باش بەت  كروران مەدەنىيىتى  ئاسپىرانت،چەتئەلگە چىقىش  ماتىماتىكا  ئېنگىلىز تىلى  تەرمىلەر
  • 2010-يىللىق خۇلاسەم

    2010-12-30

    تۈرى:

    ھايىت-ھۇيت دىگۈچە مانا 2010-يىلى ئاخىرلىشىپ 2011-يىلى بىزگە يېڭى ياش ئاتا قىلدى. كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىۋاتقان مۇشۇنداق دەملەردە ئۆتكەن بىر يىللىق ھاياتىمدىن قىسقىچە خۇلاسە چىقىرىپ ئارقامغا بىر قارىۋېتىشنى شۇنداقلا ئالدىمغا قاراپ كىيىنكى يىللىق ئىشلىرىمنى مۇۋاپىق پىلانغا ئېلىشىمنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ خاتىرەمنى قاناتلاندۇردۇم.

    2010-يىلىدىكى ئىشلار

    l  2010-يىلى2-ئايدا  گېڭشىمىن ئەپەندىنىڭ «چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى مۇڭغۇل ئېگىزلىكى دەۋرىدىكى تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى» ناملىق ماقالىسىنى تەرجىمە قىلدىم.

    l  2010-يىلى 4-ئايدا خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ 10-دەرىجە كېنىشكىسىنى ئالدىم.

    l  2010-يىلى 4-ئايدا «Diet and nutrition in crohns disease and ulcerative colitis »دېگەن ماقالىنى ئىنگلىزتىلىدىن خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلدىم.

    l  2010-يىلى 6-ئايدا مەملىكەتلىك ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگىلىزتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ 509 نۇمۇر ئالدىم.

    l  2010-يىلى ماي بايرىمىدا ئاپام ئۆرۈمچىگە بىزنى كۆرگىلى كەلدى، ئۇنىڭغا بىر ھەپتە ھەمراھ بولدۇم.

    l   2010-يىلى 6-ئايدا ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن 3 پارچە ماقالە يېزىپ بەردىم.

    l  2010-يىلى 9-ئايدىن 11-ئايغىچە «جۇڭگونىڭ تارىخىي ھېكايىلىرى» ناملىق كىتابنىڭ 4-ۋە 7-قىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشتىم.

    l  2010-يىلى 11-ئايدا ئەڭ يېقىن قېرىندىشىم بولغان ئاكامنىڭ تويىغا قاتناشتىم ۋە بەكمۇ خوشال بولدۇم.

    l  2010-يىلى 12-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمنىڭ تىمىسىنى بېكىتتىم ۋە تىما بېكىتىش دوكلاتىغا قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتىم.

    l 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى خاتىرە كومپىيوتىرىمنى سېتىۋالدىم.

    分享到:
    ئېلان ئورنى

    评论

  • بلوگىڭىزغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن قېرىندىشىم. سىزنىڭ بلوگىڭىزدە ئۈمۈد زور! ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق نامايەن قىلسىڭىز نادىر بلوگ بولۇپ قېلىشىدا ئۈمۈد زور!