باش بەت  كروران مەدەنىيىتى  ئاسپىرانت،چەتئەلگە چىقىش  ماتىماتىكا  ئېنگىلىز تىلى  تەرمىلەر
  • قەدىمكى تۈرك تىلىنىڭ گرامماتىكىسى

    2010-08-25


    سانلار ۋە مىقتار سۆزلەر

    (تەرجىمە قىلغۇچى: ماھىنۇر سادىق كروران)

    سانلار ئۆزىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن مورفولوگىيە كاتېگورىيىسىگە تەۋە بولغاچقا لېكسىكىلىق ياكى سىنتاكىسلىق تۈرلەردىن پەرقلىنىدۇ: تۈپ سانلار بولسا تەرتىپ سان ۋە كەسىر ساننى ياسايدىغان ئاساس بولۇپ، ئۇ باشقا سۆز تۈركۈملىرىدىن تېپىلمايدۇ. قەدىمكى تۈرك تىلى سان سېستىمىسى ئونلۇق سان سېستىمىسى بولۇپ، ئوننى دەۋر قىلغان سان سېستىمىسىنى قوللىنىدۇ. سانلار ۋە دەۋرلەر ئارىلاش كېلىدۇ. مەسىلەن  alig(ئەللىك). بۇ سان كېيىنچە «قول» سۆزى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قوللىنىلغان.   altmis (ئاتمىش) ۋە yetmis (يەتمىش) سانلىرىغا قارايدىغان بولساق، گەرچە ماس كېلىدىغان قوشۇمچە «-mls» ياكى «-mXs» ھەققىدە باشقا ھېچقانداق مەلۇمات يوق بولسىمۇ، بۇ سانلارنى alti (ئالتە) ۋە yeti (يەتتە) سانىدىن كېلىپ چىققان دېيىشكە بولىدۇ. «سەكسەن»ۋە «توقسان»لەر ئايرىم-ئايرىم «سەككىز ئون» ۋە «توققۇز ئون» دېگەنلىكتۇر. «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» تە بۇ سانلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا «sakson»ۋە «tokson» دەپ ئېلىنغان. باشقا تېخىمۇ يۇقىرى خانىلىق ئېنىقسىز سانلار ئادەتتە «تۈمەن» (ئون مىڭ) ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. يۈزلەر، مىڭلەر، ئونمىڭلەر خانىلەر كۆپەيتمە شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، 3700 نى uc ming yeti yuz  (ئۈچ مىڭ يەتتە يۈز) دەپ، 37000 بولسا uc tumam yeti ming  (ئۈچ تۈمەن يەتتە مىڭ) ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.

    مەڭگۈ تاشلار ۋە باشقا قەدىمكى ئۇيغۇرچە تېكىستلەردە ئىشلىتىلگەن يىگىرمىدىن توقسانغىچە بولغان ھەر بىر ئونلۇق گۇرۇپپىدىكى تۈپ سانلار بىزنىڭ ئويلىغىنىمىز بىلەن ئوخشاش چىقتى: يەنى ساناق ساناشتا ئالدى بىلەن تۆۋەن خانىدىكى سانلار، ئاندىن يۇقىرى خانلىق سانلار ئوقۇلىدۇ: tort kirik (تۆت قىرىق) بولسا 34. مەسىلەن E10,5 دە مەڭگۈ تاشنىڭ ئورنىتىلغان ۋاقتى ھەققىدە توختىلىپ sakiz tokuz on yasim يەنى سۆزمۇ سۆز ئوقۇغاندا «سەككىز توققۇز ئون ياشىم» بۇ دېگەنلىك« 88 يېشىمدا» دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، tokuz on 90 يۇقىرىدا تىلغا ئېلىندى. بۇ خىل ىاتىرىلەش ئۇسۇلى ئونلۇق سېستىمىدىن باشقا سېستىمىلاردىمۇ ساقلانغان بولىشى مۇمكىن. MaitrH XV 14r4-26 دە بىز مۇنداق خاتىرىلەرنى ئۇچرىتىمىز، يەنى iki yeti kunta….., ucunc yeti kunta….,tortunc yeti kunta….,besinc yeti kunta….,altinc yeti kunta…., yetinc yeti kunta…. دېگەندەك، بۇ سانلار bir otuz kunta ken (13v23) «21-كۈندىن كېيىن» دېگەنگە ئوخشاشلا ئايرىم-ئايرىم ھەپتىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى، بەشىنچى، ئالتىنچى، يەتتىنچى كۈنى دېگەننى بىلدۈرىدىغان سانلاردۇر. يۇقىرىقى ئىككىلا خىل شەكىلدە ھېسابلاش بىرلىكى بولۇپ خىزمەت قىلىدىغان بۇ سانلار ساناق سان ۋە ھېقانداق گرامماتىكىلىق سۆز ياسىغۇچىسى بولمىغان ئادەم مېڭىسى ياكى باشقا ئېلىمىتلار ئارىسىدا تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ھېسابلاش سېستىمىسىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرغان.

    يۈزدىن چوڭ سانلارنى بۇنداق ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، alti yuz (ئالتە يۈز) 96 ئەمەس بەلكى 600؛ بۇنداق سانلار orki قوشۇمچىسىنى قوشۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. بۇ يەردىكىor قوشۇمچىسى ئۆرلەش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، sakiz yuz alti orki 896،  103 نى yuz uc دەپ، 99 نى tokuz orki (ئېھلېرىستا 1998-يىلى نەشىر قىلغان U 1426 r3) دەپ ئىپادىلەيدۇ. ئوخشاش تېكىستتە 99 نى يەنە باشقىچە ئۇسۇلدا yuzka bir agsuk دەپمۇ ئىپادىلىگەن بولۇپ بۇ «يۈزدىن بىرى كەم سان»دېگەنلىك بولىدۇ.

    بۇندىن باشقا ھەر قايسى دەۋرلەردە كۆرۈلىدىغان تۈپ سانلاردىن ئون ئىچىدىكى سانلارغىچە، ئون ئىچىدىكى سانلاردىن يۈز ئىچىدىكى، مىڭ ئىچىدىكى سانلارغىچە بولغان سانلارنى خاتىرىلىگەندە، ئاۋال يۇقىرى خانىنى ئاندىن كىيىن artok=I (ئارتۇقى) قوشۇمچىسىنى قوشۇپ، ئاندىن تۆۋەنرەك خانىنى قويغان. مەسىلەن، yuz artoki kirk tuman (Xw 12) 1400000 (يەنى يۈز قوشۇلغان قىرىق تۈمەن), otuz artoki bir yasima (قۇتادغۇبىلىك E28) «31 -يىلىمدا» ( 31 ياش ۋاقتىمدا) ياكى tory yuz tokuz on artoki bes، 495 (تۆت يۈز توقسان قوشۇلغان بەش) ، bes yuz artoki aki otuzunc yilka (M I 12,15) «522-يىلدا» ۋە iki ming iki yuz artoki bes kirik (مايتىرى سىمىت4r23) (2235) قاتارلىقلار ئىككىلا ئۇسۇلنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن: aki otuz  '22' ۋە bes kirik '35' قاتارلىقلارمۇ يۇقىرىدا كۆرسەتكەندەك قۇرۇلمىغا ئىگە. On artok yeti yil  (17 ياش) (گەرچە تولۇق قوشۇمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بولسىمۇ) يەنە بىر خىل ئىپادىلەش ئېھتىماللىقىدۇر؛ مەيلى كلاسسىك تېكىستلەر ياكى كېيىنكى دەۋرلەردىكى تېكىستلەردە بۇ خىل قوشۇمچە artok چۈشۈپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، مەسىلەن، alig bir (DKPAMPb 85)

    داۋامى بار.....

    分享到:
    ئېلان ئورنى

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كىروران ياخشىمۇ سىز؟ سىزنى بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان ئىش بار ئىدى.610645085 قوشۇۋالسىڭىز ياكى بلوگىمغا سۆز قالدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
  • ياخشىمۇسىز، سىزنىڭ بلوگىڭىزنى قوشۇۋالدىم. مېنىڭ يېڭى قۇرغان فرانسىيە ھەققىدىكى بلوگۇمنىمۇ قوشۇۋالسىڭىز. رەھمەت.
  • ياخشىمۇسىز؟ رەنجىمىسىڭىز مېنىڭ بلوگۇمنى قوشۇۋلسىڭىز. مەنمۇ سىزنىڭكىنى قوشۇپ قويدۇم. رەھمەت سىزگە.
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم. سىزنىڭ بلوگىڭىزغا كەلگىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن،ئۇلىنىش قىلشاق قانداق؟