




-
ئۇيغۇر تىلىدىكى «-ئىشلە»«-قىل» پېئىلى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە
قىسقىچە مەزمونى: بۇ ماقالىدە مەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى «قىل-، ئىشلە-» پېئىلىنىڭ تىلىمىزدا ئىشلىتىلىش ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسى، گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى، ئۆز ئارا ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى شۇنداقلا بۇ پېئىللارنى خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلغاندا دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئۈستىدىكى قىسقىچە مۇلاھىزەمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇر تىلى، پېئىل، «قىل-، ئىشلە-» پېئىلى
كىرىش سۆز
ھەممىمىزگە مەلۇم تىل ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسىدىكى ۋە ئەقلىي تەپەككۇرىدىكى ئەڭ ئاساسلىق قورال بولۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ دولقۇنى بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىپ كەلدى. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئۇيغۇر تىلىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، بۈگۈنكى كۈندىكىدەك مۇكەممەل، گۈزەل تىلغا ئايلاندى. ئۇيغۇر تىلى ناھايتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، پەن-مەدەنىيەت تارىخىدا ئاجايىپ رول ئوينىغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، بىر-بىرىنى چۈشىنىدىغان ۋە ئۆز-ئارا ئالاقە باغلايدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەت بولۇپ ئۇيۇشىشىدا، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئامىللارنىڭ بىرى.
ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى شەرقىي تۈركىي تىللارغا كىرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى لېكسىكىسىدا سۆزلەرنىڭ تۈرى خېلى كۆپ. بۇ تۈرلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تىلىمىزنىڭ چۈشىنىشلىك، مېغىزلىق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەر گرامماتىكىلىق رولىغا ئاساسەن ئىسىم، سۈپەت، سان، مىقدار، ئالماش، پېئىل، رەۋىش، تەقلىدىي سۆز، ئۈندەش سۆز، تىركەلمە، باغلىغۇچى، ئۇلانما قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.
بىزگە مەلۇمكى، پېئىللار تۈركىي تىللاردا، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىدا مۇھىم بولغان شۇنداقلا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان لېكسىلىكىلىق بىرلىك بولۇپ، پېئىل ئۆزىگە خاس گرامماتىكىلىق كاتىگورىيە ۋە تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارغا ئىگە بولغاچقا، ئادەتتە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر چوڭ تۈرنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدا پېئىللارنىڭ سانى كۆپ، ياسىلىشى مۇرەككەپ، ئىشلىتىلىشى مول، رولى كۆپ. مانا بۇلار ئۇيغۇر تىلىنى دۇنيادىكى باشقا ھەر قانداق تىلدىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان، ئۇيغۇر تىلىنىڭمۇ نۇرغۇن ئىلغار تىللاردىنمۇ ئىلغارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. شۇنداق بولغاچقا، پېئىللارنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئەڭ ئەقەللىي ئىش.
ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر تىلىدا پېئىللارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ، بىز بۇيەردە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى «ئىشلە-»،«قىل-» پېئىلى ئۈستىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ لېكسىلىق مەنە ۋە گرامماتىكىلىق مەنە جەھەتتىكى بەزىبىر ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى، ئىشلىتىلىشى، رولى، خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىشى ھەققىدە ئەمەلىي مىساللار بىلەن تەھلىل قىلماقچىمىز.
1. ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللار ھەققىدە چۈشەنچە
بىز بۇ ماقالىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بارماقچى بولغان «ئىشلە-»،«قىل-» پېئىلى بولسا تىلىمىزدىكى ئىنتايىن قەدىمىي پېئىللارنىڭ بىرى. بۇ پېئىللار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن بىز دەسلەپتە ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىل سۆز تۈركۈمى بىلەن تونۇشماي تۇرۇپ، مۇلاھىزىمىزنى قانات يايدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.
ئۇنداقتا پېئىل دېگەن نىمە؟
شەيئىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتى، ھالىتى، ئۆزگىرىشى، ئىپادىسى، سېزىمى قاتارلىقلارنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى پېئىل دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:
ماڭ-، تۇر-، ئىشلە-.سانا-، قارشى ئال-، كۆكەر-،قىل-…
پېئىللار تۆۋەندىكىدەك گرامماتىلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:
(1) ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللار ئۆزىگە خاس دەرىجە، تۈس، بولۇشلۇق-بولۇشسىزلىق، شەخس، سان، زامان ۋە راي (مەيل) دىن ئىبارەت يەتتە خىل گرامماتىكىلىق كاتېگورىيىگە ئىگە.
(2) پېئىللارنىڭ گرامماتىكىلىق كاتېگورىيىلىرى باشقا سۆز تۈركۈملىرى بىلەن ئۆتۈشمەيدۇ، يەنى پېئىللارنىڭ گرامماتىكىلىق كاتېگورىيىلىرىنىڭ قوشۇمچىلىرى پەقەت پېئىللارغىلا خاس بولۇپ، ئۇلار باشقا سۆز تۈركۈملىرىگە خاس سۆزلەرگە ئۇلانمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، باشقا سۆز تۈركۈملىرىگە خاس سۆزلەر پېئىللارنىڭ گرامماتىكىلىق كاتېگورىيىلىرىنىڭ قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلەنمەيدۇ.
(3) پېئىللار ئۆزلىرىگە خاس ياسىغۇچى قوشۇمچىلارغا ئىگە. مەسىلەن:
تاش+لا-، ئىش+ لە، شار+ قىرا، ساي + را
(4) پېئىللار جۈملىدە ئاساسەن خەۋەر بولۇپ كېلىدۇ. شەخسسىز پېئىل شەكلىدە كەلگەندە بولسا جۈملىنىڭ باشقا بۆلىكى بولۇپمۇ كېلەلەيدۇ. مەسىلەن:
ئۇ تۈنۈگۈن مەكتەپكە كەلدى.
ئۇنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلمىدىڭمۇ؟
ئوقۇشۇڭ قاچان تۈگەيدۇ؟
ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللار ئۆزەك شەكلى، تۇرغۇن سۆز شەكلى ۋە خەۋەر شەكلىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل مورفولوگىيىلىك شەكىلگە ئىگە. پېئىللارنىڭ ئۆزەك شەكلى دېگىنىمىز پېئىلنىڭ تۇرغۇن سۆز شەكلى ۋە خەۋەر شەكىللىرىگە ئورتاق ئاساس بولىدىغان پېئىل شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. دەرىجە، تۈس، بولۇشلۇق-بولۇشسىزلىق كاتېگورىيىلىرى پېئىلنىڭ ئۆزەك شەكلى ھېسابلىنىدۇ. پېئىلنىڭ تۇرغۇن سۆز شەكلى دېگىنىمىز شەخسسىز پېئىللارنى كۆرسىتىدۇ. ئىسىمداش، سۈپەتداش، رەۋىشداشلار پېئىلنىڭ تۇرغۇن سۆز شەكلىگە كىرىدۇ. پېئىلنىڭ خەۋەر شەكلى دېگىنىمىز پېئىللارنىڭ تۈرلىنىش ئارقىلىق خەۋەر ياكى خەۋەر يادروسىغا مەخسۇسلاشقان شەكىللىرىنى كۆرسىتىدۇ. پېئىللارنىڭ شەخس، سان، زامان ۋە راي (مەيل) كاتېگورىيىلىرى پېئىلنىڭ خەۋەر شەكلىگە كىرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللارنىڭ تۈرلىرى
پېئىللار تۈزۈلۈشىگە قاراپ تۈپ پېئىل، ياسالما پېئىل دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ؛ چۈشۈم كېلىش قوشۇمچىسى«-نى» نى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقىغا قاراپ ئۆتۈملۈك پېئىل ۋە ئۆتۈمسىز پېئىل دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ؛ مۇستەقىل ھالدا جۈملە بۆلىكى بولۇش-بولالماسلىقىغا قاراپ مۇستەقىل پېئىل ۋە ياردەمچى پېئىل دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ؛
1. تۈپ پېئىل ۋە ياسالما پېئىل
بىرلا مورفېمىدىن تۈزۈلگەن پېئىللار تۈپ پېئىل دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:
ماڭ-، ئولتۇر-،ياسان-، كىي-، يۈگۈر-، ئوقۇ-، قىل-
ياسالما پېئىل پېئىل ياسىغۇچى مورفېمىدىن ياسالغان ياسالما پېئىل ۋە يانداش مورفېمىدىن ياسالغان ياسالما پېئىل دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. يەنى مۇستەقىل مورفېمىلارغا پېئىل ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ ئۇلىنىشىدىن ھاسىل بولغان پېئىللار ياسىغۇچى مورفېمىدىن ياسالغان ياسالما پېئىللاردۇر. مەسىلەن:
ئىشـ+لە، كۆر+سەت، قارا+ي، ياش+ار، سىلىق+لا، گۇمان+لان
ئىسىملار بىلەن ياردەمچى پېئىللارنىڭ بېرىكىشى ئارقىلىق ياسالغان ياسالما پېئىللار يانداش مورفېمىدىن ياسالغان ياسالما پېئىل دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن،
ئادەم بول-، خىزمەت قىل-، بايان قىل-، ئەۋج ئال-
2. ئۆتۈملۈك پېئىل ۋە ئۆتۈمسىز پېئىل
ھەرىكەت ئوبىكتىنى بىلدۈرىدىغان سۆز بىلەن بىۋاستە باغلىنىدىغان پېئىل ئۆتۈملۈك پېئىل دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆتۈملۈك پېئىل ھەرىكەت ئوبىكتىنى بىلدۈرىدىغان سۆزنىڭ چۈشۈم كېلىشتە تۈرلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن:
دەرسنى ئوقۇ- ئەمگەكنى سۆي- كىتابنى ئال-
خىزمەتنى ئىشلە- تاپشۇرۇقنى ئىشلە-
ئۆتۈملۈك پېئىلدىن باشقا پېئىللارنىڭ ھەممىسى ئۆتۈمسىز پېئىلغا كىرىدۇ. ئۆتۈمسىز پېئىللار ئۆزى بىرىكىپ كېلىدىغان سۆزنىڭ يۆلىنىش كېلىش، ئورۇن كېلىش ۋە چىقىش كېلىشتە تۈرلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن:
ئورنۇڭدىن تۇر- خىزمەتكە بار- مەكتەپتىن كەل- ئۆيدە يات-
3. مۇستەقىل پېئىل ۋە ياردەمچى پېئىل
ئۆز ئالدىغا جۈملە بۆلىكى بولۇپ كېلەلەيدىغان پېئىل مۇستەقىل پېئىل دېيىلىدۇ. مۇستەقىل پېئىللار لېكسىكىلىق مەنىگە ئىگە بولىدۇ، مەسىلەن:
بىز ئانا ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيىمىز.
ئۇنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.
ياردەمچى پېئىللار ئۆز ئالدىغا جۈملە بۆلىكى بولالمايدىغان پېئىللار بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي يوقاتقان پېئىللار بولۇپ، باشقا سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ مۇئەييەن گرامماتىكىلىق مەنە ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن:
بۇ مەسىلىنىڭ تەلىپىنىمۇ چۈشەنمىگەن تۇرسام، قانداق يېشەلەيمەن؟
كەچۈرۈڭ، سىزنى خاپا قىلىپ قويغانلىقىمنى بىلمەپتىمەن.
2. « ئىشلە-» پېئىلى توغرىسىدا
(1) « ئىشلە-» پېئىلىنىڭ لېكسىكىلىق مەنىلىرى
«ئىشلە-» پېئىلى بولسا تىلىمىزدىكى ئىنتايىن قەدىمىي پېئىللارنىڭ بىرى. ئۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا لېكسىكىلىق مەنە ۋە گرامماتىكىلىق رولى جەھەتتە دەۋرمۇ-دەۋر بېيىغان، ھەم بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۆزىنىڭ كۆپ تۈرلۈك مەنىسى ۋە ئۆزىگە خاس بولغان خىلمۇخىل گرامماتىكىلىق رولى ئارقىلىق باشقا پېئىللاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىدا كەڭ قوللىنىلىدىغان، تىلىمىزنىڭ گرامماتىكىلىق سېستىمىسىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدىغان پېئىلدۇر. گېپىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە، تۆۋەندىكى جۈملىلەرگە نەزەر سالايلى:
يازدا قاتتىق ئىشلىسە، قىشتا سۆيۈنەر.
(«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ماقال-تەمسىللەردىن)
مەن بۇ ئىدارىدە ئىشلىگىلى ئون يىلچە بولدى.
كەمبەغەل ئىشلەپ ھارماس، باي چىشلەپ (ھارماس)
بوي ئىشلىمەس، قول ئىشلەر
يۇقىرىدىكى مىساللاردىكى ھەر بىر جۈملىدە «ئىشلە-» پېئىلى ئىنتايىن جانلىق ۋە جايىدا قوللىنىلغان بولۇپ، ھېچقايسىسىنى چۈشۈرۈپ قويۇشقا ۋە باشقا سۆزلەرگە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، دەل ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان لېكسىكىلىق مەنە ۋە گرامماتىلىق روللادا كەلگەنلىكىدە.
ئۇنداقتا، تىلىمىزدىكى « ئىشلە-» پېئىلىنىڭ قانداق مەنىلىرى بار؟ قانداق ئورۇندا ئىشلىتىلىدۇ؟
مىللەتلەر نەشىرىياتى 1998-يىل نەشىر قىلغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە «ئىشلىمەك» پېئىلىنىڭ مۇنداق ئون تۈرلۈك مەنىسى ۋە ئىشلىتىلىشى بېرىلگەن:
ئىشلىمەك- پېئىل
① ئىش بىلەن مەشخۇل بولماق، ۋاقتىنى ئىش بىلەن ئۆتكۈزمەك، ئەمگەك قىلماق، مېھنەت قىلماق. مەسىلەن، زاۋۇتتا ئىشلىمەك، ئېتىزدا ئىشلىمەك، زاۋۇتتا ئىشلىمەك
② بىرەر خىزمەتنى ئۆتىمەك، خىزمەت قىلماق، ئادا قىلماق، بېجىرمەك ياكى مۇلازىمەت قىلماق. مەسىلەن، ئىدارىدە ئىشلىمەك، دېرىكتور بولۇپ ئىشلىمەك، ئۇستامنىڭ قولىدا شاگىرت بولۇپ ئىشلىمەك. دوختۇرخانىدا ئىشلىمەك
③ بىرەر ئىشنى، ۋەزىپىنى ھۆددىگە ئالغان ئاساستا ئىش قىلماق. مەسىلەن، ئۇ كېيىنچە ئوقۇتۇش-تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى.
④ بىرەر نەرسە ياسىماق، ياساپ چىقارماق، ھازىرلىماق. مەسىلەن، قەغەز ئىشلىمەك، توڭلاتقۇ ئىشلىمەك، ئۇنىڭ ئۇزۇن قويرۇقى، ئاپئاق تۈكى بار، ئوتقا سالسا كۆيمەيدۇ دەپ ھېسابلايتى، شۇڭا ئۇنىڭدىن چىراق پىلىكى، قوغدىنىش رەختى ئىشلەيتى.
⑤ بىرەر نەرسىنى، ئىشنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرمەك، ئىجاد قىلماق، ياراتماق، ۋۇجۇدقا چىقارماق. مەسىلەن، فىلىم ئىشلىمەك، كىنو ئىشلىمەك، MTV ئىشلىمەك، ئاھاڭ ئىشلىمەك. ئېلىكتىرۇنلۇق ئالبۇم ئىشلىمەك.
⑥ قىلماق، تىكمەك. مەسىلەن، ياستۇققا كەشتە ئىشلىمەك، رەشىلىيە ئىشلىمەك، گۈل ئىشلىمەك
⑦ ھەرىكەتتە بولماق، رولى بولماق، كارغا كەلمەك. مەسىلەن، بۇ ماشىنا ھازىرمۇ نورمال ئىشلەيدۇ
⑧ ئۆز فونكىسىيەسىنى، رولىنى، ئىقتىدارىنى، ۋەزىپىسىنى نورمال جارى قىلماق، ئەسلىدىكى خىزمەت ئىقتىدارىنى ساقلىماق. مەسىلەن، كاللىسى ئىشلىمەك، ئۇنىڭ كۆزى ئىشلىمەيدۇ، ئۇ مېڭىسىنى ھېچ ئىشقا ئىشلەتمەيدۇ.
⑨ ئەسقاتماق، كارغا كەلمەك، رولى بولماق. مەسىلەن، سېنىڭ ئاشپەزلىك ھۈنىرىڭ بۇ يەردە ئىشلىمەيدۇ. ئۇنىڭ داۋالاش كېنىشكىسى بۇ دوختۇرخانىدا ئىشلىمەيدۇ.
⑩ بىرەر ئىش، مەسىلە قاتارلىقلارنى ھازىرلىماق، تەييارلىماق، بېجىرمەك. مەسىلەن، تاپشۇرۇق ئىشلىمەك، لايىھە ئىشلىمەك، بۇ ئوقۇغۇچى مەسىلىنى دوسكىغا ئىشلىدى. ئىشخانامدا ماقالە ئىشلەۋاتاتتىم، ئېشىك ئېچىلىپ بۆلۈم مۇدىرى كىرىپ كەلدى.
2. «ئىشلە-» پېئىلىنىڭ گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى
پېئىللارنىڭ گرامماتىكىلىق كاتىگورىيىلىرىمۇ باشقا سۆز تۈركۈملىرىگە قارىغاندا كۆپ. يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك، ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللار ئۆزىگە خاس دەرىجە، تۈس، بولۇشلۇق-بولۇشسىزلىق، شەخس، سان، زامان ۋە راي (مەيل) دىن ئىبارەت يەتتە خىل گرامماتىكىلىق كاتېگورىيىگە ئىگە. بىز بۇ يەردە مۇلاھىزە قىلىۋاتقان «ئىشلە-» پېئىلىمۇ باشقا پېئىللارغا ئوخشاشلا بۇ يەتتە خىل گرامماتىكىلىق كاتېگورىيىگە ئىگە.
1) دەرىجە كاتىگورىيىسى بىلەن تۈرلىنىدۇ. «ئىشلە-» پېئىلى ئاساسلىق مۇستەقىل پېئىل، شۇنداقلا باشقا سۆزلەرنى ياساشقا ئاساس بولىدىغان ياسالما پېئىل. ئۇ پېئىل دەرىجىلىرىنىڭ ھەممىسىدە تۈرلىنىدۇ.
2) تۈس كاتىگورىيىسى بىلەن تۈرلىنىدۇ.
3) بولۇشلۇق-بولۇشسىزلىق كاتىگورىيىسى بىلەن تۈرلىنىدۇ.
4) رەۋىشداش ھالىتىدە كېلىدۇ. مەسىلەن:
ئۇ ئارخىپلارنى ئىشلەپ-ئىشلەپ تۈگىتەلمىدۇق.
ئىشنى ئۆزۈڭ توغرا قىلماي، ئەمدى نىمە دېمەكچىسەن؟
ئۇ زاۋۇتقا ئىشلىگىلى بېرىپتۇ
دادام ياخشى ئىشلىگەچكە مۇكاپاتلاند
5) سۈپەتداش شەكلىدە كېلىدۇ. مەسىلەن:
ئىشلىگەن، ئىشلىمىگەن، ئىشلەتكۈزگەن، ئىشلەيدىغان، ئىشلەۋاتقان، ئىشلىگۈدەك، ئىشلىمەس
تېلىفونۇم ئىشلىمەس بولۇپ قالدى.
ئۇنىڭ ئاكىسىغا ئىشلەتكۈزگەن تاپشۇرۇقى چېنىپ قالدى.
بۇلاردىن باشقا «ئىشلە-» پېئىلى مۇستەقىل پېئىل بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرىكەتنام شەكلىدە كېلىدۇ ھەم زامان، شەخس، راي بىلەن تۈرلىنىپ باشقا سۆزلەرنى ياساشقا ئاساس بولالايدۇ.
评论