرىشنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى يوق.

    تۈرك تىلى مىلادىنىڭ بېشىدا قوشنا ئەللەر تۈرك تىلىنى ئۆگەنگەن ۋە بىز بۈگۈنكى كۈندە ئېنىق تۈرك تىلىدا (مەسىلەن، مورفولوگىيىلىك قۇرۇلما) يېزىلغانلىقىنى بىلگەن يازما ھۆججەتلەرنى يازغان چاغدىن باشلاپ   رەسمىي ھالدا تىلشۇناسلىقنىڭ بىر تارمىقى سۈپىتىدە تونۇلۇشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىر ياخشى مىسالى، sav+lug ( سۇلۇق) ئىلگىرى جۇڭگونىڭ يازما مەنبەلىرىدە كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ھېچ بولمىغاندا سۆز ئارقا قوشۇمچىسى ئېنىقكى تۈركچە.  ئەمەلى ئەھۋال بۇنداقلا ئاددى ئەمەس، ئەشۇ يات تىلدىكى يازمىلاردا دائىم بىر تىلدىن باشقا بىر تىلغا ئۆتكەن ئەمەل-ئۇنۋان ناملىرى ئۇچرايتى. مەسىلەن، ۋىنگىرىيە رايونلىرىدا ئاۋار ھۆكۈمرانلىرى قاغان دەپ ئاتىلاتتى. بىراق يالغۇز بۇ سۆزلا ئاۋارلارنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەسلىدە بۇ نام بىرىنچى بولۇپ تۈرك تىلىدا ئەمەس بەلكى باشقا ياۋرو-ئاسىيانىڭ مەركىزى قىسىمىدىكى باشقا خەلقتىن تۈركلەرگە كىرگەن. باشقا تېخىمۇ كۆپ ئىسپاتلار ئاۋارلارنىڭ بەزىدە تۈركچە سۆزلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى مۇمكىن.

    تۈرك تىللىرى ئەسلىدىنلا ئۇرۇق-تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىتى جەھەتتە بىر- بىرى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن، ئەلۋەتتە، ئوخشاش بولمىغان دەۋردە پەرقلەنگەن(بەزىدە ھەتتا مەلۇم سەۋەبتىن تىللارنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشى كۆرۈلگەن). تۈرك تىللىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئىپتىدائىي تۈرك تىلىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش مۇمكىن بولسىمۇ، بىراق بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەر ئاستا. بەزىدە توسالغۇلارغا ئۇچرايدۇ: بۇ خىل ئەھۋال سوۋت ئىتپاقىدا كۆرۈلگەن، يەنى ئۇلار ھازىرقى تىل مىساللىرىغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلىپ، قەدىمكى تىللارغا ئېتىبار بەرمىگەن. تەتقىقاتچىلار تۈرك تىللىرىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئۇرۇق-تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىتىگە ئېتىبار بېرىشكە قارىغاندا كۆپرەك كۈچ ۋە ئېنىرگىيە سەرپ قىلغىنى ئالتاي تىللىرى مەسىلىسى: يەنى تۈرك تىلى بىلەن مۇڭغۇل تىلى ھەم مەلۇم كىچىك نىسبەتتىكى توڭغۇز تىلى، كورىيە تىلى ۋە ياپونىيە تىلى ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ ساندىكى گرامماتىكىلىق ۋە لېكسىكىلىق بىرلىكلەر ياكى تىپولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكلەر جەھەتتىكى ئورتاقلىق ئۇلار ئارىسىدىكى مەلۇم ئۇرۇق-تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىتىمۇ ياكى قوبۇل قىلىش، قىسمەن قوبۇل قىلىش ياكى تاساددىبىي ماس كېلىپ قېلىشمۇ دېگەن مەسىلە. بۇ مەسىلە ئوخشاش بولمىغان تىل ۋە تىل گورۇپپىلىرىغا قارىتا مۇتەخخەسىسلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە بولۇپ بۇ يەردە مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ.  بىزگە ئېنىق بولغىنى شۇكى، بىر تەرەپتىن تۈرك تىلى بىلەن مۇڭغۇل تىلى، يەنە بىر تەرەپتىن مۇڭغۇك تىلى بىلەن توڭغۇز تىلى ئارىسىدىكى نۇرغۇنلىغان تىلنىڭ ھەر قايسى جەھەتلىرىدە ئۆز-ئارا قوبۇل قىلىش مۇناسىۋىتى كىشىلەر مۇشۇ خىل تىلدا سۆزلەشكىنىنى يېزىقتا خاتىرىلەشتىن بۇرۇنلا باشلانغانىدى. شۇنداق بولغاچقا بەزى چاغدا ئالتاي تىللىرى مۇشۇ ئۈچ خىل تىل ئارىسىدىكى ئەگەر ئۇلار ئارىسىدا ئۇرۇق-تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بولمىسا ئۇنداقتا ئورتاق جۇغراپىيىلىك مۇھىتتا ياشاش تۈپەيلى شەكىللەنگەن رايون خاراكتىرلىك ئۇقۇم دەپ قارىساق بىر قەدەر ياخشىراق. تۈرك تىلى بىلەن مۇڭغۇل تىلى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇق-تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بار بولىشى مۇمكىن (مېنىڭ باشقا تىللارغا بولغان بىلىمىم چەكلىك بولغاچقا بۇ جەھەتتە بىر نەرسە دىيەلمەيمەن) بىراق،بۇ تىللارنىڭ ئۇرۇق-تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىتى جەھەتتە بىر قاتار تولۇق بولغان تەتقىقات يەنىلا كەمچىل.

     مەركىزى ياۋرو ئاسىيا قۇرۇقلىقىدا يېزىلغان ئەڭ دەسلەپ بايقالغان يازما يادىكارلىقلار ھىندى-ياۋروپا تىلىدا ياكى خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان. مىلادى 6-ئەسردە تۇنجى تۈرك خانلىقى ھازىرقى مۇڭغۇلىيەدە تىكلەنگەن. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىرى سوغدى تىلىنى يەنى ئىرانلىقلارنىڭ تىلىنى يېزىق تىل ئورنىدا ئىشلەتكەن. شۇ ۋاقىتتا يىراق غەربتىكى كاۋكاز، ئۇرال دەرياسى (تۈرك تىلىدا yayik، گرىك مەنبەلىرىدە ayig دىيىلىدۇ) ۋە ھازىرقى ئۇكرائىنا تەرىپىدىن پۈتۈنلەي قورشالغان رايوندا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان قازارلار دۆلەت قۇرغان. مۇشۇ رايوندىن تېپىلغان تۈرك رونىك يېزىقىدا يېزىلغان مەڭگۈ تاشلار ۋە تېخىمۇ غەربتىكى جايلاردىن تېپىلغان مەڭگۈ تاشلارنىڭ تېكىستلىرى تەخمىنەن مىلادى 10-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا ئويۇلغان. ئۇلار بەلكىم قازارلار، ئاۋارلار، تۈرك پىچىنىگ ياكى بۇلغارلار ۋە ياكى باشقا تۈرك ئېتنىك گۇرۇپپىلىرىغا تەۋە بولىشى مۇمكىن. بىراق، ھازىرچە بۇلارنى چۈشەندۈرۈش قايىل قىلارلىق ئەمەس ياكى ئېنىقسىز.

    ئەڭ دەسلەپكى ئوقۇغىلى بولىدىغان، چۈشىنىشلىك ۋە دەۋرى ئېنىق بولغان تۈرك مەڭگۈ تېشى ئىككىنچى تۈرك خانلىقىغا مەنسۇپ ئورخۇن مەڭگۈ تېشى. بۇ مەڭگۈ تاش مىلادى 720-يىلىدىن بۇرۇنراق تىكلەنگەن بولۇپ، 1893-يىلى ۋېليام تومسىن بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ تۈرك-رونىك يېزىقىدىكى تېكىستىنى يېشىپ ئوقۇدى. يېنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا يېقىن سىبىرىيەنىڭ جەنۇبىدىن تېپىلغان ئوخشاش يېزىقتىكى بەزى مەڭگۈ تاشلار نىڭ دەۋرى ئانچە ئېنىق ئەمەس؛ بەلكىم ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ دەرۋى ئورخۇن مەڭگۈ تېشىدىن بۇرۇنراق بولىشى مۇمكىن. باكتىرىيەگە تەۋە بولغان، ئاففانىستاندىن تېپىلغان Sims-Williams(2000a)نەشىر قىلغان مەڭگۈ تاش نۇرغۇن قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى سۆز ۋە سۆز- بىرىكمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ بۇلار شۈبھسىزكى، غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ ساسانىيلار بىلەن بىرلىشىپ ئېفتالىتلارنى يوقاتقاندىن كىيىنكى ھۆكۈمرانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. بۇ مەڭگۈ تاشلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقىلىرى مىلادى 7-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ؛ بۇ مەڭگۈ تاشلار قەدىمكى تۈرك سۆز (يالغۇز سۆزلەرلا ئەمەس) لىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ دەسلەپكى يازما يادىكارلىقلار ھېسابلىنىدۇ: بۇ سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرى (مەسىلەن، tapaglig ......،مىلادى 640-يىلى يېزىلغان يازمىدىن) باشقا قەدىمكى تۈرك مەنبەلىرىنىڭكىگە ئوخشاش. تۈركلەرنىڭ كېڭىيىشى نەتىجىسىدە غەربىي قىسىمدا پەيدا بولغان بۇ سۆزلەرنى جوھانسون تەرىپىدىن 2001-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان «شەرقى تۈرك تىلى» دېگەن بۇ ئاتالغۇ كونىرىغان سۆزلەر دەپ كۆرسەتتى، ئەگەر بىز بۇنى  بۇ يازمىلارغا بىۋاستە ئىشلەتسەك، بىز بۇ يەردە دەۋاتقان قەدىمكى تۈرك تىلى بىلەن تۈرك خانلىقىنىڭ غەربىدە، شۇنداقلا باكتىرىيەنىڭ شىمالىدا  قوللىىنىلىدىغان ( بۇيەردە، قانداقلا بولمىسۇن، قاراخانىيلار تىلى بارلىققا كەلگەن) تىلىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئازراق پەرقلەر بار.

    غەربىي ياۋروپادىن تېپىلغان،ئەڭ دەسلەپكى تۈرك يادىكارلىقلىرى بىزگە دوناي دەرياسى بولغارلىرىدىن يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بىر قانچە جۈملىدىنلا تەركىب تاپقان. ئۇلار (باكتىرىيە تىلىغا ئوخشاش) قەدىمكى گرىك يازمىلىرىدا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، 9-10 ئەسرلەرگە تەۋە: بارلىق ئاسىياغا تەۋە يازما يادىكارلىقلارنىڭ تىلى بىر-بىرى بىلەن زىچ باغلانغان تىل بولسىمۇ، دونايدىكى بۇلغارلارنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ھەمدە قىيىن بولغان ماتىرىيالى شۇنداقلا، 13-14 ئەسىرگە تەۋە ئوتتۇرا تۈرك ۋولگا بۇلغارلىرىنىڭ مەڭگۈ تاشلىرىنىڭ تىلى پۈتۈن تۈرك ماتىرىيالىغا نىسبەتەن غەيرى بولۇپ، بىز بۇ كىتابتا تەسۋىرلىمەكچى بولغان تىلدىن پەرقلىنىدىغان بولغاچقا بۇ كىتابتا ئۇلارنى ئويلاشمىدۇق.  ياۋروپادىن تېپىلغان قەدىمكى تۈرك تىلىغا تەۋە ماتىرىياللاردىن بىز قوشۇشقا تېگىشلىكى بىر قەدەر بۇرۇنقى ياكى ئوتتۇرا دەۋردىكى تۈرك تىلىدىن ماجارلارنىڭ تىلىغا كىرگەن سۆزلەردۇر. بۇ مول ماتىرىياللار بىزنىڭ ئىپتىدائىي تۈرك تىلىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بىراق بىز ھازىر تەسۋىرلىمەكچى بولغان تىل ئۈچۈن ئالاھىدە ماتىرىيال بولالمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە تىلغا ئالمايمىز. 11-ئەسىردە ئۆتكەن مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز زامانىسىدىكى بىر قانچە خىل تۈرك تىلى دىئالېكتى ۋە تىللىرى ھەققىدە بىزنى مۇھىم ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ؛مۇشۇ كىتابتىكى بروكھېلمان (1921) ۋە دانكوف بىلەن كېللىي (1985) نىڭ كىتابىغا قاراڭ.

    分享到:
    ئېلان ئورنى

    评论

  • ئىبىن سىنا ئۇيغۇر ئالىمى ئەمەس،بەلكى تاجىك ئالىمىدۇر. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ بىز ،بارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ ئورتاق ئالىمىدۇر.