بايا تورغا چىقىپ ئولتۇرۇپ قۇلىقىمغا تىلىۋىزوردىكى ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ ئاۋازى كىرىپ قالدى. چىقىپ قارىسام شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانىسى 2- قانىلىدىكى "بۈگۈنكى سۆھبەت" پروگراممىسىنىڭ ئالىم ئەھەت مۇئەللىم بىلەن ئۆتكۈزگەن "مىكرو بلوگ" ھەققىدىكى سۆھىتى ئىكەن. قىزىقىپ كۆردۈم. ئالىم مۇئەللىم مۇنبەر، بلوگ، مىكرو بلوگنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ناھايتى ئىخچام، مېغىزلىق قىلىپ چۈشەندۈردى. مەن بلوگ قۇرغىلى 895 كۈن يەنى ئاز كەم 3 يىل بوپتۇ، بلوگ ۋە مۇنبەر ھەققىدىكى چۈشەنچەم ھەر ھالدا خېلى يۇقىرى دەپ ئويلايمەن، شۇنىڭغا ئالىم مۇئەللىمنىڭ ھەممە گېپىنى چۈشەندىم (بەلكىم مەن بىلەن بىللە تىلىۋىزور كۆرگەن دادام بەزى گەپلەرنى چۈشەنمىدى)، بىراق مىكرو بلوگ ھەققىدە كۆپ ئويلانماپتىكەنمەن، ھەم مىكرو بلوگىممۇ يوق ئىدى. تىلىۋىزورنى كۆرۈپ يېنىپ كېلىپ قارىسام QQنىڭ بىر تەرىپىدە "مىكرو بلوگىڭىزنى ئېچىۋېلىڭ" دەپ ئۇچۇر چىقىپ تۇرۇپتۇ، شۇنداقلا قارىسام تېخى يۈكسەل مىكرو بلوگى دەپ چىقىپ قاپتۇ. مەنمۇ دەرھال تىزىملىتىۋالدىم. بېنىڭ مىكرو بلوگىمنىڭ ئادرىسى
http://t.qq.com/kroran-250456299
ئېلان ئورنى
评论